logo

trugen jacn

دەۋاگەر سۇس بولسا، ئوغرى مۇتتەھەم بولۇر

مەشئەل ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى

2016 – يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئانا يۇرتىمىز شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇمىنىڭ شىددەت بىلەن ئېشىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى بۇ زۇلۇمغا قارشى كۈرەش قىلىشقا، تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈشكە ئاتلاندۇردى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ كۈنسېرى ئۇيغۇرلارغا پايدىلىق تەرەپكە يۈزلىنىشى ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى خەلقئارا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كىردى.
بولۇپمۇ 2019 – يىلى 3 – دېكابىر كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا «2019 – يىلى ئۇيغۇر قانۇن لايىھەسى»نىڭ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىنىشى ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كانادا، ئاۋسترالىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا قاتناشقان خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى يەرشارى ماگىنىستىكى قانۇنى بىلەن جازالاش سادالىرىنىڭ يوقۇرى كۆتۈرۈلىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئالاقزادە قىلىۋەتتى.
خەلقئارادا شەكىللىنىۋاتقان بېسىمىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن خىتاي ھۆكۈمىتى، 2019 – يىلى 9 – دېكابىر كۈنى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ قورچاق رەئىسى شۆھرەت زاكىرنى سەھنىگە چىقىرىپ، «تەربىيەلەش مەركەزلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار»نىڭ ھەممىسىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئائىلىسىگە قايتقانلىقىنى ئېلان قىلدۇردى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ خەلقئارادا بەزى مەتبۇئاتلاردا ئانا يۇرتىمىزدىكى «تەربىيەلەش مەركەزلىرى»نىڭ تاقالغانلىقى ياكى تاقىلىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر چىقىشقا باشلىدى.
16 – دېكابىردا ئىرېلاندىيە ۋاقىت گېزىتىدە بىر خەۋەر ئېلان قىلىنغان بولۇپ، خەۋەردە ئىككى مۇخبىرنىڭ بىر قانچە كۈن ئىلگىرى قەشقەرگە زىيارەتكە بارغانلىقى، قەشقەردىكى ئىككى چوڭ لاگېرنىڭ ھەقىقەتەن تاقالغانلىقى، لاگېردا ھېچقانداق ئادەمنىڭ قالمىغانلىقى، ئۇلارنى 7 – ئايدا بارغاندا كۈتۈۋالغان مىجىت مەھمۇدنىڭ بۇ يىل 11 – ئاينىڭ ئاخىرىدا بارلىق لاگېرنىڭ تاقالغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى يېزىلغان .
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن بولۇپ، يېقىنقى بىر قانچە يىللىق ئارخىپلارنى كۆيدۈرۈپ يوق قىلىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكى ھەققىدىمۇ مەلۇماتلار كېلىۋاتىدۇ . زۇلۇمغا بىۋاسىتە ئۇچرىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىز – دېرىكىنى قىلىش، ئۇلارنىڭ ھېسابىنى سوراش مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ باش تارتىپ بولماس بۇرچىدۇر.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جىنايى قىلمىشلىرىنى يوشۇرۇپ، خەلقئارانىڭ كۆزىنى بويۇشىغا يول قويماسلىقىمىز، ئۇلارنىڭ ئەپتى بەشىرىسىنى ئېچىپ بېرىپ، خەلقئارانىڭ قوللىشىنى داۋاملىق قولغا كەلتۈرۈشىمىز ئۈچۈن، قولىمىزدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، يازما ۋە سىن ھۆججەتلىرىنى ئېلان قىلىپ، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىز – دېرىكىنى قىلايلى.
بۈگۈن خەلقئارا بىزنى قوللىماقتا. نوپۇزلۇق سىياسەتچىلەر، داڭلىق چولپانلار، سەنئەتچىلەر، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، ھۆكۈمەتلەر بىزنى قوللىماقتا. ئەھۋال مۇشۇنداق بولغان ئىكەن بىز تېخىمۇ بەك تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز، قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ئورنىمىزدىن دەس تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئىز – دېرىكىنى قىلىشىمىز لازىم.
قېرىنداشلار بۈگۈن قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن شاھىت بولىدىغان، ئۇلارنىڭ بوغۇلغان ئاۋازىنىڭ ياڭراق ساداسى بولىدىغان كۈندۇر.
بۈگۈن، ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىمىز «بىز شۇ ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن ئۆتكۈزۈۋاتقاندا بىز ئۈچۈن نېمىش قىلدىڭ؟» دەپ سورىغاندا، يەرگە قاراپ قالماسلىقىمىز، يۈزىمىزنىڭ قىزارماسلىقى ئۈچۈن قېرىنداشلىق بۇرچىمىزنى ئادا قىلايلى. بارچە ئاۋازىمىز بىلەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىسمىنى ياڭرىتايلى!
قېرىنداشلار كېلىڭلار، قېرىنداشلىق بۇرچىمىزنى ئادا قىلىش ئۈچۈن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىز – دېرىكىنى قىلايلى، بۇرچىمىزنى ئادا قىلايلى!
سىز تۆۋەندىكى ئۇلىنىش ۋە چاقىرىقلارغا ئاۋاز قوشۇش ئارقىلىق بىر كىشىلىك مەجبۇرىيىتىڭىزنى ئادا قىلالايسىز، ئىككىلەنمەڭ، قورقماڭ، دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈڭ!

لاگېر قۇربانلىرىنى تىمىزلاش ئورۇنلىرى:

ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا باشلانغان خىتاي زۇلۇمىنىڭ قۇربانلىرىنى، يەنى (1) ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان، (2) ئىز – دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن، (3) لاگېر – تۈرمىلەرگە سولانغان ۋە (4) سولاقتىكى قىيناش ئازابى تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كەتكەن تۇغقانلىرىڭىزنى تۆۋەندىكى ئورۇنلارنىڭ بىرسىگە ياكى ھەممىسىگە تىزىملىتىپ قويۇڭ:

1. ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرىنىڭ يېڭى تىزىملاش تور بېتىنى
https://www.utjd.org/register/

2. ئۇيغۇريار ئارخىۋى:
http://www.uyghuryar.org/2019/12/06/arxip/?fbclid=IwAR2rnyECInZbZWZeHHcPpQkmiA1CoLb8hgzum785DP9FCu7y79hdoXwy-0k

3. گەنە بۇنىن:
https://www.shahit.biz/uig/#

4. ب د ت غا گۇۋاھلىق بېرىش ھەققىدىكى مەزمۇنلار
https://m.facebook.com/story.php?story_fbid=831109563991124&id=1000127

Share
20547 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.