logo

trugen jacn

زىمىستان تورى ئىچكىرىگە يۆتكەلگەن ئۇيغۇر تۇتقۇنلار ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتلارنى ئاشكارىلىدى

 

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىنى خەلقئارادىن يوشۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى زور ساندا ئىچكىرىگە يۆتكىگەنلىكى ھەققىدە ئوخشاش بولمىغان ئۇچۇرلار ۋە خەۋەرلەر مەلۇم بولغان ئىدى. يېقىندا ئىچكىرىگە يۆتكەلگەن ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە بىر قىسىم يېڭى مەلۇماتلار ئوتتۇرىغا چىقتى.

«زىمىستان» تورىنىڭ 3-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە شەنشى ئۆلكىسىنىڭ توڭچۇەن شەھىرىدىكى سۈيجياگو تۈرمىسىگە ئۈچ مىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇن يۆتكەلگەن. ئالاقىدار خادىملارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ تۇتقۇنلار ئاۋۋال پۈتۈنلەي يېپىق ھالدىكى پويىز بىلەن بىلەن ئاۋۋال شىئەن شەھىرىگە، ئاندىن ھەربىي يۈك ماشىنىسىدا سۈيجياگو تۈرمىسىگە توشۇلغان. خەۋەر بىلەن تەمىنلىگۈچى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «بۇلار پۈتۈنلەي كېچىسى يۆتكەلدى. تۈرمىدىكىلەرگە بۇ مەھبۇسلارغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئۇچۇرنىڭ ‹دۆلەت مەخپىيىتى› ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى،» دېگەن.

يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر تۇتقۇنلار 2018-يىلى 22-ئاۋغۇستتىن 24-ئاۋغۇستقىچە گەنسۇنىڭ جيۇچۇەن شەھىرىگە يۆتكەلگەن. يەرلىك ئاھالىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شۇ ۋاقىتلاردا پويىز ئىستانسىسىدىن جيۇچۇەن شەھىرىدە يېڭىدىن سېلىنغان بىر تۈرمىگىچە بولغان پۈتۈن يوللار قامال قىلىنغان، پويىز ئىستانسىسى ئەتراپىدىكى دۇكاندارلارنىڭ بۇ ۋاقىتتا دۇكان ئېچىشى، ھەتتا ئۆيلىرىدىن سىرتقا قارىشىمۇ مەنئى قىلىنغان. يەرلىك بىر كىشى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ، «ئاز دېگەندىمۇ 30-40 ئاپتوبۇستا ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى توشۇدى. ئاپتوبۇسلارنىڭ ھەممىسى پەردىسى چۈشۈرۈلگەن ھالەتتە بولۇپ، ئۇدۇل ۋوگزالدىنلا ئۇلارنى توشۇپ كەتتى» دېگەن.

يېڭى تۈرمىگە يۆتكەلگەن ئۇيغۇر مەھبۇسلار ھەققىدە مەلۇمات بەرگۈچى بۇ تۇتقۇنلارنىڭ قاتتىق نازارەت قىلىنىدىغانلىقىنى، ئۇلار ھاجەت قىلىدىغان جايغىمۇ كۆزىتىش كامېراسى ئورنىتىلغانلىقىنى، تۇتقۇنلارغا كۈنىگە بىر ۋاقلا تاماق بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ «ئۇلار ھېچقاچان ئۆزلىرى قامالغان كامېرلاردىن سىرتقا چىقىرىلمايدۇ. ئۇلار مۇشۇ كامېردىن چىقمايلا تۈگىشىپ كېتىدۇ» دەيدۇ.

«زىمىستان» تورى ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ھەققىدە بەزى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىدى

«زىمىستان» تورى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەلۇم بىر شەھىرىدىن تارتىلغان سۈرەتلەر ئاساسىدا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان كەمسىتىشنى ۋە رايوندىكى چېكىدىن ئاشقان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى پاش قىلدى.

«زىمىستان» تورىنىڭ 5-فېۋرال كۈنى تارقاتقان خەۋىرىدىن قارىغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى دائىرىلەر تەرىپىدىن خۇددى «تېررورچى» لاردەك مۇئامىلىگە ئۇچرىماقتىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر قەدەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ سەمىگە ئۇلارنى بىر «تەھدىت»، دەپ قارايدىغانلىقىنى سېلىپ تۇرىدىكەن.

خەۋەردىكى سۈرەتتە كۆرسىتىلىشىچە، يەرلىك دائىرىلەر ھازىر جايلاردىكى ئوتتۇرا ۋە چوڭ كۆلەملىك تاللا بازارلىرىنىڭ پۇل تۆلەيدىغان ئورۇنلىرىنىڭ ئەتراپىنى پۈتۈنلەي تۆمۈر رېشاتكا بىلەن ئورىۋېتىشنى بۇيرۇق قىلغان بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ ئاتالمىش «تېررورلۇقتىن» ساقلىنىش تەدبىرلىرىنىڭ بىرى ئىكەن.

بۇنىڭدىن سىرت يەنە، تاللا بازارلار ھەممىسى چوقۇم دۇكىنىدا كالتەك-توقماق، قالقان، پىچاقتىن قوغدايدىغان كىيىم دېگەندەك «تېررورلۇقتىن ساقلىنىش ئەسلىھەلىرى» نى ساقلىشى ۋە شۇنداقلا جىددىي ئەھۋاللاردا بىرلا كۇنۇپكىنى باسسا سىگنال بېرىدىغان تېلېفون ئورنىتىشى كېرەك ئىكەن.

بىر دۇكان خوجايىنى مۇخبىرغا بۇ تېلېفونلارنى ئىشلىتىش پۇرسىتى بولۇپ باقمىغاچقا توپا بېسىپ كەتكەنلىكىنى، بۇ تېلېفوننى ئورنىتىشنىڭ مەجبۇرىي ئىكەنلىكىنى، دۇكىنىدا يۇقىرىدىكى ئەسۋابلار بولمىغانلارنىڭ دۇكىنى تاقىلىپ، دۇكان ئىگىلىرىنىڭ «تەربىيە» گە ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى يەنە، جايلاردا ئۆي ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرىدىغان ئۇيغۇرلاردىن بەك قاتتىق ئېھتىيات قىلىدىكەن. شۇڭا ھەرقانداق ئىجارىگە بېرىلىدىغان ئۆيگە نازارەت كامېراسى ئورنىتىش شەرت ئىكەن. «زىمىستان» تورىنىڭ خەۋىرىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ناھايىتى ئاددىي ئىجارە ئۆيلەرنىڭ ئۆزىگە قىلچىمۇ ماسلاشمايدىغان ئېسىل «تۆمۈر بىخەتەرلىك ئىشىكلىرى» ئورناتقانلىقى، دائىرىلەرنىڭ ئاھالىلەرنى ئىجارە ئۆيلەرگە بۇنداق ئىشىكلەرنى ئورنىتىشقا مەجبۇرلايدىغانلىقى ۋە ئورناتمىغانلارنىڭ ئوخشاشلا «تەربىيە» گە ئەۋەتىلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

https://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/zimistan-tori-02052019173551.html

Share
1668 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.