logo

trugen jacn

رۇسىيە جۇڭگونىڭ ياردىمىگە مۇھتاج ئەمەس

4407d9d3-7c2f-4205-8607-74e3acdde22b

يەر شارى تورى خەۋرى باغداش توردىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى

12- ئاينىڭ 25- كۈنى رۇسىيىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئاندىرى جېنىسوۋ يەر شارى تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ناھايىتى ئېنىق قىلىپ: رۇسىيە جۇڭگونىڭ ياردەم قىلىشىغا مۇھتاج ئەمەس بەلكى قوللىشىغا مۇھتاج. رۇسىيە دۇنيادىكى ئويۇن ئوينىغۇچى دۆلەت، ھەرگىزمۇ ئاقنانچى دۆلەت ئەمەس. رۇبلى كۇرسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى رۇسىيە خەلقىگە جاپا-مۇشەققەت ئېلىپ كەلدى، ئەمما جەمئىيەتنىڭ داۋالغۇشى ۋە نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغىنى يوق. رۇسىيە ئىقتىسادى ھەقىقەتەن جاپا-مۇشەققەتلىك دەۋىردە تۇرىۋاتىدۇ. مېنىڭچە، مۇھىم نۇقتا جۇڭگونىڭ ياردىمىگە ئېرىشىش ئەمەس، بەلكى قوللىشىغا ئېرىشىش. مەسىلەن: غەربنىڭ جازالىشىغا قارشى تۇرۇشتا، رۇسىيە جۇڭگونىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئېرىشتى. بۇ جۇڭگونىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرىنىڭ غەربنىڭ رۇسىيىنى جازالىشىنى قوللىمايدىغانلىق مەيدانىنى بىلدۈرگەنلىكىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭلاشقا مەن جۇڭگو خەلقىنىڭ بۇ جەھەتلەردە رۇسىيىنى قوللىغانلىقىغا ناھايىتى مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن. ھەمدە جۇڭگو تەرەپنىڭ مەيدانىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىمەن. جۇڭگو رۇسىيىگە ياردەم بېرىشى كېرەكمۇ دېگەن مەسىلىگە كەلسەك، رۇسىيە ھېچقانداق جىددىي ياردەمگە مۇھتاج ئەمەس، ئەمما رۇسىيىنىڭ مۇھتاج بولۇۋاتقىنى قوللاش. رۇسىيە كىرزىسقا دۇچ كەلدى، ئەمما رۇسىيىنىڭ جۇڭگو قاتارلىق ھەمراھلىرى بىلەن مۇنازىرلىشىدىغىنى ياردەم تەلەپ قىلىش ئەمەس بەلكى ئۆز ئارا پايدا مەنپەت يەتكۈزۈش، مەسىلەن: ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدىكى سودىدا ئۆز دۆلىتىنىڭ پۇلى بىلەن ھېسابات قىلىش قاتارلىقلار ياردەم قىلىش ئەمەس، ئەمما بۇنداق قىلىش جۇڭگو تەرەپكىمۇ پايدىلىق، رۇسىيىگىمۇ پايدىلىق بولۇپ، ھەر ئىككىلى تەرەپنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ قىيىن ئەھۋالدا قېلىشى خۇددى بىر ئادەمنىڭ زۇكام بولۇپ قالغىنىغا ئوخشايدۇ، زۇكام بولۇپ قالغاندا ئادەتتىكى ۋاقىتتىكىدىن ئازراق بىئارام بولىدۇ، ئەمما ياخشى داۋالىسىلا زۇكام ھامان ياخشى بولۇپ قالىدۇ


http://finance.bagdax.cn/2014/1230/7234.html

Share
1435 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.