logo

trugen jacn

دىنىي ئۆلىما ئابلىمىت قارى ھاجىمنىڭ تۈرمىدە 17 يىللىق جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتقانلىقى مەلۇم

ab4eb122-5462-4af1-b61f-65679a32dd29

قۇتلان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئىگىلىشىمىزچە، بۇنىڭدىن 6 يىللار ئىلگىرى كەلپىن خەلقى ئارىسىدا يۇقىرى ئىناۋەت-ئابرويغا ۋە زور تەسىرگە ئىگە دىنىي ئۆلىما ئابلىمىت قارى ھاجىم «قانۇنسىز بالا ئوقۇتقان» دېگەن جىنايەت بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان.

ئەينى ۋاقىتتا 80 ياشقا يېقىنلىشىپ قالغان ئابلىمىت قارى ھاجىمغا 17 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى، ئۇنىڭ ئوغلى مەمەت قارىمغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 85 ياشقا كىرگەن ئابلىمىت قارى ھاجىم ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتىمەكتە ئىكەن. ئېغىر تۈرمە ھاياتى، ناچار شارائىت ۋە كېسەللىك تۈپەيلى ئۇنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىدىن قالغانلىقى ھەمدە روھىي ھالىتىدە نورمالسىزلىق كۆرۈلگەنلىكى مەلۇم.

ئابلىمىت قارى ھاجىمنى كىچىكىدىن ياخشى بىلىدىغان، ھازىر كانادادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن تۇيغۇن ئابدۇۋەلى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى ۋە مەزكۇر دېلو ھەققىدە بىلىدىغانلىرىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئابلىمىت قارى ھاجىم كەلپىن ناھىيىسى ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەسىدە زور تەسىرگە ئىگە دىنىي ئۆلىما بولۇپ، 1980-يىللاردىن بۇيان دىنىي ئىلىم جەھەتتە يۈزلىگەن ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەن. ھازىر تۈركىيە ۋە ياۋروپا ئەللىرىدە ئەينى چاغدا ئۇنىڭ قولىدا ئوقۇغان نەچچە ئونلىغان ئۇيغۇر ياشلىرى مۇھاجىر بولۇپ ياشىماقتىكەن.

ئەينى ۋاقىتتا ئابلىمىت قارى ھاجىمنىڭ قولىدا ئوقۇغان، ھازىر گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر دىنىي بىلىم ئادەملىرىدىن ئەيسا قارىممۇ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ئابلىمىت قارى ھاجىمنىڭ 1980-يىللاردا كەلپىندىلا ئەمەس، بەلكى كەلپىنگە قوشنا ناھىيەلەردىمۇ زور تۈركۈمدىكى شاگىرتلارنى تەربىيەلىگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

بىز ئابلىمىت قارى ھاجىمنىڭ دېلوسى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن كەلپىن ناھىيەلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، لېكىن ئۇلار بۇ ھەقتە سۆزلىشىشنى رەت قىلدى. ھالبۇكى، ئابلىمىت قارى ھاجىم بىلەن بىر مەھەللىدە ياشايدىغان يەرلىك ئاھالىلەر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ ئەينى چاغدا قانداق قولغا ئېلىنغانلىقى، ھازىرقى ئەھۋالى ۋە قايسى تۈرمىدە جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بەردى.

مەلۇم بولۇشىچە، 2000-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئاۋات ناھىيەسىدىن ئابلىمىت قارى ھاجىمدا ئوقۇش ئۈچۈن بىر بالا كەلپىنگە كەلگەن. ئابلىمىت قارى ھاجىم سىرتتىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىنىڭ چارۋا باقىدىغان تاغلىق رايوندىكى قورۇ-جايىدا ئوقۇتقان. شۇ يىللىرى ھېلىقى ئوقۇغۇچى ئابلىمىت قارى ھاجىمنىڭ تاغدىكى تۇرالغۇسىدا تۇيۇقسىز قازا قىلغان. شۇ جايدىكى جامائەت ئابلىمىت قارى ھاجىمنىڭ ئىمامەتچىلىكىدە مېيىتنى شۇ جايغا دەپن قىلغان. ھالبۇكى، ئارىدىن بىرقانچە يىللار ئۆتكەندە دائىرىلەر ئابلىمىت قارى ھاجىمنى «تاغدا يوشۇرۇنچە تالىپ تەربىيەلىگەن»، «بىر ئوقۇغۇچىسىنى ئۆلتۈرۈپ ھۆكۈمەتتىن يوشۇرۇنچە كۆمۈۋەتكەن» دېگەن بەتنام بىلەن قولغا ئالغان. كېيىن ئۇنىڭغا 17 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى، ئوغلى مەمەت قارىمغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان.

ئاخىرىدا، ئىستانبۇلدىكى «ئەرك تېلېۋىزىيىسى» نىڭ رىياسەتچىسى ئابدۇراخمان ئۆزتۈرك بۇ ھەقتە رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزى بىلىدىغان ئەھۋاللارنى بايان قىلدى.

ئۇ ئۆزىنىڭ كىچىكىدە ئابلىمىت قارى ھاجىمنى كۆرگەنلىكىنى، ئۇ زاتنىڭ خەلق ئارىسىدا يۈكسەك ئابرۇيغا ئىگە ئىكەنلىكىنى شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان بىلىملىك شاگىرتلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يوقىلاڭ باھانە بىلەن ئابلىمىت قارى ھاجىمنى قولغا ئېلىشى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماققا ھۆكۈم قىلىشى ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ خەلق ئىچىدىكى يۇقىرى نوپۇزى ۋە چاقىرىق كۈچىدىن خەۋپسىرىگەنلىكىدىن بولغان دېگەننى بىلدۈردى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/diniy-zad-01152015154653.html

Share
1644 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.