logo

trugen jacn

زىيالىيلار ساھەسى: ئىككىنچى ئىلھام توختى قەيەردە؟ -1

1735482962hinainoritycholar0c373

ئەزىز

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

يېقىندا ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى قۇرۇلۇشىنىڭ تور بېتىدە گۈلنۇر ئوسمان ئىمزاسىدا «ئىككىنچى ئىلھام توختى قەيەردە؟» ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىندى.

بۇ ماقالىدە ئاپتور خىتايدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئىلھام توختىنىڭ قانۇنلۇق پۇقرا بولۇش سۈپىتىدە خىتاي ئاساسىي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن پۇقرالارنىڭ سۆز ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكى ھەققىدىكى ئالاقىدار ماددىلار بويىچە ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ مەۋجۇت ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن باشقا دۆلەت ھاكىمىيىتىگە قارشى چىققۇدەك ھېچقانداق جىسمانىي ھەرىكەتتە بولمىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ماقالە ئاپتورىنىڭ قارىشىچە، بىر يېرىم مىليارد نوپۇسقا ۋە ئىككى مىليوندىن ئارتۇق مۇنتىزىم ئارمىيىگە، شۇنداقلا دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا كېتىۋاتقان ئىقتىسادى گۈللىنىشكە ساھىب بولۇۋاتقان بىر مەملىكەت ئىلھام توختىدەك بىر پۇقرانىڭ ئاغزاكى بايانلىرى تۈپەيلىدىن ئۆمۈچۈك تورىغا ئوخشاش ھالاك بولۇپ كەتمەيدۇ. بەلكى، ئۇنىڭدىكى مەۋجۇت مەسىلىلەر ھەل قىلىنسا بۇ دۆلەتنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن پايدىلىق بولىدۇ. ئاپتورنىڭ بايانىغا قارىغاندا، ئىلھام توختى خىتايدىكى خاتا تەشۋىقاتلار ئارقىسىدا كېلىپ چىققان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سەلبىي ئىجتىمائىي تەسۋىرنى تۈگىتىش، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ تىل ۋە مەدەنىيەت بايلىقىنى خىتاي پۇقرالىرىغا تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە «ئۇيغۇربىز» توربېتىنى قۇرۇپ چىققان ۋە شۇ ئارقىلىق جەمئىيەتتە ھەقىقىي مەنىدىكى ئىناقلىق بەرپا قىلىشقا ئۆز ھەسسىسىنى قوشماقچى بولغان. ھالبۇكى، ئۇنىڭ بۇ خىل تىرىشچانلىقى ئەكسىچە «مىللەتلەر ئارىسىغا ئۆچمەنلىك ئۇرۇقى تېرىش» جىنايىتىگە ئايلىنىپ قالغان.

