logo

trugen jacn

رەھمەتلىك غەيرەت ئابدۇللانىڭ ۋافات خەۋىرىنى ئاڭلاپ

Dolkun-Isa

دولقۇن ئەيسا

مەن جەنۋەدە ئەچىلغان „كىشلىك ھوقۇق ۋە دەموكىراتىيە ئۇچۇن جەنۋە ئالى ئۇچرۇشىشى“ غا قاتنىشىپ، بۇگۇن 2-ئاينىڭ 24-كۈنى گەرمانىيەگە قايتىش سەپىرىمدە، تور بەتلىرىدىكى خەۋەرلەرگە كوز يۇگۇرتۈپ، تۇيۇقسىز ئۇيغۇرنەتتىكى، مۇھاممەد ئىمىن ھەزرەتنىڭ „مەرھۇم دوستۇم غەيرەت ئابدۇللا“ دىگەن يازمىسىغا كۆزۈم چۈشتى. يازمىنى ئۇقۇپ، مەن بىلىدىغان غەيرەت ئابدۇلانىڭ ۋافات ئەتكەنلىگىنى بىلدىم. ياسىن ئۇقۇپ، روھىغا دۇا قىلدىم

gayrat abdulla

غەيرەت ئاكا، جانابى ئاللاھ ياتقان يەرىڭىزنى جەنەت قىلسۇن، نۇر ئىچىدە يەتىڭ

يازمىنى ئۇقۇغاندىن كىيىن، پويىزدا كىتۋەتىپ، دەرىزىدىن شۋەتسارىيەنىڭ تاغلىق ۋە يەشىل مەنزىرلىرگە قاراپ پويىزدا ئۇزۇن-ئۇزۇن خىيالارغا پەتىپ كەتىم. چوڭقۇر قايغۇغا چۆمدۈم. ئەڭ يەقىن تۇقۇنىمدىن ۋە جان-جىگەر بىر سەپدىشىمدىن ئايرىلىپ قالغاندەك ھىسقا چۆمۈلدۈم. ئەمىليەتىمۇ يەقىن تۇقۇنۇمدەك ئىدى. غەيرەت ئابدۇللا ھەقىدىكى سەرگۇزەشتىلىرىم كۆز ئالدىمدا جانلىنىشقا باشلىدى. بىلگەنلىرىمنى قەغەزگە تۆكۈپ، ئىچىمدىكى ھەسرەتنى يەڭىلەتكۇم كەلدى

ئىنسانلارنىڭ دۇنياغا كىلىشى ۋە ئۆلۈشى ئاللاھنىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنيىتى. بەزى ئىنسانلار ھاياتىنىڭ ھەر مىنۇتىنى ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا سەرىپ قىلىپ، ئارزۇ-ئارمانلىرى، كۆڭلىگە پۇكەن ئۇلۇغۋار نىشانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ۋاختى يەتمەي، بۇ دۇنيادىن كىتىپ قالىدۇ. بەزى ئىنسانلار دۇنياغا ئىنسان بۇلۇپ تۇغۇلغان بولسىمۇ، ئاما ئۇزىنىڭ نىمە ئۇچۇن يارىتىلغانلىقىنى ئۇزىمۇ بىلمەي، بۇ دۇنياغا يۇك بۇلۇپ كىتىپ قالغانلارمۇ ئاز ئەمەس. بەلكى بەزىدە ئۇنداقلارنىڭ ھاياتى، ئىنساندەك ياشىغانلارنىڭ ھاياتىدىن ئۇزۇن بۇلىدۇ. بەزىدە شۇنداقمۇ ئويلاپ قالىمەن، „كەشكى ئىنسانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ياكى مال مۈلكىنى ئىانە قىلغىلى بولغاندەك، ھاياتنىمۇ، ۋاقىتنىمۇ ئىانە قىلغىلى بولسا، مەنىسىز ھايات كەچۇرۋاتقانلارنىڭ ھاياتىنى، غايىلەر ئۇچۇن تىرىشۋاتقان، ئاما ۋاختى، ھاياتى يىتىشمەيۋاتقانلار ئۇچۇن ئىانە قىلىش سەپەرۋەرلىگى ئەلىپ بارساق…“!! بىلىمەن، بۇ تولىمۇ ئەخماقانە بىر خىيال. ئامال قانچە. بەزىدە ئىنسان چارەسىزلىكتە مۇشۇنداق ئەخماقانە خىيالارنىمۇ قىلىپ قالىدىكەن

