logo

trugen jacn

قازاقستان مۇسۇلمانلىرى باش مۇفتى; رامزان ئېيى مۇبارەك بولسۇن

erjan-300x166

ئېرژان ھاجى

قازاقستان مۇسۇلمانلىرى دىنىي باشقارمىسىنىڭ رەئىسى، باش مۇفتى

ناھايىتى مېھرىۋان ۋە شەپقەتلىك ئاللانىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

ھۆرمەتلىك مۇسۇلمان قېرىنداش­لار، ۋەتەنداشلار!ھەممىمىزنى مۇقەددەس روزا ئېيىغا ئامان-ئېسەن يەتكۈزگەن ئاللا تائالاغا چەكسىز مىننەتدارلىغىمىزنى ئىزھار قىلىمىز. سىلەرنى مۇبارەك رامزان ئېيىنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلىشى بىلەن مۇبارەكلەيمەن

رامزان – ئون ئىككى ئاينىڭ سۇلتانى، بەرىكەتلىك ھەم كەچۈرۈمى مول ئاي. كۈندىلىك تۇرمۇش ھەلەكچىلىگى بىلەن ژۈرىدىغان بەندىنىڭ ژۈرىگىگە بۇ ئايدا ئىمان نۇرى قۇيۇلىدۇ. سەۋەۋى، روزا ئادەمنى سەۋىر ۋە تەقۋادارلىققا تەربىيىلەيدۇ. سەۋىرلىك، خەيرىخاھلىق، مېھرىۋانلىق، قېرىنداشلىق كەبى ئىنسانىي ئالىي پەزىلەتلەر كۆپىيىپ، ئىمان كۈچىيىدۇ. رامزان – ئاللانىڭ مېھىر-شەپقىتى تۆكۈلۈپ، جەننەتنىڭ ئىشىگى ئېچىلىدىغان، ئىماننى كۈچەيتىشكە پۇرسەت بېرىدىغان بەرىكەتلىك ئاي. بۇ – ياراتقۇچىمىزنىڭ بەندىگە بەرگەن چەكسىز نېمىتى. تەڭدىشى يوق سوغا-تۆھپىسى.

سوۋاپلار ھەسسىلىنىپ يېزىلىدىغان ئايدا قىلىنىدىغان خەيرىخاھلىق پائالىيەتلەرنىڭ سوۋاۋى ئىنسان بالىسى ئۈچۈن مەخپىي. ھەتتا، روزا تۇتقۇچىغا بېرىلىدىغان سوغا بىلەن سوۋاپ، ھۆرمەت بىلەن مۇكاپات پەيغەمبەرلەر بىلەن پېرىشتەلەرگىمۇ نامەلۇم.

قۇدسى ھەدىستە ئاللا تائالا: «روزا – پەقەت مەن ئۈچۈن. ئۇنىڭ سوغىسىنى (سوۋاۋىنى) مەنلا ئۆلچەپ، مەنلا ھەدىيە قىلىمەن…»، دەپ روزىنىڭ قەدىر-قىممىتىنى، مەزمۇن-ماھىيىتىنى بايان قىلغان.

شاراپىتى بىلەن شاپائىتى مول ئايدا گۇناغا پاتىدىغان ئىشلاردىن باش تارتىپ، سوۋاپ توپلاشقا، روھىي دۇنىيامىزنى پاكلاشقا، ياراتقۇچىنىڭ رازىلىغىغا ئېرىشىشكە ئالدىرايلى!

رامزان ئېيىنىڭ قەدىر-قىممىتىنى ياخشى چۈشەنگەن ساھابىلار روزىغا ئالتە ئاي قالغان پەيتتىن باشلاپ: «رەببىمىز، بىزنى رامزان ئېيىغا ئامان-ئېسەن يەتكۈزگەيسەن!»، دەپ دۇئا قىلغان. بەندىنىڭ ئۇشبۇ ئايدا تۇتقان روزىسى، قوشۇمچە ئېتىقاتلىرى، ئۆزگىلەرگە قىلغان خەيرىخاھلىغى، بارلىق ئىزگۈ ئەمەللىرى ھەسسىلىنىپ يېزىلىدۇ.

روزا – كۈندۈزى پەقەت يەپ-ئىچىشتىن ئۆزىنى چەكلەش دېگەن سۆز ئەمەس. روزا – روھنىڭ ئوزۇغى، تەننىڭ داۋاسى. رامزان جان بىلەن تەننى مەنىۋىي تازىلايدىغان، مۇسۇلمان ئۈچۈن چوڭ سەۋىر-تاقەت مەكتىۋى. ئېغىزى مەككەم كىشىلەر ئەدەپ چېكىدىن چىققان بەندىلەرنىڭ ئۆزىگە قىلغان بەزىبىر ناشايىن ھەرىكەتلىرىنى كۆرۈپ، قوپال گەپ-سۆزلىرىنى ئاڭلىسىمۇ: «مەن روزىدار»، دېگەن بىر ئېغىز سۆز بىلەن ئۆزىنى توختىتىپ، سەۋىر ساقلايدۇ. ئەندى سەۋىر ئېگىسىگە بېرىلىدىغان سوغا – جەننەت.

سالامەتلىگى يار بەرمىگەن ياكى قېرىلىق يېتىپ روزا تۇتۇشقا چامىسى يەتمىگەن ئادەملەر روزا تۇتقان كىشىلەرگە ئىپتار بەرسە، ئۇمۇ – چوڭ سوۋاپ. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «ئاللا تائالا ئەڭ بولمىسا بىر دانە خورما، ھەتتا بىر ژۇتۇم سۇ بىلەن بولسىمۇ غەمخورلۇق قىلغانغا سوۋاپ يازىدۇ…»، دېگەن

بىيىل ئىيۇنь-ئىيۇلь ئايلىرىغا توغرا كەلگەن رامزاندا روزا تۇتۇشقا كۈننىڭ ئاپتىۋى ياكى باشقا سەۋەپلەر تەسىر قىلمايدۇ دەپ ئىشىنىمىز. سەۋەۋى، روزىنى روھىي جەھەتتىن ھىس قىلغان جان ئاللانىڭ تەڭدىشى يوق سوغىسىدىن قۇرۇق قالغۇسى كەلمەيدىغانلىغى ھەق

مېھىر-شەپقەت ئېيى – رامزان مۇبارەك بولسۇن

خاسىيەتلىك ئايدا تۇتقان روزىمىز، دۇئا-تىلەكلىرىمىز، قىلغان ئىبادەتلىرىمىز، ھەربىر ئىزگۈ ئەمەللىرىمىز قوبۇل بولغاي! ئاللا تائالا ئائىلىمىزگە خاتىرجەملىك، ئىشىمىزغا بەرىكەت-بىرلىك ئەتا قىلسۇن!

مۇستەقىللىگىمىز تېخىمۇ مۇستەھكەم، ئېلىمىز ئامان، دىيارىمىز تېچ بولغاي

ئامىن.

Рамзан ейи мубарәк болсун

logo

Share
1665 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.