logo

trugen jacn

رويتېرىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 2013-يىلىدىن بۇيان بىر قوللۇق ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» 24-ئۆكتەبىر رەسمىي ھالدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا «شى جىنپىڭ ئىدىيەسى» ھەققىدىكى مەزمۇنلارمۇ پارتىيە نىزامنامىسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسىغا كىرگۈزۈلگەن. بۇنىڭ بىلەن شى جىنپىڭنىڭ «خىتاي چۈشى» ئىدىيەسى قانۇنىي ئاساسقا ئىگە بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ھوقۇق دائىرىسىنىڭ تېخىمۇ زورىيىشىغا يول ئېچىلغان. خىتاي مەسىلىلىرى ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، «بۇ، خىتاينىڭ تاشقى سىياسەتكە بارغانسېرى بەكرەك ئېتىۋار بېرىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭدەك شى جىنپىڭنىڭ خىتاينى دۇنيانىڭ خوجىسى قىلىش ئارزۇسىنىڭ ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» دېگەن. مەلۇم بولۇشىچە، «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» نىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۇيغۇرلار دىيارى ھەرقاچان «ئاچقۇچلۇق» ئامىل ھېسابلىنىدىكەن. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيى ئېچىلغان تۇنجى كۈنى شى جىنپىڭ خىزمەت دوكلاتى بېرىپ، «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشىغا توسالغۇ بولىدىغان ھەرقانداق شەكىلدىكى ئاغدۇرمىچىلىق ياكى بۆلگۈنچىلىك قىلمىشىغا قاتتىق زەربە بېرىمىز» دېگەن ئىدى. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرى بۇنى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى قاتتىق قوللۇق سىياسەتنىڭ بۇندىن كېيىن تېخىمۇ ئېشىپ بېرىشى ھەققىدىكى سىگنال، دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 

رويتېرىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 2013-يىلىدىن بۇيان بىر قوللۇق ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» 24-ئۆكتەبىر رەسمىي ھالدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈلگەن.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا «شى جىنپىڭ ئىدىيەسى» ھەققىدىكى مەزمۇنلارمۇ پارتىيە نىزامنامىسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسىغا كىرگۈزۈلگەن. بۇنىڭ بىلەن شى جىنپىڭنىڭ «خىتاي چۈشى» ئىدىيەسى قانۇنىي ئاساسقا ئىگە بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ھوقۇق دائىرىسىنىڭ تېخىمۇ زورىيىشىغا يول ئېچىلغان.

خىتاي مەسىلىلىرى ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، «بۇ، خىتاينىڭ تاشقى سىياسەتكە بارغانسېرى بەكرەك ئېتىۋار بېرىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭدەك شى جىنپىڭنىڭ خىتاينى دۇنيانىڭ خوجىسى قىلىش ئارزۇسىنىڭ ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» نىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۇيغۇرلار دىيارى ھەرقاچان «ئاچقۇچلۇق» ئامىل ھېسابلىنىدىكەن. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيى ئېچىلغان تۇنجى كۈنى شى جىنپىڭ خىزمەت دوكلاتى بېرىپ، «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشىغا توسالغۇ بولىدىغان ھەرقانداق شەكىلدىكى ئاغدۇرمىچىلىق ياكى بۆلگۈنچىلىك قىلمىشىغا قاتتىق زەربە بېرىمىز» دېگەن ئىدى. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرى بۇنى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى قاتتىق قوللۇق سىياسەتنىڭ بۇندىن كېيىن تېخىمۇ ئېشىپ بېرىشى ھەققىدىكى سىگنال، دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/bir-belwagh-bir-yol-10242017170142.html

Share
1825 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.