logo

trugen jacn

روشەن ئابباسنىڭ ھادسۇن ئېنۇستىتۇتىدا سۆزلىگەن سۆزى

ئىنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: كۆرەش

رەھمەت سىزگە ئېرىك! سىز ۋاشىنگىتوندا ئۇيغۇرلارنىڭ مەسلىسىنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقىشتا ھەقىقەتەن ياخشى باشلامچى بولدىڭىز. قاتناشقۇچىلارنىڭ بۇگۇن كېلىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈنمۇ رەھمەت ئېيتىمەن.

مىنىڭ سمىم روشەن ئابباس، مەن گەرچە ئالىم-مۇتەخەسسىسلەردىن بولمىساممۇ مۇھاجىرەتتىكى بىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن سۆزلىگۈچىلەر ھازىر مۇھاكىمە قىلىپ چىققان تېمىلارنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتىمەن.
ھازىر خىتايغا قويۇلغان تاموزھنا بېجى ھەققىدىكى كۆپلىگەن خەۋەرلەر تارقىلىپ يۈرگەن بولسىمۇ، بىر مىليون دېگەن بۇ ساننى ئانچە كۆپ ئاڭلىمىدۇق. بىر مىليون دېگەن گەپ پۈتكۈل ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونىنىڭ ئومۇمى نوپۇسىدىنمۇ كۆپ بولغان بىر سان، شۇنداقلا ھازىر خىتايدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىۋېتىلگەن بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمى سانى. بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلار جازالاش لاگىرلىرىدا تۇرماقتا. خۇددى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى ئېلان قىلغاندەك بۇ ھال زامانىمىزدىكى بىر مىللەتنىڭ ئەڭ زور ساندا قاماققا ئېلىنىشىنىڭ مىسالىدۇر.

ھالبۇكى خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ لاگېرلارنى <تېخنىكا تەربىيەلەش مەركەزلىرى> دەپ ئاتىماقتا. ئەمما شاھىدلار ۋە خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ مەركەزلەر قوراللىق مۇھاپىزەتچىلەر، تىكەنلىك سىم توساقلار، قىستاڭ كامېرلار، ئۇزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، تازىلىق دېگەندىن ئېغىز ئاچقىلى بولماسلىق، ئۆيدىن جۇدا بولۇش دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى بىر گەۋدىلەشكەن ماكاننى كورسەتمەكتە. بۇ مەركەزلەر دىگەنلىك يەنە، كىشىلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى، كىملىكىنى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى يوقىتىش بولماقتا. بۇ مەركەزلەردە ئۇلارنىڭ كىشىلىك مەۋقەسى مەجبۇرىي ئۆزگەرتىلمەكتە. ئۇلار روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتە خورلانماقتا. قارىماققا مەن بۇ يەردە جازا لاگىرلىرىنى تەسۋىرلەۋاتقاندەك تۇرىمەن، شۇنداق ئەمەسمۇ؟

1949-يىلى ماۋزىدوڭ شەرقى تۈركىستاننى ئىشغال قىلىۋالغاندىن كىيىن ،خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىنى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن توختىماي ھەرىكەت قىلىپ كەلدى. ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق ”مىللەتچى“،“ئەكسىلئىنقىلاپچى“ ۋە ”بۆلگۈنچى“ دىگەن قالپاقلار بىلەن جازالاپ كەلدى. 11-سىنتەبىر تىرادىگىيەسىدىن كىيىن، كوممۇنىست دائىرىلىرى ئۆزىنىڭ قىلمىشلىرىغا قايتىدىن ”تىرورىزىمغا قارشى تۇرۇش“ ماركىسىنى چاپلىدى. بۇگۇن ئۇيغۇرلار شى جىنپىڭنىڭ ”بىر بەلباغ، بىر يول“ سىياسىتىنىڭ قۇربانى بولۇپ قالدى. پۈتۈن رايون قارىلىنىپ توھمەت ئاستىدا قالدى. مەدەنىيەت ۋە كوللىكتىپنى نىشان قىلغان جازالاش ئومۇملاشتى. قامالغان بىر مىلىيوندىن ئارتۇق كىشلەر ھىچقانداق جىنايەت بىلەن ئەيىپلەنگىنى يوق. ناھىيەلەر، رايونلار ۋە مەھەللىلەر پۈتۈنلەي ئايرىلىپ چەكلەنگەن، خىتاي بارلىق سىياسى قارشىلىقنى ”ئىسلامى تىرورىزىم“بىلەن باغلاپ، بۇنى باھانە قىلىپ، د ئەن ئا ئۇچۇرى توپلاش، كۆزىتىش كامىرالىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، يۈزىنى تونۇش يۇمشاق دىتالى ۋە ئاپتوموبىللارغىچە گى پى ئەس كۆزىتىش سىستىمىسنى ئورناتقان.

