logo

trugen jacn

رويتېرست ئاگېنتلىقى: «ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرگىمۇ خوڭكوڭلۇقلاردەك يۈكسەك ئاپتونومىيە ۋەدە قىلىنغان، بىراق رېئاللىققا ئايلانمىغان»

hong-kongda-da-protestolar-ulusal-gunde-de-suruyor6dbc7acc396003ef46c4

خوڭكوڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دېموكراتىيە تەلەپ قىلىۋاتقان نامايىشى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ ئەھۋالىغا سېلىشتۇرما قىلىنماقتا. بۈگۈن رويتېرستا ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭنى قايتۇرۇۋېلىشتىن ئاۋۋال ئۇلارغا قانداق دېموكراتىيە ۋەدە قىلغان بولسا، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرگىمۇ يۈكسەك ئاپتونومىيە ۋەدە قىلغانلىقى، بىراق ئۇنىڭ ھېچقاچان ئەمەلگە ئاشمىغانلىقى بايان قىلىندى

خەۋەردە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىدىكى بۇ ئېتنىك رايونلارغا يۈكسەك ئاپتونومىيە بېرىش تۈگۈل، ئۇلارنىڭ دىنى، مەدەنىيىتى ۋە تىلىنى قوغداپ قېلىشىغىمۇ چەكلىمە قويۇۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغان

خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭدىكى نامايىشلارنى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى چەتئەل كۈچلىرىنىڭ كۈشكۈرتۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. رويتېرس خەۋىرىدە، «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ۋە تىبەتتە يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىمۇ ئۆز سىياسىتىنى كۆزدىن كەچۈرۈشنىڭ ئورنىغا، ھەر ۋاقىت تاشقى كۈچلەرنى ئەيىبلەيدۇ» دەپ بايان قىلغان. خەۋەردە يەنە، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ خوڭكوڭلۇقلاردەك تەلەيلىك ئەمەسلىكىنى، ئەگەر ئۇلار خوڭكوڭلۇق ئوقۇغۇچىلاردەك كوچىنى ئىگىلەپ تىنچ يول بىلەن نامايىش قىلىمەن، دېسە، گاز بومبىسىدىنمۇ ئېغىر ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن سۆھبەتكە ئولتۇرۇش ئىمكانىنىڭ يوق دېيەرلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن

بىراق، خەۋەردە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى بۇنداق قاتتىق قول سىياسەتلىرى ھامىنى بىر كۈنى بۇ رايونلاردا زور پارتلاش خاراكتېرلىك ۋەقە پەيدا قىلىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقى بايان قىلىنغان

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/xongkong-weziyiti-10092014162513.html

Share
1727 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.