مەنىڭ غەيرەت ئابدۇلا بىلەن بەك يەقىن دوستلۇقۇم، ئۇزۇن-ئۇزۇن سىدراشلىقىم يوق بولسىمۇ، ئاما بۇ زاتنى بالىلىقىمدىن تارتىپ تۇنۇيمەن. غەيرەت ئابدۇللاغا قارىغاندا ئاتىسى، رەھمەتلىك ئابدۇللا ئەيسا دادىمىزنى (نۇر ئىچىدە ياتسۇن!)، ئاپىسى ئايھان ئانىمىزنى ( ئاللاھ ئۇزۇن ئۆمۈرلەر بەرسۇن!) تەخىمۇ ياخشى تۇنۇيمەن. ئىنلىرى ( ئىنىسى جاسارەت بىر قانچە يىل ئاۋال ۋافات بوپتۇ، ئاللاھ ياتقان يەرىنى جەنەت قىلسۇن!)،  بىر تۇقان قەرىنداشەك ئۆتكەن، بىر داسقاندا تاماق يىگەن، بىرگە ئوينىغان ھەتتا بالىلىق ۋاقىتلىرىمىزدا بىر يوتقاندا ياتقان ۋاقىتلىرىمىز بولغان.

رەھمەتلىك ئۇستازىم ئابدۇللا ئەيسا، شەرقىي تۇركىستاندىكى، جۈملىدىن ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ئەڭ پىشقەدەم ۋە ئەڭ تەسىرلىك ماارىپچى ئىدى. ئاقسۇ ماارىپ ئىدارىسىنىڭ ۋە ئاقسۇ ماارىپنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن ئىدى. ئاقسۇ ۋىلايىتى داىرسىدە يۇقۇرى ھۆرمەتكە ئىگە بىر زات ئىدى. ئۇستاز بىلەن كوپ سۆھبىتىم بولغان ۋە قەلبىمدىكى مىللى روھنىڭ كۇچلىنىشىدە ئۇستازنىڭ مۇھىم رولى بار ئىدى. ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ۋالىقى ئەمىلى تەكلىپ قىلىنغان، ئاما شەرت كومۇنىستىك پارتىيەگە ئەزا بۇلۇش ئىدى، رەھمەتلىك ئۇستاز ئابدۇللا ئەيسا، كومپارتىيەگە ئەزا بۇلۇشى رەت قىلغان، ۋالىلىقتىن ۋاز كەچەلىگەن، مەنسەپ ئۇچۇن پرىنسىپىدىن، مىللى روھىدىن ۋاج كەچمىگەن ئىنسانى ئەخلاقى بىلەن ياشىغان ھەقىقى بىر ئىنسان ئىدى. غەيرەت ئابدۇللا ئەنە شۇنداق بىر ئاتانىڭ ئەۋلادى

مەن 1984-يىلى ئۇرۇمچىگە „شنجىاڭ“ ئۇنىۋەرسىتىگە ئۇقۇشقا كەلدىم، ئۇ ۋاقىتا غەيرەت ئابدۇللا „شىنجىاڭ گەزىتىدە“ ئىشلەيتى. 1987-يىلى مەن، سەپداشلىرىم بىلەن بىرگە „ستۇدەنتلار پەن-مەدىنىيەت ئۇيۇشمىسى“نى قۇرۇپ، ئاقارتىش ھەركەتلىرى ئەلىپ بارغان ۋاختىمىزدا، غەيرەت ئابدۇللا بىلەن سۆھبەتلەردە بولغان ۋە قىمەتلىك پىكىرلىرىدىن پايدىلانغان ئىدىم، ھەتا بىزنىڭ ئۇيۇشمىنىڭ بىر قىسىم پاالىيەتلىرىنى „شىنجىاڭ“ گەزىتىدە خەۋەر قىلغان ئىدى. 1988-يىلدىكى 15-ئىيۇل ئۇقۇغچىلار نامايىشىدىن كىيىن، بىزنى مەكتەپتىن ھەيدىگەندە، نۇرغۇن دوست دەپ بىلگەن كىشىلەر مەن بىلەن سالام ساەت قىلىشتىنمۇ ئوزىنى ئەلىپ قاچقان بىر ۋاقىتا، غەيرەت ئابدۇللا گەرچە „شىنجىاڭ“ گەزىتىنىڭ باش تەھرىرى بۇلۇشتەك مۇھىم ۋە سەزگۇر ۋەزىپىسى بولسىمۇ، مەن بىلەن يۇرەكلىك ھالدا كورۇشكەن ۋە كوپ قەتىم سۆھبەتلەردە بولغان ئىدۇق

