logo

trugen jacn

دىننى قانداق چۈشىنىش كېرەك

دىننى قانداق چۈشىنىش كېرەك

—ئەقلى تەپەككۇرنىڭ نىيەت ۋە ساۋاپ ئوتتۇرىسىدىكى رولى ھەققىدە

 

كۇرشات ئوغلى

2017-8-28

 

كىرىش سۆزدىن بۇرۇن

 

مەزكۇر يازما «مىللىتىمىز چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلاردىن نېمىلەرنى كۈتىدۇ» دېگەن تېمىغا چۈشكەن دىننى ئېتىقادقا ئالاقىدار سوئاللارغا قارتا ئېلىپ بېرىلغان مۇھاكىمىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئىلىم بىلەن ئېتىقادنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا ھەل قىلالمايۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يېزىلدى.

 

كىرىش سۆز

 

يېقىندا تېسلا شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەلون مۇسك ئامېرىكا قوشما شتاتلار باشلىقلىرى ئۇچرىشىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، تەقلىدى ئەقىل (ياكى سۈنىي ئەقىل) نىڭ كەلگۈسىدە ئىنسانلار جەمىيىتىگە ئېلىپ كېلىدىغان تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز بالايىئاپەتلىرى ھەققىدە يىغىن ئەھلىنى ئاگاھلاندۇرۇپ،  تەقلىدى ئەقىل تەتقىقاتىنىڭ توغرا يۆلىنىشتە بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ھۆكۈمەت خاراكتېرىدىكى مەخسۇس ئورگان قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. ئەمما بۇنىڭغا قارتا فەئىسبۇكنىڭ قۇرغۇچىسى مارك زاكىربورك بولسا، ماسكنىڭ تەقلىدى ئەقىلنى بالايىئاپەت قىلىپ كۆرسىتىشىنى ئەيىبلەپ، كەلگۈسىدە تەقلىدى ئەقىلنىڭ ئىنسانلارنى كۆپ جەھەتلەردە قوللاپ، تېخىمۇ ياخشى بىر ئىنسانلار جەمىيىتى بەرپا قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەلون مۇسك بىلەن مارك زاكىربورگنىڭ مۇنازىرىسىگە سەۋەب بولۇۋاتقان تەقلىدى ئەقىل، كومپيۇتېرنىڭ  كەشىپ قىلىنىشى ۋە ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ كۈچىيىۋاتقان ئىنسانلارنىڭ يەنە بىر ئەندىشىسى بولۇپ، ئىنسانلار ئۆزى كەشىپ قىلغان تەقلىدى ئەقىل قۇدرەت تېپىپ بىر كۈنى ئۆزلىرىگە تەھدىت ئېلىپ كېلەمدۇ دېگەن ئەنسىرەشتىن ئىبارەت.

بۇ يەردىكى تەقلىدى ئەقلى ئۈستىدىكى بەس-مۇنازىرە ئەمەلىيەتتە مەزكۇر يازمىدا تەھلىل قىلىنىدىغان تەپەككۇرنىڭ رولى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى سەۋەبىدىن يەنىمۇ يېيىپ چۈشەنچە بېرىپ ئۆتۈش زۆرۈر. شۇ سەۋەبتىن بۇ مۇنازىرە قانداق تىپقا تەۋە ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدا كېلىپ چىقىۋاتىدۇ، بىلىشىمىز شەرت.

ئالدى بىلەن بۇ مۇنازىرە ئىلىمنىڭ تېخنىكا تەرەققىياتىغا بۆسۈش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىش بىلەن بىرگە، ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىغىمۇ چۇڭقۇر ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى، ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ تەرەققىيات بىلەن بىللە مېڭىۋاتقان ئىنسانلار توپى بىلەن ئارقىدا قېلىۋاتقان ئىنسانلار توپى ئارىسىدىكى پەرقنى ئەكس ئەتتۈرۈپ تۇرۇپتۇ. يەنە بىر جەھەتتىن تېخنىكا تەرەققىياتى بىلەن بىر قەدەمدە مېڭىۋاتقان توپلام ئىچىدىكى، تېخنىكىنى مەلۇم چەكلىمە ئىچىدە تەرەققىي قىلدۇرۇش كۆز قارشىدىكى ئىنسانلار بىلەن، چەك قويماسلىق تەرەپدارلىرى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلىق كۆز قاراشنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. بىز بۇ مۇنازىرىنىڭ نوقۇل بىرلا تېخنىكا تەرەققىياتى ئۈستىدە بولمايۋاتقانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە باشقا ساھەلەردىمۇ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. مىسالغا ئېلىپ ئېيتساق، بىئولوگىيە ئىلمى، بولۇپمۇ گېن، ھۈجەيرە ئىلمىدىكى تەتقىقاتمۇ بۇنىڭ بىرى بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكمىتى ھەتتا مەخسۇس قانۇن تۇرغۇزۇپ گېن تەتقىقاتىغا بىر قىسىم چەكلىمىلەرنى قويغان. بۇ ئىككى جۈپ توپلام ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلىق كۆز قاراشلار ئەمەلىيەتتە ئىنسانلارنىڭ تەپەككۇر تەرەققىياتىدىكى پەرقتىن كېلىپ چىققان.  مەزكۇر يازمىدا بىز تەپەككۇرنى مەركەزلىك ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ دىننى چۈشىنىشتىكى رولىنى تەكىتلەپ ئۆتىمىز.

 

 

بىرىنچى بۆلۈم:   تەپەككۇر ۋە ئۇنىڭ تارىخى كەچۈرمىشى

 

ئامېرىكىدا ئىنسانلار ئۆزى- يۈرەر ئاپتوموبىللارنى ياسىغاچ، تەقلىدى ئەقىلنىڭ بىخەتەر ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدە مۇنازىرىلەشسە، سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئاياللار ئاپتوموبىل ھەيدىسە بولۇش-بولماسلىق ھەققىدە مۇپتىلار باش قاتۇرۇشۇپ ئولتۇرۇپتۇ. پاكىستاندا ئەركىن مۇھەببەتلەشكەن قىزىنى “ئايلىنىڭ شان-شەرىپى” ئۈچۈن ئۆلتۈرگەن دادنى ساقچىلار ئىزدەپ يۈرسە، مىسىردا مۇسۇلمان ساقچىلار ئىسلام ئەقىدىسى بويىچە كاپىر ھېسابلانغان خىتاي دۆلىتىگە ئۆزلىرىگە ئوخشاش مۇسۇلمان بولغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تۇتۇپ ئۆتكۈزۈپ بەرمەكتە. يىراق ئاغرىقىنىڭ ئەڭ ئىچكىرىدىكى جايلاردا ئەنگلىيەلىك دوكتور يەرلىك ئىپتىدائىي قەبىلىلەرنىڭ خام گۆش يېيىشلىرىنى فىلىمغا ئېلىپ ئولتۇرسا، جەنۇبى ئامېرىكىنىڭ ئورمانلىقىدىكى ئىپتىدائىي قەبىلىلەر قورقۇنچ ئىچىدە ئاسماندىكى تىك ئۇچار ئايروپىلانغا ئوقيا ئاتماقتا. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەيسا پەيغەمبەر تۇغۇلۇپ يىگىرمە بىر يۈز يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندىكى يەر شاردا يۈز بەرمەكتە. يەر شارىدىكى پۈتۈن ئىنسانلارنى بىر توپلام دەپ قارساق، بۇ بىر توپلام ئىچىدىكى ماددىي ۋە مەنىۋى تەرەققىياتتىكى تەكشىسىزلىك ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بارلىق ئۇرۇش-جېدەل ۋە تالاش-تارتىشلارغا سەۋەب بولماقتا. ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى بۇ تەكشىسىزلىك بولسا ئىنسانلارنىڭ تەپەككۇر تەرەققىياتىنىڭ تەكشى بولماسلىقىدىن كېلىپ چىقماقتا.

تەپەككۇر ۋە ئۇنىڭغا ئۇلاشقان ئۇقۇملار پەلسەپە كاتېگورىيەسىگە تەۋە بولۇپ، بۇلارنى كونكرېت چۈشەندۈرۈش مەزكۇر يازمىنىڭ مەقسىتى ئەمەس. شۇ سەۋەبتىن بۇ يازمىغا لايىق ھالدا بۇ ئۇقۇملارنى ئاممىباب تىلدا چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمىز.

تەپەككۇرنى دوگما تەپەككۇر ۋە ئەقلى تەپەككۇر دەپ ئىككىگە ئايرىشقا بولىدۇ. دوگما تەپەككۇر نىسپىيلىكنى ئويلاشمىغان ھالدا يەكۈننى مۇتلەق ئىككىگە ئايرىشنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن مۇتلەق توغرا ياكى مۇتلەق خاتا؛ ۋە ياكى بولىدۇ ياكى بولمايدۇ. ئەقلى تەپەككۇر بولسا نىسپىيلىكنى چۆرىدەپ ئويلىنىش، ئانالىز قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. ئەقلى تەپەككۇر بىلىشنىڭ جەريانى بولۇپ، ئىلىم بولسا بۇ بىلىشنىڭ يەكۈنى بولىدۇ. بۇ خۇددى ئەگەر مۇسكۇللارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن توختىماي ھەرىكەت قىلىش كېرەك بولغاندەك، مىڭىمۇ بىلىپ يەكۈن چىقىرىش ئۈچۈن توختىماي تەپەككۇر قىلىشى كېرەك. يەنە بىز مەلۇم بىر شەيىگە قىزىقىپ ئۇنىڭ كېلىپ كېتىشىنى بىلىش ئۈچۈن، شۇ شەيىگە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى توپلاپ ئۇلارنىڭ مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە ئويلىنىپ، پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئانالىز قىلىش ئارقىلىق مەزكۇر شەيىنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيىتىنى تېپىپ چىقىشقا تىرىشىمىز. بىز ھەرقانداق شەيىنى ماھىيىتىدىن بىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان لوگىكىلىق ئانالىزلىرىمىز ئەقلىي تەپەككۇر قىلىش ھېسابلىنىدۇ.

ئەقلى تەپەككۇر قىلىش ئىجاد قىلىشنى كۆرسىتىدۇ، ۋە توغرا بىلىشكە يېتەكلەيدۇ. بىلىش بىرلا باسقۇچتا ھەل بولمايدۇ، ئۇ تەپەككۇرنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ جۇغلىنىپ ماڭىدۇ. بىلىپ نېمىگە ئېرىشىمىز، يەنە ئىنسان بىلسۇن بىلمىسۇن ھامان ئۆلۈپ كېتىدۇ، ئۇنداقتا بىلگەننىڭ نېمە ئەھمىيىتى بار دېگەن سوئال چۈشىدۇ. بىلىشنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى ئۆزىنى بىلىش بولۇپ، ئىنسان ئۆزىنى بىلگەندە ئاندىن ياراتقۇچىسىنى ھەقىقىي تونۇيدۇ. بىز بۇنى دىن بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئانالىز قىلىمىز.

 

بىرىنچى قىسىم:  ئىسلامدىن ئىلگىرىكى ئەقلى تەپەككۇرنىڭ تارىخى

 

ئەقلى تەپەككۇر ئىسلام جەمىيىتىگە يۇنان پەلسەپىسى بىلەن بىللە كىرگەن. بۇنداق دېگەندە، ئەجەبا ئىسلامدىن بۇرۇن ئەرەب دۇنياسىدىكى ئىنسانلار ئەقلى بىلەن تەپەككۇر قىلىشنى بىلمەمدىكەن دېگەن غەزەپلىك سوئال تۇغۇلىدۇ. بىز بۇنىڭغا جاۋاب بېرىشتىن بۇرۇن يۇناندىن كىرگەن شۇ ئەقلى تەپەككۇرنىڭ بارلىققا كېلىشىنى پەلسەپىنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى بىلەن قوشۇپ قىستۇرۇپ ئوتمىز.

پەلسەپە ئۇقۇمى ۋە ئۇنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مەزمۇنى گىرېتسىيەدە بارلىققا كەلگەن. (غەرب) پەلسەپە تارىخى سوقراتتىن باشلىنىدۇ. پەلسەپىنىڭ سوقراتتىن باشلىنىشىنىڭ سەۋەبى بولسا، دەل سوقرات ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى دوگما تەپەككۇرغا خاتىمە بېرىپ پەلسەپىگە ھۆرلۈك بەرگەن. سوقراتنىڭ تەلىمى بىلەن ئۇنىڭ شاگىرتى ئەپلاتون تۇنجى ئىلىم تەھلىل قىلىدىغان ئاكادېمىيەنى قۇرغان ۋە ئۇنىڭ قولىدا پەلسەپە تارىخىدا“بىرىنچى ئۇستاز” دەپ نام ئالغان ئارستوتىل تەربىيە ئالغان. ئارستوتىل بولسا تۇنجى بولۇپ ئىلىمنى پەلسەپىدىن ئايرىپ كاتېگورىيەلەشتۈرۈپ، كېيىنكى زاماندا يۈكسەلگەن ئىلىم-پەننىڭ كونكرېتلىشىشىغا ئاساس سالغان.

سوقرات “ياشلارنى ئازدۇرۇش” جىنايىتى بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى ھېكايەنى بۇ يەرگە قىستۇرۇپ ئۆتسەك، سوقرات دوگما ھۆكۈملەرگە قارتا سوئال سوراپ ياشلارغا ئەزەلدىن بولىدۇ ۋە بولمايدۇ دېگەن ئىككىلا مۇتلەق ھۆكۈمنىڭ شارائىتقا ئاساسەن ئۆز ئارا ئورۇن ئالماشتۇرىدىغانلىقىنى، يەنە ھەرقانداق مۇتلەق ھۆكۈمنىڭ ئۆزگىرىپ نىسپىي ھۆكۈمگە ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن. ھەممە شەيىگە نىسبەتەن ئەزەلدىن تارتىپ تۈگىتىلىپ كېلىنىۋاتقان بولىدۇ ياكى بولمايدۇ دېگەن نوپۇزلۇق ھۆكۈملەرگە زادى بولامدۇ بولمامدۇ دەپ شۇ ھۆكۈم ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىشنى باشلىغان ياشلارنىڭ گۇمانىي سوئاللىرى، شۇ ھۆكۈملەرگە ئۆگىنىپ قالغان ۋە ئەزەلدىن بۇ جەھەتتە ئويلىنىپ باقمىغان ئاتا-ئانىلارغا قاتتىق ۋەھىمە ئېلىپ كەلگەن. ئۇلار شۇ ۋاقىتتىكى ھۆكۈمرانغا، سوقراتنىڭ بىمەنە سوئاللارنى سوراپ بالىلىرىنى قايمۇقتۇرغانلىقى ھەققىدە ئەرز سۇنغان [1].

