logo

trugen jacn

د.ر. مەمەت ئىمىن: دۇنيادا نېمە قىلىش ئەڭ قىيىن؟

 

 

دۇنيادا نېمە قىلىش ئەڭ قىيىن؟ بۇ سوئالغا ھەر ئادەم ئۆز بىلگىنىگە ۋە ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىگە ئاساسەن ھەر خىل جاۋاپ بېرىشى مۇمكىن. شۇنداق، بۇ سوئالنىڭ ئۆلچەملىك بىر جاۋابى يوق. ئەگەر بىز بۇ سوالنىڭ شۇنداق بىر ئۆلچەملىك جاۋابى بار دېسەك، دۇنيادا ئەڭ قىيىن بولغان ئىش بەلكىم ئىنساننىڭ ئۆز ئۆزىنى يېڭىشى ياكى ئىنساننىڭ ئۆز ئۈستىدىن غالىپ كېلىشى، يەنى ئىنسان روھىنى كىشەنلىۋالغان زەنجىرىدىن قۇتۇلۇش بولسا كېرەك.
بەزىلىرىمىز قەلبىمىزدە ئويلىغانلىرىمىزنى ۋە ئۆز كۆز قاراشلىرىمىزنى ئەركىن ئازادە ئوتتۇرىغا قويۇشتىن قورقىمىز. بەزىلىرىمىز ئۆزىمىز ياخشى كۆرگەن كېيىم كېچەكنى كىيىشتىن ئەندىشە قىلىمىز. يەنە بەزىلىرىمىز ئاممىۋى سورۇنلاردا نۇتۇق سۆزلەشكە ۋە ياكى ئۆز ماھارەتلىرىمىزنى نامايان قىلىشتىن قورقىمىز. بەزىلىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ مېيىپ ۋە كەمتۈكلىكىمىزدىن نومۇس قىلىپ، ئىنسانلار بىلەن باردى كەلدى قىلمايمىز. بەزىلىرىمىز ئۆزىمىزنى مۇھىم خىزمەتلەرگە نامزات كۆرسىتىشكە پىتىنالمايمىز. ئۇلارنىڭ سەۋەبى باشقىلارنىڭ خاتا چۈشىنىپ قىلىشىدىن ۋە ياكى باشقىلارنىڭ بىزنى مەسخىرە قىلىشىدىن قورقىمىز.
بىز گەرچە ئەگەر راستىنلا شۇنداق قىلساق، ئەمەلىيەتتە قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمىسەكمۇ، بىز پەقەتلا شۇ سوبيېكتىپ پەرىزىمىزگە تايىنىڭ، نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىشتىن ئۆزىمىزنى تارتىمىز ۋە ياكى ئۇلارنى قىلىش ئۆزىمىزگە نىسبەتەن مۇمكىن بولمىغان قىيىن ئىش دەپ قارايمىز. بۇ يەردە قىيىن بولغىنى ئۇ ئىشلار ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىز. يەنى بىز ئۆز ئۆزىمىزنى يىڭەلمىگىنىمىز ئۈچۈن، تۇنجى بولۇپ ئۆزىمىزنىڭ ئۆتكەلدىن ئۆتەلمەيمىز ۋە ئۆزىمىزنىڭ ئۇ ئىشلارنى قىلالايدىغان ئىقتىدارىمىزنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلىمىز.
بەزىلىرىمىز ۋەتەندە ئۇرۇق تۇققانلىرىمىزنىڭ بىشىغا كەلمىگەن كۈنلەر قالمىغانلىقىنى بىلىپ تۇرساقمۇ، لىكىن ئوتۇرغا چىقىپ ئۇلار ئۈچۈن ئككى ئېغىز ھەق گەپ قىلىشتىن قورقايمىز. بەزىلىرىمىز داۋادا كۆزگە كۆرۈنگەن ۋە ياكى سىياسى ئاكتىپلىرىمىز بىلەن بىر سورۇندا بولۇپ قىلىشتىن ئەندىشە قىلىمىز. بەزىلىرىمىز ھەتتە ئىجتىمايى تاراتقۇلاردا ئۆز ئىسمىمىزنى قوللۇنۇشتىنمۇ ئەندىشە قىلىپ، پەردىنىڭ كەينىگە يوشۇرنىۋالىمىز. .ئەمىلىيەتتە ئۆزىمىزگە بۇ قورقۇنچىلارنى ياراتقان دەل ئۆزىمىز؛ ئۇ بىزنىڭ روھىمىزنى كىشەنلىۋالغان زەنجىرىدىن تېخى قۇتۇلۇپ بولالمىغانلىقىمىز سەۋەبىدىن.
ھەممىڭلارنىڭ بۇ ۋىدىيونى كۆرۈپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
نېكنىڭ نوتىقى
Share
2569 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.