logo

trugen jacn

دىنىي ئۆلىما 85 ياشلىق ئابلىمىت قارى ھاجىم تۈرمىدە ئېغىر كېسەلگە مۇپتىلا بولغان

885c0b8d-eeaf-43fd-b906-f7b90a77af28

قۇتلان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

بۇنىڭدىن 6 يىللار ئىلگىرى كەلپىن ناھىيىسىدە تۇتقۇن قىلىنغان ۋە 17 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئابلىمىت قارى ھاجىمنىڭ نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم تۈرمىدە جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئابلىمىت قارى ھاجىمنىڭ سالامەتلىكى پەۋقۇلئاددە ناچارلىشىپ، ئادەم تونۇمايدىغان ھالەتكە يەتكەن. ئۇنىڭ روھىي ھالىتىدىمۇ بىنورماللىق كۆرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

كەلپىندىكى ئۇيغۇر جامائىتى كەلپىن ناھىيەلىك ھۆكۈمەتكە شۇنداقلا ئۈرۈمچىدىكى تۈرمە دائىرىلىرىگە ئىلتىماس سۇنۇپ، ياشىنىپ قالغان بۇ كىشىنى ئۆيىگە كېپىللىككە قويۇپ بېرىشىنى كۆپ قېتىم تەلەپ قىلغان. ئۇلار يازما ئىلتىماسىدا دىنىي ئۆلىما ئابلىمىت قارى ھاجىمنىڭ جازا مۇددىتىنى ئۆيىدە ئۆتىشىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ كاپالەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەپسۇسكى، ھۆكۈمەت ۋە تۈرمە دائىرىلىرى كەلپىن خەلقىنىڭ بۇ تەلىپىنى كەسكىن رەت قىلغان.

بۇ يىل 85 ياشقا كىرگەن تۈرمىدىكى دىنىي ئۆلىما ئابلىمىت قارى ھاجىمنىڭ ئوغلى مەمەت قارىمنىڭمۇ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى مەلۇم.

كەلپىن خەلقى ئارىسىدا يۇقىرى ئابرۇيغا ۋە چاقىرىق كۈچىگە ئىگە بۇ ئاتا-بالا دىنىي ئۆلىمالارنىڭ ئۇزاققا سوزۇلغان مۇشەققەتلىك تۈرمە ھاياتى نۆۋەتتە جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

بىز تۇتقۇندىكى ئابلىمىت قارى ھاجىمنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە سالامەتلىكى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن كەلپىندىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بىلەن ئۈرۈمچىدىكى ليۇداۋان تۈرمىسىگە تېلېفون قىلدۇق، ئەمما ئۇلار بۇ ھەقتە ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلدى.

تەكىتلەشكە تېگىشلىك بولغىنى شۇكى، كەلپىن خەلقىنىڭ ھېلىھەم ئابلىمىت قارى ھاجىمنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. كەلپىندىكى يەرلىك ئاھالىلەردىن بىرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئابلىمىت قارى ھاجىمنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە بىلىدىغانلىرىنى بايان قىلدى.

ئىلگىرى كەلپىننىڭ يۈرچى يېزىسىدا ئۆسۈپ-يېتىلگەن، ھازىر كانادادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن تۇيغۇن ئابدۇۋەلى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ تۈرمىدىكى ئابلىمىت قارى ھاجىم ھەققىدە ئاڭلىغانلىرىنى ئاشكارا قىلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، ئىلگىرى ئابلىمىت قارى ھاجىم بىلەن بىر مەھەللىدە ياشىغان، ھازىر ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق «ئەرك تېلېۋىزىيىسى» نىڭ رىياسەتچىسى ئابدۇراخمان ئۆزتۈركمۇ بۇ ھەقتە بىلىدىغانلىرىنى رادىئو ئاڭلىغۇچىلارغا تەقدىم قىلدى.

ئاخىرىدا بىز ئابلىمىت قارى ھاجىمنىڭ ئەينى چاغدىكى ئوقۇغۇچىسى، ھازىر گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئەيسا قارىمدىن بۇ ھەقتە مەلۇمات ئالدۇق.

ئۇ، ئابلىمىت قارى ھاجىمنىڭ كەلپىن خەلقى ئارىسىدىكى دىنىي ۋە ئىجتىمائىي تەسىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى شۇنداقلا ئۇنىڭ يوقىلاڭ باھانىلەر بىلەن تۈرمىگە تاشلىنىشى كەلپىن خەلقى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئۈچۈنمۇ زور يوقىتىش بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/ablimit-qari-hajim-01282015134344.html

Share
1658 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.