سوقراتنىڭ ياشلاردىن سورىغان بىر سوئالنى بۇ يەردە مىسال قىلىپ كۆرۈپ باقايلى. بىر كۈنى سوقرات بىر ياشتىن سوراپتۇ: “ سەنچە ئوغرىلىق قىلىش توغرىمۇ ياكى خاتامۇ؟” دەپ. ئۇ ياش ئويلانمايلا جاۋاب بېرىپتۇ: “ئەلۋەتتە خاتا”. سوقرات يەنە سوراپتۇ: “ئۇنداقتا مەن ساڭا بىر مىسال كەلتۈرەي. مەسىلەن مېنىڭ ئىككى قوشنام زىددىيەتلىشىپ قالدى دەيلى، ئاچچىقى يامانراق قوشنام شۇ ئاچچىقىغا پايلىماي يەنە بىر قوشنامنى ئۆلتۈرۈۋېتىش ئۈچۈن ئۆيىدە پىچاق بىلەپ تەييارلاپتۇ. مەن ئۇ دىققەت قىلمىغاندا ئۇنىڭ بىلەپ قويغان پىچقىنى ئوغرىلاپ چىقىپ يوشۇرۇپ قويدۇم. شۇنىڭ بىلەن ئاچچىقى يامان قوشنام پىچىقىنى تاپالماي يەنە بىر قوشنامنى دەماللىققا ئۆلتۈرەلمىدى. كېيىن ئاچچىقى يانغاندا بولسا ئىككىسى قايتا ئەپلىشىپ قالدى. ئەمدى سەن دېگىنە مېنىڭ پىچاق ئوغرىلىشىم توغرىمۇ ياكى خاتامۇ؟”. ئۇ ياش يەنىلا ئويلانمايلا: “ئەلۋەتتە سەن بىر جاننى قۇتۇلدۇرۇۋالغان تۇرساڭ توغرا ئىش بولمامتى” دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. سوقرات يەنە بىرىنچى سوئالغا قايتىپ كېلىپتۇ: “ سەن ئوغرىلىق قىلىش ئەلۋەتتە خاتا دېگەن ئىدىڭ، ئەمدى نېمە ئۈچۈن مەن ئوغرىلىق قىلسام توغرا دەيسەن؟”  دەپ سوراپتۇ، ئۇ ياش ئاندىن ئۆزىنىڭ بەرگەن تۇنجى جاۋابىنى قايتا ئېسىگە ئېلىپتۇ.

سوقرات دوگما ھۆكۈم چىقىرىشقا قارشى چىقىپ، ھۆكۈمنىڭ كونكرېت شارائىت ۋە ئامىللارغا قارىتا بولۇشىنى تەرغىب قىلغان. ئۇ شۇ سەۋەبتىن ئۆلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ پىكىر قىلىش ئۇسۇلىنى قوبۇل قىلغان كېيىنكى ئىنسانلار ئەقلىي تەپەككۇردا يۈكسەلگەن. سوقرات ئىنسان تەپەككۇرغا ئىلىپ كىرگەن بۇ كىچىككىنە ئۇچقۇن دۇنياغا يامراپ ئىنسانلار ئۆزلىرى ئۈستىدىكى ئويلىنىشلىرىنى ئوبيېكتىپ دۇنيانىڭ قانۇنىيىتىنى بايقاش ئارقىلىق ئېلىپ بارىدىغان بولغان.

سوقراتنىڭ “ياشلارنى ئازدۇرغان” جىنايىتى بىلەن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشى ئەمەلىيەتتە ئىنسانىيەتنىڭ ئەقلى تەپەككۇرغا چەكلىمە قويۇش قويماسلىق ھەققىدىكى تۇنجى مۇنازىرىسىدىكى، مۇتەئەسسىپ كۈچلەرنىڭ غەلىبىسى ھېسابلىنىدۇ. ئەنە شۇندىن بېرى ھازىرغىچە ئىنسانىيەت بۇ تالاش-تارتىشتىن قۇتۇلغىنى يوق. بۇنىڭ سەۋەبى يەنىلا بىزدىكى تەپەككۇرنىڭ (بىلىشنىڭ) پەرقلىق بولۇشى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك.

سوقراتتىن كېيىن يۇنان پەلسەپىسى زور دەرىجىدە يۈكسەلگەن. ئەمما خرىستىئان دىنىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ۋە تارقىلىشى بىلەن تەڭ، ئەقلى تەپەككۇر ئاستىدا مەيدانغا كەلگەن پەلسەپە خرىستىئان دىنىي جەمىيەتلىرىنىڭ تەقىب قىلىشى بىلەن ياۋروپادا كۆيدۈرۈلۈپ كۈلى كۆككە سورۇلغان. ئەقلى تەپەككۇر تەقىب قىلىنغاندىن كېيىن ياۋروپا ئاتالمىش “مىڭ يىللىق قاراڭغۇلۇق” دەۋرىدە دىنىي ئۇرۇش، ئاچارچىلىق، ۋە ۋابا ئىچىدە ئۆتكەن. ياۋروپادا تېنى ئۆلگەن ئەقلى تەپەككۇر كېيىن ئىسلام دىنىنىڭ باش كۆتۈرۈشى بىلەن ئىسلام دۇنياسىدا ئىلىم ئەھلىنىڭ ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشىپ، كەينىگە چېكىنىپ كەتكەن خرىستىئان جەمىيىتىنىڭ ئەكسىچە ئىلىم-پەن ۋە مەرىپەت ئىسلام دۇنياسىدا گۈللىنىپ روناق تاپقان.

 

ئىككىنچى قىسىم:  ئىسلام دۇنياسىدا تەپەككۇردىكى تەرەققىياتلار ۋە قاتماللىقلار

 

مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئىسلامنىڭ ئالتۇن دەۋرىدىكى ئۇتۇقلىرىنى تىلغا ئېلىشقانلىرىدا كۆزلىرىدىن نۇر چاقناپ كېتىشىدۇ. ھەقىقەتەن، ئەرەب يېرىم ئارىلى ئۇرۇش تۈگەپ ئىسلام تۇغى ئاستىدا بىرلىككە كەلگەندىن كېيىن، ئىلىم-پەنمۇ تەرەققىي قىلىپ ئەينى چاغدىكى تەبىئىي پەن، تېببىي ئىلىم ۋە پەلسەپە قاتارلىق پەنلەر يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان. ئەمما كۆپ ئۆتمەي باشلانغان سىياسىي ھوقۇق تالىشىش كۈرەشلىرى نەتىجىسىدە، ھۆكۈمران قاتلام ئەقلى تەپەككۇرغا قارتا تەقىبنى كۈچەيتىپ، ئاخىردا بىر قىسىم سوپىزمنى تەرغىب قىلغۇچىلارنىڭ “مەن ھەق” دەپ جاكارلاشلىرىنى شېرىك دەپ ھۆكۈم قىلىپ [2]، ئەقلى تەپەككۇرغا ئائىت پائالىيەتلەرنى قەدەممۇ-قەدەم چەكلىگەن. شۇ قاتاردا پەلسەپە ئىسلام دۇنياسىدا ئەڭ چوڭ تەقىبگە ئۇچۇرغان.

ئەمدى ئىسلام پەلسەپىسى ئەقلى تەپەككۇر جەھەتتە قانداق ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈپ بولغان ئىدى دېگەندە، “ئىسلام دۇنياسىدىكى ئاخىرقى پەيلاسوپ” دەپ نام ئالغان ئىبن توفايلىنىڭ <يەسسان غەزنى ھەققىدە قىسە> دېگەن ئەسىرنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش ئارقىلىق جاۋاب بېرىمىز.

ئىبن توفايلىنىڭ بۇ ئەسىرى يەسسان غەزنى ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ ئۆزى ئۈستىدىكى ئويلىنىشلىرى ئارقىلىق، ئىنسان ئۈچۈن بىلىشنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى ئۆزىنى بىلىش ۋە شۇ ئارقىلىق ھەقنى (ياراتقۇچىسىنى) بىلىش ئىكەنلىكىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ. كىتابتا، باش قەھرىمان يەسسان غەزنى ئېسىنى بىلگەندىن باشلاپ ئۆزىنىڭ يېگانە ھالدا بىر ئارالدا بىر ئۆچكە تەرىپىدىن بېقىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. ئۇ ئۆسۈپ- يېتىلىۋاتقان مەزگىلدە بىر كۈنى بۇ ئۆچكە ئۆلۈپ قالىدۇ. ئۆچكىنى ئويغىتالمىغان (قايتا ھاياتقا ئېرىشتۈرەلمىگەن) دىن كېيىن يەسسان غەزنى ھاياتلىق ئۈستىدە ئويلىنىپ ئۇنىڭ جاۋابىنى تېپىشنى نىشان قىلىپ، چىقىۋاتقان شامال، دولقۇنلاۋاتقان دېڭىز، پارلاۋاتقان ئاسماندىكى يۇلتۇز قاتارلىق ئۆز ئەتراپىدىكى بارلىق شەيىلەرنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيەتلىرىنى بىلىش ئۈچۈن توختىماي تەپەككۇر قىلىدۇ. ۋە ئاخىردا بۇ شەيىلەرنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيىتىنى بىلگەندە بولسا، بۇ شەيىلەر بىلەن بىر پۈتۈن گەۋدىگە ئىگە بۇ ئوبيېكتىپ دۇنيا بىلەن ئۆزى، بىر تەڭداشسىز قۇدرەتكە ئىگە كۈچ تەرىپىدىن يارىتىلغان دېگەن يەكۈنگە كېلىدۇ. يەسسان غەزنىنىڭ ياراتقۇچىسىنى تونۇش جەريانىدا، يېنىدا دىنىي تەلىم بېرىدىغان ئۆلىما، ياكى ئىلىمدىن خەۋەر بېرىدىغان ئاسترونوم ياكى تېۋىپ بولمىغان. ئۇ يەككە-يېگانە ھالدا ھاياتلىققا توختىماي سوئال قويۇش، ئوبيېكتىپ شەيىلەرنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيىتىنى ئىگىلەش ئارقىلىق ئاخىردا شۇ يەكۈننى چىقارغان.

بۇ يەردە قىستۇرۇپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك بىر مۇھىم ۋەقەلىك بولسا، ئىبن تۇفايلىدىن كېيىن ئىسلام دۇنياسىدا ئەقلى تەپەككۇرغا تايىنىپ پەلسەپىنى يەنە بىر بالداق ئۆرلەتكەن ئىلىم ئىگىسى چىقمىغان، ئەقلى تەپەككۇرغا بولغان تەقىب ھەممە ساھەلەرگە كېڭىيىپ، ھۆكۈمران سىنىپلارنىڭ ھۆكۈم چىقىرىشىغا “قۇلايلىق” دوگمىچىلىق ھۆكۈمرانلىق ئورۇنغا ئۆتكەن. شەخسنىڭ ئۆزى ۋە ياراتقۇچىسى ھەققىدە تەپەككۇر قىلىشنى ھۆكۈمران سىنىپلار مونوپول قىلىپ موللام، ئۆلىما، مۇپتى، قازى دېگەندەك ئۈچىنچى شەخسكە ھاۋالە قىلىپ بەرگەن. شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە خرىستىئان دۇنياسى پارچە-پارچە ھالەتتە بولغانلىقى، ۋە خەلىپىلىك جەڭگىۋارلىقى ئۈستۈن بولغان تۈركلەرنىڭ قولغا ئۆتكەنلىك سەۋەبىدىن. ئىسلام دۇنياسى ۋاقىتلىق تىنچلىق ئىچىدە ئۆتكەن. ئەمما مىڭ يىللىق قاراڭغۇ دەۋردىن كېيىن دەل ئىسلام دۇنياسىدا تەقىبگە ئۇچۇرغان پەلسەپە ياۋروپادا قايتا ئەتىۋارلىنىشقا ئېرىشىپ، ياۋروپا “ئەدەبىيات-سەنەت گۈللىنىش” نى روياپقا چىقارغان. ئەقلىي تەپەككۇرنى ئىسلام دۇنياسىدىن تېرىپ ئالغاندىن كېيىن، ياۋروپادا ئىلىم-پەن راۋاجلانغان. يېڭى ئىلىم بىلەن قوراللانغان ياۋروپانىڭ باش كۆتۈرۈشىگە، ۋە ئۇلارنىڭ كېڭەيمىچىلىكىگە قارشى تۇرۇشقا تەپەككۇر قىلماي توختاپ قالغان ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەقلىمۇ ھەم كۈچىمۇ يەتمىگەن. ئەمما ئىسلام دۇنياسى خرىستىئان دۇنياسىنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىگە تەپەككۇرنىڭ قانچىلىك مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى، ۋە ئۆزلىرىنىڭ يۈكسىلىشتىكى ئەڭگۈشتىرىنى تاشلىۋەتكەنلىكىنى تا ھازىرغىچە ھېس قىلمايلا قالماستىن، ئەكسىچە دۇنيانى، دىننى، ياراتقۇچىسىنى ئىلىم بىلەن ئەمەس ئەپسانە ئارقىلىق چۈشىنىپ ۋە قىسە سۆزلەش ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ كەلمەكتە.

 

ئۈچىنچى قىسىم:  ئەقلى تەپەككۇر بىلەن دوگما تەپەككۇرنىڭ پەرقى

 

قۇراننى ئوقۇپ تامامەن چۈشەنگەن ئىنساننىڭ باشقا كىتابلارغا ئېھتىياجى يوق. ئەمما، بىر ئىنسان قۇراننى ئوقۇپ چۈشىنىش ئۈچۈن دۇنيادىكى بارلىق كىتابلارنى ئالدى بىلەن بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشى كېرەك (خاتىرەمدىن).

ئىسلامى چۈشەنچىلەردىكى بىر قاتماللىق شۇكى، مۇسۇلمانلار ھەر شەيىگە قۇراندىن جاۋاب تېپىشقا تىرىشىدۇ، لېكىن ئىلىم بىلەن دىنى سوئاللارغا جاۋاب ئىزدەشنى خالىمايدۇ ياكى قورقىدۇ. شۇ سەۋەبتىن دۇچ كېلىۋاتقان بارلىق سوئاللارغا ئۇنىڭ دىن بىلەن ئالاقىسى بولۇش بولماسلىقىدىن قەتىي نەزەر نوقۇل ئىسلامىي- ئەخلاق نۇقتىسىدىن جاۋاب ئىزدىشىدۇ. قۇران ۋە دىنغا ئالاقىدار سوئاللارغا ئىلىم بىلەن جاۋاب بەرگىلى بولامدۇ دېگەندە بىز كېسىپ ئېيتالايمىزكى، تامامەن بولىدۇ. چۈنكى بۇ ئىلىمنى بىز ياراتمىغان. ئۇنىڭ ھەممىسى ياراتقۇچىدىن كەلگەن. ئىلىم نېمە؟ ئىلىم ئىنسان تەرىپىدىن كاتىگوريەلەشتۈرۈلگەن ياراتقۇچىنىڭ قانۇنىيەتلىرى.

