logo

trugen jacn

زالىم چېن چۈەنگو ئۇيغۇردىن تاللىغان زۇلۇم قامچىلىرى

 

ئاپتورى: نەشتەرى

 

زالىم چېن چۈەنگو ئۇيغۇردىن تاللىغان زۇلۇم قامچىلىرى

 

تورداشلارغا مەلۇم، يېقىندا زالىم چېن چۈەنگو شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ پالانى سانلىق ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىپ، شاۋكەت ئىمىننى مۇشۇ گۇپپاڭچى ئورگاننىڭ مۇدىرلىقىغا ئۆستۈرگەن، مۇتەللىپ ئوبۇلقاسىم، گۈلشات ئابدۇقادىر دېگەنلەرنى مۇئاۋىنلىققا تەيىنلىگەن. مۇشۇ يىغىندا يەنە شۆھرەت زاكىرنى قورچاق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسلىكىگە، ئەركىن تۇنىياز بىلەن جەرۇللا ھىسامىدىننى مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە قايتا تەيىنلىگەن

 

خوش… تىبەت خەلقىنىڭ قېنىنى ئىچىپ كۆزىگە قان تولۇپ كەتكەن بۇ قانخور خىتاي نېمە ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان ئاسمىنىنى قارا بۇلۇت قاپلاپ، ئۇيغۇرنىڭ بېشىغا كۈلپەت يېغىۋاتقان قاباھەتلىك كۈنلەردە ئاشۇ بىر نەچچە «ئۇيغۇر كادىر» نى ئۆزىنىڭ زالىملىق قامچىسىغا دەستە، جاللاتلىق پالتىسىغا ساپ قىلىپ تاللايدۇ؟ سەۋەبى، ئۇلارنىڭ مۇنداق بىر نەچچە ماھىيەتلىك ئورتاقلىقى بار

 

بىرىنجى:  ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك كىچىكىدىن باشلاپ خىتاي مەكتەپلىرىدە ئوقۇپ، ئانىسىنىڭ تىلىدىن نومۇس قىلىدىغان، خىتاينىڭ تىلىغا ھەۋەس قىلىدىغان، ئۆزىدىن ئۆزگىنى ئۈستۈن كۆرۈپ، ئۆز تەقدىرىنى بىرەر خىتاي «پاسىبان» نىڭ ئىشتان بېغىغا باغلاپ، دىلىدا ئۇيغۇرلۇق شامى ئۆچۈپ كەتكەن، بارلىقىنى خىتاي پارتىيەسىگە ئاڭلىق رەۋىشتە ئاتىۋەتكەن ئۆلچەملىك مۇناپىقلار

 

ئىككىنجى: ھەممىسى دېگۈدەك خىتاي پارتىيەسىنىڭ ئىز باسار تەربىيەلەش بۆشۈكى، يەنى «كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى» نىڭ «كومپارتىيە بولمىسا مەن نەدە؟»، دەيدىغان ئايىغى يوق ئەللىيىدە تولا تەۋرىتىلىپ، «ئۇيغۇر بولمىسا مەن نەدە؟ ئەمەل نەدە؟» دېگەنچىلىك ئەقەللىي چۈشەنچىگە ئەقلى يەتمەيدىغان، مېڭىسى نابۇت، تىلى شاتۇت كەسپىي غالچىلار

 

ئۈچۈنجى: ھەممىسى دېگۈدەك بىرەر دەرىجە يۇقىرى ئەمەلگە ئېرىشىش ئۈچۈن، دەرىجىسىگە يارىشا پارتىيە مەكتەپلىرىدە قايتا-قايتا مېڭىسى يۇيۇلۇپ، «پارتىيەۋىلىك مەيدان» غا راسلانغان، تۆشەكتە تەكرار-تەكرار كۆتلىنىپ (جايلىنىپ) كەتكەن غۇرۇرسىز ئەبلەخلەر

 

تۆتىنجى: ھەممىسى دېگۈدەك ئىگىسىنى ئالدىغان قۇشلار، مۆرىتى كەلسە ئانىسىنىڭ كۆزىنى ئىككىلەنمەي چوقۇيدىغان قۇزغۇنلار، ئانا زېمىنغا، ئۆز خەلقىگە توپان بالاسى كەلسىمۇ بىر تال مويى مىدىرلاپ قويمايدىغان تۇزكورلار

 

بەشىنجى:  ھەممىسىلا تۈزۈك ئوقۇمىغان، قورسىقىدا ھارام يەپ سىڭدۈرەلمەي، ئۈچەيدە تۈنەپ ياتقان پوقتىن باشقا ھېچ نەرسىسى يوق قارا قورساقلار

 

ئالتىنجى: ئۆز خەلقىنى شىلىپ ئېلىشتا پىلنىمۇ دەس كۆتۈرىدىغان، ئۆز خەلقىگە نەپ بېرىشتە قىلنىمۇ مىدىرلىتالمايدىغان ئىنساپسىز پارازىتلار

 

يەتتىنجى:  ھەممىسى دېگۈدەك (گۈلشات دېگەن خوتۇن ھازىرچە نەزەردە يوق) چىرايلىق خوتۇن ئېلىۋالغان، مەنسەپ تەمەسىدە چىرايلىق خوتۇنلىرىنىڭ داستىخاندا «ئىچىشىپ»، يوتقاندا «كۈچىشىپ» بېرىشىگە سۈكۈت قىلىدىغان ئەركەك تۈكى يوق لامزەللىلەر

 

يۇقىرىدا خىتاي ھۆكۈمرانلىرىغا يانتاياق، ئۆز خەلقىگە كۆك تاياق بولۇۋاتقان بۇ بىر نەچچە مىللەت كۆيەندىسىنىڭ بەزى ئورتاقلىقلىرى بىلەن تومتاق تونۇشۇپ چىقتۇق. ئىنشائاللا، كېيىنكى ماقالىلىرىمىزدە ئۇلارنىڭ خاسلىقى بىلەن تەپسىلىيراق تونۇشۇپ چىقىشىمىز مۇمكىن

 

 

Share
2855 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.