رەھمەتلىكنى ئەسلىگىنىمدە تۆۋەندىكى ۋەقە ئەسىمگە كەلدى. مەن غەيرەت ئابدۇللا بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قەتىم 1993-يىلى 10-ئايدا بەجىڭدە كورۇشكەن ئىدىم. مەن ۋە يەنە بىر سەپدىشىم ۋارىس ئابابەكرى، 1988-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى، „نامايشىقا يىتەكچىلىك قىلدى..“ دىگەن گۇنا بىلەن مەكتەپتىن ھەيدەلدۇق. مەن 2 يىل ۋەتەنىڭ ئۇ ياق، بۇ ياقلىرىنى ئايلىنىپ ئۇشاق-چۇشەك تىجارەت بىلەن شۇغۇلىنىپ، 1990-يىلى بەىجىڭە كىلىپ، چەتەل تىلى ئۇنىۋەرسىتىدە ئەڭلىزچە ۋە تۇركچە كۇرسقا قاتنىشسىپ، 2 يىل تىل ئۈگەندىم. 1992-يىلدىن باشلاپ بەجىڭدە مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىنىڭ يەنىدا، رەھمەتلىك ئۇستاز ھاجى ياقۇپ ( نۇر ئىچىدە ياتسۇن، ھۆرمەتلىك ئۇستازىم. ئۇ ۋاقىتا ھاجى ياقۇپ ئەپەندىم، بەىجىڭدە خەلقارا رادىو ئىستانسىسى تۇركچە ئاڭلىتىشتا ئىشلەيدىغان يازغۇچى ۋە تەرجىمان تۇرسۇناي ساكىم بىلەن توي قىلىپ، بەجىڭدە تۇرۋاتقان ئىدى. تۇرسۇناي ساقىمۇ ۋافات بولدى، ئاللاھ گۇنالىرىنى مەخپىرەت قىلىسۇن، بۇن ئىچىدە ياتسۇن. تۇرسۇناي ساقىم، مەمەت ئاۋاق، چالقۇش، قارىخانلار دۆلەت تەشكىلاتى …قاتارلىق كىتاپلارنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان ئىدى.) بىلەن شىرىكلىشىپ ئۇيغۇر تااملىرى ئاشخانىسىنى ئاچتىم.