مەزكۇر يازمىنىڭ بېشىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن تەقلىدى ئەقىل ھەققىدىكى تالاش-تارتىشقا سەۋەب بولغان ئامىلغا كەلسەك، بۇنى ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرى بىلمىگەننى باشقىلارنىڭ بىلىشىدىن قورقۇش پسىخىكىسىنىڭ ئىپادىلىنىش دەپ قارايمىز.  بولۇپمۇ دىنىي جەمىيەتتە ئىمتىيازلىق كىشىلەردە بۇنى كۆپ ئۇچۇرتىمىز. ئۇلار ھادىسىلەرگە ئەقلى تەپەككۇر ئارقىلىق جاۋاب ئىزدەشنى خالىماي، بۇرۇندىن بار بولغان، ھادىسىلەرنى ئېتىراپ قىلىش ياكى ئىنكار قىلىشتەك ئىككى قۇتۇپقىلا بۆلىدىغان دوگما تەپەككۇرى ئارقىلىق پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا. شۇ سەۋەبتىن مەسىلەن مارسقا ئادەم چىقىرىش پىلانى دېگەندەك ھەر بىر تېخنىكىدىكى يېڭىلىقلارغا قارتا سەئۇدى ئەرەبىستاندا تەبىئىي پەن ئالىملىرى ئەمەس سەئۇدى مۇپتىلىرى بەكرەك باش قاتۇرۇپ ئۇنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىغا پەتىۋا چىقىرىپ ئولتۇرماقتا.  ئۇنداقتا ئەقلى تەپەككۇرنىڭ چۈشەندۈرۈشتىكى ئالاھىدىلىكى نەدە؟

سوقرات مۇتلەق ھۆكۈمنىڭ نىسپىيلىكىنى تەكىتلەش ئارقىلىق ئىنسانىيەتنى دوگما تەپەككۇر قىلىشتىن ئەقلى تەپەككۇر قىلىشقا يېتەكلىگەن. بۇنى ئىنساننىڭ ئەقلى تەپەككۇرىنى كومپيۇتېرنىڭ ئىشلەش مېخانىزمى بىلەن سېلىشتۇرۇپ كونكرېت ئانالىز قىلىپ باقايلى. بۇ يەردە ئەقلىي تەپەككۇر بىلەن تەقلىدى ئەقلىنى سېلىشتۇرساق، ئىككىلا ئەقىلنىڭ ئىشلەش مېخانىزمى ئوخشاش، يەنە ئىككىلىسى ئالغان ئۇچۇرلارنى ئانالىز قىلىپ يەكۈنگە ئېرىشىش. ھازىرقى تەقلىدى ئەقىلنىڭ پارتلاش خاراكتېرلىك تەرەققىي قىلىشىغا سەۋەب بولغان ئامىل (ماتېرىيال فىزىكىسىدىكى تەرەققىياتنى ھېساب قىلمىغاندا)، دەل ئىككى مىڭ بەش يۈز يىل ئىلگىرى سوقرات ئىنسان تەپەككۇرىغا ئېلىپ كىرگەن كىچىككىنە ئۆزگىرىش بىلەن ھەيران قالارلىق دەرىجىدە ئوخشاش. بۇ ئىككىلا ئەقىلگە “ئەگەر (كومپيۇتېردا ئور ياكى ئىف)” دېگەن لوگىكىلىق تەپەككۇر ئۇسۇلى كىرگۈزۈلگەن. سوقرات بولىدۇ ياكى بولمايدۇ دېگەن مۇتلەق دوگما ھۆكۈمگە، “ئەگەر” دېگەن ئالدىنقى شەرتنى قوشقانلىقىدىنلا، مۇتلەق ھۆكۈملەر شارائىتقا قاراپ نىسپىي ھۆكۈمگە ئۆزگەرگەن. كومپيۇتېر “ياكى (ئور)” دېگەن يەكۈن چىقىرىش ئۇسۇلى قوشۇلغانلىق سەۋەبىدىن، ئالدىنقى شەرت ئۆزگەرگەن ئەھۋالدا كومپيۇتېرغا ئوخشاش ئۇچۇردىن ئوخشىمايدىغان يەكۈن چىقىرىش ئىقتىدارى قوشۇلغان. كومپيۇتېرنىڭ تەرەققىياتى شۇ تەرەققىيات بىلەن تەڭ ماڭالمىغان ئىنسانلار ئۈچۈن ھەقىقەتەن قورقۇنچلۇق كۆرۈنىدۇ. بىر مىسال كۆرسىتىپ ئۆتسەك، گۇگىل شىركىتىنىڭ ئانا شىركىتى بولغان ئالفابەت شىركىتى ئىگىدارچىلىقىدىكى شاھمات ئويناش پروگراممىسى ئالفاگو نەچچە يىل تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق خەلقارادا بارلىق قورشاۋ شاھمات چېمپىيونلىرىنى يېڭىپ تەڭداشسىز “ئەقلى” نى نامايان قىلغان. ئېيتىلىشىچە قورشاۋ شاھماتنىڭ مېڭىش يوللىرى ئەڭ مۇرەككەپ بولۇپ، ئەگەر بىز خەلقارا شاھماتنىڭ (64 كاتەكچىدىكى) بىر مەيدان مۇسابىقىدە بارلىق ئۆزگىرىش (مېڭىش) ئاممىلىرىنى نوقۇل سان-سىپىر بىلەن ئىپادىلىسەك بۇ سان-سىپىرلار 10نىڭ 47 ماسسىغا باراۋەر كېلىدىكەن. قورشاۋ شاھماتتا (361 كاتەكچە) بولسا بۇ سان-سىپىرلار 10نىڭ 170 ماسسىسىغا توغرا كېلىدىكەن.

كىچىككىنە بىر شاھمات تاختىسىدا شۇنچىلىك كۆپ ئۇچۇر بار ئىكەن. ئەمدى دۇنيادىكى بارلىق شەيىلەرگە جاۋاب بار دەپ قارالغان قۇراندىكى سان-سىپىر قانچىلىكتۇ؟ بۇ سان-سىپىرلارنى چۈشىنىش ۋە ھەزىم قىلىش ئۈچۈن ئەگەر بىر ئىنساندا يۇقىرى دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان ئەقلىي تەپەككۇر بولمىسا ئۇنى چۈشەنمەسلىك ياكى خاتا چۈشىنىش مۇمكىنغۇ!

بىز “ئاللانىڭ ئىرادىسىز قىل تەۋرىمەيدۇ” دېگەن سۆزنى دائىم ئاڭلايمىز. بىر قىسىم كىشىلەر بۇنى ياراتقۇچىنىڭ ئىرادىسى بىلەن شەخسنىڭ ئەركىن تاللىشى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بىلەن باغلاشتۇرۇپ ئۆزىنى قىينايدۇ. يەنە، بىزنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىمىزنىڭ سەۋەب نەتىجىلىرى ئاللا تەرىپىدىن بېكىتىۋېتىلگەن بولسا، بىزنىڭ تاللاش ئىرادىمىزنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ يەنى، شەخسنىڭ تاللىشى بىلەن ياراتقۇچىنىڭ ئىرادىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟

ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككى سوئالنى بىز نەزەرىيە فىزىكا ئىلمى بىلەن چۈشىنىشكە تىرىشىپ باقساق بولىدۇ. بىرىنچى سوئالغا كەلسەك. بىر تال قىلنى مەن قولۇم بىلەن ئىتتىرىپ قويساممۇ تەۋرەيدىغۇ دېگۈچىلەر بار. ئەمما شۇ بىر تال قىلنى تەۋرىتىش ئۈچۈن سىز ئالدى بىلەن “ئەگەر” دېگەن ئالدىنقى شەرىتىنى ھازىرلىشىڭىز كېرەك. چۈنكى بىر تال قىلنىڭ ھەرىكەت قىلىشى ئۈچۈن مەلۇم بوشلۇق (ماكان) ۋە بىر نۇقتىدىن ئىككىنچى نۇقتىغا يۆتكىلىشى ئۈچۈن مەلۇم ۋاقىت (زامان) كېرەك. ئىنساننىڭ ماكان ۋە زامان يارىتىشقا قۇدرىتى يەتمەيدۇ. ئىنسان بولمىش بىز تەييار بار ئوبيېكتىپ مەۋجۇتلۇقتىن ۋە ئۇنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيىتىدىن پايدىلىنىپ نەتىجە يارىتالايمىز. شۇ بىر تال قىل تەۋرەشكە تېگىشلىك ئوبيېكتىپ قانۇنىيەت پەقەت ياراتقۇچىنىڭ ئىرادىسىدىن بولغان. شۇ سەۋەبتىن ئاللانىڭ ئىرادىسىز قىل تەۋرىمەيدۇ دېسە ئۇ فىزىكىلىق قانۇنىيەت نۇقتىسىدىن ھەقىقەتەن توغرا ھۆكۈم ھېسابلىنىدۇ.

ئىككىنچى سوئالنى يەكۈنلىسەك، ئەگەر بىز مەلۇم ئىشنى قىلماي تۇرۇپ ئۇنىڭ نەتىجىسى ئاللا تەرىپىدىن بېكىتىلىپ بولۇنغان بولسا، شەخسنىڭ تاللىشىنىڭ نېمە ئەھمىيىتى دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ بىر باش قاتىدىغان سوئال بولۇپ نوقۇل دىنىي-ئەخلاق نۇقتىسىدىن قايىل قىلارلىق جاۋابقا ئېرىشكىلى بولمايدۇ. ئەمما بىز بۇنى نەزەرىيە فىزىكىسىغا بولۇپمۇ ئېينىشتېيننىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيەسىگە مۇراجىئەت قىلىپ مەلۇم جاۋابقا ئەگە بولالايمىز.

ئىنسان ياشىغان ماكاندا ۋاقىت پەرقى بار. مەسىلەن قول تېلېفونىڭىزغا سىگنال يەتكۈزۈپ بېرىدىغان ئاسماندىكى سۈنىي ھەمرادىكى سائەت بىلەن يەر يۈزدىكى سائەت ھەر دائىم 7 سېكۇنت پەرق بىلەن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ تەبىئىي قانۇنىيەت بولۇپ ئۇنى ئىنسانلار بەلگىلىگەن ئەمەس. بۇ مىسال ئارقىلىق ۋاقىتنىڭ مۇتلەق بولمايدىغانلىقىنى چۈشەنگەن چېغىمىزدا، بىز ئىنساننىڭ ۋاقتى بىلەن بۇ سوئالغا دىئاگنوز قويساق بولمايدىغانلىقىنى بىلىمىز. ئىنسان مەلۇم ئىشنى باشلاپ نەتىجىسى چىققۇچە جەريان (ۋاقىت) كېتىدۇ. ئەمما ياراتقۇچى ئۈچۈن (ئۇ مۇتلەق مەۋجۇتلۇق بولغانلىقىدىن) ۋاقىت مەۋجۇت ئەمەس دەپ ئويلىيالايمىز.  ئىنسان ئۈچۈن بىر نۇقتىدىن يەنە بىر نۇقتىغا ھەرىكەت قىلىپ ئۇلارنى تۇتاشتۇرغان جەريان بىر سىزىق بولسا، بەلكىم ئۇ ياراتقۇچى ئۈچۈن بىرلا نۇقتا بولۇشى مۇمكىن. بۇ بىر نۇقتىغا سەۋەبمۇ نەتىجىمۇ يىغىلغان ھالەت بولۇش مۇمكىنچىلىكى بار. بۇنىڭغا قارتا چۈشەنچە ھاسىل قىلغاندا، بىز قۇراننىڭ بەقەرە سۈرىسىدىكى “غەيىپ” ئۇقۇمىغا قارتا مەلۇم چۈشەنچىگە ئىگە بولالايمىز. بەقەرە سۈرىسىدە “(تەقۋادارلار) غەيىپكە ئىشىنىدۇ” دېيىلگەن. بۇ يەردىكى “غەيىپ” ئاتالغۇسى بىزگە ئايان بولمىغان شەيى، ھادىسىلەرنى بىلدۈرىدۇ.  بىز بۇ يەردە غەيىپنى بىز بىلىش ئىمكانىيىتىدىكى غەيىپ بىلەن بىلىش ئىقتىدارىمىزدىن ھالقىغان غەيىپ دەپ ئىككىگە ئايرىيالايمىز.  ياراتقۇچى تەرىپىدىن ئاپىرىدە قىلىنغان ئوبيېكتىپ دۇنيادىكى، قانۇنىيىتى بار بولغان “غەيىپ” بىزنىڭ ئەقلى تەپەككۇرىمىز بويىچە بىز بىلىشكە قادىر بولۇپ تېخى بىز بىلمىگەنلىرىنى بىلىش پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى خالاس. يەنە بىر خىل “غەيىپ” بولسا بىزنىڭ تەپەككۇرىمىزدىن ھالقىغان (ھەرىكەت) قانۇنىيىتى بولمىغان شەيى ۋە ھادىسىلەر، ئۇلار بىز بىلىشكە قادىر بولمايدىغان “غەيىپ” بولۇپ، بىز بۇ خىل غەيىپ ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈشكە، ئەقلىي تەپەككۇر قىلىشقا ئاجىزمىز. بۇنىڭ تىپىك مىسالى ياراتقۇچى ئۆزى بولۇپ، بىز قۇراندىكى چۈشەنچىلىرىدىن ياراتقۇچىنىڭ مۇتلەق، ھەممىگە قادىر، يېگانە، مېھرىبان بىر مەۋجۇتلۇق ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. ئەمما ياراتقۇچىنىڭ ئۇنىڭدىن ئارتۇق خۇسۇسىيەتلىرى ھەققىدە بىلىش بولسا، بەلكىم ۋە پەقەت ئىنسان ئۆلگەندىن كېيىنكى ئىشلار بولۇپ، تىرىك ئىنسان ئۈچۈن ئۇ زات مەڭگۈ “غەيىپ” بولىدۇ.

