logo

trugen jacn

رۇسىيە ئۇيغۇر رايونىنى سۇ بىلەن تەمىنلەش پىلانىنىڭ ۋاقىتلىق توختىتىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى

Longest-River-Around-The-World-10

ئەركىن

ﺋﺎﯕﻼﺵ

ﺋﺎﯕﻼﺵ

ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ ئالتاي جۇمھۇرىيىتىدىن قانال ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىغا سۇ يۆتكەش تەكلىپىنى رۇسىيە تەرەپ بەرگەن. رۇسىيە يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى ئالېكساندىر تۇخاچېف بۇ يىل 2‏-ماي كۈنى ئېيجىڭنى زىيارەت قىلىپ، خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى خەن چاڭفۇ بىلەن كۆرۈشكەندە بۇ تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغان.

تۇخاچېفنىڭ پىلانى ئالتاي جۇمھۇرىيىتىدىن قازاقىستان ئارقىلىق بىر قانال قېزىپ، ئۇنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئالتاي ۋىلايىتىگە تۇتۇشتۇرۇشتۇر. تۇخاچېف، خىتاينى يىلىغا 70 مىليون كۇپمېتىر سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى، كېيىنرەك بۇنى بىر مىليارد كۇپمېتىرغا يەتكۈزۈشكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تۇخاچېف 3‏-ماي كۈنى رۇسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە بەرگەن ئۇچۇرىدا، «بىز رۇسيەنىڭ ئالتاي رايونىدىن قازاقىستان ئارقىلىق خىتاينىڭ قۇرغاق رايونى – شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى تاتلىق سۇ بىلەن تەمىنلەش پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تەييار. بىز يېقىندا كەلگۈسىدە قازاقىستانلىق مەسلەكداشلىرىمىز بىلەن كۆرۈشۈپ، بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىمىز» دېگەن. تۇخاچېف، بۇ پىلاننى ئېكولوگىيەگە ھېچقانداق بۇزغۇنچىلىق قىلماي ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

ئەمما تۇخاچېفنىڭ پىلانى رۇس، ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرىدە ۋە پائالىيەتچىلىرىدە ئوخشىمىغان ئىنكاسلارنى قوزغىدى. قازاقىستانلىق ئىقتىسادى جۇغراپىيە پەنلىرى مۇتەخەسسىسى، پروفېسسور شەرىپجان نادىروفنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر پىلاننىڭ ئەمەلگە ئېشىش مۇمكىنچىلىقى يوق.

شەرىپجان نادىروف مۇنداق دېدى: «مەن مۇشۇ شەرقىي قازاقىستان بارغۇ، شۇ يەردە ئۇزۇن ئىشلىگەن دېسىرتاتسىيە يازىمەن، دەپ. شۇ رايوندا كۆپ بولدۇم مەن. مېنىڭ كۆز قارىشىمچە، ئۇ مۇمكىن ئەمەس. بىرىنچى، مۇنۇ رېلىف، دەيمىزغۇ، ماۋۇ ئالتاي تاغلىرىدىن ئۇنداق ئۆستەڭ قېزىش مۇمكىن ئەمەس. بىراق تۇرۇبا يولى دەيمىز، ئېھتىمال تۇرۇبا يولىدىن يۆتكەمدىكىن، ئەمما ئۇ ئىنتايىن قىممەت توختاپ كېتىدۇ.

ھازىر ئۇ رۇسىيەنىڭ قولىدىن كېلەمدۇ -كەلمەمدۇ، بىلمەيمەن. ئالتاي جۇمھۇرىيىتىن شىنجاڭ تەرەپ ئېگىز، بۇ تەرەپ پەس. ئۇ سۇ قانداق ئۇياققا ماڭىدۇ. شۇڭا مەن مۇنۇ گېئوگرافىك تۈزلۈك نۇقتىسىدىن بۇنى چۈشۈنەلمەيۋاتىمەن.»

بۇ قۇرۇلۇشقا قازاقىستان ھۆكۈمىتى رۇخسەت قىلامدۇ-قىلمامدۇ، بۇ يەنە بىر مەسىلە. پروفېسسور شەرىپجان نادىروفنىڭ قارىشىچە، بۇ قۇرۇلۇشقا قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ رۇخسەت قىلىشى ناتايىن. ئۇ، خىتاينىڭ ئېرتىش دەرياسىنى بوغۇپ ياسىغان «قاراماي ئۆستىڭى» قازاقىستانغا قاتتىق تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

شەرىپجان نادىروف: «ھازىر مۇنۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا كۆكتال دېگەن رەڭلىك مېتاللۇرگىيە زاۋۇتلىرى، كانلىرى بار. ئۇلارغا سۇ يەتمەيدۇ. بىز قارائېرتىش، دەيمىز ئۇنىڭدىن خىتايلا كۆپ سۇ ئېلىۋاتىدۇ. مۇنۇ ئېرتىش-قاراماي دېگەن بىر ئۆستەڭ بار، ياسالغىنىغا 10 يىلچە بولدى.

ھازىر ئېرتىش دەرياسى 4 كۈپ كىلومتېر ئازىيىپ كەتكەن بولسا كېرەك. بىزگە 8 كۈپ كىلومېتىر ماڭىدىغۇ! ھازىر يېرىمىنى ئېلىۋالدى. ھازىر ئۇ يالغۇز بىز قازاقىستان تېررىتورىيەسىگە تەسىر قىلمايدۇ، رۇسىيەگە تەسىر قىلىۋاتىدۇ. ئومسكىي دەيدىغان شەھەرلەر بار. ئەشەدە سۇ ئازىيىپ، قومۇش ۋە ھەرتۈرلۈك كۇمۇتىلار بېسىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئەھۋالى ناھايىتى زىددىيەتلىك بولۇۋاتىدۇ. قازاقىستان مېنىڭچە ئۇنىڭغا قوشۇلمايدۇ» دېدى.

