logo

trugen jacn

دىيابىت كېسىلى توغرسىدا قىسقچە چۈشەنچە

diyabet

دوختۇر مەمەت ئېمىن

دىيابىت (Diabetes) كېسىلى يەنى قەنت سىيىش كېسىلى، شىكەر كېسىلى ياكى تاڭنىياۋبىڭ (糖尿病) دىگىنىمىز بەدەندىكى ئىنسۇلىن (Insulin) يەنى يىداۋسۇ (胰岛素) دەپ ئاتالغان ئاشقازان ئاستا بىزى (Pancreas) (胰腺)’دە ئىشلەپ چىقىرىلىدىغان بىر خىل ھورمۇننىڭ كەملىكى ياكى يىتەرلىك خىزمەت ئۆتىيەلمەسلىكى سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان كېسەللىك بولۇپ، ئادەتتە ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلىنىدۇ.

دىيابىت كېسىلىنىڭ بىرىنجى تۈرى ئىنسۇلىنغا تايىنىدىغان دىيابىت كېسىلى ياكى 1- تۇردىكى دىيابىت كېسىلى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ تۈردىكى دىيابىت كېسىلى بالىلاردا ياكى ياشلاردا كۆپ ئۇچىرايدۇ. ئۇلارنىڭ بەدىنىدە ئىنسۇلىن ياكى يىداۋسۇ كەم بولىدۇ، يەنى بۇ خىلدىكى دىيابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ ئاشقازان ئاستى بىزى ئىنسۇلىن ياكى يىداۋسۇ ئىشلەپ چىقارمايدۇ ياكى يىتەرلىك ئىشلەپ چىقارمايدۇ. ئۇلار پۈتۇنلەي دورا قىلىپ بىرىلگەن ئىنسۇلىنغا تايىنىپ ياشايدۇ.

دىيابىت كېسىلىنىڭ ئىككىنجى تۈرى چوڭلار دىيابىت كېسىلى ياكى 2- تۈردىكى دىيابىت كېسىلى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ تۈردىكى دىيابىت كېسىلى چوڭلاردا كۆپ ئۇچىرايدۇ. بۇ خىلدىكى دىيابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ بەدىنىدە ئىشلەپ چىقارغان ئىنسۇلىن ياكى يىداۋسۇنىڭ مىقدارى يىتەرلىك بولمايدۇ ياكى ئىنسۇلىننىڭ ئىشلىتىلىشى ئۇنۇملۇك بولمايدۇ.

چوڭلاردا بولىدىغان دىئابىت كېسىلىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى 2- تۇردىكى دىيابىت كېسىلى بولۇپ، 2- تۇردىكى دىيابىت كېسىلى پۈتۇن دىيابىت كېسىلىنىڭ 90% نى ئىگەللەيدۇ. كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئىشىپ بىرىشى، بالىلار ۋە ياشلار ئارىسىدىكى سىمىزلىك ئەھۋالىنىڭ ئىغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ 2- تۈردىكى دىيابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ يېشىمۇ كۈنسايىن ياشلاشماقتا.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ 2014 – يىلىدىكى سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ھازىر پۈتۈن دۇنيادىكى دىيابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ سانى 422 مىليۇن بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادا دىيابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار سانى ئەڭ كۆپ دۆلەت جۇڭگو بىلەن ھىندىستان ئىكەن. دىيابىت كېسىلى ئەڭ تىز كۆپىيىۋاتقان دۆلەتلەر پاكىستان، مىكسىكا، مىسىر ۋا ھىندىستان ئىكەن. پۈتۈن دۇنيادىكى 18 ياشتىن ئاشقان كىشىلەرنىڭ 8.5% دە دىيابىت كېسىلى بار ئىكەن. ئافرىقىدىكى بەنىن دىيابىت كېسىلى ئەڭ ئاز دۆلەت بولۇپ، ھەر 1000 نوپۇس ئىچىدە ئاران 8 كىشى دىيابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئىكەن. دىيابىت كېسىلى ئەڭ كۆپ بولغان دۆلەت تىنچ ئوكياننىڭ ئوتتۇرسىغا جايلاشقان ناۋرۇ بولۇپ، ھەر 1000 نوپۇس ئىچىدە ئاران 241 كىشى دىيابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئىكەن.

