logo

trugen jacn

رامىزاننى قانداق كۈتۈۋالىسىز؟

 

مۇھەممەد يۈسۈپ

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن قېرىنداشلار! جانابى ئاللاھ تائالا ھەممىڭلارنى ئۇلۇغ رامىزان ئېيىغا تەن ساقلىقىڭلار تولۇق، ئىمانىڭلار كامىل، كۆڭلۈڭلار خاتىرجەم، ئىشلىرىڭلار ئوڭۇشلۇق بولۇپ كىرىشكە نېسىپ قىلسۇن. بارلىق تائەت-ئىبادەتلىرىڭلارنى قوبۇل قىلسۇن، ئەزىز ۋەتىنىمىزدە ئىنسانىيەت كۆرۈپ باقمىغان ئېغىر كۈنلەرنى كۆرۈۋاتقان مۇسۇلمان خەلقىمىزنىڭ دۇئالىرىنى ئىجابەت قىلسۇن، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ئېغىر زۇلۇمنى كۆتۈرۈۋەتسۇن، ئامىن.
ھاياتلىق سەپىرى ئاللاھ تائالاغا كېتىپ بارغان بىر ئۇزۇن سەپەر بولۇپ، ئادەتتە ھەرقانداق بىر سەپەرنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن يېتەرلىك ئوزۇق_تۈلۈك ئېلىۋېلىشقا موھجا بولغىنىمىزەك، بۇ ھاياتلىق سەپىرىدىمۇ ئاخىرەتلىكىمىز ئۈچۈن ئوزۇقلۇق ئېلىۋېلىشقا موھتاجمىز. مەلۇمكى، ئاخىرەتلىك ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئوزۇقلۇق تەقۋالىقتۇر.
ناماز، روزا، قۇرئان ئوقۇش، دۇئا قىلىش قاتارلىق ئىبادەتلەر بىزنىڭ روھىمىزنى يۈكسەلدۈرىدىغان، ئەخلاقىمىزنى ئىسلاھ قىلىدىغان، نەپسىمىزنى پاكلايدىغان مەنىۋى ئېنېرگىيە خاراكتېرلىك ئىبادەتلەر بولۇپ، خۇددى ئادەتتىكى سەپەرلىرىمىزدە، يول بويى ئالدىمىزغا چىققان ماي قاچىلاش پونكىتلىرىدىن ماشىنىمىزغا ماي قاچىلاپ ماڭغىنىمىزدەك، رامىزان ئېيىغا ئوخشاش مەخسۇس ئايلاردا ئۆزىمىزنى روھىي ئوزۇقلار بىلەن تەمىنلەپ، تولۇقلاپ تۇرىشىمىز ئىنتايىن زۆرۈردۇر.
رامىزان ئېيى تەقۋالىقنى ئاشۇرۇش، نەپسنى كونترول قىلىشنى ئۆگىنىش، روھنى يۈكسەلدۈرۈش ۋە ئەخلاقنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن تولىمۇ ياخشى پۇرسەتتۇر. دۇنيادىكى بارچە ئىسلام ئەھلى رامىزان ئېيىنىڭ روھانىيلىقىغا ۋە بۇ ئايدىكى دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ۋاقىتلارغا مىھراج بولسا، بىز ئۇيغۇرلار ھەممىدىن بەك موھتاجمىز. چۈنكى بىز ئۆزىمىزنىڭ دەردىنى دۇنياغا ئاڭلىتالماي كېلىۋاتقان خەلقمىز. مەيلى دۇنيا بىزنىڭ دەدىمىزنى ئاڭلىمىسا ئاڭلىمىسۇن، ئاللاھ تائالاغا ئاڭلىتالىساق، ئاللاھ تائالاغا يېلىنىپ، ئۇنىڭدىن گۇناھلىرىمىزنى تىلەپ، ۋەتەن ئىچىدە ئوچۇق تۈرمە ھاياتىدا ئىڭرۋاتقان ئاشۇ ئەزىز خەلقىمىزنىڭ دەردىنى ئاڭلىتالىساق، شۇ بىزگە يېتەرلىكتۇر. چۈنكى ياردەم ۋە نۇسرەت ئاللاھ تائالادىن كېلىدۇ.
بىز ئاللاھ تائالاغا ئەڭ كۆپ ئىلتىجا قىلىشقا موھتاج خەلقمىز. رامىزان ئېيى بىز ئۈچۇن ئەڭ چوڭ پورسەتتۇر.
خەلقىمىزنى ئۇنۇتمايلى!
بىز ئەركىن دۇنيادا ئەزان ئاۋازىنى ئاڭلىغاندا، ۋەتەندە ئاشۇ گۈزەل ئەزان ئاۋازىدىن مەھرۇم قىلىنغان خەلقىمىزنى ئۇنۇتمايلى!
بىز خاتىرجەم ئولتۇرۇپ سوھۇرلۇق يېگەن ۋاقتىمىزنى ۋەتەندە سوھۇرلۇق يېيىشتىن مەھرۇم قىلىنغان خەلقىمىزنى ئۇنۇتمايلى!
بىز گۈزرل بىر ئىشتىھا بىلەن ئىفتار قىلغان ۋاقتىمىزدا ۋەتەندە بۇنىڭدىن مەھرۇم قىلىنغان خەلقىمىزنى ئۇنۇتمايلى!
بىز مەسجىدلەردە بەھۇزۇر قۇرئان تىلاۋىتى ئاڭلاپ تاراۋىھ نامىزى ئوقۇغان ۋاقتىمىزدا، ۋەتەندە بۇنى قىلىشتىن چەكلەنگەن خەلقىمىزنى ئۇنۇتمايلى!
بىز تولۇپ تاشقان خاتىرجەملىك ئىچىدە سەجدىگە باش قويغان ۋاقتىمىزدا، ۋەتەندە قورقۇنچ ۋە ئەندىشە ئىچىدە ياشاۋاتقان خەلقىمىزنى ئۇنۇتمايلى!