“غەيىپ” چۈشىنىش مۇرەككەپ بولغان ئۇقۇم بولۇپ، بۇ ئۇقۇمنى تېخىمۇ چۇڭقۇر ئانالىز قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئاددىي چۈشەنچە بىلەن بولغاندا “غەيىپ” يوق ياكى كۆزگە كۆرۈنمىگەن دېگەنلىك بولۇپ، ئەگەر يوق بولسا يوق نەرسىگە قانداق ئىشىنىش كېرەك دېگەن گاڭگىراش كېلىپ چىقىدۇ.  بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن غەرب پەلسەپىسىدە “بار” بىر مەۋجۇتلۇق “يوق” مۇ بىر مەۋجۇتلۇق دېگەن ھۆكۈمنى تىلغا ئېلىپ “يوق” نىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالالىساق، قانۇنىيەت بىلەن بىر پۈتۈن گەۋدە سۈپىتىدە بىزنى ئۆز قوينىغا ئېلىپ تۇرغان بۇ ئوبيېكتىپ دۇنيانىڭ ئىچى-سىرتىدا قانۇنىيىتى بىزگە مەلۇم بولمىغان، بىز ھازىرچە (ۋاقىتلىق) بىلىش ئىمكانىيىتىدىن يىراق ھادىسىلەرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز.

بىز قۇراندىن كونكرېت مىسال ئېلىپ كۆرەيلى. “ئاللا يەر يۈزدىكى ھەممە نەرسىنى سىلەر ئۈچۈن ياراتتى، ئاندىن ئاسماننى يارىتىشقا يۈزلىنىپ، ئۇنى قۇسۇرسىز يەتتە ئاسمان قىلىپ تاماملىدى. ئاللا ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر [3]. ئاللا ھەقىقەتەن ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى غەيىپنى بىلگۈچىدۇر. ئاللا ھەقىقەتەن دىللاردىكى سىرلارنى بىلگۈچىدۇر [4]”.  بۇ يەردە “سىلەر ئۈچۈن ياراتتى” دېگەن سۆز، ئاللانىڭ ئىنسانلارغا بەرگەن ئىمتىيازى بولۇپ، ئۇنى نوقۇل ماددىي جەھەتتىن ئىشلىتىش، پايدىلىنىش ۋە سەرپ قىلىشقا بېرىلگەن ئىجازەت دېيىش تار مەنىدىكى چۈشىنىش بولۇپ قالىدۇ. بۇنىڭغا ئاز دېگەندە ئۇنىڭ يەنە بىر يەشمىسى، ئەگەر بىز خالىساق ئۇنى بىلىشكە ھەقلىق ئىكەنلىكىمىز، بۇ شەيى ۋە ھادىسىلەر ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈشكە، تەپەككۇر قىلىپ جاۋابىنى ئىزدەشكە ھەقلىق ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئايەتتە بىلەن كەينىدىكى ئايەتتىكى “ئاسمانلار” دېگەننى بىرلەشتۈرسەك، يەتتە قات ئاسمان بار ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. نەزەرىيە فىزىكىچىلىرى “چوڭ پارتلاش” نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بىز ياشاۋاتقان بۇ كائىناتنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە ھەرىكەت مودېلىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھازىرقى فىزىكا ئالىملىرى بىلەن ئاسترونوملار بۇ جەھەتتە كۆپ ئىزدىنىشلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئەمما ئىنسانلار ئۈچۈن بۇ چوڭ پارتلاش تەييار ماكان ئىچىدە يۈز بەرگەنمۇ، ياكى چوڭ پارتلاشتىن ماكان ھاسىل قىلىنغانمۇ بۇ تېخى ئېنىق ئەمەس [5]. شۇ سەۋەبتىن بىز ھازىرقى بىلىش سەۋىيەمىزدە زامان ۋە ماكاننىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە قۇراندا تىلغا ئېلىنغان يەتتە قات ئاسمان تېخى “غەيىپ” ھېسابلىنىدۇ. ئەمما بۇلار ئىنسان ئۈچۈن مۇتلەق غەيىپ بولماستىن “بىز ئۈچۈن يارىتىلغانىكەن” ئىنسانلارنىڭ ئىزدىنىشى بىلەن ۋاقتى-سائىتى كەلگەندە ئاشكارا بولىدىغان “غەيىپ” دەپ ئىشىنىمىز.

ئەقلى تەپەككۇر ئارقىلىق غەيىپنى بىلىش بىزنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىزدىمۇ ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. مەسىلەن ئەگەر ئەقلى ئىقتىدارى ئاجىز ئىنسانلار جىنايەت سادىر قىلسا ئۇلارغا جىنايەت ئارتىلمايدۇ. چۈنكى ئۇلار بىلىش ئىقتىدارىنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلغان. ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىگە قارتا بېرىلىدىغان جازا تەربىيە بولىدۇ، چۈنكى ئۇلار تېخى بىلىش يېشىغا يەتمىگەن. ئەگەر سىز ياش-قورامىڭىزغا يەتكەن ۋە ئەقلى-ئىقتىدارىڭىز نورمال تۇرۇپمۇ جىنايەت سادىر قىلسىڭىز، ھەر قانچە ئۇنىڭ جىنايەت ئىكەنلىكىنى بىلمەپتىمەن دېسىڭىزمۇ جاۋابكارلىق سىزگە ئارتىلىدۇ. چۈنكى سىزنىڭ ئەقلى-ھوشىڭىز جايىدا، ئۆگىنىشكە، بىلىشكە ۋاقىت ۋە پۇرسەت يېتەرلىك بېرىلگەن. مىسىردا چەت-ئەللىك ئايال ساياھەتچىلەرگە ھۇجۇم قىلىش، كۈپ-كۈندۈزدە ئۇلارغا باسقۇنچىلىق قىلىش ئەھۋاللىرى دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ جىنايىتى سۈرۈشتۈرۈلگەندە ئوچۇق يۈرگەن ئاياللار بۇزۇق بولۇپ ئۇلارنى خالىغانچە بىر تەرەپ قىلىش مۇسۇلمان ئەرلەرنىڭ ھوقۇقى ئىكەنمىش. ئەلۋەتتە بۇ نوقۇل مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىلا يۈز بېرىدىغان ئەھۋال ئەمەس. بۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋاللارنىڭ ھىندىستاندىمۇ كۆپ يۈز بېرىدىغانلىقىنى خەۋەرلەردە ئاڭلايمىز. پەقەت ھېكايە شەكلى ئوخشاش ئەمەس بولۇپ، تەبىقە ئەنەنىسى كۈچلۈك ھىندىستاندا يۇقىرى تەبىقىدىكى ئەرلەرنىڭ تۆۋەن تەبىقىدىن كېلىپ چىققان قىز-ئاياللارنى ئاياق-ئاستى قىلىشى كۆپ يۈز بېرىدىكەن.

بۇلارنى بىلىپ تۇرۇپ ئۆز نەپسى ئۈچۈن جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر دەپ قارىساق، يەنە بەزى بىر ئەھۋاللار بۇنىڭ سىرتىدا بولىدۇ. مەسىلەن سىز سىگارت ئالغىلى سىرتقا چىقىپ كىچىك بالىنى كۆتۈرۈشتىن ئېرىنىپ ماشىنا ئىچىگە قويۇپ قويۇپ، بىر-نەچچە مىنۇت ئىچىدە چىقىشنى كۆڭلىڭىزگە پۈكۈپ ماركىتكە كىرىپ كەتتىڭىز. سىرت قاتتىق ئىسسىق، سىز دېرىزىنى ئازراق ئېچىپ قويۇشنىمۇ ئۇنتۇپ قالدىڭىز. ماركىتتا كونا تونۇشىڭىز ئۇچراپ قالدى. پاراڭلار قىزىپ سىز ھەممىنى ئۇنتۇدىڭىز. نەچچە سائەتتىن كېيىن ماشىنىڭىزغا قايتىپ بارغىنىڭىزدا بالىڭىز تۇنجۇقۇپ قۇتقۇزۇشقا ئۈلگۈرمىدى. داد-پەرياد كۆتۈرۈپ ئاللا-خەپكەر دەپ چاچلىرىڭىزنى يۇلۇپ، بۇنداق بولۇشىنى بىلمەپتىمەن دېيىش بىلەن ئۆزىڭىزنى ئاقلىيالمايسىز. چۈنكى سىزدە نورمال ئەقىل-ئىدراك بار، كىمنىڭ نەدە ئۆلۈشى “غەيىپ” بولسىمۇ بالىڭىزنىڭ خەتەر ئىچىدە قالىدىغانلىقىنى سىز ماركىتكە كىرىشتىن بۇرۇن، ماشىنىدىن چۈشكەندە ھېس قىلغان شۇ ئىسسىق ھاۋانى، تونۇشلارغا ئۇچراپ قالسىڭىز گېپىڭىزنى تۈگىتەلمەيدىغان ئادىتىڭىز بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلسىڭىز ئالدىن مۆلچەرلەش ئىقتىدارىغا ئېگىسىز. شۇ سەۋەبتىن شۇ غەيىپنى بالدۇر پەملىيەلمەسلىككە سىز جاۋابكار بولىسىز. بۇنداق مىساللار رېئاللىقتا كۆپ يۈز بېرىدىغان بولۇپ، ئەگەر بىزنىڭ ئەقلى تەپەككۇرىمىز ھەر دائىم ئويغاق تۇرسا نۇرغۇن پاجىئەلىك “غەيىپ” لەرنى يۈز بېرىشتىن بۇرۇن مۆلچەرلەش ۋە ئالدىنى ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگىمىز.

 

 

ئىككىنچى بۆلۈم.   ئەقلى تەپەككۇر، نىيەت ۋە ساۋاب

 

بىز يۇقىرىدا ئىككى سوئالغا چۈشەنچە بەرگەندىن كېيىن مەزكۇر يازمىدىكى مەقسىتىمىزگە قايتىپ كېلىمىز. بىز بۇ يازمىدا ئەقلى تەپەككۇرنىڭ نىيەت ۋە ساۋاب ئوتتۇرىسىدىكى رولىنى تەھلىل قىلماقچى. بىز يۇقىرىدىكى ئىككى سوئالنىڭ جاۋابىدىن شەخسنىڭ ئەركىن تاللىشىنى ئۆز قولىغا بېرىپ نىيەت بىلەن ساۋابنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئۆتىمىز.

دىندا ساۋابنىڭ كونكرېت قىممىتى بەلگىلەنمىگەن، پەقەت ئىبادەت، تەقۋادارلىق، ياخشى ئەمەللەرگە ساۋابنى قانچە ئۈلۈش ياكى ھەسسىلەپ بېرىلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. مەسىلەن قۇراندا “ئاللا ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا مەغپىرەت ۋە كاتتا ساۋاپ ۋەدە قىلدى [6]” دېيىلگەن. ئەگەر بۇ يەردىكى كاتتا ساۋابنى بىز جەننەت دەپ بىلسەك، ئۇنداقتا قانچىلىك ياخشى ئەمەل بىلەن ئۇنىڭغا ئېرىشىش مۇمكىن؟ يەنە مەسىلەن، سىز بىر ھاجەتمەن ئىنسانغا بىر نان بەرسىڭىز ئۇنىڭغا ساۋاپ يېزىلدى دەيلى. شۇ بىر ناننىڭ ساۋابى قانچىلىك؟ ئەگەر بىزنىڭ قىلغان ساۋاب ئىشلىرىمىزنىڭ نەتىجىسى بىزنى جەننەتكە يەتكۈزسە، قانچىلىك ساۋاب قىلساق جەننەتكە كىرمىز؟ دىندا بۇ توغرىلىق ئېنىق بىر چۈشەندۈرۈش يوق. ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ساۋابقا كونكرېت قىممەت بېكىتىلمىگەن؟

بۇنى بىز ئىنساننىڭ ياخشى ئىش قىلىشتىكى نىيىتىگە ئالاقىدار بولغانلىقى ئۈچۈن دەپ ھېسابلايمىز.  شەخسنىڭ ياخشى ئىش قىلىشى ئاللانى رازى قىلىش ۋە شۇ ئارقىلىق ياخشى بىر ئاخىرەتلىككە (مۇسۇلمانلار ئۈچۈن جەننەتكە كىرىش ياخشى بىر ئاخىرەتلىك) ئېرىشىش ئۈچۈن بولسا، مەلۇم ئىنسان بەلكىم قىلغان بىر ياخشى ئەمىلى ئۈچۈنلا بۇنىڭغا ئېرىشىشى مۇمكىن، ۋە ياكى بىر ئۆمۈر ياخشى ئەمەل قىلىپمۇ بۇنىڭغا ئېرىشەلمەسلىكى مۇمكىن. بۇنىڭدىن يەكۈن چىقىرىش ئىنساننىڭ ئىرادىسىدىكى ئىش ئەمەس بولۇپ، سەۋەبىنى بىز قىلمىز نەتىجىسى ئاللادىن دېگەن چۈشەنچىگە يېقىن كېلىدۇ. ئەمدى ئەگەر ساۋابقا كونكرېت قىممەت يېزىلغاندا، بىر ئىنساننىڭ ساۋاب ئىش قىلىشى ياراتقۇچىسىنى رازى قىلىش ئارقىلىق جەننەتكە كىرىش بولماستىن، كونكرېت قىممەت يارىتىش (يەنى سان تولدۇرۇش) ئارقىلىق جەننەتكە كىرىش بولۇپ قالىدۇ.  بۇ خىل ئەھۋالدا ئىبادەتنىڭ نىشانى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ساۋابقا كونكرېت قىممەت يېزىلمىغان دېيىش ئەقىلگە مۇۋاپىقتۇر.