بەزى رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ پىلان دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن دەريالارنىڭ بىرى -ئوب دەرياسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىكەن. «سېبىرىيە ۋاقتى گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە، رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەزاسى، ئىقتىسادشۇناس ۋېكتور دانىلوف-دانىليان: «ھېچقانداق كونكرېت دېتالنى ئويلاشماي تۇرۇپ، خىتاينى تاتلىق سۇ بىلەن تەمىنلەشتەك بۇنداق زور پىلاننى ئېلان قىلىش ھاماقەتلىك» دېگەن.

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، سۇنىڭ ئېقىنىنى باشقا تەرەپكە بۇراش ياخشىى ئىش ئەمەس. ئەڭ مۇھىمى سۇنى تىجەشلىك ئىشلىتىشتۇر. ئۇ، «سېبىرىيە ۋاقىت گېزىتى»گە تەكىتلەپ: «تارىخىي تەجرىبىلەر شۇنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ، سۇنىڭ ئېقىنىنى باشقا تەرەپكە باشلاش ياخشى پىكىر ئەمەس. ئەش مۇھىمى سۇنى ياخشى ساقلاش، تېخنىكىنى ئۈستۈرۈپ، سۇنى تىجەشلىك ئىىشلىتىشتۇر» دېگەن.

ئەمما د ئۇ ق باش كاتىپى نۇرمەمەت مۇساباينىڭ قارىشىچە، مەزكۇر پىلان خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا شەھەرلىشىشنى كېڭەيتىپ، خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئولتۇراقلاشتۇرۇشىغا، ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مەدەنىيەت، تۇرمۇش ئۇسۇللىرىنىڭ يالغۇزلىشىشىغا يول ئاچىدۇ.

د ئۇ ق باش كاتىپى نۇرمەمەت مۇساباي: «خىتاي ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلان بويىچە بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا نۇرغۇن كۆچمەن يۆتكەشنى پىلان قىلىپ كەلگەن. لېكىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىدە سۇ يىتىشمىگەنلىكتىن بۇنى ئۇنداق كەڭ ئېلىپ بارالمىغان. ھازىرقى بۇ رۇسىيە بىلەن بولغان كېلىشىم، ئۇنىڭدىن سىرت ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى ھېلىقى خۇاڭخې دەرياسىدىن سۇ ياكى دېڭىزدىن سۇ ئەكېلىپ، تۇرپان ئويمانلىقىنى كۆلگە ئايلاندۇرۇش،دېگەن ئىستراتېگىيەسى بار ئىدى. رۇسىيەدىن ئەكېلىدىغان سۇ قىممەت چۈشىدۇ خىتايغا. ئەمما خىتاي خىتاي نوپۇسىنى ئەكىۋېلىش ئۈچۈن بۇ بەدەلنى تۆلەۋاتىدۇ. مەقسىتى ئۇ يەردىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش»دېدى.

نۇرمەمەت مۇساباي يەنە، خىتاينىڭ رايوندا يولغا قويۇۋاتقان كەڭ كۆلەملىك شەھەرلەشتۈرۈش پىلانى ئۇيغۇرلاردا زور كۆلەملىك ئىشسىزلىق ۋە ئاقما نوپۇس پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نۇرمەمەت مۇساباي: «خىتاينىڭ رايوندىكى شەھەرلەشتۈرۈش پىلانىنىڭ خىتايغا مەنپەئەتى كۆپ. چۈنكى، ئۇ نۇرغۇن كۆچمەن يۆتكىۋالىدۇ. شەرقىي تۈركىستاننى خاتىرجەم ئىشغال قىلىش ئۈچۈن نوپۇس گارانتىغا ئىگە بولىدۇ. ئەمما ئۇيغۇرلارغا ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ. بىرىنچى، شەھەرلەشتۈرگەندە ھازىرقى شەرقىي تۈركىستاندا بار شەھەرلەرنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرنىڭ قولىدىكى يەر شەھەرگە قوشۇلۇپ كېتىش باھانىسىدە ئېلىنىپ كېتىدۇ. پۇلغا زورلاپ، قانۇنغا زورلاپ ياكى مەجبۇرىي ئېلىپ، كەڭ كۆلەملىك ئىشسىزلىق ۋە تۇراقسىز كۆچمە نوپۇس پەيدا قىلىدۇ.»

نۇرمەمەت مۇساباينىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش چارىسى كۆچمەنلەرنى كونترول قىلىپ، شەھەر ۋە سانائەت كۆلىمىنى كونترول قىلىشتۇر.

لېكىن ئالتاي سۇ قۇرۇلۇشى پىلانى ئېلان قىلىنىپ، رۇسىيەدە كۈچلۈك سەلبىي ئىنكاس قوزغىلىشى، رۇسىيە يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى تۇخاچېفنى يېنىۋېلىشقا مەجبۇر قىلدى. ئۇ، ئۆتكەن ھەپتىدىكى باياناتىدا مەزكۇر پىلاننىڭ ۋاقىتلىق توختىتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تۇخاچېف، «مەزكۇر قۇرۇلۇشنى يېقىن كەلگۈسىدە يولغا قويۇش پىلانىمىز يوق» دېگەن. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر پىلاننىڭ رۇسىيە مەنپەئەتىگە ۋە مۇھىتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى تولۇق تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن، ئاندىن يولغا قويۇش مەسىلىسىنى ئويلىشىدىكەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/iqtisad/rusiye-uyghur-su-05162016140946.html

Share
1374 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.