1

2

ئىنسۇلىن (Insulin) ياكى يىداۋسۇ (胰岛素) نىڭ خىزمىتى نىمە؟

ئادەتتە بىز يىگەن يىمەكلىك ئاشقازان ۋە ئۈچەيدە ھەزىم بولۇپ، قان ئايلىنىش ئارقىلىق جىگەرگە بارىدۇ ۋە ئۇ يەردە پارچىلىنىپ شىكەرگە ياكى گىلىكوزىغا ئايلىنىدۇ. ئاندىن كىيىن شىكەر ياكى گىلىكوزا يەنە قان ئايلىنىش سىستىمىسىغا كىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قاندىكى گىلىكوزىنىڭ مىقدارى ئاشىدۇ. قاندىكى گىلىكوزا مىقدارىنىڭ ئىشىپ بىرىشىغا ئەگىشىپ ئاشقازان ئاستى بىزىدىكى بىتا ھۈجەيرىسى دەپ ئاتىلىدىغان ئالاھىدە ھۇجەيرىلەر يىتەرلىك مىقداردا ئىنسۇلىن ياكى يىداۋسۇ ئاجىرتىپ چىقىرىشقا باشلايدۇ. ئىنسۇلىن گىلىكوزىنى بەدەندىكى مۇسكۇل ھۇجەيرىلىرى قوبۇل قىلالىغىدەك دەرىجىدە پارچىلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن قاندىكى گىلىكوزا مۇسكۇل ھۇجەيرىسىگە كىرىپ، شۇ يەردە ساقلىنىدۇ ۋە مۇسكۇلنىڭ ھەركەت قىلىشىغا ئىھتىياجلىق بولغان ئىنىرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئەگەر بەدىنىمىز ئىنسۇلىن ئىشلەپ چىقارمىغاندا، ياكى ئىشلەپ چىقارغان ئىنسۇلىن يىتەرلىك بولمىغاندا ۋە ياكى بەدىنىمىزدە ئىشلەپ چىقىلغان ئىنسۇلىن ئۈنۈملۈك خىزمەت ئۆتىيەلمىگەندە، گىلىكوزا مۇسكۇلغا كىرەلمەيدۇ، يەنى بەدىنىمىز قاندىكى شىكەر ياكى گىلىكوزىنى ئۈنۈملۈك ئىشلىتەلمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن قاندىكى شىكەر ماددسىنىڭ ياكى گىلىكوزىنىڭ مىقدارى ئىشىپ كىتىپ، سۈدۈك ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرلىدۇ. شۇڭا بۇ كېسەل شىكەر سىيىش ياكى قەنت سىيىش كېسىلى دەپ ئاتىلىدۇ.

دىيابىت كېسىلىنىڭ قانداق ئالامەتلىرى بار؟

چوڭلاردا بولىدىغان دىيابىت كېسىلى ناھايتى ئاستا تەرەققى قىلىدۇ، شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر ئۇزۇن يىللارغىچە ئۆزىدە دىيابىت كېسىلى بارلىقىنى بىلمەي يۇرىدۇ. دىيابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر قىسىم كىشىلەردە دەسلەپتە پەقەتلا بىر ئاز ھارغىنلىق ھىس قىلىشتەك ئالامەتلەر بولىدۇ. كىيىنچە كېسەل تەرەققى قىلىپ تۆۋەندىكى ئالامەتلەر كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ.

1. كۆپ سىيىش، يەنى سۈدىكى بۇرۇنقىدىن كۆپىيىش. بۇ ئاساسلىقى قاندىكى ئىشىپ كەتكەن شىكەرنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلاش نەتىجىسىدە كىلىپ چىقىدۇ.

2. ئۇسساش، يەنى سۇغا بولغان تەشنالىق بۇرۇنقىدىن ئىشىپ بارىدۇ. بىمار سۇنى بۇرۇنقىدىن كۆپ ئىستىمال قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئاغىزى يەنىلا قۇرۇپ تۇرىدۇ. بۇ ئاساسلىقى كۆپ سىگەنلىكتىن بولغان.

3. ياندۇرغۇسى كىلىش ياكى كۆڭلى ئېلىشىش.

