logo

trugen jacn

دۇبەيدىكى تۇتقۇننىڭ ئايالى: يولدىشىم جېڭجۇدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇشىنى تاشلاشقا مەجبۇر بولغان

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

مۇخبىرىمىز بۈگۈن، ئۆتكەن ئايدا دۇبەيدە سىياسىي پاناھلىق تىلەۋاتقان مەزگىلىدە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر مۇھاجىر ھۈسەيىن ئىمىنتوختىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە خەلقئارا ئورگانلاردىن مەلۇمات سورىدى.

ب د ت نىڭ، پاناھلىق ئىشلىرىغا ئالاقىدار كومىتېتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسئۇلى بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ۋاشىنگتون ئەلچىخانىسى، مەزكۇر ئەھۋالغا ئالاقىدار سوئاللارغا خىتاينىڭ دۇبەيدىكى كونسۇلخانىسى جاۋاب بېرىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلدى. بۈگۈن ھۈسەيىن ئىمىنتوختى ھەققىدە ئىگىلەپ مەلۇمات بەرگەن ئايالى، ئۇنىڭ ئەسلىدە جېڭجۇدىكى بىر تېبابەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكى، خىتاي سالغان ئاۋارىچىلىك ۋە تەھدىت سەۋەبىدىن ئوقۇشىنى تاشلاپ تۈركىيەگە چىققانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بىز ئالدى بىلەن ب د ت پاناھلانغۇچىلار ئىشخانىسىنىڭ خەلقئارالىق ئالاقە خادىمى William Spindler بىلەن ئالاقىلەشتۇق. ئۇ مەزكۇر ئەھۋالغا ب د ت پاناھلىق ئىشخانىسىنىڭ ئوتتۇرا شەرق باياناتچىسى Mohammed ABU ASAKER بىلەن سۆزلىشىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. مۇھەممەد ئاسىكار ئەپەندى بولسا، ئەھۋالنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۆز ئىشخانىسىنىڭ بۇ خىل دېلولارغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئاخباراتچىلار بىلەن ئورتاقلىشالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ بۇ ئەھۋال ھەققىدە مەلۇمات بېرەلەيدىغان ئورۇننىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ۋاشىنگتون ئەلچىخانىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

بىز مەزكۇر ئەلچىخانا خادىمىغا، ھۈسەيىن ئىمىنتوختى ئىسىملىك بىر پاناھلانغۇچىنىڭ ب د ت دا پاناھلىق تىلەۋاتقان مەزگىلىدە تۇتۇلغانلىقى، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ئائىلە-تاۋابىئاتىنىڭ بۈگۈنگىچە ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمايۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلدۇق. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇنداق بىر ئەھۋالدىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، ئۇ بۇ ھەقتە ئۇچۇرغا ئىگە ۋە جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك ئورۇننىڭ خىتاينىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى ئەلچىخانىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

خىتاينىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ تېلېفونى-خىزمەت سىرتى ۋاقىتقا توغرا كەلگەنلىكىدىن بولسا كېرەك-ئېلىنمىدى.

بىز بۈگۈن يەنە تۇتقۇن ھۈسەيىن ئىمىنتوختىنىڭ ئايالى بىلەن ھۈسەيىننىڭ چەتئەلگە چىقىشتىن بۇرۇنقى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. ئۇ ھۈسەيىنگە خىتاي دائىرىلىرى كېلىۋاتقان ئاۋارىچىلىكنىڭ ئۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە باشلانغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇنىڭ دېيىشىچە ئۇ ئەسلىدە جېڭجۇدىكى بىر تېبابەت ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان بولۇپ، ئۇ ئوقۇش مەزگىلىدە ئۇيغۇر رايونىدىن كەلگەن ساقچىلارنىڭ بىرنەچچە رەت سوراق قىلىشىغا دۇچ كەلگەن. سوراقلاردا ئۇنىڭ بۇرۇن خوتەندىكى مەزگىلىدە دىنىي تەلىم ئالغانلىقى ۋە بەش ۋاق ناماز ئوقۇۋاتقانلىقى تېما بولغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ مەزگىلدە ئۆزىگە ئوخشاش پىكىر ۋە ھېسسىياتتىكى بىر نەچچە دوستىنىڭ ئۇشتۇمتۇت غايىب بولۇشى ئۇنى ئوز تەقدىرى ھەققىدە ئەندىشىگە سالغان. شۇڭا ئوقۇش پۈتتۈرىدىغانغا يەنە ئىككى يىل قالغاندا ئوقۇشنى تاشلىغان ۋە تۈركىيەگە سەپەر قىلغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، دۇبەيدىكى تۇتقۇن ھۈسەيىن ئىمىنتوختى ھەققىدىكى سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/musapir-uyghur-11132017165623.html

Share
1255 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.