logo

trugen jacn

رۇيلى – كۇنمىڭدا كەڭىيىۋاتقان ئۇيغۇر مازارلىغى

 

م.ئازات

رۇيلى،-جۇڭگو-بىرما چىگرىسىدىكى بىر ناھىيە بازىرى.3000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئاھالىسى ياشايدۇ.ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ توپلۇشۇپ ئولتۇراقلاشقان شەھەر بولۇپ يۈننەن ئۆلكىسىگە تەۋە.يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ باشقا شەرلىرىگە تارقالغان 2000-2500 ئەتىراپىدا ئۇيغۇر بار.يۈننەن ئۆلكىسىدە جەمئى 5-6مىڭ ئۇيغۇر بار. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممسى تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.تىجارەتنىڭ مەركىزىدە بىرلا نەرسە بار-خەرويىن.رۇيلى شەھەرىنىڭ كۇچىىلىرىدا ئۇيغۇرلار كۆپ،بۇ كىچىك ئۇيغۇر شەھرىدە قەشقەر،ھوتەن،كۇچار،غۇلجا،ئۈرۈمچى،تۇرپان… شىۋىلىرىدە سۆزلىشىدىغان توپ-توپ ئۇيغۇرلارنى ئۇچىرىتىش مۇمكىن.ئاشخانا،دۇكانلاردىن ئۇيغۇرچە مۇزىكا ياڭراپ تۇرىدۇ.كوچىلاردا،مىھمانخانىلاردا،ئاشخانىالاردا…ئەڭ كۆپ ھامىلدار ياكى بۇۋاق بالا كۆتۈرۈۋالغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنى ئۇچۇرىتىش مۇمكىن.ئۇلار رۇيلىدىكى تىجارەتنىڭ راۋانلىغىغا كاپالەتلىك قىلغۇچى ئاساسلىق موتور كۇچى.جۈمە كۈنلىرى ئەزان ئاۋازى ياڭرىشى بىلەن مەسچىتكە جاماەت سىغمايدۇ.ئەڭ مۇھىمى رۇيلىدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمان مازارلىغىنىڭ كۈندىن-كۈڭە كەڭىيىۋاتقانلىغى.
خەرويىن تىجارىتىبىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار رۇيلىنى مەركەز قىلغان يۈننەندىكى 5-6 مىڭ نەپەر ئۇيغۇر بىلەن چەكلەنمەيدۇ.گۇاڭژۇ،شانغاي،بەيجىڭ ۋە باشقا ژۇڭگو شەھەرلىرىدە،يۇرتىمىزدا ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان ھەممە شەھەرلەردە خەرويىن تىجارىتى ۋە بۇ تىجارەتنىڭ ئارقا سەپ خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇرنىڭ ئۇمۇمى سانى 20 مىڭ بىلەن 25 مىڭ ئەتىراپىدا.كىچىك ئۇيغۇر بالىلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئىچكى ئورغانلىرىنى ئەلىپ-سەتىش تىجارىتىمۇ خەرويىن تىجارىتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەن ۋەزىيەتتە.بۇ تىجارەتنىڭ كىرىمىدىن جەنىنى بەقىۋاتقان ئۇيغۇرنىڭ سانى 100 مىڭ ئەتىراپىدا.بۇ تىجارەتنىڭ بىۋاستە ۋە ۋاستىلىق زىيانكەشلىگىگە ئۇچىراپ ئەيدىز كەسىلىگە گىرىپتار بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 200مىڭدىن ئارتۇق (رەسمى تىزىملىككە ئەلىنغان ئەيدىز ئۇيغۇر سانى 25000 بولۇپ،يۇشۇرۇن ھالەتتىكى ئەيدىز ئۇيغۇرنىڭ سانى 180 مىڭ بىلەن 225 مىڭ ئەتىراپىدا.5-6 يىلدىن كەيىن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قانچىلىك ئەغىر ئىجتىماى كىرىزىس ئىچىدە ئىكەنلىگىنى دۇنيا جاماەتچىلىگى ئىنىق تونۇپ يەتىدۇ.ھۆكۈمەت مەھەللە-مەھەللىدە مەخسۇس گور كولاش ئەتىرىدى قۇرۇشقا مەجبۇر قالىدۇ).
