logo

trugen jacn

دۇنيا مىقياسىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى باستۇرۇشلىرىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

 

يۈزلىگەن نامايىشچى نۇرغۇن شەھەرلەردىكى خىتاي ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانىلىرى ئالدىدا جەم بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقى بىلەن بىر سەپتە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى

ئاناتولىيە ئاگېنتلىقى، 2019- يىلى 2- فېۋرال

گىرمانىيەدىكى ئەڭ چوڭ تۈرك – ئىسلام تەشكىلاتىنىڭ بىرى بولغان «ئىسلام جەمئىيىتى مىللىي قاراش» نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن نۇرغۇن شەھەردىكى خىتاي دىپلوماتىك ئورگانلىرى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى ۋە بايانات ئېلان قىلىندى.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسى كامال ئەرگۈن گىرمانىيەنىڭ دۈسسېلدورف شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە قاتناشتى. ئۇ پائالىيەتتە سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىقلىرى، دىنىي باستۇرۇشلىرى ۋە ئاتالمىش «تەربىيلەش لاگىرلىرى»نى تەنقىد قىلدى.

ئۇ خىتاينىڭ مەجبۇرىي تەربىيلەش لاگىرلىرىنىڭ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئىدېئولوگىيەسىنى ئۆگىتىپ، ئىسلامغا ھاقارەت قىلىدىغانلىقى ھەققىدە توختالدى ۋە بۇنى رەت قىلغانلارنىڭ قىيىن – قىستاققا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ئىز – دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئىز – دېرىكىنى قىلغان ئۇرۇغ – تۇغقانلىرىنىڭمۇ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ  قانۇنىي يولى ئارقىلىق ئۆزىنى ئاقلايدىغان بىر ئەدلىيە تەرتىپنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.

كامال ئەرگۈن ب د ت نى ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىشقا ۋە خىتايغا ئىمبارگۈ يۈرگۈزۈشكە چاقىردى.

يامغۇرغا قارىماستىن پائالىيەتكە 500 دەك كىشى قاتناشتى.

 

گىرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا نۇرغۇن ئاممىۋى تەشكىلاتلار قاتناشتى.  بۇ يەردە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، خىتاينى ئۇيغۇرلارغا قارشى كىشىلىك ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىقلىرىنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلىندى.

 

فرانكفوتتىكى خىتاي كونسۇلخانىسىغا يېقىن جايدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا 350 دەك كىشى قاتناشتى.

 

دانىيەدىكى ئىسلام جامائىتى پايتەخت كوپىنھاگىندىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسىدا ئالىدا نامايىش ئۆتكۈزدى. نامايىشقا مەزكۇر دۆلەتتە پائالىيەت قىلىۋاتقان تۈرك  تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە باشقا يۈزلىگەن كىشى قاتناشتى.

 

گوللاندىيەنىڭ دەنخاگ شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىغا يېقىن جايدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا 250 دەك كىشى ئىشتىراك قىلدى.

 

بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەنگىليەدىكى شۆبىسىمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

 

ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋىيېنادىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدىمۇ خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. نامايىشچىلار «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك!»، «ئۇيغۇرلارغا قارشى زۇلۇم توختىتىلسۇن!»، «ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىش توختات!» دېگەن شوئارلار يېزىلغان لوزىنكا ۋە پلاكاتلارنى كۆتۈرۈۋالغان ئىدى.

uighur-community-ap

بۇ پائالىيەتلەر 5- فېۋرالغىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، ئاۋسترالىيەنىڭ مېلبورن، ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك، گىرمانىيەنىڭ بىرلىن، دۈسسېلدورف، خامبۇرگ، فرانكفورت، ميۇنخېن، بىلگىيەنىڭ بريۇسسېل، بوسنىيا -ھېرتىسگوۋىنانىڭ سارايېۋا، دانىيەنىڭ پايتەختى كوپىنھاگىن، گوللاندىيەنىڭ دەنخاگ، نورۋېگىيەنىڭ ئوسلو، ئاۋسترىيەنىڭ ۋىيېنا، ئەنگىلىيەنىڭ لوندون، فرانسىيەنىڭ پارىژ، ليون، مارسىل، ستراسبورگ، شۋىتسارىيەنىڭ سيۇرىخ ۋە شۋىتسىيەنىڭ ستوكھولىم شەھەرلىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

 

ئۆتكەن يىلى ئاۋغۇستتا، ب د ت ئىرقىي كەمسىتىشنى يوقىتىش كومىتېتى جەنۋەدە ئۆتكۈزگەن بىر يىغىنىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى(شەرقىي تۈركىستان -ت(دا يەرلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن زىيانلىق سىياسىي ئىدىيەدە بولغان دەپ ئەيىبلەنگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەربىيلەش لاگىرلىرىغا قامالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مەزكۇر ئورگاننىڭ ۋەكىللىرى يەنە ئۈچ مىليونغا يېقىن كىشىنىڭ ھېچ قانداق ئەدلىيە تەرتىپىدىن ئۆتكۈزۈلمەستىن قاماپ قويۇلغانلىقىنى ئېيتقان.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇندىن بۇرۇن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان-ت)دا مۇسۇلمان تۈركلەرگە قارشى كەڭ كۆلەملىك، سىستېمىلىق كىشىلىك ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىقى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

 

http://turkistantimes.com/uy/news-10082.html
Share
1588 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.