logo

trugen jacn

زىيارەتچىلەرنىڭ بايانلىرى تايلاندتىكى مۇساپىرلارنىڭ 10 ئايدىن بۇيانقى ئېغىر قىسمەتلىرىنى ئاشكارا قىلماقتا

 

taylandta uygur

قۇتلان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئىگىلىشىمىزچە، تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مۇساپىرلارنىڭ ھازىرقى رېئال ئەھۋالى كۆپلىگەن كىشىلەر ۋە ساھەلەرنىڭ دىققىتىنى چېكىۋاتقانلىقى مەلۇم.

10 ئايدىن بۇيان تايلاند تەۋەسىدىكى لاگېرلاردا ۋە چېگرادىن قانۇنسىز كىرگەن كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدا نەچچە يۈزلىگەن مۇساپىرلارنىڭ قامىلىپ ياتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

يېقىندا مەزكۇر مۇساپىرلار ئارىسىدىكى 3 ياشلىق بىر بالىنىڭ تۇبېركۇليوز كېسەللىكى بىلەن قازا قىلىشى تايلاندتىكى مۇساپىرلارنىڭ ئېغىر قىسمەتلىرىنى يەنىمۇ ئاشكارا قىلدى.

ئۇنداقتا، كۆپ قىسمىنىڭ ئاياللار ۋە بالىلار ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بۇ مۇساپىرلارنىڭ ھازىرقى رېئال ئەھۋالى ۋە كۈندىلىك ھاياتى زادى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟

يېقىندا تايلاندقا بېرىپ كەلگەن ئىستانبۇلدىكى «ئەرك تېلېۋىزىيىسى» نىڭ رىياسەتچىسى ئابدۇراخمان ئۆزتۈركنىڭ بايانلىرى بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى يەنىمۇ تولۇقلايدۇ.

ئابدۇراخمان ئۆزتۈرك زىيارىتىمىز جەريانىدا ئۆزىنىڭ تۈركىيەدىكى بىر كىنو چولپىنى بىلەن يېقىندا تايلاندقا بارغانلىقى ھەمدە ئۇ يەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مۇساپىرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە كۆپلىگەن ئۇچۇرلارنى ئىگىلىگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەرگە، بولۇپمۇ تايلاندقا قاچاق يوللار بىلەن كىرگەن، كىملىكى تېخىچە ئېنىقسىز بولغان مۇساپىرلار ئۆتكەن يىلىنىڭ مارت ئايلىرىدىن باشلاپ تايلاند ساقچىلىرى تەرىپىدىن بايقىلىشقا باشلىغان.

ئۇلار دەسلەپ تايلاندتىكى بىر قانچىلىغان ۋاقىتلىق مۇساپىرلار لاگېرىغا قامالغان. ئاندىن ئەر-ئاياللار ئايرىلىپ باڭكوك شەھىرى ۋە باشقا بىر قانچىلىغان شەھەرلەردىكى تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىگە ئېلىپ كېلىنگەن. بۇ يەرنىڭ شارائىتى ئەمەلىيەتتە تۈرمە بىلەن ئوخشاش بولۇپ، بەزى ئۆيلەرگە 50-60 ئادەم، بەزى چوڭراق زاللارغا ھەتتا يۈزلەرچە تۇتقۇنلار خۇددى قوتانغا قوينى سولىغاندەك سولاپ قويۇلغان. ئىسسىق ۋە نەم ھاۋا، ناچار شارائىت، يېمەكلىك ۋە پاكىز سۇنىڭ كەمچىللىكى، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىشى سەۋەبلىك بۇ يەرگە قامالغان مۇساپىرلار روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن قاتتىق چارچىغان. بولۇپمۇ ئاياللار بىلەن بالىلار قىيىن ئەھۋالدا قالغان. 10 ئايدىن بۇيان بۇ يەردىكى بىر تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا قامالغان ئاياللاردىن ئالتەيلەن بوشانغان.

يېقىندا دوختۇرخانىدا 45 كۈن يېتىپ قازا قىلغان 3 ياشلىق ئابدۇللا تايلاندتىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدا كېسەللىك بىلەن ئۆلگەن كىشىلەرنىڭ ئۈچىنچىسى ئىكەن. تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىكى قىيىن شارائىت ئىچىدە بوشانغان ئاياللار بىلەن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ ناچار ئىكەن

ئابدۇراخمان ئۆزتۈرك ئەپەندى زىيارىتىمىز جەريانىدا خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ تايلاندتىكى بىر قىسىم شۆبىلىرى ھەمدە تايلاندتىكى ئىسلام دىنىي جەمئىيەتلىرى مەزكۇر مۇساپىرلارغا ياردەم قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇندىن باشقا، تۈركىيە ۋە باشقا ئەللەردىنمۇ بەزى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە خەير-ئېھسان جەمئىيەتلىرىنىڭ ھەرىكەتكە كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى

ئۇ يەنە تايلاندتىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىغا قامالغان مۇساپىرلارنى زىيارەت قىلىشنىڭ مۇمكىنلىكىنى، سىرتتىن كەلگەن ھەر خىل ياردەملەر، جۈملىدىن كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك، ھەر خىل دورا ۋە باشقا ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ ساقچىلارنىڭ نازارىتى بىلەن مۇساپىرلارنىڭ قولىغا بېرىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/muhit-salametlik/tayland-musapir-01062015151837.html

Share
1595 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.