logo

trugen jacn

د.ر. مەمەت ئىمىن: تۈركىيەدە كورونا ۋىرۇس تارقىلىشى ھەققىدە قىسقىچە تەھلىل

 

مەن 3 – ئاينىڭ 11 – كۈنى تۈركىيەدە تۇنجى ۋابا بايقالغاندىن ھازىرغا قەدەر، بۇ ۋابانىڭ تۈركىيەدىكى كۆپىيىش ئاھۋالىغا ئاساسەن، كىيىنكى بىر ئاي جەريانىدا تۈركىيەدىكى بۇ ۋابانىڭ كۆپىيىش ئەھۋالىنى ھىساپلاپ چىقتىم. بۇ پەقەتلا بىر ئالدىن قىلىنغان پەرەز، چوقۇم توغرا بولۇشى ناتايىن، بىراق بەلگۈلۈك پايدىلىنىش قىممىتى بار. ئىشىنىمەنكى تۈركىيەدىمى بۇنداق ھىساپلاشلار ئارقىلىق، كىيىنكى تەرەققىياتقا تەخمىن قىلىپ، شۇنىڭغا ئاساسەن بەزى تەبىرلەرنى ئىلىپ، شۇنىڭغا قاراپ تەييارلىقلارنى قىلىۋاتقان بولۇشى مۈمكىن.

ئامىركىدىكى يۇقۇملانغۇچىلار سانى، بىر ئاي ئىلگىرى 175 ئىدى، بىر ئايدىن كىيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ سان 1924 ھەسسە كۆپىيىپ، 336673 گە يەتتى. ئەگەر ئەينى ۋاقىتتا بىرسى ماڭا بىر ئايدىن كىيىن ئۇ ساننى 1924 ھەسسە كۆپىيىدۇ دىسە، مەن ھەرگۈز ئىشەنمىگەن بولاتتىم؛ ئەپسۇس بۇ بىزنىڭ ھازىرقى رىياللىقىمئىمىز. بۇ پەقەتلا تەكشۈرۈلۈپ يۇقۇملانغانلىقى ئىنىق بولغانلار سانى؛ تىخى تەكشۈرۈلمىگەنلىك سەۋەبىدىن سىتاستىكا قىلىنمىغانلار خىلى كۆپ بولۇشى مۈمكىن. شۇنداق بولغاندا، ئامىركىدا يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى ھازىرقى ساندىن نەچچە ھەسسە كۆپ بولۇشى مۈمكىن.

تۈركىيەدىكى يۇملانغۇچىلار سانى 3- ئاينىڭ 15 – كۈنى ئاران 18 بولۇپ، 20 كۈندىن كىيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ سان 1503 ھەسسە كۆپىيىپ، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 27069 گە يەتكەن. ئەگەر بۇ سان كىيىنكى بىر ئاي ئىچىدە 18 ھەسسە كۆپەيسە، يېرىم مىلىيۇن بولىدۇ، 36 ھەسسە كۆپەيسە 1 مىلىيۇن بولىدۇ دىگەن گەپ.

ئەلۋەتتە ئەگەر تۈركىيەدە ئۈنۈملۈك تەببىر ئىلىنىپ، بۇ ۋابانىڭ تۈركىيەدىكى كۆپىيىشى ئەڭ يۇقۇرى پەللىگە بىر ئاي بولماي يەتسە، ئۇندىن كىيىن بۇ ۋابانىڭ تۈركىيەدىكى كۆپىيىشى ھازىرقىدەك ئۇنداق تىز بولماسلىقى، ھەتتا تۆۋەنلىشى مۈمكىن. ئۇ تۈركىيەدىكى ئىلىنغان تەبىرنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇش بولماسلىقىغا باغلىق. شۇڭا ئالدىن مۆلچەرلەشنىڭ بىر پايدىسى، ئىلىنغان تەببىرنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، بۇ خىل يامان ئاقىۋەتنىڭ كىلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىشتۇر.

ئالدىنقىسى ياكى سول تەرەپتىكىسى: تۈركىيەدىكى بۇ ۋابانىڭ ھازىرقى ئوتۇرچە كۆپىيىش نىسبىتىگە ئاساسەن ھىساپ چىقىلغان سان.

كىيىنكىسى ياكى ئوڭ تەرەپتىكىسى: تۈركىيەدىكى بۇ ۋابانىڭ ھازرقى ئەڭ تۆۋەن كۆپىيىش نىسبىتى بويىچە ھىساپلاپ چىقىلغان سان.

ئالدىنقى شەرىت تەكشۈرۈلگەنلەر سانى چوقۇم يىتەرلىك بولۇشى كىرەك؛ ئەگەر تەكشۈرۈلگەنلەر يىتەرلىك بولمىغاندا يۇقۇملانغۇچىلار ۋاختىدا بايقالمايدۇ.

 Fotoğraf açıklaması yok.

Fotoğraf açıklaması yok.
Share
2560 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.