logo

trugen jacn

روشەن ئابباس:قەلبدە مىڭ ئارمان، مىليون مۇھەببەت

قەلبدە مىڭ ئارمان، مىليون مۇھەببەت

 

روشەن ئابباس

ئويغاتتى ئۇيقۇدىن، ئۇخلىغان ئەرنى،
ئەشۇ چاغ، غۇرۇرلۇق مەكتەپ ياشلىرى.
ۋۇجۇتتا بىر غايە، مىڭلارچە ئارزۇ،
مۇجىزە كورسەتتى تاڭنىڭ ئاتقىنى.

قەۋرىدىن چىقتى ”تۇمۇ“ر ساداسى،
كەلدى ”ھاجى“ نىڭ دەرتلىك نىداسى،
ئارىدىن ئوتكەندە 50-60 يىل،
يەنە بىر قېتىم بۇلبۇل ناۋاسى.

دىكابىر ئېيىدا قارلار ئۇچقۇنى.
ئۇرۇمچى ئاسمىنى تۇتتىغۇ ماتەم.
قەلبدە مىڭ ئارمان، مىليون مۇھەببەت،
ھاياتقا ئېلىندى شۇ ئىغىر قەدەم.

غەپلەتتىكى مۇز-مۇردا ئەمەس بىز، دىدۇق.
كاللىدا ئەقىل بار، بەس يىتەر، دىدۇق.
بىزدىمۇ غۇرۇر بار، ۋىجدان بار، دىدۇق.
بىرلىشىپ غەلبەچۇن بىز تەييار، دىدۇق.

مەرىپەت بېغىدىن چېلىندى گۈدۈك،
”دىكابىر-دىكابىر“ ئۇنىڭ مىسراسى.
شۇ قاردا، قىز-يىگىتلەر مەيداندا شۇدەم،
ستۇدېنت قەلبىدە ھايات شەيداسى.

30 يىل ئوتۇپتۇ مانا مۇقەددەم،
يۇرەكتە ئىشەنچ كۇچ، ۋەتەن جىلۋىسى.
ھەقىقەت داۋانى مۈشكۈل بىلىنمەس,
ئوچمەيدۇ مەڭگۇگە ستۇدىنت ئىزى.

2015 12-ئاي 12-كۈن

Share
2827 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.