يىل1993- 10-ئاي ئىدى، بىر كۈنى كەچلىك تاماق ۋاختىدا، ئاشخانىدا خەرىدارلار كوپ ئىدى. مەن بىر تەرەپتىن خەرىدارلار بىلەن ئالاقىدار بولغاچ يەنە بىر تەرپتىن تۇركىيەنىڭ بەىجىڭدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ تىجارەت مۇستەشارى ئوسمان بەي بىلەن مەن بىر ئۇستەلدە تاماق يىگەچ پاراڭلىشىپ ئوتۇرغان ئىدۇق (ئوسمان بەي، ئۇيغۇرلارنى ياخشى كورىدىغان بىر كىشى بۇلۇپ، مەن ئۇيغۇر ھاجىلارغا ترانسىت ۋىزا ئەلىشىغا ياردەم قىلىش ئۇچۇن، تەرجىمان بوپ تۇرك ئەلچىخانىسىغا بارغاندا تۇنۇشۇپ قالغان ۋە شۇنىڭدىن بەرى سەمىمى دوتلاردىن بوپ قالغان ئىدۇق، ئۇ پاتا-پات بىزنىڭ ئاشخانىغا كىلىپ، ئۇيغۇر تاماقلىرىنى يەپ، پاراڭلىشىپ كىتەتى)، تۇيۇقسىز غەيرەت ئابدۇللا ئاشخانىغا كىرىپ كەلدى. ئالدىغا بەرىپ سالام قىلدىم، قىزغىن كورۇشتۇق، ماڭا „مىھمان باشلاپ كەلدىم..“ دىدى، مىھمانلار ئاپتونۇم رايۇنىڭ باش كاتىبى مەمەت ئىسمايىل، ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئىنتىزام تەكشۇرۇش كومىتىنىڭ مۇدىرى ئابدۇرەھىم ھامۇت ئىدى. مەن ئابدۇرەھىم ھامۇتنى بۇرۇن كورۇپ باقمىغان ئىدىم، ئاما مەمەت ئىسمايىلنى ئىنتايىن ياخشى تۇنۇيتۇم، ئۇمۇ مەنى ئىنتايىن ياخشى تونۇيتى. 1988-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈندىكى ئۇقۇغۇچىلار نامايىشىدىن كىيىن، „15-ئىيۇل جىدەل چىقىرىش ۋەقەسىنى ئەنىقلاش خىزمەت گرۇپىسى“ قۇرۇلغان ئىدى. بۇ گرۇپنىڭ „شىنجىاڭ“ پىداگوكا ئۇنىۋەرسىتىگە مەسۇل باشلىقى ھامىدىن نىياز ( ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دايىمى كومىتىتى مۇدىرى ئىدى)، „شىجىاڭ“ ئۇنىۋەرسىتىگە مەسۇل باشلىقى جانابىل (ئاپتونۇم رايۇنلۇق پارتىكومنىڭ ماارىپ ئىشلىرىغا مەسۇل سەكەرتاتى) ئىدى. مەمەت ئىسمايىل بولسا بۇ گۇرۇپنىڭ داىمى مۇاۋىن باشلىقى بۇلۇپ بىزنى تەكشۇرۇش ئىشلىرىنى ئەلىپ بارغان ئىدى. بۇ جەرياندا جانابىل 2-3 كۈندە بىر قەتىم كىلىپ، يوليۇرۇق بەرىپ قويۇپ كىتەتى، ئاما مەمەت ئىسمايىل گرۇپنىڭ كۇنلىلىك خىزمەتلىرىگە مەسۇل بۇلۇپ ئىشلىگەن ئىدى. بۇ گرۇپنىڭ مەمەت ئىسمايىلدىن باشقا يەنە مايمۇنە خانىم ( ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئىدارە جەمىيەتلەر پارتىيە يەچەيكىسىنىڭ باشلىقى) ۋە سادىر قاسىم ( ئاپتونۇم رايۇنلۇق ماارىپ نازارىتىنىڭ مۇاۋىن نازىرى) دىن تەشكىل تاپقان مۇاۋىن مۇدىرى بار ئىدى. بۇلاردىن مايمۇنە خانىم ئىنتايىن ۋىجدانلىق ۋە ھەقىقەتە تۇرىدىغان بىر خانىم ئىدى، ئۇ تەكشۇرۇش جەريانىدا ئوقۇچىلار تەرپتە تۇرۇپ پىكىر بايان قىلغانلىقى ئۇچۇن، ئۇزۇن ئوتمەيلا گرۇپنىڭ مۇاۋىن باشلىقىدىن ئەلىپ تاشلاندى. سادىر قاسىم بولسا ئىككى تەرپكە يامان بولمايدىغان پوزىسىيەدە بولغان ئىدى، ئاما مەمەت ئىسمايىل ئىنتايىن ئاكتىپ ۋە ساداقەتمەلىك بىلەن خىزمەت كورسەتكەن ۋە ئاخىرى بىزنى مەكتەپتىن ھەيدەشتە مۇھىم رول ئوينىغان „قەھرىمان“ ئىدى.

مەن مىھمانلارنى ئاشخانىغا باشلىدىم. ئۇلارغا ھەر خىل كوكتات قورمىسى ۋە تاماق كەلتۇردۇم. غىزالانغاچ سوھبەتكە چۇشتۇق. مەن ئوسمان بەي بىلەن ئۇلارنى تونۇشتۇردۇم. مەمەت ئىسمايىل، ئوسمان بەينى ئۇرۇمچى خەلقارا يەرمەنكىسىگە تەكلىپ قىلدى، ئۇلار ئوز-ئارا چۇشىنىشتە قىيىنچىلىق بولغاندا تەرىجىمانلىق قىلىپ بەردىم