رامىزان ئېيىنىڭ روھانىيلىقىدىن پايدىلىنىپ، بۇ ئاينى ئاللاھنىڭ تائەت-ئىبادىتى بىلەن ئۆتكۈزۈپ، ئەخلاقىڭىزدىن قىڭغىرلىقلارنى تۈزىتىپ، ئەمەل-ئىبادەتلىرىڭىزدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ، ئۆزىڭىزنى بىر قېتىم رېمونت قىلىۋېلىشىڭىز ئۈچۈن تۆۋەندە سىزگە 20 تەكلىپنى تەقدىم قىلىمىز:
1. بىر ئاي بويىچە ئاللاھقا خالىس ئىبادەت قىلىش، ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىش بىلەن ساۋاب قازىنىشقا بەل باغلاپ نىيەتنى دۇرۇسلاش.
2. رامىزان ئېيى بويىچە ھەر كۈنى ئاز مىقداردا بولسىمۇ يوقسۇللارغا سەدىقە قىلىپ تۇرۇش.
3. ھەر كۈنى قۇرئان كەرىمنى كۆڭۈل قويۇپ، ئىخلاس بىلەن ئوقۇشنى ۋەزىپە قىلىش.
4. يالغاندىن، گەپ توشۇشتىن، غەيۋەتتىن ۋە ھاجەتسىز كۆپ سۆزلەشتىن تىلنى ساقلاش.
5. بالىلارنى تائەت-ئىبادەتكە كۆندۈرۈش، ئۇلار بىلەن ئولتۇرۇپ قۇرئان ئوقۇش، زىكىرلەرنى ئېيتىش ۋە مەسجىدلەرگە بىرگە ئېلىپ چىقىش.
6. بەش ۋاخ نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇپ، ئۇنىڭ سۈننەتلىرىنى تولۇق ئادا قىلىش.
7. ئاتا-ئانىنىڭ خىزمىتىنى كۆپرەك قىلىپ، ئىبادەت ۋە دۇئالىرىدا ئۇلارغا ھەنراھ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ياخشى دۇئاسىنى ئېلىۋېلىش.
8. ھەر ۋاقىت ئاللاھقا زىكىر، تەسبىھ ئېيتىشنى ئادەت قىلىۋېلىش.
9. مەسجىدلەردە ئېلىپ بېرىلىدىغان ۋەز-نەسىھەتلەرگە قولاق سېلىپ ئىبرەت ۋە دەرس ئېلىش.
10. ئۇرۇق-تۇغقانلارنى، قوشنىلارنى ۋە دوستلارنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنى رامىزان ئېيىنىڭ كەلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلەش.
11. گۇناھ-مەسىيەت سادىر قىلىپ سېلىشتىن قاتتىق ھەزەر قىلىش.
12. تاراۋىھ نامىزىنى مەسجىدلەردە تولۇق ئادا قىلىش.
13. گۇناھلار، كەمچىلىكلەر ۋە خاتالىقلار ئۈچۈن ھەر كۈنى تەۋبىنى يېڭىلاپ تۇرۇش.
14. دۇئانى كۆپ قىلىش، ئاللاھقا چىن يۈرەكتىن ئېسىلىش ۋە ئۇنىڭدىن مەدەت تىلەش.
15. ھەر كىمگە ناھايىتى ئىللىق، قىزغىن ۋە تەبەسسۇم بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىنىش.
16. پۈتۈن يېتەرسىزلىكلەرنى بۇ رامىزان ئېيىدا تولۇقلىۋېلىپ، شۇ بويىچە داۋام قىلىش.
17. رامىزاننىڭ ئاخىرقى 10 كۈننىڭ ئەھمىيىتىنى تونۇپ، ئىمكان بولسا كېچىلىرىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈش.
18. رامىزاندا بىر ئاي بويىچە ئالغان ئالغان روھىي ئوزۇق ۋە روھىي تەربىيەنىڭ كۈچى بىلەن ھاياتنىڭ ئاخىرغىچە بۇ ئىستىقامەتنى ساقلاشقا بەل باغلاش.
19. زاكاتنى تولۇق ۋە جايىدا ئادا قىلىش، فىتىر سەدىقىسىنى ھېيت كۈنىدىن بۇرۇن ئادا قىلىش.
20. ساۋاب ۋە شەرەپ جەھەتتە مىڭ ئايدىن ئۇلۇغ بولغان قەدىر كېچىسىنى تېپىش ئۈچۈن رامىزاننىڭ ئاخىر 10 كۈنىدە ئىبادەتنى كۆپ قىلىش.

Share
1620 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.