ختتاي تۆۋەندىكىدەك كىشلەرنى لاگىرلارغا ئەۋەتكەن:

خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان تونۇلغان ئالىم، دوكتۇر راھىلە داۋۇت.
ئاممىباب ناخشچى ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ.
ئىرفان ھەزىم، كەسپى پۇتبولچى.
ئۇنېۋىرسىتىت مۇدىرلىرىدىن تاشپولات تېيىپ ۋە خالمۇرات غوپۇر.
خىتاي يەنە 82 ياشقا كىرگەن مەشھۇر دىنى ئالىم، خىتاينىڭ رۇخسىتى بىلەن قۇرئان كەرىمنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان مۇھەممەد سالىھ ھاجىمنى تۇتقۇن قىلغان بولۇپ، ئۇ لاگىردا ئۆلۈپ كەتتى.

بىراق بۇلار پەقەت مەشھۇر شەخسلەر ياكى چەتئەلگە چىققانلارغىلا يۈز بەرىۋاتقان ئىش ئەمەس. مىنىڭ ئائىلەممۇ دۇچ كىلىۋاتقان بىر مەسىلە. مىنىڭ خوتەندىكى 71 ياشلىق دىھقان ۋە 69 ياشقا كىرگەن ئائىلە ئايالى قىيىن ئاتا-ئانام ۋە ئۇلارنىڭ ئۈچ قىزى ۋە بىر كىلىنى ئەرلىرىنى بىلەن قوشۇلۇپ يوقاپ كەتكەن. 2017-يىلى ئاپرىلدىن تا ھازىرغىچە يولدىشىم ئىككىمىز ئۇلارنىڭ ھىچقانداق خەۋىرىنى ئالالمىدۇق. بىز ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ لازا لاگىرلىرىغا قامالغان بولۇشىدىن ئەندىشە قىلىمىز. بىز ھازىرغىچە يولدىشىمنىڭ 3 ياشتىن 22 ياشقىچە بولغان 14 نەپەر جىيەنلىرىنىڭمۇ قاتەردە ئىكەنلىگىنى بىلمەيمىز شۇنداقلا ئۇلارنىڭ تەقدىرىدىن ئەندىشە قىلىمىز. بىز ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكلىرىدىكى يېتىمخانىلارغا ئەۋەتىلگەن بولۇشىدىن ئەنسىرەيمىز. بىز يەنە قىينى ئېنىم ئابدۇرىھىم ئىدرىسنىڭ 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىدۇق.

دىلنۇر ئەنۋەر، ئۇچ بالىنىڭ ئانىسى. ئۇ 2016-يىلى ئاسپرانتلىق ئوقۇش ئۈچۈن ستانبۇلغا بىر قىزىنى ئىلىپ كەلگەن. ئۇنىڭ 5 ياشلىق ۋە 7 ياشلىق 2 بالىسى چوڭ ئاپا-چوڭ دادىسى بىلەن قەشقەردە قالغان. 2017-يىلى 4-ئايدا، قەشقەر ساقچىلىرى ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنىڭ دەرھال قايتىپ كىلىشىنى ،بولمىسا ئۇنىڭ جازالىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. دىلنۇر تۈركىيە ۋە مىسىردىن قايتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇقاپ كەتكەنلىكى ياكى تۇتۇلغانلىقى ياكى ئۆلگەنلىكىنى بىلگەچكە قايتىمىغان. ئۇنىڭ بالىلىرى چوڭ ئانا-چوڭ دادىسىنىڭ ئۆيىدىن ئىلىپ كېتىلگەن، ئۇ ھازىر قىزلىرىنىڭ نەدىلىكىنى بىلمەيدۇ.

مەھمۇتجان ئەركىن، ئىلگىرى شەرقى تۈركستاندا ئوقۇتقۇچى ئىدى. 2016-يىلى تۈركىيەگە كىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ساقچىلار ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلاشقان. ساقچىلار ئۇنىڭدىن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە جاسوسلۇق قىلىشىنى، كوممۇنىستىك پارتىيەنى ماختاپ ماقالە يېزىشىنى ،شۇنداق قىلسا تۈركىيەدە ئۇنىڭغا ياخشى ئۆي ۋە پۇل بىرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان. ئۇ رەت قىلغاندا، ساقچىلار ئۇنى خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىغا تىرورچى دەپ دوكلات قىلىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سالغان. مەھمۇتجان بۇنى جامائەتكە ئاشكارلىدى.

بۇنىڭغا ئوخشايدىغان ۋە بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە قورقۇنچلۇق مىلىيونلىغان ھېكايىلەر بار. ئەركىن ئاسيا رادىئوسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار كەڭ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا غايەت زور ساندا جەسەت كۆيدۇرۇش ئورنى قۇرۇۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى. بۇ بىر ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بولسىمۇ، بىراق دۇنيا كۆزىنى يۇمۇۋالماقتا.

بىز دۇنيا رەھبەرلىرى، سىياسىيونلار، ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار ۋە ئىجتىمائى جامائەتچىلىگىدىن كوممۇنىست خىتاينىڭ رەزىللىكىگە قارشى بىر ئاۋاز بولۇشىنى، بۈگۈنكى دەۋردىكى مىسلىسىز زوراۋانلىققا خاتىمە بىرىش ئۈچۈن بىرلىكتە قەدەم ئىلىشنى تەلەپ قىلىمىز. ۋاقىت كىچىكىپ كەتمەستە ھەرىكەتكە كىلىشىنى سورايمىز!

Share
1968 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.