logo

trugen jacn

دۇنيا مىقياسىدا 29 شەھەردە خوڭكوڭدىكى مىليون كىشىلىك خىتايغا قارشى نامايشىنى قوللاش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى

رەسىمدە، نامايىشچىلارنىڭ قولىدىكى پلاكاتقا «خىتايغا قايتۇرۇلۇش مەڭگۈلۈك غايىب بولۇشتۇر» دەپ يېزىلغان

مىلييونلىغان خوڭكوڭ(شياڭگاڭ) ئاھالىسى 9- ئىيۇن كوچىلارغا تۆكۈلۈپ، جىنايەتچىلەرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى. نامايىشنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نامايىشقا قاتناشقانلار سانى بىر مىليوندىن ئاشقان بولۇپ، خوڭكوڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەندىن بۇيانقى يېڭى رېكورت يارىتىلدى.

خوڭكوڭ ھۆكۈمتىنىڭ «قاچقۇنلار نىزامنامىسى»نىڭ ئۆزگەرتىلگەن لايىھەسىدە، خوڭكوڭنىڭ خىتاي ئىچكىرى ئۆلكىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايونلارغا جىنايەت گۇماندارلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشىگە رۇخسەت قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقتتا، يېڭى قانۇندا قانۇن تۇرغۇزۇش كومىتېتىنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن دىلوغا بولغان نازارەتچىلىك رولى بىكار قىلىنغان. بۇ قانۇن لايىھەسى خوڭكوڭ جەمئىيىتىدە كۈچلۈك دەتالاش پەيدا قىلدى. خوڭكوڭ پۇقرالار ھوقۇقى ئالدىنقى سېپى ئۇيۇشتۇرغان  «قاچقۇنلار نىزامنامىسى»نىڭ ئۆزگەرتىلىشىگە قارشى ئۈچىنچى قېتىملىق نامايىش 9- ئىيۇن خوڭكوڭدا ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ قانۇن لايىھەسىنى كەسكىن تەنقىد قىلغان خوڭكوڭ قانۇن ساھەسىدىكى ۋەكىللەرنىڭ قارىشىچە، بۇ خوڭكوڭ ئەدلىيە سىستېمىسىغا بولغان بىر قېتىملىق ئېغىر خىرىس ئىكەن. قانۇن تۇرغۇزۇش كومىتېتى بۇ قانۇن لايىھەسىگە 12- ئىيۇن ئىككىنچى قېتىملىق قاراپ چىقىدىغان بولۇپ، كىشىلەر «قاچقۇنلار نىزامنامىسى»نىڭ خوڭكوڭنى «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش»تىن «خىتاي ئىچكى ئۆلكىسى»گە ئايلاندۇرۇپ قويۇشىدىن ئەنسىرىگەن.

3d88563c-f48b-4721-ac79-ce07c7dc3713
_107307388_gettyimages-1148497599

بۇ نامايىش كۈنلۈك ھەرىكىتىدىن بۇيانقى خوڭكوڭدىكى ئەڭ كەڭ كۆلەملىك خەلق ھەرىكىتى بولۇپ، نامايشىچلار سانى 2003- يىلىدىكى «ئاساسىي قانۇن»نىڭ 23- ماددىسىنى ئۆزگەرتىشكە قارشى 1- ئىيۇل نامايىشىغا قاتناشقان كىشىلەر سانىدىن ئېشىپ كەتكەن. ئۇ ۋاقتتا 500 مىڭ كىشى نامايىشقا قاتناشقان. «ئاساسى قانۇن»نىڭ 23- ماددىسىدا خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ئۆزى قانۇن تۇرغۇزۇپ، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈدىغان ھەرىكەتلەرنى مەنئىي قىلىشى لازىم دەپ بەلگىلەنگەن. خوڭكوڭ جەمئىيىتىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقى ئاستىدا، ئەينى ۋاقتتىكى خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرىي دوڭ جيەنخۇا 2003- يىلى 9- ئايدا ئاساسىي قانۇندىكى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە دائىر 23- ماددىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

3500 (1)

ئىگىلىنىشىچە، 9- ئىيۇن كۈنى، دۇنيا مىقياسىدا 29 شەھەردە خوڭكوڭدىكى نامايىشنى قوللاش پائاللىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ شەھەرلەر، تەيۋەننىڭ تەيبېي شەھىرى، ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك ۋە سان فرانسسىكو شەھىرى، كانادانىڭ ۋانكوۋېر ۋە تورونتو شەھىرى ۋە ياپونىيەنىڭ توكيو شەھىرى قاتارلىقلار ئىكەن.  ئاۋسترالىيەنىڭ موربىن، سىدنىي ۋە كانبېرا قاتارلىق شەھەرلىرىدىمۇ  «خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش»كە قارشى نامايىشلار ئۆتكۈزۈلگەن.

20190609_235538

نامايىشنى ئويۇشتۇرغان پۇقرالار ھوقۇقى ئالدىنقى سېپى نامايىشقا قاتناشقانلار سانىنىڭ بىر مىليوندىن ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن خوككوڭ ساقچىلىرى نامايىشچىلار سانىنىڭ 240 مىڭ ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

http://turkistantimes.com/uy/news-10795.html

Share
1970 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.