 

بىرىنچى قىسىم:   نىيەت ۋە ساۋاپ

 

ئىسلامدا شەخسنىڭ ھەر نەتىجىگە (ساۋابقا) ئېرىشىشتىكى قەدەملىرى ئۇنىڭ نىيىتى بىلەن ئۆلچەم قىلىنغان. بۇ ناھايىتى يۇقىرى ئۆلچەم بولۇپ بۇ يەردە ئىنسان ئۆزىنى ياخشى چۈشىنىش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن. يەنە بىلىشنىڭ يۇقىرى پەللىسى بولغان ئۆزىنى بىلىش بۇ يەردە نىيەتنىڭ ئەمىلى ھەرىكەتكە ئۆتۈشتىن بۇرۇنقى نازارەتچىسى بولىدۇ.  دىنىي ئەقىدىدە بولسۇن ۋە ياكى ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا بولسۇن بىز ھەرىكەتسىز نەتىجە يارىتالمايمىز. ئەمما بەزىدە ياخشى كۆڭلىمىز بىلەن ئېلىپ بارغان ھەرىكىتىمىز ئەكسىچە يامان نەتىجە ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. بۇنىڭغا قانداق جاۋاب بېرىش كېرەك؟ ئۇنىڭغا گۇناھ يېزىلامدۇ، ياكى ساۋاپمۇ؟ ئېگەر نوقۇل ھالدا “قانغا قان، جانغا جان” دېگەن دوگما چۈشەنچە بويىچە بولغاندا، سىز ياخشى كۆڭلىڭىز بىلەن بىرىنى قۇتقۇزىمەن دەپ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولسىڭىز، ياخشى نىيىتىڭىز ئۈچۈن ئۆلۈشكە مەھكۇممۇسىز؟

بىز ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىزدا نىيەتكە قارتا تۈزۈلگەن قانۇن بەلگىلىمىلەرنى ئۇچۇرتىمىز. مىسال سۈپىتىدە ئامېرىكىنىڭ قانۇن-تۈزۈمىنى ئانالىز قىلىپ كۆرگىنىمىزدە، ئامېرىكا قانۇنىنىڭ ئەمەلىيەتتە مەلۇم شەخسنىڭ سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەن ياكى ئۆتكۈزمىگەنلىكىنى ھۆكۈم قىلغاندا، شۇ شەخسنىڭ نىيىتى ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەسۇلىيىتىنىڭ دەرىجىسىنى بەلگىلەيدىغانلىقىنى بىلىمىز. مەسىلەن ئادەم ئۆلتۈرگەن بولسا، سەۋەبى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. قەستەن قاتىللىق قىلغانمۇ، ياكى ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈنمۇ، ۋە ياكى تاسادىپىي ۋەقەمۇ؟ بۇ گۇمانلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن شۇ ۋەقە سادىر قىلغۇچىنىڭ نىيىتى (مۇددىئاسى) ئېنىقلىنىپ شۇنىڭغا قارتا ھۆكۈم ئېلان قىلىنىدۇ. نوقۇل قانغا-قان، جانغا-جان ھۆكۈمى بويىچە ئادەم ئۆلتۈرسىلا دەرھال سۆرەپ چىقىپ دارغا ئاسىدىغان ئىش يۈز بەرمەيدۇ. ئامېرىكا ۋە بەزى تەرەققىي تاپقان ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ قانۇنىدا “ئاق كۆڭۈل سامارتىن [7]” قانۇنى بولۇپ، ئەگەر سىز جىددىي ئەھۋالدا بىرىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇشقا ھەرىكەت قىلىپ كۈتكەن ئۈنۈم چىقمىسا ئۇنىڭغا سىز جاۋابكار بولمايسىز.

نىيەتنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىزدىكى ئىپادىسىنى تۇرمۇشىمىزدىكى بىر ئاددىي مىسال بىلەن كۆرسىتىپ ئۆتسەك، قاتناش قائىدىسىدىكى سېرىق چىراغ ئەمەلىيەتتە ماشىنا ھەيدىگۈچىنىڭ نىيىتىگە يېقىلغان چىراغ ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن، قاتناش قورالى چىراغدىن ئۆتكەندە مەلۇم جەريان كېتىدۇ. ئەگەر نوقۇل يېشىل چىراغ بىلەن قىزىل چىراغ يېقىش ئارقىلىق، ماڭىدۇ ياكى توختايدۇ دەپ بەلگىلەنسە قاتناش ھادىسىسى كۆپ يۈز بېرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن قاتناش ۋەقەسى چىقماسلىق ئۈچۈن يېشىل چىراغ قىزىلغا ئۆزگىرىش ئالدىدا قىسقا مەزگىللىك سېرىق چىراغ يېنىپ تۇرىدۇ. دەل بۇ سېرىق چىراغ شوپۇرنىڭ نىيىتىگە بېرىلگەن سىگنال بولۇپ، توختاشقا يەتكۈدەك ۋاقىت بار ئەمما كېسىپ ئۆتۈپ كېتىشكە ۋاقىت بولمىسا توختىشى، ئەگەر توختاش سىزىقىغا بەك يېقىن كېلىپ قېلىپ توختاشقا ئۈلگۈرەلمىسە، ياكى جىددىي تورمۇز ماشىنا ئىچىدىكى ئايالىنىڭ قورسىقىدىكى ھامىلىگە خەۋپلىك تىترەش ئېلىپ كېلىدۇ دەپ ھېسابلىسا، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئۆتۈپ كېتىشى كېرەك. بۇ يەردىكى ھۆكۈم پۈتۈنلەي ئەقلى ھۆكۈم بولۇپ ئۆزى ۋە ئۆزگىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغان ئاساستا بۇ ھۆكۈم ئىجرا قىلىنىدۇ. ئەگەر سىز ئىشقا ئالدىرىغان ۋاقىتتا سېرىق چىراغدىن توختاشقا ۋاقىت بار، ئۆتۈپ بولۇشقا ۋاقىت يەتمەيدىغان ئەھۋالدا مەجبۇرىي ئۆتسىڭىز، بۇ خىل ئەھۋالدا سىز كىچىك ئىش (ئىشقا ئازراق كېچىكىش) نى دەپ چوڭ خەتەرگە (ئۆزىڭىز ۋە ئۆزگىلەرنىڭ بىخەتەرلىكى) تەۋەككۈل قىلغان بولىسىز. بۇ مىسال بىزگە نىيەت چوقۇم ئەقلىي تەپەككۇرغا موھتاج ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

 

ئىككىنچى قىسىم: نىيەتنىڭ ۋەزىپىسى

 

نىيەت ئوبيېكتىپ جەمىيەتتە كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە ئادىمىي ئەخلاقنى قوغداشنى ۋەزىپە قىلىشى كېرەك. ئادىمىي ئەخلاق دېگەن ئۆزىنىلا ئويلاش ئەمەس ئۆزگىلەرنىمۇ ئويلاپ پائالىيەت قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇنى ئوخشىمىغان دىندىكى، ئوخشىمىغان ئىنسانلار توپى، ئوخشىمىغان شەكىلدە ئىپادىلەپ كەلگەن. ئىنسانلار توپلام ياشايدۇ. بىر جەمىيەتتە ئۆزىنى ۋە ئۆزگىلەرنى ئويلاپ ياشايدىغانلارنىڭ نىسبىتى بۇ جەمىيەتتىكى زىددىيەت، ۋە جەڭگى-جېدەللەرنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى بىلەن تەتۈر تاناسىپ بولىدۇ. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا قارشى تەرەپنىڭ مەيدانىنى ئويلاشقان ھالدا ئۆز پائالىيىتىنى ئېلىپ بارىدىغان ئىنسانلار قانچە كۆپ بولسا بۇ جەمىيەتتە زىددىيەت، سۈركىلىش شۇنچە ئاز بولىدۇ. بىز قاتناش ئەھۋالىدىن بۇنى سېلىشتۇرۇپ كۆرىمىز. مىسالنىڭ بىرى ياپونىيە بولۇپ، ياپونىيە يەر مەيدانى قىس، ئاھالىسى زىچ، ماشىنا سانى كۆپ دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ئەمما ياپونىيە قاتناش ھادىسىسىدىن ئادەم ئۆلۈش نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن بىر دۆلەت. ياپونىيەدە ئاممىۋى قاتناش ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان بولۇپ، زور كۆپچىلىك ئاھالە ئادەتتە خىزمەتكە بېرىپ كېلىشتە ئاممىۋى قاتناش قورالىغا تايىنىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئاممىۋى قاتناش ئەتىگەن ۋە ئاخشىمى ئادەم بىلەن تولغان. ئەمما سىز ۋوگزاللاردا، بېكەتلەردە بىر بىرىنى ئىتتىرىشىپ ئورۇن تالىشىۋاتقان يولۇچىلارنى  كۆرەلمەيسىز. ھەممە ئادەم ئۆچىرەت بىلەن ئاپتوبۇس ۋە پويىزلارغا چىقىدۇ. ياشلار كۆپىنچە ھالدا ئولتۇرمايدۇ. ھەممە ئادەم پۇت-قوللىرىنى يىغىپ ئەڭ كىچىك بوشلۇقنى ئىگىلەپ تۇرىدۇ. ياپونلارنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسى “ئۆزگىلەرگە ئاۋارىچىلىك كەلتۈرمەسلىك” تەلىماتنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان. ئاتا-ئانا بالىلىرىغا كىچىكىدىن باشقىلارغا ئاۋارىچىلىك سالماسلىقنى ئۆگىتىدۇ. پويىزدا ئۆزى كەڭتاشا بولۇش ئۈچۈن كېرىلىپ تۇرسا ياكى نەرسە-كېرەكلىرىنى رەتلىك قويمىسا بۇ باشقىلارنىڭ بوشلۇقىنى تارلاشتۇرۇپ، باشقىلارغا ئاۋارىچىلىك تېپىپ بېرىش ھېسابلىنىدۇ. ياپونىيەدە زور كۆپچىلىك ئىنسان ھەر ئىش قىلغاندا ئەتراپتىكى ئادەملەرنىڭ مەيدانىنى ئويلاپ ئىش-پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدىغانلىق سەۋەبىدىن، بۇ جەمىيەت نىسبەتەن تىنچ ۋە بىخەتەر.

ئەمدى بىز ياپونىيەنىڭ قوشنىسى بولغان خىتاي دۆلىتىنى ياپونىيەگە سېلىشتۇرۇپ كۆرەيلى.  خىتاي ياپونىيەگە ئوخشاش ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان قاتناش قورالى كۆپ، ئاممىۋى قاتناش قورالىمۇ ئوخشاش تەرەققىي قىلغان بىر دۆلەت. ئەمما بىز خەۋەرلەردە خىتاي دۆلىتى ئىچىدىلا ئەمەس ھەتتا خەلقارا ھاۋا لىنىيەلىرىدە ئايروپىلاندا ئورۇن تالىشىپ بىر-بىرىگە ھۇجۇم قىلغان ۋە باشقا يولۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كەلگەن خىتاي پۇقرالىرىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ تۇرمىز ۋە خەۋەرلەردە ئاڭلاپ تۇرمىز.

قىزىقارلىق بىر ھادىسىنى قىستۇرۇپ ئۆتسەك، ئىككى-ئۇچ يىلنىڭ ئالدىدا خىتاي ھۆكۈمىتى قانۇن ئۆزگەرتىپ سېرىق چىراغدىن ئۆتكەن شوپۇرلاردىن جەرىمانە ئېلىنىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن. بۇنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرگەندە خىتاي دۆلىتىدە قاتناش قورالى ھەيدىگۈچىلەر سېرىق چىراغ يانغاندا توختاشنى ئويلىماي ئۆتىۋېلىشنىلا كويدا بولغان. شۇ سەۋەبتىن سېرىق چىراغ تۈگەپ قىزىل چىراغ يانغاندا يول ئوتتۇرىسىدىكى ماشىنىغا ئېگىشىپ توختاش سىزىقىدىكى ماشىنىمۇ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، قارشى تەرەپنىڭ يولنى توسۇۋالغان ياكى قارشى تەرەپتىن كەلگەن ماشىنىغا سوقۇلىدىغان ئەھۋاللار كۆپ يۈز بەرگەن. بىز بۇنى ئۆزىنىلا ئويلايدىغان، نىيەت ئەقلى تەپەككۇرنىڭ كونتروللۇقىدا بولمىغان، ئادىمىي ئەخلاق كرىزىسىگە پاتقان جەمىيەتتە كۆرۈلىدىغان ئەھۋال دەپ ھېسابلايمىز.

بىز كونكرېت مىساللارنى كەلتۈرۈش ئارقىلىق دىنىي قانۇن ئەمەس ئىجتىمائىي قانۇن ئارقىلىق باشقۇرۇلىدىغان دۆلەتلەردىكى نىيەتنىڭ قانۇندىكى ئىپادىلىنىشى ھەققىدە توختالدۇق. ئەمدى شەرىئەت قانۇنى بويىچە ئىش پائالىيىتىنى ئېلىپ بارىدىغانلارنىڭ ئۆز نىيىتى بىلەن ئۆز پائالىيىتىنى قانداق تۇتاشتۇرىدۇ بۇنى يەنىلا كونكرېت مىساللار ئارقىلىق تەھلىل قىلىپ كۆرۈپ باقىمىز.

ئوتتۇرا شەرقتىكى كۆپ دۆلەتلەر شەرىئەت قانۇنى بويىچە كۆپ خوتۇنلۇق تۈزۈمىنى قوللايدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىدۇ. سۈرىيەدىكى ئۇرۇشنىڭ جىددىيلىشىشىگە ئەگىشىپ مىليونلىغان سۈرىيەلىك مۇساپىر بولۇشقا مەجبۇر بولماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە سۈرىيەلىكلەرنىڭ لاگېرىدا ياش قىزلارنى ئوتتۇرا شەرقلىق ئەرلەرگە خوتۇن بولۇشقا تونۇشتۇرىدىغان دەللاللار كۆپىيىپ كەتكەن. ئوتتۇرا شەرقتىن كەلگەن ئەرلەر ئۆزلىرىگە ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى خوتۇن قىلىش ئۈچۈن سۈرىيەلىك قىزلارنى چېكىپ تۇرۇپ تاللىۋالىدىغان ئەھۋاللار ناھايىتى نورماللىشىپ ب ب C نىڭ خەۋىرىگىمۇ چىققان. ئادەتتە ئىسلام دۇنياسىدا ئىقتىسادى يار بەرگەن ئەر كىشى ئەڭ كۆپ تۆت خوتۇن ئېلىشى رۇخسەت قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئىگە-چاقسىز قالغان ئاياللارغا ئىگە چىقىش، ئۇلارنى ھامىيسىغا ئېلىش بولغان. ئىسلام دۇنياسىدا بۇ خېلىلا تالاش-تارتىشقا سەۋەب بولۇۋاتقان مەسىلە بولۇپ، بىر قىسىم ئىسلام ئالىملىرى ھەتتا كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشنى ۋاقتى ئۆتكەن ھۆكۈم دەپ قارايدۇ. مەيلى كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش ۋاقتى ئۆتكەن ياكى ئۆتمىگەن بولسۇن. ئەگەر بىز نوقۇل ساۋاب قىلىش بىلەن ئەسلى نىيەت مۇناسىۋىتىدە بۇ ھۆكۈمنى تەھلىل قىلساق. شۇنداق ئىشقا يول قويۇلغان تەقدىردىمۇ مۇتلەق كۆپ قىسىم كۆپ خوتۇنلۇق مۇسۇلمان ئەرلىرى ئۆزىنىڭ نىيىتىنى ھەرگىز ئاقلاپ بولالمايدۇ. چۈنكى ئاددىي بىر ئەقلى چۈشەنچە شۇكى، ئەگەر مەلۇم ئەر مەلۇم قىزغا ئىگە-چاقسىز قالغانلىقى ئۈچۈن قوغداش، ئىگە چىقىشنى مەقسەت قىلغان بولسا شۇ تويغا ئىشلەتكەن مال-مۈلكى بىلەن كەمبەغەللىكىدىن توي قىلالمايۋاتقان بېرە دۇرۇس مىجەز يىگىتكە شۇ ئىگە-چاقسىز قالغان مەزلۇمنى ئېلىپ بېرىپ توينى قىلىپ قويسا، ئەجەبا ساۋاپ ئۈستىگە ساۋاپ بولمامدۇ؟ شۇ سەۋەبتىن بۇ يەردىكى نىيەت ئىگە-چاقىسىزغا ئىگە چىقىش ئەمەس، ئەكسىچە موھتاجلىقتا قالغان ئىنسانغا ئىگە چىقىش ھېسابىغا ئۆزىنىڭ نەپسىنى قاندۇرۇش مەقسەت قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ئەسلى نىيەت دۇرۇس ئەمەس دەپ ئېيتالايمىز.