سۆھبەت جەريانىدا، مەن غەيرەت ئابدۇللادىن ئۇلارنىڭ مەنىڭ ئاشخانامغا كىلىشى تاسادىبىلىكمۇ ياكى بىر مەخسەت بارمۇ دەپ سوردۇم. ئۇلار 8-نۆۋەتلىك خىتاي مەملىكتەلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىش ئۇچۇن قۇرۇلتاي ۋەكىلى بۇلۇپ كەلگەن بۇلۇپ، „شىنجىاڭ“ گرۇپ يىغىنى جەريانىدا، بەىجىڭدىكى ئۇيغۇرلار، جۇملىدىن ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر ھەقىدە گەپ-سۆز بۇلۇپ، مەنىڭ گەپىمۇ چىقانلىقىنى ۋە مەنىڭ ئاشخانا ئەچۋاتقانلىقىم ھەقىدە سۆزلەر بولغانلىقىنى، مەمەت ئىسمايىلنىڭ „ مەن دولقۇنى ياخشى تۇنۇيمەن، ئۇنىڭ ئاشخانىسىغا بەرىپ كىلەيلى…“ دەپ تەكلىپ قىلغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەخسۇس مەنى يوقلاپ كىلىشكەنلىگىنى ئەيتى
سۆھبەت داۋام قىلىپ، خەلە قىزىق نوختىغا چىقاندىن كىيىن، غەيرەت ئابدۇللا ماڭا كۆزىنى قىسىپ قويۇپ، ئۆتمۈشتىن، 1988-يىلىدىكى ئۇقۇغۇچىلار نامايىشىدىن ۋە تەكشۇرۇش گۇرۇپىسىنىڭ خىزمەتلىرى، ئۇنىڭ ئالدى –كەينىدىكى ئىشلاردىن گەپ ئەچىشقا باشلىدى. بۇ تەما مەن ئۇچۇن مۇھىم ۋە قىزىقارلىق تەما ئىدى. مەمەت ئىسمايىل بەلكىم ئىچۋالغان ھارقانىڭ تەسىرىدىن بولسا كەرەك، ھاياجان بىلەن ئۇ ۋاقىتىكى ۋەزىيەت ۋە „15-ئىيۇن ۋەقەسىنى تەكشۇرۇش، بىر تەرەپ قىلىش ئىشخانىسى“ دا يۇز بەرگەن ئىشلار، مۇزاكىرەلەر، بىزنى مەكتەپتىن ھەيدەش-ھەيدىمەسلىك ھەقىدە بولغان تالاش-تارتىشلار …ھەقىدە خەلە كوپ سىرلارنى ئەغىزىدىن چىقىرۋەتى. بۇ جەرياندا غەيرەت ئابدۇللا، ماڭا مەنىلىك قاراپ قويۇپ، توختىماستىن قىسقا-قىسقا سۇاللار بىلەن مەمەت ئىسمايىلنىڭ ئەغىزىنى تاتىلاپ تۇردى ۋە بىزنى مەكتەپتىن ھەيدىگەنلىگىنىڭ خاتا بولغانلىقى..قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرغا قويدى. مەمەت ئىسمايىل، سۆھبەت جەريانىدا ئىمكان بار ئوزىنى ئاقلاشقا، ئوزىنىڭمۇ چارىسىز قالغانلىقىنى، يۇقۇرىنىڭ بەسىمى بىلەن بولغانلىقىنى… ئەيتىپ، مەسۇليەتنى باشقىلارغا ئارتىشقا ۋە ھىجالەتچىلىكتىن قۇرتۇلۇشقا تىرىشتى. مەمەت ئىسمايىل ئۆزىنى ئاقلاپ، ئەسلىدە بىزنى مەكتەپتىن ھەيدىمەستىن، تەربىلەۋەلىش، پۇرسەت بەرىش.. ئۇچۇن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىگىنى، ئاما ھامۇدىن نىياز بەك ئاكتىپلىق قىلىپ كەتكەنلىگىنى، نامايىش ئاۋال „شىنجىاڭ“ ئۇنىۋەرسىتىدىن باشلانغان بولسىمۇ، ئاما ھامۇدىن نىيازنىڭ باش رول ئوينىشى بىلەن „شىنجىاڭ“ پىداگوكا ئۇنىۋەرسىتىدىن ئىككى ئۇقۇغۇچى رەھبەرىنى، بىزدىن بۇرۇن مەكتەپتىن ھەيدىگەنلىگىنى، شۇنىڭ بىلەن ئۇزىنىڭ بەسىم ئاستىدا قەلىپ، بىزنى مەكتەپتىن ھەيدەش قارارىغا بويۇن ئەگكەنلىگىنى… ئىزاھلاپ ئۆتتى