4. كۆزى غۇۋالىشىش يەنى كۆزىنىڭ كۆرۈش كۈچى ئاجىزلاپ كىتىش.

5. تاماقنى شۇنداق كۆپ يىسىمۇ يەنىلا ئورۇقلاپ كېتىش.

6. قايتا قايتا ياكى ئاسان ياللۇغلىنىپ قىلىش.

7. تىرە زەخمە بولغاندا، ياكى تىرىدە يارا بولغاندا ئۇزۇنغىچە ئاسان ئەسلىگە كەلمەسلىك.

شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇكى، دىيابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ ئالامەتلىرى ئوخشاش بولمايدۇ. بەزىلەردە يۇقارقى ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى ياكى كۆپ قىسمى بولۇشى مۈمكىن، يەنە بەزىلەردە بىر قىسمى بولۇشى مۈمكىن. بەزىلەردە يۇقارقى ئالامەتلەر ئىلگىرى كىيىن بولۇپ كۆرىلىشى مۈمكىن، يەنە بەزى كېسەللەردە ئۇزۇن مۇددەتكىچە ھىچقاندا كېسەللىك ئالامەتلەر بولماسلىقى مۈمكىن.

ئەگەر دىيابىت كېسىلى ۋاقتىدا داۋالىتىلمىسا ياكى قاندىكى شىكەر ماددىسى ياخشى كونتۇرۇل قىلىنمىسا تۆۋەندىكى ئاقىۋەتلەر كىلىپ چىقىشى مۇمكىن.

1. كۆزى قارغۇ بولۇپ قىلىش.

2. يۈرەك قان تومۇر زەخمىلىنىش ياكى يۈرەك قان تومۇر كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولۇش.

3. نىرۋا زەخمىلىنىش، بولۇپمۇ پۇت قولىنىڭ نىرۋىلىرى زەخمىلىنىپ، پۇت قولى قىچىشىش، يارا بولۇش ۋە قاتتىق ئاغرىش.

4. مىڭە قان تومۇر كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولۇش ياكى مىڭە قان تومۇر كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئىھتىماللىقى ھەسسىلەپ يۇقۇرىلاش.

5. بۆرەك زەخمە بولۇش، بۆرەك زەيىپلىشىش.

6. ئېغىر ئاياق ئاياللارنىڭ بالىسى مېيىپ تۇغۇلۇپ قىلىش.

7. ھاياتى خەۋەپكە ئۇچىراش ۋە ئۆلۇپ كىتىش.

قانداق كىشىلەر دىيابىت كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ؟

2-تۈردىكى دىيابىت كېسىلى ئاساسەن چوڭلاردا بولىدىغان بولۇپ، ھەرقانداق كىشىنىڭ بۇ خىلدىكى دىيابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئىھتىماللىقى بار. بىراق بەزى ئامىللار كىشىلەرنىڭ بۇ خىلدىكى دىيابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئىھتىماللىقىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىدۇ. كىشىلەرنىڭ دىيابىت كېسىلىگە گىرىپتا بولۇش ئىھتىماللىقىنى ئاشۇرۋىتىدىغان بۇ ئامىللار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت.

1. بەدەن ئېغىرلىقى ھەددىدىن زىيادە ئارتۇق بولۇش.

2. قوساق ۋە بەل قىسمى بەك سىمىز كىشىلەر، يەنى قوساق ۋە بەل قىسمىدى كۆپ مىقداردا ماي بار كىشىلەر.

3. 45 ياشتىن ئارتۇق كىشىلەر.

4. ئۇزۇن مۇددەت ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىشقا ئادەتلەنگەن، مۇۋاپىق بەدەن چېنىقتۇرۇشقا قاتناشمايدىغان كىشىلەر.

5. ئۆيدىكى ئۇرۇق تۇققانلاردا دىيابىت كېسىلى بار كىشىلەر.

6. ئېغىر ئاياق بولغان ۋاقتىدا قاندىكى گىلىكوزىدا نورمالسىزلىق كۆرۈلگەن ياكى 4 كىلودىن ئارتۇق ئېغىرلىقتكى بالا تۇققان ئاياللار.

7. قاندىكى پايدىلىق كولەستىرول يەنى HDL نورمالدىن توۋەن بولغان كىشىلەر.