ماقالىدە ئىلھام توختىغا يۈكلەنگەن ئەڭ چوڭ جىنايەتنىڭ ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى تەشۋىق قىلغانلىقى ئىكەنلىكىنى، ئەمەلىيەتتە بولسا ئىلھام توختىنىڭ ھازىرقى مەۋجۇت سىياسىي تۈزۈم ئۆزگەرمىگەن ئەھۋالدا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلاردىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىل بولۇش شارائىتىنىڭ يوقلۇقىنى كۆزدە تۇتۇپ، خوڭكوڭدىكىدەك يۈكسەك ئاپتونومىيىنى تەلەپ قىلغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. شۇنداقلا دۆلەتنىڭ پارچىلىنىشىنى تەرغىب قىلمىغان بىر زىيالىينىڭ «يېمىگەن مانتىنىڭ پۇلىنى تۆلەپتۇ» دېگەن شەكلىدە، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا بۇيرۇلغانلىقى ئەسكەرتىلىدۇ. ماقالە ئاپتورىنىڭ قارىشىچە، ھېچقانداق ئىقتىسادىي جىنايەت ئۆتكۈزمىگەن ئىلھام توختىنىڭ پۈتۈن مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش پۈتۈنلەي قانۇنسىزلىق، شۇنداقلا بۇ ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى قەستەن قىيناشتىن باشقا نەرسە ئەمەس؛ ئۇنىڭغا خىتاي مىقياسىدا ھېچقانداق بىر سىياسىي ئۆكتىچىگە بېرىلىپ باقمىغان مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىشنى بولسا، ئاپتور خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە ئۇلارنىڭ تىنچلىق شەكلىدىكى، شۇنداقلا خىتاينىڭ قانۇن سىستېمىسىغا تايانغان ھالدىكى ھەرقانداق كۈرىشىنىڭ مۇشۇنداق ئاقىۋەت بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىقى ھەققىدە بەرگەن ئاگاھلاندۇرۇشى، دەپ چۈشىنىشكە بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى زىيالىيلارنىڭ مەجبۇرىيەتلىرى ھەققىدە ئۇيغۇر ئېلى ئىچى-سىرتىدا ماقالىلەر يېزىلغان ۋە مۇھاكىمىلەر ئۇيۇشتۇرۇلغان بولسىمۇ، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ھەممىدىن بەك كۆڭۈل بۆلىدىغىنى ئەمدى كىمنىڭ ئىلھام توختىنىڭ ئورنىغا چىقىپ، داۋاملىق ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى بېيجىڭغا ئاڭلىتىشى بولدى. ھالبۇكى، بىزنىڭ بىر قىسىم زىيالىيلارنى زىيارەت قىلىشىمىز ئارقىلىق، خىتايدەك قانۇن-تۈزۈم ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى ھاكىمىيەتنىڭ ئويۇنچۇقىغا ئايلىنىپ قالغان بىر دىكتاتورىلىق تۈزۈمىدىكى دۆلەتتە ئەمدى بۇنىڭ مۈمكىنچىلىكىنىڭ بەكمۇ كىچىكلىكى ھەققىدە تەسەۋۋۇرلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ ھەقتە ئامېرىكىدىكى «خىتاي پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتى» نىڭ رەئىسى، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي ئىقتىساد پەنلىرى دوكتورى ياڭ جيەنلى ئىلھام توختىنىڭ خىتاي قانۇنىغا ھېچقانداق خىلاپلىق قىلمىغان ئەھۋالدا خىتايدىكى ھېچقانداق بىر سىياسىي ئۆكتىچىگە بېرىلىپ باقمىغان مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا دۇچار بولغانلىقى ۋە بۇنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، ئىلھام توختى ھەقىقەتنى ئېيتقانلىقى ئۈچۈن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بولسىمۇ، ئىككىنچى ئىلھام توختىنىڭ چىقىش ئېھتىماللىقى يەنىلا مەۋجۇت. ئەمما بۇنىڭدا ئەھۋال ئىلگىرىكىدىنمۇ قىيىن بولۇشى مۇمكىن. خىتايدىكى ھېچقانداق بىر ئۆكتىچى شەخسكە بېرىلمىگەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىنىڭ ئىلھام توختىدەك بىر زىيالىيغا بېرىلىشى مەلۇم سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنياغا ئۇيغۇرلارنى تېررورچى دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان ئەھۋالدا ئىلھام توختىدەك بىر ئوتتۇرا يول سەركىسىنىڭ پەيدا بولۇشى خىتاي ھۆكۈمىتىنى خەلقئارادا يالغانچى قىلىپ قويىدۇ. ئۆزلىرىنى بۇ خىل قىيىن ئەھۋالدىن خالاس قىلىش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلھام توختىنىڭ گۇرۇھ ئۇيۇشتۇرۇپ، دۆلەتنى پارچىلاش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلەرنى ئاقلىغانلىقىنى ئۇنىڭ ۋاسىتىلىك تېررورلوق جىنايەتلىرى قىلىپ بېكىتكەن. مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق خىتاي كومپارتىيىسى ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق ھالدا زورلۇق كۈچكە تايىنىشقا مەجبۇر قىلالايدۇ. دوكتور ياڭ جيەنلىنىڭ قارىشىچە، ئىلھام توختى قاماققا ئېلىنغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ زورلۇق كۈچكە تايانمىغان ھالدا تىنچ شەكىلدە قارشىلىق كۆرسىتىش شارائىتى تولىمۇ چەكلىك بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئەمما ئەھۋال مۇشۇنداق بولسىمۇ ئۇيغۇرلار يەنىلا تىنچلىق شەكىلدىكى كۈرەشنى توختىتىپ قويماسلىقى لازىم. ناۋادا ئۇيغۇرلار ئىلھام توختىنىڭ ئاقىۋىتىگە قاراپلا زورلۇق كۈچ ئىشلىتىشكە بۇرۇلۇپ كەتسە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قىلتىقىغا چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن، شۇنداقلا خەلقئارانىڭ قوللىشى ۋە ياردىمىدىنمۇ ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىن… دوكتور ياڭ جيەنلى يەنە ئۇيغۇر ئېلىدا تىنچلىق شەكىلدىكى كۈرەشنىڭ قىيىنغا چۈشۈشى مۇمكىنلىكىنى، ئەمما چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۆز ئاۋازىنى تېخىمۇ زورايتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققانىي تەلەپ-ئارزۇلىرىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، دىنى ئېتىقادى ۋە ئۇلارنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئۆز شارائىتىنىڭ يار بېرىشىچە دۇنياغا ئاڭلىتىشى لازىملىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭچە مۇشۇنداق بولغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي كومپارتىيىسى تەسۋىرلىگەندەك تېررورچىلار ئەمەس، بەلكى تىنچلىقنى سۆيگۈچى خەلق ئىكەنلىكىنى دۇنياغا چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/mulahize/ikkinchi-ilham-toxti-10262015154236.html

Share
1346 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.