چوقۇم تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش كېرەك بولغان يەنە بىر مىسال شۇكى، ئوتتۇرا شەرقتە ئۆي خىزمەتچىسى بولۇپ ئىشلەيدىغان شەرقى ئاسىيا، بولۇپمۇ مالايشىيا ۋە فىلىپپىنلىق ئاياللار خېلى كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆي خوجايىنى تەرىپىدىن ئاياق-ئاستى قىلىنىش ئەھۋالى ئادەمنى چۆچۈتىدۇ، ۋە ۋەقە سادىر قىلغۇچى ئۆز دۆلىتىنىڭ قانۇنى جازاسىغا ئاساسەن ئۇچۇرمايدۇ. بۇ ۋەقەنى سادىر قىلغۇچىنىڭ زورلۇق قىلىشقا تايانغان ئاساسى، شۇ دۆلەتنىڭ زورلۇق قىلغۇچىغا جازا بەرمەسلىكتە تايانغان ئاساسى ئوخشاش. يەنى، “ئەگەر (كوپ خوتۇن ئېلىپ) ئادىل بولالماسلىقىڭلاردىن قورقساڭلار، بىر خوتۇن بىلەن ياكى قول ئاستىڭلاردىكى چۆرىلەر بىلەن كۇپايىلەنسەڭلار بولىدۇ (نىسا سۈرىسى 3-ئايەتنىڭ بىر قىسمى)” دېگەن قۇراندىكى ھۆكۈم بولغان. شۇ سەۋەبتىن بۇ ئەرلەر قۇللۇق تۈزۈمنىڭ ئاللىقاچان تارىخ بولۇپ قالغانلىقى، بۇ خىزمەتچىلەرنىڭ ھۆر ئايال ئىكەنلىكىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، نوقۇل ئۆي چاكىرى قاتارىدا خالىغانچە ئاياق-ئاستى قىلىشقا پېتىنغان. بۇ مىسال بىزگە ئەگەر ئەقلى تەپەككۇرغا تايانمىسا، نىيەتنىڭ  ياراتقۇچىسىنىڭ قانۇنىنى خالىغانچە بۇرمىلاپ، قورقۇنچلۇق ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنى دەلىللەپ تۇرۇپتۇ.

 

ئۈچىنچى قىسىم:   ئۆزىنى بىلىش ۋە ئەقلى تەپەككۇر

 

ئۆزىمىزنى قانداق بىلىمىز؟ بىز بۇ يەردە بىر مىسال كەلتۈرىمىز. ئىسلام دىنىدا پال سېلىش، قىمار ئويناش، ۋە سېھىرگەرلىك تەقىب قىلىنىدۇ. نېمە ئۈچۈن؟

بۇ يەنىلا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن “غەيىپ” بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئىنسان بولمىش بىز قانۇنىيەتلىك شەيىلەرنى بىلىشكە قادىر.  ۋە قانۇنىيەتلەرنى چۈشىنىپ شۇنىڭ دائىرىسىدە ھەرىكەت قىلىشقا ئىجازەت بېرىلگەن (تۆۋەندە “بىلگەن قوۋم” مىسالى بىلەن بۇنىڭغا چۈشەنچە بېرىلگەن). ئەگەر ئۇنىڭ قانۇنىيىتى بولمىسا بىلەلمەيمىز. تەپەككۇرىمىز بويىچە ھەممە ئىشقا قادىر ئاللا قانۇنىيەتسىز ھادىسىلەرنىمۇ بىلىشكە قادىر. شۇ لوگىكا بويىچە بولغاندا قانۇنىيەتسىزلىككە ھۆكۈم قىلىش پەقەت ياراتقۇچىنىڭلا ئىلىكىدە بولىدۇ. ئەگەر ئىنسان پال سالسا، قىمار ئوينىسا ياكى سېھىرگەرلىك قىلىدىكەن، قانۇنىيىتى بولمىغان قىمار ۋە سېھىرگەرلىك بىلەن شۇغۇللىنىش، ياراتقۇچىنىڭ ئورنىدا، پەقەت ياراتقۇچىلا بىلىشكە قادىر بولغان “غەيىپ” ئۇستىدىن ھۆكۈم چىقىرىش بولىدۇ، ۋە بۇ ئىسلام چۈشەنچىسى بويىچە شېرىك ھېسابلىنىدۇ. بىز بۇ يەردە “غەيىپ” توغرىسىدا يەنە ئازراق توختىلىپ نىيەتكە ئالاقىدار مەزمۇنلارنى تېخىمۇ ئېنىق يورۇتۇشقا تىرىشىمىز.

قۇران كەرىمىنىڭ بەقەر سۈرىسىدە “ئۇلار (تەقۋادارلار) غەيىپكە ئىشىنىدۇ…”  دېگەن ئايەت بار. نوپۇزلۇق ئىسلام ئالىملىرىدىن مەسىلەن ئىبنى كەسىر “ئاللا، پەرىشتىلەر، پەيغەمبەر، مۇقەددەس كىتاب، جەننەت، دوزاخ، قايتا تىرىلىش قاتارلىقلار غەيىپكە كىرىدۇ” دەپ، ئىشەنچلىك ھەدىسلەردىن دەلىل كۆرسەتكەن[8].  يەنە شۇ بەقەر سۈرىسى 33-ئايەتتە “غەيىپ” ئاتالغۇسىغا قارتا “مەن سىلەرگە، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى غەيىبلەرنى ھەقىقەتەن بىلىپ تۇرمەن، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرمەن دېمىگەنمىدىم” دېگەن. بىز بۇ “غەيىپ” كە ئالاقىدار قۇراندىكى ئايەتلەردىن فاتىر سۈرىسىدىكى “ئاللانىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللادىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ” (28-ئايەتنىڭ بىر قىسمى) دېگەن مەزمۇن بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلغىنىمىزدا، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن غەيىپنىڭ ئىككى خىل ئىكەنلىكىنى قايتا دەلىللىيەلەيمىز. يەنى، بىرىنچىسى قانۇنىيەتسىز بولغان، ئىنساننىڭ تەپەككۇرىغا توغرا كەلمەيدىغان، ياراتقۇچىلا بىلىشكە قادىر شەيىلەر ياكى ھادىسىلەر. يەنە بىرى بولسا قانۇنىيىتى بولغان ئالىملارنىڭ بىلىش ئىمكانىيىتىدىكى شەيى ياكى ھادىسىلەرنى كۆرسىتىدۇ.

غەيىپقا قىزىقىش ئىنسان تەبىئىتى بولۇپ، ئىنسان بوۋاق چېغىدا مەلۇم نەرسىنىڭ نېمىلىكىنى بىلىش ئۈچۈن تۇتۇپ باقىدۇ، ئېغزىغا سېلىپ باقىدۇ؛ كىچىك بالا چېغىدا يېپىق ساندۇق ئىچىدە نېمە بارلىقىغا قىزىقىپ شۇنى ئامال قىلىپ ئېچىشنىڭ كويدا بولىدۇ. غەيىپكە ئىشىنىش، غەيىپ ئۈستىدە ئىزدەنمەك، ئىنساننىڭ تەپەككۇر قىلىشىدىكى تۈپكى سەۋەب.  ئەمما ئېغزى يېپىق ساندۇقتا بايلىق بارمۇ ياكى ئۇ بالايىئاپەت قاچىلانغان پەندورانىڭ قۇتىسىمۇ [9]، ئىنسان ئۈچۈن يەنە بۇ قورقۇنچمۇ بار. بۇ يەردە غەيىپ ئۈستىدە ئىزدىنىشنىڭ توغرا يۆلىنىشى پەقەت ئەقلى تەپەككۇر قىلىش ۋە بىلىم ئارقىلىق ئۇنىڭ تېگىگە يېتىش بولىدىغانلىقى “ ئاللادىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ” دېگەن ئايەت تەرىپىدىن دەلىللىنىپ تۇرۇپتۇ. ئەگەر بىز بۇ يەردە “قورقۇش” دېگەن ئۇقۇمنى بۇ مەزمۇنغا قوشۇمچە قىلىپ تەھلىل قىلساق، بىلىپ قورقۇش بىلەن بىلمەي قورقۇش دەپ ئىككى خىل قورقۇشنىڭ بارلىقىنى، دىنىي ئېتىقاد خۇددى يەسسان غەزنىدەك ئەقلى تەپەككۇر ئارقىلىق ئىنسان قارشىسىدىكى مۇتلەق قۇدرەتلىك كۈچ بولمىش ياراتقۇچىسىنى ھەقىقىي تونۇپ پەقەت ياراتقۇچىسىغىلا ئىبادەت قىلىش بىلەن؛ ھېچقانداق ئەقلى تەپەككۇر قىلماي پەقەت دىندا ئېيتىلىۋاتقان دوزاخ ئوتىدىن قورقۇپلا ياراتقۇچىسىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئەھۋالنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. بۇلارنىڭ ئىچىدە قايسى خىل ئىبادەت ياراتقۇچى تەرىپىدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن دېگەندە قۇراندا “ئالىملارنىڭ قورقۇشىنىڭ ھەقىقىي” بولىدىغانلىقى ئارقىلىق ئەقلى تەپەككۇرنىڭ دىننى چۈشىنىشتىكى رولى نەقلەشتۈرۈلگەن.

دىنىي چۈشەنچىلەردىن قارىغاندا ياراتقۇچى ئادەمدىن ئاۋۋال ئالتە كۈندە كائىناتنى ياراتقان، يەتتىنچى كۈنى ئىنسان يارىتىلغان. كائىنات قانۇنىيەتلىك يارىتىلغان.  كائىناتنى قانۇنىيەتلىك يارتىلىغانلىقى ھەققىدە قۇراندىكى “  …ئاللا ھەممە نەرسىنى ياراتتى، ئاندىن ئۇنىڭغا مۇناسىپ ئۆلچەمنى بەلگىلىدى [10]” دېگەن ئايەتنى نەقىل كەلتۈرۈشكە بولىدۇ. بۇ ئايەتتىكى ئۆلچەم ئەمەلىيەتتە ھەر شەيىنىڭ ئىچكى قانۇنىيىتى بولۇپ، ئېينىشتېين بۇنىڭغا قارتا “تەڭرى شىشىخال (قىمار) ئوينىمايدۇ” دېيىش ئارقىلىق، بۇ دۇنيانىڭ ئاپىرىدە قىلىنىشىدا مۇكەممەل قانۇنىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، پۈتكۈل كائىناتنىڭ ئۆز ئىچىدىكى  شەيىلەرنىڭ قانۇنىيەتلىك تۇتۇشۇپ تۇرۇشى بىلەن بىر مۇكەممەل گەۋدە سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنى ئىشارە قىلغان.

ئىنسان شۇ قانۇنىيەتنى بايقىيالايدىغان شەكىلدە ئاپىرىدە قىلىنغانلىقنىڭ دەلىلى دەل ئىنساندا ئەقلى تەپەككۇرنىڭ بولۇشىدا. قۇراننىڭ نەھىلدە سۈرىسىدە شەيىلەرنىڭ قانۇنىيىتى ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىپ ئاللانىڭ بارلىقىنى بىلىش تەرغىب قىلىنغان. مەسىلەن بۇ ئايەتتە “ئاللا سىلەرگە كېچىنى، كۈندۈزنى، كۈننى، ئاينى بويسۇندۇرۇپ بەردى، يۇلتۇزلارمۇ ئاللانىڭ ئەمىرى بىلەن بويسۇندۇرۇلغاندۇر؛ چۈشىنىدىغان قوۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا نۇرغۇن دەلىللەر بار [11]” دېيىلگەن.  بۇ بىزگە “چۈشىنىدىغان قوۋم” دىن بولۇش ئۈچۈن، ئەقلى تەپەككۇر ئارقىلىق ياراتقۇچىنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى بىلىشكە ئىجازەت ئىكەنلىكىنى دەلىللەپ تۇرۇپتۇ.

