logo

trugen jacn
03 سېنتەبىر 2014

د ئۇ ق خەلقئارانى ئىلھام توختى سوتىنىڭ قانۇنىي تەرتىپلەر بويىچە ئېچىلىشىغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى

 

 مېھرىبان

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، رادىئومىز ئارقىلىق بايانات بېرىپ، ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىلھام توختىنى 7-سېنتەبىر ئېچىلىدىغان سوتتىن ئىلگىرىكى يىغىنغا قاتناشتۇرماسلىق قارارىنى ئەيىبلىدى ۋە خەلقئارانى ئىلھام توختى ئۈستىدىن ئېچىلىدىغان سوتنىڭ قانۇنىي تەرتىپلەر بويىچە ئېلىپ بېرىلىشىغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى

دىلشات رىشىت مۇخبىرغا: «بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى تۈزگەن قانۇنىي بەلگىلىمىلەرنى ئەزەلدىن ئىجرا قىلمايدىغانلىقىنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى. ئىلھام توختىنىڭ قولغا ئېلىنىشىدىن تارتىپ ئۇنىڭ ئەيىبلىنىشىگىچە بولغان تەرتىپلەرنىڭ ھېچقايسىدا خىتاي ئۆزى تۈزگەن قانۇنىي تەرتىپلەرگە رىئايە قىلمىدى. ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنغىنىغا 8 ئايدىن ئاشتى، ئەمما ئۇ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتۈرۈلمىدى، تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا ئاچ قويۇلۇپ خارلاندى، ئادۋوكاتلارنىڭ ئەيىبلەش ماتېرىياللىرىنى كۆرۈپ چىقىشىغا يېتەرلىك ۋاقىت بېرىلمىدى. مانا ئەمدى سوتنىڭ تەييارلىق يىغىنىغا قاتنىشىش ھوقۇقىدىنمۇ مەھرۇم قىلىنىپتۇ

خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئىلھام توختىغا يوق جىنايەتلەرنى ئارتىپ، ئىلھام توختى ئۆزىگە ئارتىلغان بارلىق جىنايەتلەرنى ئىنكار قىلغان ئەھۋالدىمۇ، ئۇنى جازالاشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى بۇ ئەھۋالغا دىققەت قىلىشى كېرەك. خىتاي دائىرىلىرى ئىلھام توختى ئۈستىدىن ئاچماقچى بولغان سوتنىڭ قانۇنىي تەرتىپلەر بويىچە ئېچىلىشىغا بېسىم ئىشلىتىشى، بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق چەتئەل ئەلچىخانىلىرى سوتنىڭ جەريانىنى كۆزىتىشكە ئادەم ئەۋەتىشى كېرەك» دېدى

ئىلھام ئەپەندى ئادۋوكاتى لى فاڭپىڭ ئارقىلىق ئۆزىگە ئارتىلغان بارلىق جىنايەتلەرنى ئىنكار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما دائىرىلەر 7-سېنتەبىر كۈنى ئىلھام توختى سوتىنىڭ تەييارلىق يىغىنى ئېچىلىدىغانلىقىنى، ئەمما ئىلھام ئەپەندىنىڭ قاتناشتۇرۇلمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان، 1-سېنتەبىر كۈنى ئىلھام توختى دېلوسىدىكى ياردەمچى ئادۋوكات ليۇ شاۋيۈەن بۇ خەۋەرنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن بۈگۈن نۇرغۇنلىغان خەلقئارا مەتبۇئاتلار بۇ ھەقتە خەۋەر بەردى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/ilham-toxti-09022014165734.html

Share
1695 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.