logo

trugen jacn
24 ئىيۇل 2015

رۇسىيەدە يېزىلغان تۇنجى «ئۇيغۇر تارىخى» كىتابى

image

ئۈمىدۋار

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

19 – ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ياۋروپا ئەللىرىدە شەرقشۇناسلىق ئىلمىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، مەزكۇر ئىلىم رۇسىيەدىمۇ يېڭى تەرەققىيات جەريانلىرىنى بېسىپ ئۆتتى. شەرقشۇناسلىق ئىلمىنىڭ مۇھىم قىسىمى سۈپىتىدە تۈركولوگىيە، جۈملىدىن ئۇيغۇرشۇناسلىق رۇسىيەدە ئۆزىنىڭ يېڭى نەتىجىلىرى بىلەن ئالاھىدە گەۋدىلەندى. بولۇپمۇ، چوقان ۋەلىخانوف، كۇروپاتكىننىڭ قەشقەرىيە زىيارەتلىرى ۋە رۇسىيە – قەشقەرىيە مۇناسىۋەتلىرى نەتىجىسىدە قەشقەرىيە، ۋە ئىلى ۋادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي، جۇغراپىيە، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ئەھۋاللىرىدىن باشقا يەنە بۇ رايوننىڭ تارىخى مۇساپىرلىرى، تىلى، ئېتنوگرافىيىسى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلەرمۇ يېڭى باسقۇچقا كىردى.

مانا شۇ باسقۇچتا خەلقارا ئۇيغۇرشۇناسلىق ساھەسىدىكى، جۈملىدىن ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىدىكى تۇنجى مەخسۇس ئۇيغۇر تارىخى رۇس تارىخشۇناسى پوزدنېيېۋ تەرىپىدىن 1899 – يىلى دۇنياغا كەلتۈرۈلدى.

ئۇنداقتا خەلقارا ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىدا تۇنجى ۋە مەخسۇس ئۇيغۇر تارىخى كىتابى ھېسابلانغان رۇسىيە شەرقشۇناسى دمىترىي پوزدنېيېۋنىڭ «ئۇيغۇر تارىخى» قانداق ئەسەر؟

پروفېسسور دمىترىي پوزدنېيېۋ 1899 – يىلى، دۇنيا شەرقشۇناسلىق تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن تارتىپ، تاكى 14 – ئەسىرگىچە، يەنى موڭغۇللار دەۋرىگىچە بولغان مەخسۇس ئومۇمى تارىخ كىتابىنى يېزىپ، سانكىت – پېتېربۇرگدىكى چار رۇسىيە ئىمپېرىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى تەرىپىدىن نەشىر قىلدۇردى.

«ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى بايانلىرى» ناملىق مەزكۇر كىتابقا يەنە قوشۇمچە سۈپىتىدە «خىتاي مەنبەلىرى بويىچە» دەپ قىستۇرما بېرىلگەن بولۇپ، روشەنكى ئاپتور ئەسىرىنى يېزىشتا ئاساسلىقى خىتاي تارىخى مەنبەلىرىدە قەيت قىلىنغان ئۇيغۇرلار تارىخىغا ئائىت ئۇچۇرلاردىن كۆپلەپ پايدىلانغان.

پروفېسسور پوزدنېيېۋنىڭ مەزكۇر كىتابى 7 باپ ۋە ئۈچ قوشۇمچىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، 153 بەتتىن تۈزۈلگەن.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «شەرقشۇناسلىق» تورىدا ئېلان قىلىنغان «دمىترىي پوزدنېيېۋنىڭ تەرجىمىھالى» ناملىق ماقالىگە ئاساسلانغاندا

دىمىترىي پوزدنېيېۋ 1865 – يىلى، رۇسىيەنىڭ ئاريول شەھىرىدە تۇغۇلغان. كىچىكىدە دىنى مەكتەپلەردە ئوقۇغان. 1889 – يىلى كىيېۋ دىنىي ئاكادېمىيەسىدە مەخسۇس تارىخ ئىلمى ئۆگىنىپ، «15 – ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خرىستىيان دىنى» دېگەن تېمىدا پەن كاندىدات دوكتور بولغان، ئارقىدىن پېتېربۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرق تىللىرىنى فاكۇلتېتىنى تۈگەتكەن، يەنى خىتايچە ۋە باشقا تىللارنى ئۆگەنگەن. شۇنىڭدەك بۇ مەكتەپتە پروفېسسور ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، كېيىن ئۇ ياپونچە ئۆگىنىپ تەتقىق قىلىپ، تۈكنى رۇسچە – ياپونچە لۇغەتنى يېزىپ چىققان. ئەمما، ئۇ 1937 – يىلى، ستالىن ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «خەلق دۈشمىنى» دەپ قارىلىنىپ، تازىلاشقا ئۇچراپ، شۇ يىلى 10 – ئايدا ئېتىپ تاشلانغان ئىدى.

Share
2446 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.