يەقىنقى 10 يىل ئىچىدە خەرويىن تىجارىتىگە چەتىلىپ ژۇڭگونىڭ ھەر قايسى تۇرمىلىرىدا يەتىۋاتقان ئۇيغۇر سانى 7000 بىلەن 10.000 ئەتىراپىدا.
بۇ مەنزىرىلەر ئوكىياندىكى مۇز تاغنىڭ كۆرۈڭەن قىسمى.خەرويىن تىجارىتىدىن ئىبارەت بۇ جەڭنىڭ ئالدىنقى سەپتە تۇرۇۋاتقانلار،ھالاكەتكە ئۇچۇراۋاتقان ئەسكەر،كۇماندىرلىرى ئۇيغۇرلار بولۇپ،ئارقىدا تۇرۇپ قۇماندانلىق قىلىۋاتقانلار،ئاز پۇلغا ئالدانغان ئۇيغۇرلارنىڭ خانى-ۋەيران بولۇشى بەدىلىگە غايەت زور مىقتاردىكى بايلىقلارغا ئەرىشكەنلەر ۋە ئەرىشىۋاتقانلار ھانزۇلاردۇر.ئۇلارنىڭ تەشكىلاتچىلىرى ھىچ قاچان تۇتۇلالمايدىغان،تۇتۇلمايدىغان قارا كۈچلەردۇر.ئىنساننى چۈچىتىدىغان نوقتا شۇكى،ئۇيغۇر نۇپۇسىنى جىددى ئازالتىش پروگراممىسىنىڭ كۆپ لىنيەلىك،مىكروسكوپ بىلەن قارىمىسا كۆرگىلى بولمايدىغان، كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان ئۇسۇل ۋە ۋاستىلارنىڭ ئىشلىتىلىشىدۇر.
رۇيلى دا 6 ئاي ساقچىلىق ۋەزىپىسى بىلەن تۇرغان بىر ئۇيغۇر ياش يىگىت ”چەلىشچى“ تەخەللۇسى بىلەن“خانتەڭرى“تور بەتىدە شۇنداق يازىدۇ؛ ”رۇيلىدا بىر گىرام خەرويىن 60 يۇان،كۇنمىڭدا 200 يۇان،گۇاڭژۇدا 400 يۇان…5000 ئۇيغۇرىمىز جەنىنى ئالقىنىغا ئەلىپ، تاغ-داۋانلاردىن ھالقىپ خەرويىن ئەتكەسچىلىگى بىلەن شۇغۇللانماقتا.ھەتتا ئۆزى قىلىش بىلەن توختاپ قالماي ئاكا-ئۇكا،ئاچا-سىڭىللىرىنى،ھەتتا،ئاتا-ئانا،پەرزەنت،خوتۇنلىرىنى تارتىپ كىرمەكتە…رۇيلىدا قىمارنى،پاھىشەۋازلىقنى،زەھەر چىكىشنى چەكلىمەيدۇ.چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ ئەڭ چوڭ قىمارخانىسى مۇشۇ شەھەردە.مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى يەرلىرىدىن كەلگەن سەتەڭلەر ۋە بىرمالىق بالا پاھىشەلەر ھەممە يەردە بار.مانا مۇشۇ شەھەردە ھازىر 3000 ئەتىراپىدا ئۇيغۇر بار.خۇددى ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا كەتىۋاتقاندەك ئەتىراپىڭىزدىن ئۇيغۇرلار ئۆتۈپ تۇرىدۇ.دوقمۇش-دوقمۇشتىكى ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىدىن تارقىلىۋاتقان مىزىلىك تاماق ھىدى،ھەشەمەتلىك رەستۇرانلاردىكى ئولتۇرۇش-تويلار ئۆزىڭىزنى شىنجىاڭدا تۇرۇۋاتقاندەك ھىس قىلدۇرىدۇ….“
