logo

trugen jacn

زىيا سەمەدى تۈركىيەدە خەلقئارا پائالىيەتلەر بىلەن خاتىرىلەندى

4360

ئەركىن تارىم

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۇيغۇر دۆلەت ئەربابى، يازغۇچى زىيا سەمەدىنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەنىڭ نىغدە ۋىلايىتىدىكى نىغدە ئۇنىۋېرسىتېتىدا «تۈركىستان ئەدەبىياتىدا زىيا سەمەدى» ماۋزۇلۇق يىغىن چاقىرىلدى.

تۈركىي مىللەتلەر كۈلتۈر ۋە سەنئەت تەشكىلاتى بىلەن نىغدە ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بۇ يىغىنغا نىغدە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ رەھبەرلىرى، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇغۇچىلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. نىغدە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئابدۇرېشىت قارلۇق رىياسەتچىلىك قىلغان زىيا سەمەدىنى ئەسلەش يىغىنىدا، قازاق شائىر، قازاقىستان يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئەزاسى دەۋلەتبەك بايتۇرسۇنئوغلى، ئۇيغۇر شائىر ئەخمەتجان ھاشىرى، قازاقىستان مۇرات ئاۋېزوف ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور ئالىمجان ھەمرايېف ئەپەندى، زىيا سەمەدىنىڭ ئوغلى رىزا سەمەدى بىلەن قىزى بېلىقىز سەمەدى ۋە دوكتور رابىك ئىسمائىلوف قاتارلىق كىشىلەر زىيا سەمەدىنىڭ ئىش-ئىزلىرى، ئەدەبىي ئەسەرلىرى، دۆلەت ئەربابلىقى، كىشىلىكى ۋە تۈركىستان ئەدەبىياتىدىكى ئورنى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى

9c9e5320-6b17-4d7a-b345-2c38dbed3cc3

مەركىزى تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق خەلقئارالىق ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بىرى بولغان تۈركىي مىللەتلەر كۈلتۈر ۋە سەنئەت تەشكىلاتى بىلەن ياۋرو-ئاسىيا يازغۇچىلار جەمئىيىتى داڭلىق ئۇيغۇر يازغۇچى زىيا سەمەدىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 100-يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن تۈركىيەدە بىر يۈرۈش پائالىيەت ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، 12-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 2دە ئەنقەرەدىكى تۈركسوينىڭ زالىدا زىيا سەمەدىنىڭ ئىش-ئىزلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رەسىملەر ۋە كىتابلىرى قويۇلغان رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلماقچى. كۆرگەزمىدىن كېيىن زىيا سەمەدىنى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، يىغىنغا قازاقىستاننىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىسى، تۈركسوي تەشكىلاتىنىڭ مۇدىرى، تۈركىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ رەھبەرلىرى قاتناشماقچى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىنمۇ بۇ يىغىنغا تەكلىپ بويىچە قاتنىشىپ، زىيا سەمەدى بىلەن بولغان ئەسلىمىلىرىنى ئاڭلاتماقچى

بۇ پائالىيەتلەر توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن رىزا سەمەدى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، دادىسى زىيا سەمەدىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 100-يىللىقىنىڭ تۈركىيەدە خاتىرىلەنگەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولغانلىقىنى، بۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پەخىرلىنەرلىك بىر ئىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/ziya-semedi-12042014144924.html

Share
2691 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.