logo

trugen jacn

د ئۇ ق ھەيئىتى ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىتېتى رەھبەرلىرى بىلەن ئۇيغۇر مۇساپىرلار ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى

be94296f-c439-4b42-aa78-b22496e8548d

ئەركىن تارىم

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى ھەيئەت 11-ئاينىڭ 25-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئىشخانىسى مەسئۇللىرى ۋە بەزى ئالاھىدە ۋەكىللەر بىلەن ئۇچرىشىپ تايلاندتىكى مۇساپىرلار باشلىق، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلار مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ باردى.

24-25-نويابىر كۈنلىرى جەنۋەدە ئېچىلغان ب د ت نىڭ ئازسانلىقلار مۇنبىرىنىڭ 8-نۆۋەتلىك يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جەنۋەگە يېتىپ بارغان ھەيئەت، بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ب د ت نىڭ مۇساپىرلار ئالىي كومىتېتى مەسئۇللىرى، بەزى كومىتېتلارنىڭ ب د ت دىكى ۋەكىللىرى ۋە ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ھازىرغىچە تايلاندتا يېتىۋاتقان 60 ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار، قازاقىستان، قىرغىزىستان تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئىشخانىسىغا ئىلتىماس قىلىپ جاۋاب كۈتۈۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ھەيئەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئالاھىدە باياناتچىسى رىتا ئىسساك خانىم، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئازسانلىق مىللەتلەر مۇنبىرى ئالاھىدە باياناتچىسى Gay McDougall خانىملار بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلارنى ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ ئۇيغۇرلارنى كۆزىتىپ كېلىشىنى تەلەپ قىلغان.

دولقۇن ئەيسانىڭ ئېيتىشىچە، بۇ كىشىلەر ئۇيغۇر مەسىلىسىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپى بويىچە خىتايغا يىغىنغا بارىدىغانلىقىنى، بۇ جەرياندا ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىشنى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئالىي كومىتېتى ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىگە بۇرۇندىن تارتىپ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، سۈرىيەدىكى مۇساپىرلار مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن بۇ مەسىلە كېيىنكى پىلانغا چۈشۈپ قالغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر

 

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/uyghur-mesilisi-11262015152254.html

Share
2088 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.