logo

trugen jacn

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارى

 

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى
2017 – يىلى 6 – ئاينىڭ 23 – كۈنى

22 – ئىيۇن چاقىرىلغان د ئۇ ق دائىمىي كومىتېتىنىڭ تېلېفۇن يىغىنىغا قۇرۇلتاينىڭ 20 نەپەر دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرىدىن 13 نەپەر كىشى قاتناشتى. قۇرۇلتاي نىزامنامىسىنىڭ؛

16.1.1-ماددا (دائىمىي كومىتېت قۇرۇلتاينىڭ قارار ئېلىش ۋە رەھبەرلىك قىلىش ئاپپاراتىدۇر. ئۇ، قۇرۇلتاينىڭ سايلامدىن كېيىنكى بارلىق پائالىيەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ)،

16.1.5–ماددا (دائىمىي كومىتېت قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش ۋاقتى، ئورنى ۋە كۈنتەرتىبىنى بېكىتىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ھەققىدە قۇرۇلراي كاتىباتلىقىغا ۋەزىپە بېرىدۇ)،

16.1.7- ماددا (دائىمىي كومىتېت يىغىنلىرى، دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ يېرىمىدىن كوپرەكىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن سالاھىيەتلىك بۇلىدۇ) ،

16.1.8 – ماددا (دائىمىي كومىتېتنىڭ قارارلىرى، يىغىنغا قاتناشقان دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ 2/3 ئاۋاز كوپلىگى بىلەن ئېلىنىدۇ)،

دېگەن بەلگىلىمىسىگە بىنائەن، 13 ئاۋازنىڭ بىردەك ماقۇللىقى نەتىجىسىدە، تۆۋەندىكىچە قارار قوبۇل قىلىندى:

1. د ئۇ ق رەئىسى رابىيە خانىمنىڭ قۇرۇلتاي مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات ۋە قۇرۇلتاي تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى در. ئەركىن ئەكرەم ھەققىدە ئۆز ئالدىغا چىقارغان قارارى ئىناۋەتسىز. ئۆمەر قانات ۋە در. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىلەر قۇرۇلتايدىكى ۋەزىپىسىنى داۋام قىلدۇرۇش،

2. د ئۇ ق رەئىسى رابىيە خانىمنىڭ د ئۇ ق ئىچىدە يۈز بەرگەن تەشكىلىي كىرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن 2017 – يىلى 6 – ئاينىڭ 1 – كۈنى سۇنغان تەكلىپ لايىھەسىدىكى “ب” تەكلىپىنى قوبۇل قىلىش، يەنى، ئىچكىي كىرىزىسلارنى تولۇق ھەل قىلىش ئۈچۈن پەۋقۇلاددە قۇرۇلتاي چاقىرىش،

3. پەۋقۇلاددە قۇرۇلتاينىڭ ۋاقتى، ئورنىنى بەلگىلەش ۋە پەۋقۇلاددە قۇرۇلتاي تەييارلىق كومىتېتى قۇرۇش ۋەزىپىسىنى قۇرۇلتاي باش كاتىپلىقىغا تاپشۇرۇش،

4. 2017 – يىلى 7 – ئاينىڭ 21 – 23 – كۈنلىرى گوللاندىيەدە چاقىرىلماقچى بولغان “شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭەش” يىغىنىنى ۋاقتىنچە ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، پەۋقۇلاددە قۇرۇلتايدىن كېيىن ئۆتكۈزۈش. 4 – قارار 12 ئاۋازنىڭ ماقۇللىقى، 1 بىر ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن تەستىقتىن ئۆتتى

د ئۇ ق دائىمىي كومىتېتى

2017. 6. 23

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارى

Share
2197 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.