8. قان بىسىمى يۇقۇرى كىشىلەر.

بۇرۇن 2-تىپتىكى دىيابىت كېسىلى گەرچە ئوتتۇرا ياشتىن ئاشقانلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان بولسىمۇ، بىراق ھازىر بالىلار ۋە ياشلار ئارىسىدىكى سىمىزلىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ دىيابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار كۈندىن كۈنگە ياشلاشماقتا.

شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇكى، دىيابىت كېسىلى ھەرگۈزمۇ شىكەر مىقدارى كۆپ بولغان تاتلىق يىمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلغانلىقتىن بولغان ئەمەس، بىراق ئادەم ماي ۋە تاتلىق يىمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلغاندا، ئاسان سەمىرىپ كىتىدىغان بولۇپ، يۇقۇردا تەكىتلەپ ئۆتكەندەك سىمىزلىك كىشىلەرنىڭ دىيابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئىھتىماللىقىنى ئاشۇرۋىتىدىغان خەتەرلىك ئامىللارنىڭ بىرى.

دىيابىت كېسىلىگە قانداق دىياگۇنۇز قويىلىدۇ؟

دىيابىت كېسىلىگە دىياگۇنۇز قويۇش ئانچە قىيىن ئەمەس بولۇپ، ئادەتتە ئاچ قوساق قان، تاماقتىن كىيىنكى 2 سائەت ئىچىدىكى قان ۋە سۈدۈكتىكى شىكەر ماددىسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق دىياگۇنۇز قويغىلى بولىدۇ. بۇ خىل تەكشۇرۇشلەرنى ئادەتتىكى دوختۇرخانىلاردىمۇ ئىلىپ بارالايدۇ. قاندىكى شىكەر مىقدارى ئۆزگۈرەپ تۇردىغان بولۇپ، ئەگەر بىر قىتىملىق قان تەكشۈرۈش ئارقىلىق دىياگۇنۇز ئىنىڭ بولمىسا،  ”شىكەرگە چىداملىق تەكشۇرۇشى“ يەنە (Glocose tolerance test) دەپ ئاتالغان بىر خىل تەكشۇرۇشنى ئىلىپ بىرىش ئارقىلىق، دىيابىت كېسىلىنىڭ بار يوقلىقىغا دىياگۇنۇز قويۇش مۈمكىن.

3

4

دىيابىت كېسىلىنى داۋالاش

دىيابىت كېسىلى داۋالاپ ساقايىتقىلى بولمايدىغان كېسەل بولۇپ، ھازىرغا قەدەر بۇ كېسەلنى تولۇق داۋالاپ ساقايتالايدىغان ئۈنۈملۈك دورا يوق. بىراق دىيابىت كېسىلىنى مۇھاپىق تەبىر قوللۇنۇش ۋە داۋالاش ئارقىلىق پۈتۈنلەي كونتۇرۇل قىلغىلى بولىدۇ.

دىيابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ بەدىنىدە قانچىلىك ئىنسۇلىننىڭ بارلىقىغا، ۋە بەدەننىڭ ئاشقازان ئاستى بىزى ئىشلەپ چىقارغان ئىنسۇلىننى قانچىلىك دەرىجىدە ئىشلىتەلەيدىغانلىغىغا ئاساسەن، ئىلىپ بىرىلىدىغان داۋالاشمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.

2- تۇردىكى دىيابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بەزى كىشىلەر بەدەن ئەغىرلىغىنى كونتۇرۇل قىلىش، دىيابىت كېسىلىگە ماس كىلىدىغان تاماقلارنى ئىستىمال قىلىش يەنى تەركىۋىدە شىكەر كۆپ بولغان ۋە تاكى تاتلىق يىمەكلىلەردىن ناھايتى ياخشى پەرىز تۇتۇش، تاتلىق يىمەكلىكلەرنى ئامال قاتتىق كونتۇرۇل قىلىش، مۇھاپىق بەدەن چىنۇقتۇرۇش ئارقىلىق دىيابىت كېسىلىنى  كونتۇرۇل قىلىپ كىتەلەيدۇ. بەزى بىمارلار بولسا ئاشقازان ئاستى بىزىنىڭ ئىنسۇلىن ئىشلەپ چىقىرىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ياكى بەدەندىكى ئىنسۇلىننى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىلىشىگە ياردەم بىرىدىغان بەزى دورىلارنى يئىستىمال قىلىش ئارقىلىق دىيابىت كېسىلىنى كونتۇرۇل قىلالايدۇ. بىراق دىيابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كۆپلىگەن كىشىلەر يەنىلا ئىنسۇلىن ئىشلىتىش ئارقىلىق ئاندىن ئۆزلىرىنىڭ دىيابىت كېسىلىنى كونتۇرۇل قىلالايدۇ.

