logo

trugen jacn

رۇسىيەلىكلەر 45 خىل خىتايدا ئىشلەنگەن يانفونغا ۋىرۇس قاچىلانغانلىقىنى بايقىغان

رۇسىيە خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، رۇسىيەدىكى كومپيۇتېر ۋىرۇسلىرىغا قارشى پروگرامما مۇتەخەسسىسلىرى رۇسىيەگە كىرگۈزۈلگەن خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئاندروئىد سىستېمىسىدىكى 45 خىل ئەرزان يانفونلارغا كومپيۇتېر ۋىرۇسلىرى قاچىلانغانلىقىنى بايقىغان. بۇ ھەقتە «دوكتور ۋېب» دەپ ئاتالغان ۋىرۇسقا قارشى پروگرامما ئىشلەپچىقىرىش شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى بورىس شاروۋ ئۆزلىرىنىڭ ئېنىقلاش خۇلاسىسىنى ئېلان قىلغان. مەزكۇر «دوكتور ۋېب» شىركىتى باشلىقىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇلار خىتايدا ئىشلىنىپ، رۇسىيەگە كىرگۈزۈلگەن بۇ خىل ئەقىللىق تېلېفونلارغا مەخسۇس ۋىرۇسلار ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى 2017-يىلىلا سەزگەن ئىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر ۋىرۇسلار يانفوننى ئىشلەتكۈچىنىڭ شەخسىي مەخپىي ئۇچۇرلىرىنى ئېچىشتا پايدىلىنىش ۋە باشقا جاسۇسلۇق ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە ئىكەن.

بۇلاردىن باشقا بۇنىڭدىن ئىلگىرى رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدا خىتايدا ئىشلىنىپ، رۇسىيەگە كىرگۈزۈلگەن دەزمال قاتارلىقلارغىمۇ مەخپىي ئۇچۇر ئىگىلەش ئۈسكۈنىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىغا ئائىت خەۋەرلەر كەڭ تارقالغان ئىدى.

مەلۇمكى، ئۆتكەن يىلى رۇسىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ «ۋېچات»، يەنى «ئۈندىدار» تېخنىكىسى ۋە ئالاقە سىستېمىسىنى رۇسىيەدە ئىشلىتىشنى چەكلىگەن ئىدى

https://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/xitay-yanfonlarda-virus-bayqaldi-04012018194957.html

Share
1560 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.