İچكى ئۆلكىلەرنىڭ ھەر قانداق بىر شەھەرىدە ئۆي كىرالانمىغان،مىھمانخانىلاردا ياتاق بەرىلمىگەن ئۇيغۇرلار نىمە ئۈچۈن رۇيلىدا ئەركىن قويۇۋەتىلىدۇ؟رۇيلى نىمىشكە ئۇيغۇر شەھىرىگە ئايلاندى؟رۇيلىدا خەرويىنچىغا شىبلىت تىككەن ئۇيغۇر مۇزدوزغا 10.000 يۇان،خەرويىنچىغا شىم-كەستىيوم تىككەن ئۇيغۇر سەيپۇڭغا 10-15 مىڭ يۇان ئىش ھەققى بەرىلىدۇ،چامىدانچى قول ھۈنەرۋانلىرىمۇ بار.(ئاياق ۋە كىيىم،چامىدان ئىچىگە خەرويىن يۇشۇرۇدۇ).ھامىلدار ۋە قۇچىغىدا بۇۋاق بولغان ئاياللار “ مال يۆتكەش“ ئۈچۈن بىر كۈنلۈك،بىر قانچە كۈنلۈك كىرالانماقاتا.ئۇلارغا ۋەدە قىلىنغان بىر كۈنلۈك پۇل ،ئۇ،ئاياللار يۇرتىمىزدا بىر يىل ھەتتا ئىككى يىلدا ئىشلەپ تەپالمايدىغان دەرىجىدە كۆپ مىقتاردا.مەسچىت،ئاشخانا،مىھمانخانا،مازار…ھەر يەر خەرويىن سودىسى قىلىنىدىغان بازارغا ئايلانغان.ئۇيغۇرلارنىنمگ خەرويىن سودىسى قىلىدىغان ئەڭ بىخەتەر بازىرى مەسچىتتۇر. چوڭلىغى چىلاندەك ئىچىگە زەھەر قاچىلانغان سۇلىياۋ قاپچۇقلار،ھامىلدار،ياكى بۇۋاق ئىمىتىۋاتقان ئاياللارغا 100 تالدىن كۆپ يۇتتۇرۇلغاندىن كەيىن،ئىمام،ياكى قارى-قۇرانلار،ئۇلارنىڭ يولدا تۇتۇلۇپ قالماسلىغى ئۈچۈن قۇران ئوقۇيدۇ،دۇا قىلىدۇ ۋە يولدا تۇتۇلۇپ قالماسلىق ئۈچۈن ئوقۇيدىغان ئايەتلەرنى قولىغا تۇتقۇزىدۇ.ئىش ھەققىنى ئالىدۇ.14 ياشتىن كىچىك بالىلارغىمۇ 50 تالدىن ئاز بولماسلىق شەرتى بىلەن يۇتتۇرىلىدۇ.رۇيلى دىكى بارلىق كەسىپلەر خەرويىن تىجارىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.رۇيلىغا يەڭى بارغانلار دەسلەپتە پۇل تاپىدۇ،ھەتتا يۇرتتا قالغان ئاىلىسىگە خەلى كۆپ مىقتاردا پۇل ئەۋەتىدۇ.ھەتتا ئۆزلىرى كەلىپ بىردىن باي بولۇشنىڭ سەلتەنىتىنى يۇرت-مەھەللىدە نامايەن قىلىپ،كاتتا نەزىرىلەرنى قىلىپ،مەھەللە مەسچىتىگە ۋە يوقسۇل ئاىلىلەرگە ئۆشىرە-زاكات تارقىتىپ بەرىپ،جاماەتنىڭ دۇاسىنى ئەلىپ قايتىپ كەتىپ ئۆلۈگى رۇيلى ئۇيغۇر مازارلىغىدا قالغانلارمۇ بار.