گەرچە مەمەت ئىسمايىلنىڭ ئەيتقانلىرىنىڭ، قانچىلىك توغرا ئىكەنلىگىنى بىلمىسەكمۇ، ئاما غەيرەت ئابدۇللانىڭ ئۇستىلىق بىلەن ئۇ تارىخنى سۆھبەت تەماسى قىلىپ، ئوتتۇرغا قويۇشى بىلەن، 15-ئىيۇل ۋەقەسى ھەقىدە ھۆكۈمەت تەرەپتە بولغان بەزى ھادىسلەردىن خەۋەردار بولغان ئىدۇق ۋە مەنمۇ ئۆز ۋاختىدا دىيەلمىگەن سۆزلىرىمنى، ھىسلىرىمنى مەمەت ئىسمايىلنىڭ يۈزىگە دىۋەلىش پۇرسىتىگە ئەرىشكەن ئىدىم

ئامما 1994-يىلى 2-3 ئايلاردا، بىر قەتىملىق ئاپتونۇم رايۇنلۇق نازىر دەرىجىلىك باشلىقلار يىغىن جەريانىدا، بىر سەۋەپ بىلەن مەنىڭ گەپىم بۇلۇنغان ۋە ئۇ يىغىندا „دولقۇن بەىجىڭدا ئاشخانا ئاچقانى باھنا قىلىپ، ئەمىليەتە خەلقارالىق ئۇچۇر ئاملاشتۇرۇش مەركىزى قۇرغان، چەتەلگە ئاخپارات تەمىنلەش پاالىيىتى بىلەن شۇغۇلانماقتا…“ دىگەندەك گەپلەر بۇلۇپ، مەنى تەكارار تەقىپ ئاستىغا ئەلىش پىكىرى مۇزاكىرە قىلىنغان ئىكەنمىش. بۇ ئۇچۇرنى يەنە غەيرەت ئابدۇللا بىر دوستۇمىز ئارقىلىق ماڭا يەتكۇزۇپ، مەنىڭ ئىمكان بولسا چەتكە چىقىپ كىتىشىمنى تەۋىسىيە قىلغان ئىدى

مەن بۇ خەۋەرنى ئالغاندىن كىيىن، „دولقۇن خەلقارلىق ئۇچۇر ئاملاشتۇرۇش مەركىزى قۇرغان..“ دىگەن گەپنىڭ چىقىشىغا سەۋەپ بولغان ئامىلنىڭ، ئۆز ۋاختىدا مەمەت ئىسمايىل، ئابدۇرەھىم ھامۇت ۋە غەيرەت ئابدۇللا بىزنىڭ ئاشخانىغا كەلگەندە، مەن تونۇشتۇرغان تۇرك ئەلچىخانىسىدىكى ئوسماي بەي بىلەن بولغان سوھبەت بولسا كەرەك دەپ ئويلىدىم ۋە بۇنى مەمەت ئىسمايىلدىن گۇمان قىلىدىم
غەيرەت ئابدۇللا ئاكىمىز بىلەن بولغان ئەڭ ئاخرىقى ئۇچرۇشۇشۇم، 1993-يىلى 10-ئايدىكى، بىزنىڭ ئاشخانىدىكى بەىجىڭدىكى ئۇچرۇشۇش بوپ قالغان ئىدى

غەيرەت ئابدۇللا ئاكىمىزنىڭ ۋاقىتسىز بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشقىنىغا  چوڭقۇر ئازاپلانغانلىقىمنى ۋە تەزىيەمنى بىلدۇرىمەن. ئاىلە ئەزالىرىغا سەبىر تىلەيمەن! ئاپىسى ئايخان ئانىمىزنىڭ، بىر قانچە يىل ئىچىدە كەينى-كەينىدىن ئومۇرلىك يولدىشى ئابدۇللا ئەيسا، ئوغلى جاسارەت ۋە ئەمدى يەنى بىر يۇرەك پارىسى غەيرەت ئاكىمىزدىن ئايرىلغانلىقىنىڭ تىل بىلەن ئىپادىلىگۇسىز ئازابىنى تارتۋاتقانلىقىنى چۇڭۇر ھىس قىلۋاتىمەن. ئاللاھ ئايخان ئانىمىزغا سەبىر ۋە كۇچ قۇۋەت بەرسۇن! غەيرەت ئاكا نۇر ئىچىدە يەتىڭ

20016-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى

Share
3107 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.