logo

trugen jacn

دېڭ شياۋپىڭنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى ۋە «ئازادلىق رادىيوسى» دا ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشنىڭ توختىتىلىشى

IMG_7330

قۇتلان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

1950 – يىللارنىڭ ئاخىرىلىرىدا گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىن ئاڭلىتىش بېرىۋاتقان «ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ تۈركىستان بۆلۈمى تەركىپىگە ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاڭلىتىش رەسمىي قوشۇلىدۇ.

شۇنىڭدىن باشلاپ، ئەركىن دۇنيادىن ھاۋا دولقۇنلىرىغا قويۇلغان ئۇيغۇر ئاۋازى باشقا قېرىنداش تۈركىي تىللىرىدىكى ئاڭلىتىشلار بىلەن بىللە سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقى ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا، ھەتتا خىتاي ئىشغالىيىتىدىكى ئۇيغۇرلار ۋەتىنىگە قەدەر ياڭرايدۇ.

ھالبۇكى، خىتايدا «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» ئاخىرىلىشىپ، يېڭى بىر دەۋرنىڭ سىگنالى چېلىنىۋاتقان 1970 – يىللارنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى يىلىدا «ئازادلىق رادىيوسى» دىن ياڭرىغان ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاڭلىتىش تۇيۇقسىز توختايدۇ.

«ئازادلىق رادىيوسى» دا ئۇزۇن يىل خىزمەت قىلغان شۇنداقلا ئۇنىڭدا ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاڭلىتىشنىڭ تەسىس قىلىنىشىدىن تاكى ئەمەلدىن قېلىشىغىچە بولغان جەريانلارغا شاھىت بولغان 85 ياشلىق غۇلامىددىن پاختا ئەپەندى ئارىدىن 36 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە مۇنۇلارنى ئەسلىمە قىلىدۇ:

«‹ئازادلىق رادىيوسى› دا ئۇيغۇر تىلىدىكى رادىيو ئاڭلىتىشىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋە ئەمەلدىن قېلىشى مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئامېرىكا بىلەن سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقى ۋە خىتايدىن ئىبارەت ئۈچ قۇتۇپنىڭ ”سوغۇق ئۇرۇش“ مەزگىلىدىكى مۇرەككەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بىر يۈزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. 1979 – يىلى خىتاي رەھبىرى دېڭ شياۋپىڭ ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىشتىن 15 كۈن ئىلگىرى ئامېرىكا رادىيو شىركىتى ”مالىيە قىيىنچىلىقى“ سەۋەبى بىلەن گېرمانىيەدىكى ‹ئازادلىق رادىيوسى› نىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشىنى توختاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى. بۇ ھەقتىكى نوتانىڭ بىر نۇسخىسى ھازىرمۇ مەندە ساقلانماقتا. شۇنىڭدىن كېيىن بىز ساتتار بۇلبۇل ۋە ئەركىن ئالپتېكىنلەر بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرچە رادىيو ئاڭلىتىشىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كۈچىمىزنىڭ بارىچە كۈرەش قىلدۇق. ئەپسۇسكى، ”ئازادلىق رادىيوسى“ نىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشى ئامېرىكا – خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قۇربانى قىلىۋېتىلدى.»

غۇلامىددىن پاختا ئەپەندى ئەينى چاغدا «ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن خىزمەتداشلىرىدىن ساتتار بۇلبۇل، ئەركىن ئالپتېكىن قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكا رادىيو شىركىتى ھەمدە ۋاشىنگتوندىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا دوكلاتلار يازغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

شۇنداق قىلىپ، گېرمانىيەدىن 20 يىللاپ ياڭرىغان «ئازادلىق رادىيوسى» دىكى ئۇيغۇر ئاۋازى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد رەھبىرى دېڭ شياۋپىڭنىڭ 1979 – يىلىدىكى ئامېرىكا زىيارىتى ئەسناسىدا ئامېرىكا – خىتاي دىپلوماتىيەسىنىڭ قۇربانى قىلىنىدۇ.

غۇلامىددىن پاختا ئەپەندى ساتتار بۇلبۇل، ئەركىن ئالپتېكىن قاتارلىق سەپداشلىرى بىلەن بىللە ئەينى چاغدا ھېسسىياتىنى مۇنداق بىر كۇپلىت شېئىر بىلەن ئىپادە قىلغانلىقىنى ئەسلەيدۇ

گەر چىقمىسا ئۇيغۇر ئۈنى بۈگۈنلۈك،
دېمەيلىككى، ئېغىزى باغلاق تۈگۈنلۈك.
ئۇيغۇر ئۈنى تا ئەزەلدىن ياڭرىغان،
يەنە چىقار ئۇيغۇر ئۈنى مەڭگۈلۈك.

غۇلامىددىن پاختا ئەپەندى يەنە ئاشۇ يىللاردا ئۆز سەپداشلىرىنىڭ ئەركىن دۇنيادىكى ئۇيغۇرچە رادىيو ئاۋازىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى ھەققىدە ئۆزى بىلگەن ۋە شاھىت بولغان ئەھۋاللاردىن تەپسىلىي مەلۇمات بېرىدۇ.

ئۇ، گېرمانىيەدىكى «ئازادلىق رادىيوسى» دا ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش توختىتىلىپ توپ – توغرا 19 يىل ئۆتكەندە، يەنى 1998 – يىلىغا كەلگەندە ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئۇيغۇرچە رادىيو ئاۋازىنىڭ قايتا ياڭرىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/deng-azadliq-radiyosi-07222015231414.html

Share
2249 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.