logo

trugen jacn

رۇسىيە ئوتتۇرا ئاسىيا مېھنەت مۇھاجىرلىرىنىڭ پۇل تېپىش مەنبەسى

 

2014-u1202-pmn.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

 

obama-rusiye-qirim-mesilisi.jpg

يەتتە دۆلەت ئەمەلدارلىرى ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ساھىبخانىلىقىدىكى رۇسىيەنىڭ قىرىمنى قوشۇۋېلىشىغا ئىنكاس قايتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى. 2014-يىلى 24-مارت.

AFP
 ئۈمىدۋار

ئۇكرائىنا كرىزىسى تۈپەيلىدىن رۇسىيەنىڭ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قايتا – قايتا ئىقتىسادىي ئىمبارگوسىغا ئۇچرىشىنىڭ رۇسىيە ئىقتىسادىغا تەسىر يەتكۈزۈۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇلارمۇ مەيدانغا چىقماقتا ئىدى. رۇسىيە دۇچ كېلىۋاتقان ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنىڭ پەقەت ئۆز پۇقرالىرىغىلا ئەمەس، بەلكى رۇسىيەدە تۇرۇپ ئىشلەپ جان بېقىۋاتقان بىر قانچە مىليون ئوتتۇرا ئاسىيالىق مېھنەت مۇھاجىرلىرىنىڭ ھاياتىغىمۇ تەسىر يەتكۈزۈشكە باشلىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.

رويتېرس ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرلار رومان كوژېۋنىكوۋ بىلەن ئولگا ژۇبېنكونىڭ ماقالىسىدە قەيت قىلىنىشىچە، رۇسىيەدە دۇچ كېلىۋاتقان ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلار ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى تاجىكىستان ۋە قىرغىزىستانلىقلارغىمۇ ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتمەكتە. ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيالىق مېھنەت مۇھاجىرلىرى ئۆزلىرى ياللىنىپ ئىشلەۋاتقان ئورۇنلارنىڭ ئىش ھەققىنى بەرمەسلىكى ۋە ئىش ئورۇنلىرىدىن قىسقارتىلىشىدەك قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە. ئۆز ۋەتىنىدىكى ئىشسىزلىق تۈپەيلىدىن بىر قانچە مىليون ئادەم رۇسىيەدە ياللىنىپ ئىشلەشكە مەجبۇر بولماقتا ئىدى. ماقالىدە قەيت قىلىنىشىچە، ھازىر بىر مىليوندىن ئارتۇق تاجىكىستانلىق ۋە بىر مىليوندىن ئارتۇق قىرغىزىستانلىق رۇسىيەدە ئىشلىمەكتە.

پەرغانە ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھازىر 30 مىليون نوپۇسلۇق ئۆزبېكىستاندىن 6 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم چەتتە ئىشلەۋاتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى رۇسىيەدە. رۇسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى رۇسىيەدە 2 يېرىم مىليون ئۆزبېكىستانلىق كۆچمەن بارلىقىنى قەيت قىلغان. ئەمما ئەمەلىيەتتىكى ساننىڭ بۇنىڭدىن ئارتۇق بولۇشى پەرەز قىلىنماقتا.

رۇسىيە مالىيە مۇتەخەسسىسلىرى مەزكۇر دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ھەر يىلى ئىشلەپ تاپقان بىر قانچە مىليارد دوللاردىن ئارتۇق پۇلىنى ئۆز دۆلەتلىرىگە ئەۋەتىدىغانلىقى، بۇ كىرىمنىڭ مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ تاشقى كىرىمىلىق رولىنى ئويناۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان ئىدى. شۇ سەۋەبدىن مەركىزىي ئاسىيا ھۆكۈمەتلىرى ئۆز پۇقرالىرىنىڭ داۋاملىق رۇسىيەدە ئىشلىشىگە قارشى تۇرمىغان، ئەكسىچە قوللىماقتا.

«بېلارۇسىيە كومسومول پراۋداسى» گېزىتىنىڭ بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە مەركىزىي دۆلەتلىك بانكىسى ئوتتۇرا ئاسىيالىق مېھنەت مۇھاجىرلىرىنىڭ رۇسىيەدىن ئۆز دۆلەتلىرىگە پېرىۋوت قىلغان پۇللىرىنى ھېسابلاپ چىققان بولۇپ، بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئۆزبېكىستانلىقلار ئۆز دۆلىتىگە 4.9 مىليارد، تاجىكىستانلىقلار 3 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى پېرېۋوت قىلغان. رۇسىيە مەركىزىي بانكىسى پەقەت 2013 – يىلى 9 ئاي ئىچىدە رۇسىيەدىن مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقى مەملىكەتلىرىگە 15 مىليارد دوللار ئەۋەتىلگەنلىكىنى ھېسابلاپ چىققان.