ئەلۋەتتە 1- تۈردىكى دىيابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرگە نىسبەتەن داۋالشتىكى بىردىن بىر ئامال ئىنسۇلىننى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش بولۇپ، ئۇلار بىر ئۆمۇر ئىنسۇلىندىن ئايرىلالمايدۇ.

دىيابىت كېسىلىنى داۋالاشتا ئەڭ مۇھىم بولغان مەسىلە يىمەكلىككە بولغان پەرىزنى ۋە داۋالاشنى بىر ئۆمۇر داۋاملاشتۇرۇش بولۇپ، كېسىلىم ساقايدى دەپ داۋالاشنى ئۈزۈپ قويۇشتىن قەتتى ساقلىنىش كىرەك. ئەڭ ياخشىسى قاندىكى شىكەر ماددىسىنى نورمال سەۋىيەدە كونتۇرۇل قىلىش، قاندىكى شىكەر ياكى گىلىكوزا مىقدارىنىڭ ئىگىز پەس بولۇپ قىلىشتىن ساقلىنىش كىرەك. بولمىسا كىيىنكى يامان ئاقىۋەتنى ھەرقانچە داۋالاپمۇ ئەسلىگە كەلتۇرگىلى بولمايدۇ.

دىيابىت كېسىلىنى داۋالاش باشقا كېسەللەرنى داۋالاشقا نىسبەتەن ئالاھىدىرەك بولۇپ، داۋالاشتا بىمارنىڭ ۋە بىمارنىڭ ئاھىلىسىدىكىلەرنىڭ ئوينايدىغان رولى دوختۇر بىلەن ئوخشاي مۇھىم ئورۇننى ئىگەللەيدۇ. شۇڭا دىيابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ دىيابىت كېسىلىنىڭ كىلىپ چىقىش، تەرەققى قىلىش ۋە داۋالاش جەريانىنى تولۇق چۈشۈنىشى، داۋالاش ئۈنىمىنى يۇقۇرى كوتۇرۇپ، دىيابىت كېسىلىنى ياخشى كونتۇرۇل قىلىشتا بەكلا مۇھىم.

دىيابىت كېسىلىنى داۋالاشتا قوللۇنىدىغان ئۇسۇللار

1. تاماقتىن پەرھىز تۇتۇش، يەنى شىكەر تەركىۋى كۆپ بولغان تاتلىق يىمەك ئىچمەكلەردىن يىراق تۇرۇش؛

2. يىمەك ئىچمەكنىڭ ئومۇمى مىقدارىنى ياخشى كونتۇرۇل قىلىش بىلەن بىرگە ئاكىتىپ بەدەن چىنىقرۇرۇپ، بەدەن ئىغىرلىقىنى ياخشى كونتۇرۇل قىلىش؛ ئالاھىدە سىمىز بولسا، چوقۇم ئورۇقلارش؛