رۇيلى ئۇيغۇر مازارلىغىغا ھەر ھەپتە دىگۈدەك بىر-ئىككى ئۇيغۇر دەپنە قىلىنىدۇ.تەقدىرى بىر-بىرىدىن پەرىقسىز رۇيلى ئۇيغۇرلىرى،پۇل مەسىلىسىدە بىر-بىرىگە شەپقەتسىز مۇامىلە قىلسىمۇ،ئۆلگەنلەرنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈشتە مۇلايىم،كۆڭلى يۇمشاق،كۈيۈمچان بولۇپ قالىدۇ.جىنازىنى مەھەللىدىن ئەلىپ ماڭغاندا ئاق ياغىقلىق ئايالار ھۆڭگىرەپ يىغلاپ قەلىشسا،بەلىگە (بەزىلىرى بەشىغا)ئاق باغلىۋالغان ئەرلەر جىنازىنى كۆتۈرۈپ،ئۈن-تىۋىشسىز مازالرىققا كەلىدۇ.مىيىت كۆمۈلۈۋاتقاندا بولسا كۆز يەشى تۆكمىگەن كىشى قالمايدۇ.ئۇلار بەلكىم،ئۆلغۈچىگە يىغلاۋاتىدىغاندۇ،بەكلىم ئۆز تەقدىرىگە ئەچىنىپ يىغلاۋاتىدىغاندۇ.لەكىن ئۇلار،شەپقەتسىزلىك ئىچىدە شەپتەت،شەپەت ئىچىدە شەپقەتسىزلىك يۇشۇرۇنغان كۆڭۈل تۇيغۇلىرىنى نەزىرىيەۋى سەۋىيەگە كۆتۈرۈپ تەھلىل قىلالالىغۇچىلىك كىشىلەر ئەمەس.
ئۆلگۈچىلەر بولسا،مال يۆتكەش جەريانىدا يۇتۇۋالغان سۇلىياۋ يەرىلىپ كەتىپ زەھەرلىنىپ ئۆلگەنلەر،ياكى تۇرمىدا ئۆلۈپ قەلىپ جەسىدى بەرىلگەنلەر،ياكى ئۆلۈم جازاسى بەرىلىپ ئەتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلەر.
ئۆلگەنلەرنىڭ ئورنىغا ۋەتەندىن يەڭى-يەڭى ئۇيغۇر كەلىپ تۇرغاچقا رۇيلىدا ئۇيغۇر نۇپۇسى كۆپۈيىپ بارماقتا.
رۇيلىدا تۇتۇلۇۋاتقان،ئەتىلىۋاتقان،مال-مۈلۈكلىرى مۇسادىرە قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار بەك كۆپ.ئامما،ئوخشاش تىجارەتنى قىلىپ ھەچ تۇتۇلمايدىغان،ئۆلمەيدىغان،مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنمايدىغان “بەخىتلىك”ئۇيغۇرلارمۇ بار.بۇ يەر بەزىلەر زەھەر ئىچىدىغان،بەزىلەر زەھەر ئىچكەنلەرنىڭ قەنىنى ئىچىدىغان سىرلىق بىر شەھەرچاق.
رۇيلىدا،ھامىلدار،بۇۋاق ئەمىتىدىغان ئاياللار ،قىزلار ،بالىلار،ئەرلەر ئارىسىدا ئەيدىز كەلسىگە گىرىپتار بولغان،ئۆلۈدىغان كۈنلىرى يەقىنلىشىۋاتقان كىشىلەرمۇ بار.ئۇلار بىراز بولسىمۇ ياشاش ئۈچۈن خەرويىنغا مۇھتاج.بۇ يەردە خەرويىن ئىچەلەيدۇ.ئۆلۈۋاتقان بۇ ئىنسانلار ئۆلۈمنى كۆزگە ئەلىپ ”مال يۆتكەش“ ئىشلىرىدا ياخشى پۇل تەپىپ قالغانلىرى ئاىلىسىگە پۇل ئەۋەتىدۇ.تۇتۇلۇپ قالغانلىرى ئەتىلىدۇ،ياكى سەسىق كامىرلاردا ئۆلۈمنى كۈتۈپ يەتىشقا مەجبۇر بولىدۇ.بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار،پۇل مەسىلىسىدە بىر-بىرىگە شەپقەتسىز بولسىمۇ ئەيدىزلەرنى يەكلىمەيدۇ،خارلىمايدۇ.ئۇلار بۇ مەقسەت بىلەن بۇ يەرگە كەلىپ،رۇيلى ئۇيغۇر مازارلىغىغا كەتىدىغان كۈنلىرىنى كۈتۈۋاتقان ئۇيغۇرلار.