بىز ھەممە شەيىلەرنى بىلىشكە قادىرمۇ؟ نەزەرىيە جەھەتتىن ئەگەر بارلىق شەيىلەر قانۇنىيەتلىك بولسا، ھەمدە ئىنسانغا زامان چەكلىمىسى بولمىسا بىلىشكە قادىر. تەبىئىي پەننىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ بىزنىڭ ئوبيېكتىپ دۇنياغا بولغان تونۇشىمىز بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىپ بارماقتا. ۋە شۇنىڭ بىلەن بىللە ئەقلى تەپەككۇر جەھەتتە ماراسونغا چۈشكەن ئىنسانلار توپى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق چوڭىيىپ بارماقتا. ئىنسانلار توپى قانچىلىك ئەقلى تەپەككۇر قىلىشى ۋە ئىجاد قىلىشى بىلەن ئىجتىمائىي تۇرمۇش مۇھىتىنى ئۆزگەرتىشكە شۇنچىلىك قادىر بولماقتا. ئەقلى تەپەككۇرى ئوتتۇرا ئەسىردە توختاپ قالغان ئىنسانلار توپى بىلەن توختىماي ئۇنى يۈكسەلدۈرۈپ مېڭىۋاتقان ئىنسانلار توپى ئارىسىدىكى سۈركىلىش كۈچەيمەكتە. بۇ سۈركىلىشلەرنىڭ كېلىش مەنبەسى ئەقلى تەپەككۇردىكى پەرق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتسەك، ئىنسانلىققا بولغان چۈشىنىش بۇنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى دەپ ئىشىنىمىز.  بۇ دۇنيا ياراتقۇچى بىلەن يارالغۇچىنىڭ دىئالوگى بولۇپ، بۇ دىئالوگقا يەسسان غەزنىدەك يېگانە جاۋاب ئىزدىگەن ئىنسانلار مەۋجۇت ئىكەن، مىفىستافىلنىڭ ئېزىقتۇرۇشىغا ئۇچۇرغان ھالدا ئىزدەنگەن فائۇستتەك [12] ئىنسانلارمۇ ھەم مەۋجۇت. ئەگەر دىنىمىزدا كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك، ياراتقۇچىسىنى ھەقىقىي تونۇش ۋە ياخشى ئەمەللەر ئارقىلىق ئۇنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىش ئىنساننىڭ نىشانى بولسا، بىز بۇنى ئۆزىنى بىلىش ۋە ياراتقۇچىسىنى ئەقلى تەپەككۇر ئارقىلىق تونۇش ئىنساننىڭ ۋەزىپىسى دەپ ئېيتالايمىز. بىزگە چەكلىك ھايات بېرىلگەنلىكنىڭ ئۆزى، ھەر بىر ئىنساننىڭ بۇ چەكلىك ھاياتتا ئۆزىنى بىلىشى ۋە ياراتقۇچىسىنى تونۇشى ھاياتلىقنىڭ نىشانى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

ئەمەلىيەتتە ئىنسان بولمىش بىز ئۆزىمىزنى بىلىشكە تولۇق شەرتلەرنى ھازىرلىغان ھالدا ياراتقۇچى تەرىپىدىن ئاپىرىدە قىلىندۇق. تۇنجى ئىنسان يالغۇز يارىتىلغان بولسا ھازىرمۇ ھەر بىر ئىنسان يالغۇز ھالدا بۇ دۇنياغا كۆز ئېچىۋاتىدۇ ۋە يالغۇز كېتىۋاتىدۇ. ئىنسان بولمىش بىز ھامان تەنھا. چۈنكى ياراتقۇچى بىر تەندە بىر روھ ئاپىرىدە قىلغان بولسا، شۇ روھنى ئويغىتالىشى ئۈچۈن ھەر تەنگە بىردىن تەپەككۇر قىلالايدىغان كاللا ئاتا قىلغان. ئەگەر ھەر بىر ئىنساننىڭ ئۆز تېنىدىكى روھىنى ئويغىتىش مەجبۇرىيىتى بولمىسا ئىدى، ياراتقۇچى پۈتۈن ئىنسانلارغا ۋاكالىتەن بەلكىم پەيغەمبەرگىلا ئەقىل بەرگەن بولاتتى.  ھەر ئىنساننىڭ مۇستەقىل تەن ۋە كاللا بىلەن يارىتىلىشنىڭ ئۆزى، بىزنىڭ ئىنسان ھەققىدە ئويلىنىشىمىزنىڭ باشلىنىشى بولالايدۇ.  ئىنسان مېڭىسى تەندىكى روھنىڭ ئويغىنىشى ئۈچۈن تىرىشىپ تەپەككۇر قىلىشى كېرەك.  قانداق تەپەككۇر قىلىدۇ؟  خۇددى يەسسان غەزنىدەك ئوبيېكتىپ دۇنيادىن كۆرگەن-بىلگەننىڭ قانۇنىيىتىنى ئىزدەيدۇ. تېنى ھېس قىلغان تۇيغۇلار ئۈستىدە ئانالىز قىلىپ ھاياتلىق ھەققىدە خۇلاسە چىقىرىپ ماڭىدۇ. ھەر بىر ئىنسان يەنە بىر ئىنسانغا، قېرىنداش ياكى ئاتا-ئانا، ياكى دوست ياكى دۈشمەن. ئۆزىنى ئىزدەشكە ئىنتىلگەن ھەر بىر ئىنسان ئۈچۈن باشقا ئىنسانلار ئەينەكتۇر. ئوخشىمىغان ئەينەكتىن ئۆز روھىيىتىمىزنىڭ ئوخشىمىغان تەرىپىنى كۆرىمىز ۋە تاكامۇللاشتۇرىمىز. قانداق تاكامۇللاشتۇرىمىز؟ ھەر دائىم ئۆزگىلەردە بېرە كەمچىللىكنى بايقىغاندا ئۇ كەمچىللىكنىڭ ئۆزىمىزدە بار يوقلىغىنى تەكشۈرىمىز، بار بولسا تۈزىتىمىز، يوق بولسا شۈكرى دەيمىز. ئەنە شۇنداق قىلىپ تاكامۇللىشىمىز.

ئىنسانچىلىق شۇكى، بىر ئىنسان تۇغۇلۇپ مۇستەقىل بولغۇچە ئاتا-ئانىنىڭ مېھرىنىڭ قانداقلىقىنى تېتىپ چوڭ بولسا، ئۆزى بالىلىق بولغاندا بالىنىڭ تاتلىق بولۇشىنى تېتىپ، ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ قەدرىگە يېتىدۇ. ياراتقۇچى بۇنداق قېرىنداشلىق ۋە باشقا ئىنسانى مۇناسىۋەتلەرنى ھەر ئىنساننىڭ ئەتراپىغا يارىتىپ بېرىش ئارقىلىق، بىزگە ئىنسانچىلىقنى بىلىش پۇرسىتى بېرىدۇ. ئەگەر سىز بۇ مۇناسىۋەتلەرنى قەدىرلىمىسىڭىز، ئۆزىڭىزنى تېپىشقا كېرەك ئامىللارنى يىغىشقا قادىر بولالمايسىز ۋە بۇنداق ھېس-تۇيغۇلارنى باشقىلارغا بېرەلمەيسىز. ئەگەر ئۇ مۇددىئا ئارىلاشقان نىيەت بولىدىكەن، ئۇ چاغدا سىز ئۆز روھىڭىزنىڭ ئويغىنىشىغا زەھەر چاچقان بولمايلا قالماستىن، باشقىلارنىڭ روھىنى ئويغىتىشىغا توسالغۇلۇق قىلغان بولىسىز.  ھەر تەندە روھ يالغۇز بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئويغىنىشى ئەتراپىدىكى ئىنسانچىلىقنى شەرت قىلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن بىز ئىنسانچىلىقنى قەدىرلەشنى جەمىيەت مۇقىملىقىنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلمىز. ۋە شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئىسلام دىندا ئۇممەتچىلىك تەرغىب قىلىنغان.

بۇ يەردە ئەقلى تەپەككۇر شۇنچىلىك مۇھىمكى، پەقەت ئەقلى تەپەككۇرنىڭ ئەلگىكىدىن ئۆتكەن ئىلمى يەكۈن بىزگە ئۆز كەلگۈسىمىزدىن بېشارەت بېرەلەيدۇ. ئەگەر ئەقلىڭىز سىزگە مەلۇم ئىشنى قىلساڭ ئۇنىڭ نەتىجىسى كەلگۈسىدە ساڭا پۇشايمان ئېلىپ كېلىدۇ دېسە شۇ ئىشنى قىلماسلىقىڭىز كېرەك. شۇ سەۋەبتىن بىز كەلگۈسىمىزنىڭ كاپالىتى ئۈچۈن ئەقلى تەپەككۇر قىلىشنىڭ مېتودلىرىنى ئۆگىنىشىمىز شەرت.

 

تۆتىنچى قىسىم:   ئەقلى تەپەككۇر ۋە ئانا تىل

 

بىز “بۇ تۆت كۈنلۈك ئالەمدە تاپقان-تەرگىنىڭ قالىدۇ، ئۇ دۇنياغا ھېچ نېمە ئېلىپ كېتەلمەيمىز” دېگەن سۆزنى دائىم ئاڭلايمىز. ئەمما ئىشىنىمىزكى بىز بىر نەرسىنى ئېلىپ كېتەلەيمىز. يەنى تەپەككۇرىمىزنى. چۈنكى ئاخىرقى سوراقتا (قايتا تىرىلگەندە) بىز تەپەككۇرىمىزنى ئېلىپ كېتەلمىسەك قانداق جاۋاب بېرىمىز؟ ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تەپەككۇر ئۇنىڭ ئانا تىلدىن كېلىدۇ.

ئىنسان تەپەككۇرى تىلنى قورال قىلىدۇ. تىل ئارقىلىق ئۇچۇر قوبۇل قىلمىز، لوگىكىلىق ئانالىز قىلمىز، سەۋەب-نەتىجىلەرنى يەكۈنلەيمىز. تىل ئارقىلىق مەۋجۇتلۇقىمىزنى ۋە تەرەققىياتىمىزنى ئىپادىلەيمىز.  ئىنسانشۇناسلار تىلنى مېتود قىلىش ئارقىلىق مەلۇم ئىنسانلار توپىنىڭ ئۆتمۈشىنى بىلىشكە قادىر. مىسالىغا شىمالىي مۇز قۇتۇپ چەمبىرىكى ئىچىدە ياشايدىغان ئېسكىموسلارنىڭ ئېغىز تىلىدا يالغۇز “قار” نى ئىپادىلەيدىغان سۆزلۈكتىن 200گە يېقىنى بار ئىكەن. ئۇلارنىڭ تىلىدا ئوۋچىلىققا ئالاقىدار سۆزلۈكلەر ئەڭ كۆپ بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئىنسانشۇناسلار ئېسكىموسلارنىڭ ئۆتمۈشىگە ئالاقىدار نۇرغۇن يەكۈنلەرنى، ئۇلارنىڭ يازما تارىخى بولمىسىمۇ توغرا يۆلىنىشتە يەكۈنلەپ چىقالىغان.

مەلۇم ئىنسانلار توپلىمى (مىللەت) نىڭ تىلنىڭ تەرەققىياتى يەنە بىر جەھەتتىن شۇ ئىنسانلار توپىنىڭ تەپەككۇرنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنىمۇ ئىپادىلەپ بېرىدۇ. مەسىلەن بىز ئەقلى تەپەككۇرنى باشلاپ بەرگەن سوقراتنىڭ ئىسمى قاچاندىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلىغا كىرگەن دېگەن چېغىمىزدا ئېنىق تارىخى يازما ئۇچۇر بىلەن دەلىللىشىمىز تەس. ئەمما ناۋايىنىڭ <خەمسە>سىدە پەرھاتنىڭ تاش غاردا سوقرات بىلەن كۆرۈشكەنلىكى تەسۋىرلەنگەن. شۇنىڭغا ئاساسەن بىز ئۇيغۇرلارنىڭ 1500-يىلدىن ئىلگىرى سوقرات بىلەن تونۇش دېگەن دەسلەپكى يەكۈننى چىقىرالايمىز. بۇنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ سۈرۈشتۈرگەندە، پەلسەپە دۇنياسىدا “ئىككىنچى ئۇستاز (تھە سەcوندە ماستەر)” دەپ تەرىپلەنگەن ئەبۇ ناسىر فارابىنىڭ ناتۇرال پانتىزىملىق پەلسەپە سىستېمىسىنىڭ بىۋاسىتە سوقراتنىڭ شاگىرتى بولمىش ئەپلاتون ۋە ئارستوتىل پەلسەپىسىگە بېرىلگەن ئىزاھات ئىكەنلىكىدىن، ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا (ھازىرقى قازاقىستان تەۋەسىدىكى) تەۋە بىر قەبىلىدىن بولغان كېلىپ چىقىشى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ چاغاتاي زامانىسىدىن كۆپ ئىلگىرى يەنە “ئىسلامنىڭ ئالتۇن دەۋرى” دىلا سوقرات ھەققىدە تونۇشقا ئىگە ئىكەنلىكىنى يەكۈنلىيەلەيمىز. ئەمدى بىز تېخىمۇ چۇڭقۇر تەھلىل قىلساق، ئىسلامدىن كۆپ ئىلگىرى يۈز بەرگەن، ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن “قوش مۈڭگۈزلۈك ئىسكەندەر” دەپ نام قويۇلغان ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىننىڭ كېڭەيمىچىلىك ئۇرۇشىنىڭ نەتىجىسىدە، گىرېتسىيە كۇلتۇرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تارىم ئويمانلىقىغا “ھېلىنىزىم” ھادىسىسى بولۇپ چۇڭقۇر تەسىر قىلغانلىقىنى نەزەرگە ئالغىنىمىزدا، سوقراتنىڭ ئىسمىنى ئاز دېگەندىمۇ ئىسلامدىن كوپ ئىلگىرىكى بۇددىست ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىدا بۆلىشى ئېھتىماللىقىنى چەتكە قاقمايمىز. بۇنداق تەھلىللەر ئارقىلىق بىز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەر دەۋردە ئۆز زامانىسىنىڭ تەرەققىياتىغا تەڭ ئەگىشىپ ماڭغانلىقى توغرىسىدا، يەنە تېخىمۇ ئوچۇقراق ئېيتقاندا، ھازىرقى ئۇيغۇر ئاتلىق مىللەتنىڭ تەپەككۇر قۇرۇلمىسىنىڭ ھەر زاماندا توختىماي يۈكسىلىپ ماڭغانلىقىنى بۇ بىر سوقرات ئاتالغۇسىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۆزلىشىشى ئەھۋالى ئارقىلىق قىياس قىلالايمىز.

تۇنجى ئىنساننىڭ تىلىنىڭ قايسى مىللەتنىڭ تىلى ئىكەنلىكىنى بەلكىم ياراتقۇچى ئاللادىن باشقىسى بىلمىسە كېرەك. ئەمما لوگىكىلىق تەھلىلدىن ئۇنىڭ مەلۇم بىر تىلنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلەلەيمىز. بولمىسا ھاۋا ئانا بىلەن ئىككىسى قانداق پىكىر ئالماشتۇرغان، بالىلىرىنى قانداق تەربىيىلىگەن بولار ئىدى؟ زامانىمىزدا قۇران كەرىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام سەۋەبلىك ئەرەب تىلىدا بولغاچقا، ئەرەب تىلى ئەزىز بولماقتا. ۋە ھەتتا بىر قىسىم ئۇيغۇر “دىننى زاتلار” ئەرەبچە بىلمىسە ئەھلى جەننىتى بولالمايدىغانلىقىنى ھۆكۈم قىلىپ ئۇيغۇر بالىلارنى ئانا تىل بىلەن تەربىيىلەشنى رەت قىلماقتا. ئەمما تەپەككۇر ئۈچۈن ئىنسان قايسى تىلنى مۇكەممەل بىلسە شۇ ئەڭ ئەۋزەل تىلدۇر.  قۇراندا، ئىنجىل ۋە تەۋراتنىڭمۇ مۇقەددەس كىتاب ئىكەنلىكىنى دەلىللەيدىغان ئايەتلەرنىڭ بۆلىشى ۋە ئىنجىل، تەۋراتلارنىڭ قۇران تىلى بولغان ئەرەب تىلىدا بولماسلىقى، بىزگە دىنىمىزدا ئەرەب تىلىنىلا يۈكسەك بىلىپ ئانا تىلىنى پەس كۆرىدىغان، ئىنكار قىلىدىغان ئىشنىڭ پەقەت شەخسلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان خاتا چۈشەنچە ئىكەنلىكىنى دەلىللەپ تۇرۇپتۇ. شۇ سەۋەبتىن ئىنسان ئۈچۈن ئەقلى تەپەككۇرىغا ئەڭ ياخشى قورال بولالايدىغان تىل يەنىلا ئانا تىل ھېسابلىنىدۇ.