3. دىيابىت كېسىلىنى داۋالاش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان دورلاردىن بىر ياكى ئىككى خىل دورىنى تاللاپ، قان ۋە سۈدۈكتىكى شىكەر مىقدارغا ئاساسەن مۇھاپىق مىقتاردا ئۈزۈلدۈرمەي ئىستىمال قىلىش كىرەك؛ ئەگەر دورىنىڭ ئۈنىمى ياخشى بولمىسا ۋە ياكى قان ۋە سۈدۈكتىكى شىكەر مىقدارى ياخشى كونتۇرۇل بولمىسا، ۋاختىدا دورا مىقتارىنى مۇئاپىق ئاشۇرۇش، ياكى باشقا ئۈنۈملۈك دورىغا ئالماشتۇرش كىرەك. دىيابىت كېسىلىنى داۋالاشتا ئىشلىتىدىغان دورىلارنىڭ تۈرى بەك كۆپ بولۇپ، ھەر بىر بىمار ئۆز ئەھۋالىغا ۋە شاراھىتىغا ئاساسەن، ئۆزىگە ماس كىلىدىغان دورىنى تاللاپ ئىشلەتسە بولىدۇ. شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈشكە ئەرزىدۇكى دورىنىڭ باھاسى ئۇنىڭ ئۈنىمىگە قاراپ بىكىتىلمەيدۇ، يەنى قىممەت دورا چوقۇم ئۈنۈملۈك دورا بولۇشى ناتايىن. دىيابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر ئارىسىدا پەرىق كۆپ بولغانلىغى ئۈچۈن، بەزىلەرگە ياخشى ئۈنۈم بەرگەن دورانىڭ ھەممە ئادەمگە ياخشى ئۈنۈم بىرىشى ناتايىن ، ئەڭ مۇھىمى ھەر بىر بىمارنىڭ ئۆزىگە ياخشى پايدا قىلغان يەنى قان ۋە سۈدۈكتىكى شىكەر مىقدارىنى ئۈنۈملۈك كونتۇرۇل قىلغان دورا ئاندىن ئۈنۈملۈك دورا ھىساپلىنىدۇ.

4. ئەگەر دىيابىت كېسىلى دورىلىرنىڭ ئۈنىمى ياخشى بولمىسا، ۋە ياكى قان ۋە سۈدۈكتىكى شىكەر مىقدارى بەك يۇقۇرى بولسا، ۋاختىدا ئىنسۇلىن ئىشلىتىش كىرەك. ئىنسۇلىن ئىشلەتكەندە ئىنسۇلىن مىقدارنى قان ۋە سۈدۈكتىكى شىكەر مىقدارىغا ئاساسەن تەڭشەپ تۇرۇش كىرەك.

5

ئۇندىن باشقا دىيابىت كېسىلىنى داۋالاشتا تۆۋەندىكىلەرگە دىقەت قىلىش كىرەك.

1. تاماقنى ۋاختىدا يىيىش، تاماقنىڭ مىقدارىنى مۇھاپىق كونتۇرۇل قىلىش كىرەك. تاماقنىڭ ۋاختى ۋە مىقدارىدا ئىگىز پەس بولۇشتىن ساقلىنىش كىرەك.

2. يالغۇز شىكەر ماددىسى كۆپ بولغان تاتلىق يىمەكلىكلەرنى كونتۇرۇل قىلىپلا قالماستىن بەلكى مايلىق يىمەكلىكلەرنىمۇ مۇھاپىق كونتۇرۇل قىلىش كىرەك. ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئاقسىل ۋە ۋىتامىن تەركىۋى كۆپ بولغان، تالالىق تاتلىق بولمىغان كوكتاتلارنى، مايسىز سۇت ۋە ئورۇق گۆشلەرنى ئىستىمال قىلىش كىرەك.

3. قوساق ئىچىپ كىتىشتىن ياكى قاندىكى شىكەر مىقدارىنىڭ نورمالدىن تۆۋەن بولۇشىدىن ساقلىنىش كىرەك. ئەگەر قاندىكى شىكەر ماددىسى ھەددىدىن زىيادە تۆۋەن بولۇپ، كۆزى قاراڭگۇلۇشۇش، بىشى قىيىش، سوغاق تەر چىقىشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە، دەرھال ئازراق شىكەر ياكى نان يەۋىلىش كىرەك.

4. مۇھاپىق بەدەن چىنىقتۇرۇش كىرەك. ئادەتتە مۆتىدىل ۋە ئۆزىگە ماس كىلىدىغان بەدەن چىنىقتۇرۇش ئۇسۇلىدىن بىرەر ئىككىسىنى تاللاپ ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرسا كۇپايە.

5. بەدەن ئغىرلىغىنى چۈشۈرگەندە بەك ئالدىراپ كەتمەسلىك، ئاستا ئاستا چۈشۈرۈش كىرەك. ئەڭ مۇھىمى بەدەن ئغىرلىغىنى ئۇزۇن مۇددەت مۇھاپىق كونتۇرۇل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كىرەك.