نىمە ئۈچۈن ھامىلدار،بۇۋاق ئىمىتىۋاتقان ئايالار بۇ يەردە ئالاھىدە قىممەتكە ئىگە؟ ژۇڭگونىڭ قانۇنىدا 50 گىرامدىن ئارتۇق خەرويىن بىلەن تۇتۇلۇپ قالغانلارغا ئۆلۈم جازاسى بەرىلىدۇ.بۇ جىنايەت بىلەن تۇتۇلغان ھامىلدار ۋە 6 ئايلىقتىن كىچىك بۇۋاق ئەمىتىۋاتقان ئانىلار،14 ياشتىن كىچىك بالىلار ئۆلۈمدىن كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.جىرمانە ئەلىپ كەپىللىككىمۇ بىرىلىدۇ.كىپىللىك قىلغۇچىسى بولمىسا چوچقا ئەڭىلىدىنمۇ مەينەت كامىرلاردا ياتىدۇ.شۇı يەردە توغۇدۇ.ياكى تۇغۇتتا ئۆلىدۇ.رۇيلى شەھرىدە ھامىلدار ۋە قۇچىغىدا بالىسى بولغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كۆپلىگىنىڭ سەۋىبى بۇ.ئانىلار تۇتۇلسۇن،تۇتۇلمىسۇن،زەھەر ئاشقازىنىغا كىرگەن ئىكەن،زەھەرنىڭ تەمى قانغا تارقايدۇ.تۇگۇلغۇسى،ياكى ئىمىۋاتقان بوۋاق زەھەرلىنىدۇ.ئانىلار بىلمەستىن ئەۋلادىنىڭ قاتىلىغا ئايلانماقتا.رۇيلىدا 60-70 ياشلىق بۇۋاي-مۇمايلارمۇ بار.ئۇلار بەش ۋاخىت مانزا قىلىدۇ.ئۆتۈك-مەسىلىرىنىڭ چەملىرى ئارىسىدا،كىيىملىرىنىڭ ئەستەرلىرىدە زەھەر ساقلانغانلىغىدىن بەزىلىرىنىڭ خەۋىرى يوق.
بۇ زەھەر تىجارىتى كىمگە ئاىت؟بۇ تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئەڭ چوڭلىرى شىاڭ گاڭ،ئاۋمىنلاردا ئولتۇرۇدۇ.چوڭ قۇرۇقلۇق ئىچىدە شەكىللەڭەن،تەشكىللىك،يۈرۈشلەشكەن،تور شەكىلدە ئورگانىك ئىشلەۋاتقان بىر مىخاينىزىمى بار.ئۇلار تۇتۇلمايدۇ،تۇتۇلالمايدۇ.ئەسلىدە بۇنچىۋالا ئۇيغۇرغا ھەچ ئىھتىياجى يوق.ئۇنداقتا بۇ ئۇيغۇرلارنى نىمە ئۈچۈن رۇيلى غا يەغىۋالدى؟ئۇرۇشتا نىشان ئەزىقتۇرۇش دەيدىغان بىر تاكتىكا بار.تاموجنا،ئەتكەسچىلىك بىلەن كۈرەش قىلغۇچى ساقچىلارنىڭ دىققىتىنى داۋاملىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈستىگە مەركەزلەشتۇرۇپ تۇرۇش ئۈچۈن.بىرما بىلەن ژۇڭگو ئوتتۇرىسىدىكى يىللىق زەھەر تىجارىتىنىڭ ھەجىمى،ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ يىللىق كىرىمىدىن قانچە ھەسسە كۆپ.زەھەر تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچى قارا گۇرۇھ ھەر قەتىم زور ھەجىمدىكى مالنى يۆتكەيدىغان پەيىتتە،ئۇيغۇرلاردىن 4-5 نەپەرنى،ھەتتا 10 نەپەرنى ئوخشاش بولمىغان نوقتىلاردا،ئامما بىرلا قەتىمدا تاموجنىچىلار ياكى ساقچىلارغا يەم قىلىپ تاشلايدۇ.رۇيلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى بىراملىق يول باشلىغۇچىلارنىڭ ياردىمىدا ھەر كۈنى بىر ماغا بەرىپ-كىلىپ تۇرۇۋاتىدۇ.ژۇڭگو ساقچىلىرى ئۇيغۇرلار بىلەن مەشخۇل بولىۋاتقان ۋاقىتتا مىليارت دولار قىممىتىدىكى زەھەر بىر شەھەردىن باشقا بىر شەھەرگە ساق-سالامەت يۆتكەپ كەتىلگەن بولىدۇ.ئۇيغۇرلارنىڭ بەزىدە تۇتۇلۇپ قالماي پۇل تەپىشى ئوقۇغان “ئايەت”نىڭ كۈچى ئەمەس.لاۋبەنلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى رۇيلى شەھرىدە داۋاملىق ياشىشى ئۈچۈن ياراتقان “شاراىت”ئى.
