logo

trugen jacn

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاينىڭ يەنە بىر يالغان خەۋىرىگە قارشى بايانات ئېلان قىلدى

خىتاينىڭ پاكىستاندا چىقىرىۋاتقان TNI، يەنى «خەلقئارا خەۋەر تورى» تۈنۈگۈن خىتاي-پاكىستان ھەمكارلىقى ھەققىدە بىر خەۋەر ئېلان قىلغان.

خەۋەردە ئىككى تەرەپنىڭ پاكىستاندىكى خىتاي قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرى» غا ئېغىر زەربە بەرگەنلىكى بايان قىلىنغان. خەۋەردە دولقۇن ئەيسا، ئۆمەر قانات، ئابلىمىت تۇرسۇن، ئابدۇقادىر ياپچان قاتارلىق ئون نەچچە ئۇيغۇر پائالىيەتچىنىڭ نامى تىلغا ئېلىنىپ، ئۇلارنىڭ تۇتۇلۇپ خىتايغا قاتۇرۇلۇپ بېرىلگەنلىكى ياكى ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۈگۈن بۇنىڭغا دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بىلەن قۇرۇلتاي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قاناتنىڭ نۆۋەتتە ياپونىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى ۋە خىتاي تەرەپنى يىللاردىن بېرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ئۈستىدىكى تۆھمەتلىرىنى توختىتىشقا چاقىردى.

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققانىي ھەق-ھوقۇق كۈرەشلىرىنى تېررورلۇققا باغلاپ تەشۋىق قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى ئەيىبلەنگەن بۇ باياناتتا، خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى خەۋىرىنىڭمۇ خۇددى ئىلگىرىكىلىرىگە ئوخشاش باشتىن-ئاخىر ئويدۇرما پاكىتلار بىلەن توقۇلغانلىقى دەلىللەر بىلەن كۆرسىتىلگەن. پائالىيەتچى ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ نۆۋەتتە تۈركىيەدە، ئابلىمىت تۇرسۇننىڭ بولسا گېرمانىيەدە ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان باياناتتا، خەلقئارا جامائەتچىلىكنى خىتاينىڭ تاشقى دۇنيادا بارغانسېرى كېڭەيتىۋاتقان مۇشۇ خىل ساختا تەشۋىقاتلىرىغا ئالدانماسلىققا چاقىرىق قىلىنغان.

باياناتتا خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى ساختا تەشۋىقاتىنىڭ يېقىنقى ئايلاردىن بېرى يەنە كۈچەيگەنلىكى، خىتاينىڭ بۇ ئارقىلىق نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدا داۋام قىلىۋاتقان ئېغىر ۋە پاجىئەلىك ۋەزىيەتنى پەردازلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن. باياناتتا يەنە خىتاينىڭ دولقۇن ئەيساغا يۇقىرىقىغا ئوخشاش يالغان پاكىتلار بىلەن «تېررورچى» قالپىقى كىيدۈرۈپ خەلقئارا جامائەتنى 20 يىل ئالدىغانلىقى ۋە دولقۇن ئەيسانىڭ پائالىيەتلىرىگە كۆپ ئاۋارىچىلىكلەر تۇغدۇرغانلىقى ئەسكەرتىلگەن

https://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/yalghan-xewer-04042018165757.html

Share
1577 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.