6. ئىشلەتكەن دورىنىڭ مىقدارىنى قاندىكى ۋە سۈدۈكتىكى شىكەر ماددىسىنىڭ مىقدارىغا ئاساسەن ھەر زامان مۇھاپىق تەڭشەپ تۈرۈش كىرەك.

7. تاماكا چىكىدىغانلار تاماكىنى تاشلاش كىرەك.

8. كۆپ ھاراق ۋە پىۋا ئىچمەسلىك كىرەك. كۆپۈنچە ھاراق ۋە پىۋىنىڭ تەركىۋىدى كۆپ مىقتاردا شىكەر ماددىسى بولۇپ، ئۇلارنى كۆپ ئىستىمال قىلىش دىيابىت كېسىلىنى كونتۇرۇل قىلىشقا زىيانلىق.

9. قان بىسىمىنى، كۆزىنى، بورەكنى ۋاختىدا تەكشۈرتۈپ تۇرۇش كىرەك.

10. ئەڭ مۇھىمى يالغۇز دوختۇرنىڭ قىلىپلاشقان داۋالاش ئۇسۇلىغىلا تايىنىپ قالماستىن، ئىزدىنىش ئارقىلىق ئۆزى ئەڭ ماس كىلىدىغان خاسلاشقان داۋالاش ئۇسۇلىنى تىپىپ چىقىپ، ئۇنى ئۇزۇن مۇددەت داۋالاشتۇرۇش كىرەك.

قوشۇمچە: دىيابىت كېسىلىنى داۋالاشتا كۆپ ئىشلىتىدىغان دورىلار

1. acarbose (Precose)
2. miglitol (Glyset)
3. metformin-alogliptin (Kazano)
4. metformin-canagliflozin (Invokamet)
5. metformin-dapagliflozin (Xigduo XR)
6. metformin-empagliflozin (Synjardy)
7. metformin-glipizide
8. metformin-glyburide (Glucovance)
9. metformin-linagliptin (Jentadueto)
10. metformin-pioglitazone (Actoplus)
11. metformin-repaglinide (PrandiMet)
12. metformin-rosiglitazone (Avandamet)
13. metformin-saxagliptin (Kombiglyze XR)
14. metformin-sitagliptin (Janumet)
15. alogliptin (Nesina)
16. alogliptin-metformin (Kazano)
17. alogliptin-pioglitazone (Oseni)
18. linagliptin (Tradjenta)
19. linagliptin-empagliflozin (Glyxambi)
20. linagliptin-metformin (Jentadueto)
21. saxagliptin (Onglyza)
22. saxagliptin-metformin (Kombiglyze XR)
23. sitagliptin (Januvia)
24. sitagliptin-metformin (Janumet and Janumet XR)
25. sitagliptin and simvastatin (Juvisync)
26. albiglutide (Tanzeum)
27. dulaglutide (Trulicity)
28. exenatide (Byetta)
29. exenatide extended-release (Bydureon)
30. liraglutide (Victoza)
31. nateglinide (Starlix)
32. repaglinide (Prandin)
33. repaglinide-metformin (Prandimet)
34. dapagliflozin (Farxiga)
35. dapagliflozin-metformin (Xigduo XR)
36. canagliflozin (Invokana)
37. canagliflozin-metformin (Invokamet)
38. empagliflozin (Jardiance)
39. empagliflozin-linagliptin (Glyxambi)
40. empagliflozin-metformin (Synjardy)
41. glimepiride (Amaryl)
42. glimepiride-pioglitazone (Duetact)
43. glimeperide-rosiglitazone (Avandaryl)
44. gliclazide
45. glipizide (Glucotrol)
46. glipizide-metformin (Metaglip)
47. glyburide (DiaBeta, Glynase, Micronase)
48. glyburide-metformin (Glucovance)
49. chlorpropamide (Diabinese)
50. tolazamide (Tolinase)
51. tolbutamide (Orinase, Tol-Tab)
52. rosiglitazone (Avandia)
53. rosiglitazone-glimepiride (Avandaryl)
54. rosiglitizone-metformin (Amaryl M)
55. pioglitazone (Actos)
56. pioglitazone-alogliptin (Oseni)
57. pioglitazone-glimepiride (Duetact)
58. pioglitazone-metformin (Actoplus Met, Actoplus Met XR)

http://www.akademiye.org/ug

Share
1467 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.