رۇيلى ئۇيغۇر مازارلىغى تىز سۈرەت بىلەن كەڭەيمەكتە.ئۆلىۋاتقانلارنىڭ ئارىسىدا قورساقتىكى بۇۋاقتىن 25 ياشقىچە بولغان بالا ۋە ياشلار مۇتلاق كۆپ ساننى ئىگەللەيدۇ.رۇيلىدىكى 3000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ھەممىسى ئۆلۈم تىزىملىگىگە ئەلىنغان ئىنسانلار.
İچكى ئۆلكىلەردە خەرويىندىن باشقا جىنايەت بىلەن شۇغۇللاندۇرۇلىۋاتقان نارىسىدە ئۇيغۇر بالىلارنىڭ سانى 35-40 مىڭ ئەتىراپىدا.ژۇڭگونىڭ ھەر قايسى يەرلىرىدە خەرويىن تىجارىتى ۋە باشقا ئىجتىماى جىنايەتنى ئۆزلىرىگە كەسىپ قىلغان ھاياتى خەۋىپ ئاستىدىكى ئۇيغۇرنىڭ سانى 60مىڭدىن ئارتۇق.
بۇ ئۇيغۇرلار قانداق جىنايەتچىگە ئايلىنىپ قالدى؟نىمە ئۈچۈن؟
دۇنيادىكى مۇتلاق كۆپ جىنايەتنىڭ مەبەسى-ئىشسىزلىق،يوقسۇللۇقتۇر.ئۇيغۇرلارنى يۇرتىدىن ئايرىلىپ،خەتەرلىك،قانۇنسىز تىجارەتلەرگە،جىنايەتلەرگە مەجبۇرلىغان ئامىلمۇ ئىشسىزلىق،يوقسۇللۇق.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ھەر يىلى بىر مىليوندىن ئارتۇق ئىش كۈچى ئىچكىرى ئۆلكىلەردەن كەلىپ ئىشقا ئۇرۇنلاشماقتا.2008.يىلى كەلگەن سەييارە ئىشچىنىڭ سانى 1 مىليون 200 مىڭ بولغانلىغىنى ھۆكۈمەت مەتبۇاتلىرى ئاشكارىلىدى. 3.ئاينىڭ بەشىدا ئۈرۈمچى شەھەرنىڭ پارتىكوم سەكىرتارى ئىچى ئۆلكىلەردىن ئىش ئىزدەپ كەلگەن ئىشسىزلارنى 24 ساەت ئىچىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىغىنى جاكالىدى.ئامما،ئۇيغۇرلارغا 24 ئاي،24 يىل ئىش كۈتسىمۇ ئۆز ۋەتىنىدە ئىش يوق.زاۋوت-پافىرىكىلارنىڭ دەرۋازىلىرى ئۇيغۇرلارغا تاقاق،بىراق تۇرمىنىمگ دەرۋازىلىرى ئوچۇق.ئىچكىرى ئۆلككەلەردە تىرىك ئۇيغۇرغا ئۆي يوك،ئۆلگەن ئۇيغۇرغا گور بار.توغرا ئىشقا يول يوق.جىنايەتكە يول بار.بۇ ئىشلارنى تەشكىللىك،پىلانلىق ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقانلار كىم؟ئەگەر ئىختىيار ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكوم ۋە بىڭتۇان قۇماندانلىق شىتابىغا قالسا ئۇيغۇرلارنىڭ نەسلىنىڭ تامامەن تۈگىتىۋەتىلىش پىلانى 21.ئەسىر ئىچىدە تاماملىنىشى مۇمكىن.بىز ئۇيغۇرلار مەۋجۇت مەسىلىنى تەخىمۇ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن كەڭ ھانزۇ خەلقى ۋە دۇنيا مىللەتلىرىگە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن خىتاپ قىلىشىمىز لازىم.ئەگەر بەيجىڭ مەسىلىلەرنى جىددى ھالدا ئۆز كونتىرولىغا ئالمايدىغان بولسا،ئۇيغۇرلارغا جەھەننەم بولىۋاتقان بۇ يۇرت،ھانزۇلارغا جەننەت بولىشى ناتايىن.
