logo

trugen jacn

رامىزانلىق تەدبىر بويىچە خوتەندە ھەر بىر ئائىلىدە بىر كادىر يېتىپ -قوپماقتا

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ھەر يىلى رامىزان مەزگىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرىنى ھەسسىلەپ تەقىب قىلىدىغان ۋە چەكلەيدىغان پەيتى.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ رامىزاندا ئالغان تەدبىرلىرى تېخىمۇ قاتتىق ۋە قوبۇل قىلغۇسىز دەرىجىگە يەتكەن بولۇپ، ھەتتا دېھقان، چارۋىچىلارنىڭمۇ روزا تۇتۇشىنى چەكلەش ئۈچۈن ھەر ئائىلىگە بىردىن نازارەتچى كادىرنى سەپلىگەن، دائىرىلەر كەنتتە تۇرىدىغان بۇ كادىرلارغا رامىزاننىڭ ئالدىنقى 10 كۈنىدە دېھقانلار بىلەن «5 تە بىللە بولۇش » قا كاپالەتلىك قىلىش ۋەزىپىسىنى بەرگەن. بۇنىڭ بىلەن رامىزان ھارپىسىدىن باشلاپ ھەر بىر ئۇيغۇر دېھقان مۇشۇنداق كۈتۈلمىگەن مېھماندىن بىرنى ئۆيىدە قوندۇرۇشقا مەجبۇر بولماقتا ئىكەن.

رامىزان كىرىشى بىلەن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەر ساھەدىكىلەرنى خىتاينىڭ قىزىل بايرىقى ئاستىدا كوللېكتىپ پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ «ئۈچ خىل كۈچ» كە قارشى كۈرەش قىلىشتىكى مەيدانىنى ئىپادىلەشكە سېلىۋاتقانلىقى ۋە مۇشۇ مەزگىلدىكى مۇقىملىقنى جان تىكىپ قوغداش تەلىپى قويۇۋاتقانلىقى مەلۇم. تەڭرىتاغ تورى قاتارلىق خىتاي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ 50 نەچچە مىڭ ئەزاسى بار بولۇپ، 5-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 7دە، ئاپتونوم رايونلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن پۈتۈن رايون تەۋەسىدىكى كەنت (مەھەللە)تە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ 53 مىڭ ئەزاسى، كەنت (مەھەللە) پارتىيە ياچېيكىلىرىنىڭ 11 مىڭ سېكرېتارى بىرلا ۋاقىتتا ھەيۋەتلىك بەشيۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئاستىدا كوللېكتىپ پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇلغان. بولۇپمۇ ئۇلار ئاپتونوم رايوننىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما-تەلەپلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ» نىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە قەتئىي قارشى تۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن.

خەۋەردە يەنە شۇ كۈنى، ئاپتونوم رايونى بويىچە 6 مىليون 270 مىڭدىن كۆپرەك پارتىيە ئەزاسى، كادىر ۋە ئامما كەنت(مەھەللە) لەردىكى بايراق چىقىرىش نۇقتىلىرىغا يىغىلىپ، بۇ پائالىيەتكە قاتناشقانلىقى كۆرسىتىلدى.

كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ 6-نۆۋەتلىكى يېقىندا ھەر قايسى كەنتلەرگە چۈشكەن ئىدى. بىز رامىزاندا بۇ كەنتلەردە تۇرۇشلۇق كادىرلارنىڭ بۇ قەدەر جىددىي ئىپادە بىلدۈرۈپ يەنە قانداق ئالاھىدە ۋەزىپىلەرنى ئۆتۈۋاتقانلىقىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋەزىيىتى ئەڭ جىددىي ۋە ئەڭ كۈچلۈك مۇقىملىق تەدبىرلىرى يۈرگۈزۈلۈۋاتقان خوتەندىن مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشتۇق. مەلۇم ناھىيىدىكى بىر ساقچىخانىدىن، بۇ جايدا يۈرگۈزۈۋاتقان رامىزانلىق مۇقىملىق تەدبىرلىرى ھەققىدە سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرگەن بىر ساقچى، ساقچى ۋە كادىرلارنىڭ نۆۋەتتىكى مۇقىملىق ۋەزىيىتى جىددىي پەيتتە، شەنبە، يەكشەنبىلىرىمۇ دەم ئالماي خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ رامىزاندا ھەر بىر دۆلەت مەمۇرى ۋە كادىرلارنىڭ دېھقانلار بىلەن 5 تە بىللە بولۇش ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۆزىگە ۋەزىپە قىلىنغان ئائىلىلەردە 10 كۈنگىچە يېتىپ -قوپىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ساقچىدىن ئاشكارىلانغان «5 بىللە بولۇش» تەدبىرى ھەققىدە خوتەننىڭ يەنە بىر يېزىلىق ھۆكۈمەت ئىشخانىسىدىن سورىغىنىمىزدا، تېلېفون ئالغان كادىر تەپسىلىي جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، بۇنىڭ دېھقانلارنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان نامراتلارنى يۆلەش تەدبىرى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان بولسىمۇ، دەل رامىزاننىڭ ئالدىنقى 10 كۈنىدە ئېلىنغان بۇ تەدبىرنىڭ دېھقانلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىنى كۆزىتىش ۋە چەكلەشنى ھەم تەربىيە قىلىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى يوشۇرۇپ قالالمىدى.

قاراقاشتىكى بىر دېھقان رامىزان باشلانماي تۇرۇپلا ئۆزىنىڭ ئۆيىدە بىر ئەمەس‏، بىر نەچچە كادىرنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە دېھقانلار بۇ تۈزۈمگە مەجبۇرىي كۆندۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/ramizanliq-tedbir-05312017135747.html

Share
1321 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.