logo

trugen jacn

زوراۋانلىققا قارشى رادىكال پارتىيە يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تونۇشتۇرۇلدى

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

زوراۋانلىققا قارشى رادىكال پارتىيىنىڭ 27-29-ئۆكتەبىر رىمدا چاقىرىلغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا قاتنىشىپ سۆز قىلدى.

ئىتالىيە پايتەختى رىمدا 27-29-ئۆكتەبىر كۈنلىرى «زوراۋانلىققا قارشى رادىكال پارتىيە مۇھاكىمە يىغىنى» بولۇپ ئۆتكەن. يىغىننى مەركىزى رىمدىكى «خەلقئارا زوراۋانلىققا قارشى رادىكال پارتىيە» تەشكىللىگەن. يىغىنغا 20 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن 150 ئەتراپىدا سىياسىيونلار، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە دۆلەت ئەربابلىرى قاتناشقان.

ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن بۇ يىغىنغا د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇ 30-ئۆكتەبىر كۈنى يىغىندىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە بەزى مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىدى.

بۇ يىغىننىڭ ئاساسىي تېمىسى؛ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قانات يېيىۋاتقان ۋەزىيەتتە، دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش مەسىلىلىرى، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرى، ئۇرۇش، ئاچارچىلىق، ئۇسسۇزلۇق، كەمبەغەللىك مەسىلىلىرى ۋە ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىلىرى، ئادالەت، ئەركىنلىكنىڭ چەكلىنىشى، تۈرمىدىكى ئىنسانلارنىڭ ئەھۋاللىرى، مەدەنىيەت ۋە قىممەت قاراشلار توقۇنۇشى، ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ چەكلىمىلەرگە ئۇچرىشى، ب د ت ۋە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ خىزمەت پرىنسىپلىرى قاتارلىق كەڭ ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ قېتىمقى يىغىندا ئىككى قېتىم سۆز قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بولۇپ، دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش تېمىسىدا سۆزلىگەندە، خىتاينىڭ قانۇن دۆلىتى بولۇشتىن كۆپ ئۇزاقتا ئىكەنلىكىنى، خىتاينى شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى مۇستەبىت بىر پارتىيەنىڭ ئىدارە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزىدە يەنە، خىتاي دۆلىتىنىڭ غەرب دېموكراتىك ئەللىرىنىڭ قانۇن سىستېمىسىغا قەدەر تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئۆزىنىڭ ئىتالىيەدە ۋە ب د ت يىغىنلىرىدا چەكلىمىلەرگە يولۇققانلىقىنى مىسال كەلتۈرگەن.

يىغىن قاتناشچىلىرى خىتاي دۆلىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئۈستىدىمۇ تەھلىللەر ئېلىپ بارغان. بەزى مۇتەخەسسىسلەر شى جىنپىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ھەر ساھەلەردە ئېغىر دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ كۈنسېرى يامانلىشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان.

29-ئۆكتەبىر كۈنى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى تېمىسى مۇزاكىرىگە قويۇلغاندا دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يەنە بىر قېتىم سۆز ئېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ چەكلىنىش مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرگەن.

30-ئۆكتەبىرگىچە، دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ياۋروپا، ئامېرىكا، ئافرىقا ۋە ئاسىيا ئەللىرىدىن كەلگەن بىرقىسىم مۇھىم ئەربابلار بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلاتقان ۋە ئۇلار بىلەن ئالاقە قۇرۇشقا ئاساس سالغان. بۇ، دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بۇندىن 4 ئاي ئىلگىرى ئىتالىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ 4 سائەت سوراق قىلىنىپ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، تۇنجى قېتىم ئىتالىيەدە خەلقئارالىق چوڭ يىغىندا سۆز قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/dolqun-eysa-10312017173010.html

Share
1881 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.