رۇسىيەدىن پۇل ئەۋەتىش بويىچە بىرىنچى ئورۇننى تاجىكىستانلىقلار ئىگىلىگەن بولۇپ، 26%، ئۆزبېكىستان 24%، قىرغىزىستان 15%نى تەشكىل قىلغان.

رۇسىيە ئىقتىسادشۇناسلىرى تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستانلىقلارنىڭ رۇسىيەدە ئىشلەپ تاپقان پۇلىنىڭ رۇسىيەنىڭ بۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودىدا ئېرىشكەن پايدىسىدىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار رۇسىيىدە ئىشلەپ، ئۆزلىرى قىيىنچىلىقتا تۇرمۇش كەچۈرۈپ، توپلاپ ئەۋەتكەن بۇ پۇللىرى بىلەن ئۆز يۇرتلىرىدىكى ئۇرۇق – تۇغقانلىرى، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ تۇرمۇشىنى قامدايدۇ، ئۆيلەر سالىدۇ ۋە توي قىلىدۇ. دېمەك، رۇسىيە ئۇلار ئۈچۈن بىردىن – بىر ئەڭ زور ئىقتىسادىي مەنبەگە ئايلانغان ئىدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدا دائىم دېگۈدەك ئوتتۇرا ئاسىيالىق مېھنەت مۇھاجىرلىرىنىڭ رۇسىيىدە كەمسىتىشكە، بوزەك قىلىشقا ۋە مىللەتچى گۇرۇھلارنىڭ ھۇجۇملىرىغا ئۇچراۋاتقانلىقى، ھەتتا كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىغانلىقىغا ئائىت ئۇچۇرلارمۇ دائىم ئېلان قىلىنىپ تۇرىدۇ.

رۇسىيە تەرەپ مەزكۇر قانۇنسىز كۆچمەنلەر مەسىلىسىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارغا قارىتىلغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ۋە ئۆز دۆلەتلىرىگە ھەيدەش قاتارلىق چارىلەرنى قوللانغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىگەن. بۇ قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى ئاساسلىقى خىتاي پۇقرالىرى، ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار ۋە كاۋكازلىقلار تەشكىل قىلىدىكەن. مىللەتچى ئىدىيىدىكىلەر ئۇلارنى بىراقلا قوغلاپ چىقىرىشنى تەشەببۇس قىلسىمۇ، ئەمما يەنە كۆپىنچە رۇسىيىلىكلەر ئوتتۇرا ئاسىيالىق مېھنەتكەشلەرنىڭ ئەمگەكچىلەرگە ئېھتىياجلىق رۇسىيە ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقلىرىدىن پايدىلىنىش زۆرۈرلۈكىنى كۆرسەتمەكتە.

ئەمما، يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان كۆرۈلۈشكە باشلىغان ئىقتىسادىي جەھەتتىكى قىيىنچىلىقلار تۈپەيلىدىن مەزكۇر مېھنەتكەشلەرگە قارىتا باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش قەدەملىرىمۇ بېسىلىۋاتقان بولۇپ، ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، موسكۋا دۇماسى ئۆتكەن ھەپتە قانۇن ماقۇللاپ، موسكۋاغا كەلگەن چەتئەللىك ئەمگەكچىلەرنىڭ ئايلىق ئىشلەش رەسمىيەت ھەققىنى 2 – 3 ھەسسە ئۆستۈرۈشنى قارار قىلغان. يەنى، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىن كەلگەن ئەمگەكچىلەرنىڭ ئايلىق ئىشلەش رۇخسەت ھەققى بۇرۇنقى 25 دوللاردىن 85 دوللارغا ئۆستۈرۈلگەن، بۇ ئەھۋال ئۇلار ئۈچۈن قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇشى مۇمكىن بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار بۇ قانۇن بويىچە ئۆزلىرىنىڭ بىر يىل ئىچىدە مىڭ دوللارغا يېقىن پۇلىنى ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇشقا مەجبۇر بولىدىكەن.

رۇسىيە ھۆكۈمىتى يەنە چەتئەل پۇقرالىرىنىڭ رۇسىيەدە تۇرۇش مۇددىتىنى 90 كۈندىن ئاشماسلىقىنى بەلگىلىگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن ئۆتكەنلەر قانۇنسىز بولىدۇ ۋە جازاغا ئۇچرايدۇ. نۆۋەتتە، موسكۋادا بىر مىليوندىن ئارتۇق چەتئەل پۇقراسى ئىشلەۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمىنى ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار ئىگىلىگەنلىكى يېزىلماقتا.

سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىنكى 20 يىل ئىچىدە موسكۋا شەھىرىنىڭ مىللەت تەركىپىدە زور ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ سانىمۇ ھەسسىلەپ ئاشقان. موسكۋا شەھىرىدە كۆپلىگەن ئوتتۇرا ئاسىيا نامىدىكى تاماقخانىلار ۋە رېستورانلار ئېچىلغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/xelqara-xewer/rusiye-ottura-asiya-12022014232452.html

Share
1718 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.