ئونلىغان ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىدە،ئۇيغۇر شاىر-يازغۇچىلار،تارىخچىلار،ئوبزورچىلار مىللىتىمىز ئىچىدىكى مەۋجۇت مەسىلىلەرنى،ھاتالىقلارنى،جىنايەتلەرنى يەزىپ،ھەتتا چاۋىسىنى چىتقا يەيىپ ۋايىغا يەتمەكتە،مىللەتكە نەسىھەت قىلىپ چارچىماقتا.ئامما،تىما،ئۇيغۇرلار بۇ ئەھۋالغا قانداق چۈشۈپ قالدى؟ ئۇيغۇرلارنى پادىدەك ھەيدەپ ئۆلۈم غارىغا سۈرۈپ كەتىۋاتقانلار كىم؟دىگەن سىزىققا كەلگەندە،بارلىق بۇلبۇللار سايراشتىن،بارلىق قەلەملەر يەزىشتىن توتايدۇ.ۋىجدان بۇمۇ؟مىللەتنىڭ ئالدىدىكى مەسۇلىيەت بۇمۇ؟ مىللىتىمىز تارىخىدىكى ئەڭ ئەڭىر،ئەڭ پاجىيەلىك كۈنلەرنى ياشاۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە،ئۇيغۇر زىيالىلىرى ئۆز مىللىتىنى قوغدايدىغان قالقان بولۇشقا تەگىشلىك ئىكەن،ئۇيغۇر خەلقىنى قوغدۇنۇش قالقانى قىلماقتا.
ئەي،ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر،ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۈمىدى بولغان زىيالىلار!سىزنىڭ نارىسىدە بالىڭىز كۆز ئالدىڭىزدا،ئامما،سىزنىڭ قەرىندىشىڭىزنىڭ نارىسىدە بالىسى ئىچكى ئۆلكىلەردە جىنايەتچى،ياكى جىنايەتچىنىڭ قۇربانى،سىزنىڭ قىزىڭىز،ياكى سىڭلىڭىز كۆز ئالدىڭىزدا،ئامما،سىزنىڭ قەرىندىشىڭىزنىڭ قىزى ياكى سىڭلىسى رۇيلى دا،بىرمادا،كۇنمىڭدا ياشاش ئۈچۈن كۈرەشتە يا زەھەر يۇتۇپ پۇل تاپماقتا،ياكى قورسىغىدىكى بۇۋاق بىلەن بىللە ئۆلمەكەت.بۇ مىللەت ئەزالىرىنىڭ كۆپ سانلىغى خىلمۇ-خىل يوللاردا قىرىلىپ تۈگىگەندە،سىزنىڭ قىممەتلىك “مىللەتنى ئويغىتىدىغيان”ئەسەرلىرىنىڭىزنى كىم ئوقۇيدۇ؟سىزنىڭ بالىلىرىڭىز ياكى نەۋرىلىرىڭىز سىزنىڭ نامىڭىزنى كىملەر بىلەن ياشنىتالايدۇ؟
مەن ئۇيغۇر زىيالىلىرىغا تەكرار-تەكرار دەيمەنكى،
قورقۇپ ياشاشنىڭ ئازاۋى ئۆلۈمدىن يامان

2009.03.30

Share
2319 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.