 

ئۈچىنچى بۆلۈم:   لوگىكىلىق تەپەككۇر ۋە دىن

 

ئەجەبا دىننىڭ چۈشۈرۈلۈشى بىلەن تەڭ ئىلىم ئىجاد قىلىش توختاپ قالغانمۇ دېگەندە ئۇنداق ئەمەس. ھەر بىر يېڭى دىن بارلىققا كەلگەندە ئالدىدا بىر مەھەل ئىلىمدىمۇ گۈللىنىش بارلىققا كەلگەنۇ ئەمما كۆپ ئۆتمەي ھوقۇق تالىشىش كۈرەشلىرىنىڭ نەتىجىسىدە، ئىلىم تەھسىل قىلىش ۋە ئەقلى تەپەككۇر قىلىش، ھوقۇق ۋە سىياسىي مۇددىئالارنىڭ ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كەلگەن دوگما تەپەككۇرنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتكەن. بىز پەلسەپە ئىلمىنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى يەكۈنلەپ كۆرسەك، ئەمەلىيەتتە پەلسەپىنىڭ گۈللىنىشى ۋە خارابلىشىشى دەل ئىلىمنىڭ گۈللىنىشى ۋە چەكلىنىشى بىلەن بىر لىنىيەدە بولغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.

بۇ چەكلىنىشنىڭ تۈپكى سەۋەبى بولسا، بولۇپمۇ ئەقلى تەپەككۇرنىڭ مېتودى بولغان لوگىكا دىنىي ئەقىدىلەرگە نۇرغۇن ئۆتكۈر سوئاللارنى قويۇپ، نوقۇل ئىبادەت بىلەنلا شۇغۇللىنىدىغان ئەمما ئەقلى تەپەككۇرغا ئەھمىيەت بەرمىگەن ئىنسانلارنى گاڭگىراتقان ۋە ھەتتا ئۇلارغا قورقۇنچ ئېلىپ كەلگەن. مەسىلەن لوگىكىلىق تەھلىل ئارقىلىق دىندا مۇتلەق ئورۇنغا چىقىپ قالغان بىر قانچە ئۇقۇمنىڭ نىسپىي بولىدىغانلىقىنى دەلىللىيەلەيمىز. ئالدىن تەكىتلەپ قويۇشقا تېگىشلىك نۇقتا شۇكى، بۇ ئۇقۇملارنى نىسپىي ئورۇنغا قويۇش ئۇلارنى ئىنكار قىلىش بولماستىن، پەقەت شۇ ئۇقۇملارنىڭ قارشىسىدا بولغان، پەقەت ۋە پەقەت ياراتقۇچىنىڭلا بىردىن-بىر يېگانە مۇتلەق ئورنىنى تەكىتلەش ئارقىلىق، بۇ نۇقتىنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتقان ياكى باشقا نىسپىي ئۇقۇملار بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋالغان ئىنسانلارنىڭ ئېسىگە سېلىش ئۈچۈندۇر. بۇنى تۆۋەندە كۆرۈپ ئۆتىمىز.

 

بىرىنچى قىسىم:  پەيغەمبەر ئۇقۇمىنىڭ نىسپىيلىكى ھەققىدە

 

بىر (كومپيۇتېر) ئىنژېنېر دوستۇمدىن سورۇدۇم “ئەگەر ياراتقۇچى بىلەن پەيغەمبەر ئىككىسىنىڭ بىرىگە ئەگىشىشكە توغرا كەلسە كىمگە ئەگىشىسەن؟” دەپ. بۇ دوستۇم ئىككىلەنمەيلا “ئەلۋەتتە ياراتقۇچىغا” دەپ جاۋاب بەردى. بۇ سوئالنى يەنە بىر (كومپيۇتېر) ئىنژېنېر دوستۇمدىن سورۇدۇم، ئەمما ئۇ “ياراتقۇچى تەرەپتە تۇرۇشىمىزنى پەيغەمبەر ئۆگەتكەن تۇرسا بۇ ئىككىسىنى قانداقمۇ ئايرىغىلى بولسۇن” دەپ گاڭگىراپ قالدى. بۇ سوئال قارماققا بىر ھەدىدىن ئاشقان سوئالدەك كۆرۈنىدۇ. ئەمما ئويلاپ كۆرسەك، ئەگەر دىنغا ئىشەنگۈچىلەر چوقۇم پەيغەمبەر تەرەپتە تۇرغان بولسا، ئادەم ئەلەيھىسسالام ياكى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام دىن كېيىنكى پەيغەمبەرلەرگە ھېچ كىشى ئەگەشمىگەن ۋە ئۇلار ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن دىنلار مۇراتسىز قالغان بولاتتى.

مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇنىڭ گەپ-سۆز، ئىش-ھەرىكەتلىرى مۇسۇلمانلار تەقلىد قىلىدىغان ۋە ئەگىشىدىغان سۈننەت بولۇپ قالغان. ۋە بۇنىڭغا ئۇلىشىپ نۇرغۇن ساختا سۈننەت(ھەدىس) لەر مەيدانغا كەلگەن.  شۇ سەۋەبتىن مۇسۇلمانلارغا توغرا سۈننەتنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن ھادىسىشۇناسلىق بارلىققا كەلگەن. مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ ۋاپاتىغا 1400 يىل بولغان بۈگۈنكى كۈندە مۇسۇلمانلار يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ ھايات يولدىكى سوئاللىرىغا ھەدىستىن جاۋاب ئىزدىشىدۇ. ۋە جاۋاب تاپالمىسا گاڭگىرايدىغان، ياكى دوگما تەپەككۇر بويىچە جاۋاب تاپالمىغان يېڭى شەيىلەرنى بولسا پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىش پوزىتسىيەسىدە بولماقتا. ئەمەلىيەتتە ئەقلى تەپەككۇردا يۇقىرى بىر سەۋىيەنى قولغا كەلتۈرگەن ئىنسان ئۈچۈن، ياراتقۇچىنىڭ ياراتقان قانۇنىيەتلىرىگە ماس كېلىدىغان ئىش-ھەرىكەتلەرنىڭ قۇراننى چۈشەنچىلەرگىمۇ، ھەمدە پەيغەمبەرنىڭ سۈننەتلىرىگىمۇ ماس كېلىدىغانلىقىنى چۈشىنىش تەس ئەمەس.  ئىلىم دۇنياسىدىكى تەتقىقاتلار بارغانسېرى شۇنى ئىسپاتلاۋاتىدۇكى، دىندا ئېيتىلغان تەلىمات بويىچە ئالتە كۈندە يارىتىلغان بۇ دۇنيا، ھەقىقەتەن قۇراندا دېيىلگەندەك “سىلەرنىڭ پايدىلىنىشىڭلار ئۈچۈندۇر” دېگەنگە ئۇيغۇن كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ پۈتۈن كائىناتنىڭ شەكىللىنىشى بىر زەررىچە كەم بولسىمۇ، ھاياتلىق شەكىللەنمەيدىغان دەرىجىدە ئىنچىكە ئىكەن. بىر ئاددىي مىسال شۇكى، يەر شارىدىكى ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ كېرەك شەيىلەرنىڭ مۇھىملىقى بىلەن مىقدارى ئوڭ تاناسىپ بولىدىكەن. مەسىلەن، ئەگەر ھاۋا بولمىسا ئىنسانلار بىر قانچە مىنۇتتىن كېيىن ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ، ھاۋانىڭ مىقدارى بولسا يەر شارىدا ئەڭ كۆپ. سۇ بولمىسا ئىنسانلار ئۈچ كۈندىن كېيىن ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ، سۇنىڭ مىقدارى بولسا ھاۋادىن كېيىنلا تۇرىدۇ.  ئىنسانلار قەدىرلەپ يۈرگەن ئالتۇن بازاردا قىممەت بولغان بىلەن ھاياتلىقنى تەشكىل قىلىشتا مىقدارى ئىنتايىن ئاز، ۋە بۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا تەبىئەتتە ئالتۇننىڭ زاپاس مىقدارىمۇ ئىنتايىن ئاز.  شۇ سەۋەبتىن ھاياتلىقنى ساقلايدىغان، ھاياتلىقنىڭ داۋام ئېتىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ تۇرۇۋاتقان كائىناتنىڭ ئوبيېكتىپ قانۇنىيىتىگە بويسۇنۇپ ياشاش قۇرانغىمۇ، سۈننەتكىمۇ توغرا كېلىدۇ. ئەگەر بىز مەلۇم بىر ھەدىسنىڭ راست ياكى يالغانلىقىنى، ۋە ياكى ۋاقتى ئۆتكەن ياكى ئۆتمىگەنلىكىنى دەلىللىيەلمىسەك، ئۇنىڭ ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتكە ماس كېلىدىغان ياكى كەلمەيدىغانلىقى ئارقىلىق ھۆكۈم چىقىرىشقا ھەقلىقمىز.

 

 

ئىككىنچى قىسىم:   قۇراننىڭ نىسپىيلىك ھەققىدە

 

بىز ئالدىدا بىر لوگىكىلىق تەھلىل بىلەن قۇراننىڭ نىسپىي ھۆكۈم ئىكەنلىكىنى مۇھاكىمە قىلالايمىز.

قۇران ياراتقۇچىنىڭ سۆزىمۇ؟ ئۇ ئەلۋەتتە شۇنداق دەيمىز. ئەمما ئۇ ياراتقۇچىنىڭ بارلىق سۆزلىرىنىڭ يىغىندىسىمۇ دېگەندە، ئۇنداق بولمايدۇ. ئەگەر قۇراندىكىسى ياراتقۇچىنىڭ بارلىق سۆزلىرى بولسا ئۇ چاغدا ياراتقۇچىنىڭ مۇتلەقلىقىگە بىر چەك قويۇلۇپ قالىدۇ. ئەگەر ئۇ ياراتقۇچىنىڭ بىر قىسىم سۆزلىرى بولسا ئۇنداقتا ياراتقۇچى ئۆزىنىڭ قۇراندا قىلغان ھۆكۈملىرىگە قارشى ھۆكۈم چىقىرالايدىغان ئىقتىدارى بارمۇ دەپ سوئال قويمىز. بار بولۇشى كېرەك، بولمىسا ئوخشاش ھەممىگە قادىر ئىكەنلىكىگە  چەك قويۇلۇپ قالىدۇ. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، قۇران ئاللانىڭ بىر قىسىم سۆزلىرىنىڭ يىغىندىسى بولغانلىق سەۋەبىدىن ئۇ نىسپىي بولىدۇ.

يۇقىرىدىكىسى نوقۇل لوگىكىلىق يەكۈن بولۇپ، قۇراندىكى “ بۇ كىتابنى سىلەرگە پۈتۈن قىلدۇق” دېگەن ئايەت ئارقىلىق ئىنكار قىلغىلى بولىدۇ.  ئەمما بۇ پۈتۈن چۈشۈرۈلگەن كىتاب پۈتۈن پېتى بىزگە يېتىپ كەلگەنمۇ دېگەندە سوئال تۇغۇلىدۇ. ئىسلام تارىخىنى ياخشى بىلىدىغانلار ئۈچۈن سىر ئەمەسكى، قۇران كەرىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يىگىرمە يىل جەريانىدا چۈشۈرۈلگەن، ۋە پەيغەمبەر ئۇنى ئەغىزاكى دېيىش ئارقىلىق بىرقانچە كاتىپلارغا خاتىرىلەتكەن. مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، خەلپە ئوسماننىڭ باشچىلىقىدا، تېرە، سۆڭەك پارچىلىرىغا يېزىلىپ ساقلانغان پارچە-پارچە سۈرە-ئايەتلەر توپلىنىپ رەتلەنگەن. رەتلىنىپ كىتابقا تىزىلغاندا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن رەت تەرتىپتە تىزىلماي، ئىنسانلارنىڭ ئىرادىسى بويىچە رەت تەرتىپى بەلگىلەنگەن ۋە ئەڭ دەسلەپتە ئۈچ كىتاب بولۇپ چىققان.  ئىككى نۇسخىسى كۆيدۈرۈلۈپ پەقەت بىر نۇسخىسى ئېلىپ قېلىنىپ كۆپەيتىلىپ تارقىتىلغان. قۇران چۈشۈرۈلگەندىن تارتىپ ئۆزگىرىپ باقان ئەمەس دېگىنى ئەمەلىيەتتە شۇ ئېلىپ قېلىنغان نۇسخىسىدىن كېيىن ئۆزگىرىپ باقمىدى دېگەنلىك بولىدۇ. ئەمما ياراتقۇچىدىن پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلۈپ، پەيغەمبەردىن كاتىپلارغا خاتىرىلىتىپ، شۇ كاتىپلاردىن بىر يەرگە جەملەنگەندە بولسا باشتىن ئاخىرى ئوخشاشمۇ دېيىلسە ئۇنى تەكشۈرۈپ بېكىتىدىغان پەيغەمبەر يوق بولغاچقا ئۇنداق بولماسلىقى مۇمكىن. بولمىسا رەتلەنگەندە ئۈچ كىتاب ئەمەس پەقەت بىرلا كىتاب بولۇپ چىقىشى كېرەك ئىدى. ئۈچ كىتاب بولۇپ چىقىشنىڭ سەۋەبى ئېنىق ئەمەس، ئەمما پەرقلەرنىڭ كېلىپ چىققانلىقى ئۇنىڭ ئۈچ كىتاب بولۇپ رەتلەنگەنلىكىنىڭ دەلىلى بولالايدۇ.

يەنە، تىلشۇناسلىقتىن ئېلىپ ئېيتىلغاندا، ئالدى بىلەن قۇران رەتلىنىپ چىققان مەزگىلدە ھازىرقىدەك، جۈملە ۋە بۆلەكلەرنى ئايرىيدىغان چېكىت پەشلەر يوق ئىدى. جۈملىنىڭ نەدىن ئۈزۈلۈشى، بىر بۆلەك ئايەتنىڭ نەدىن ئايرىلىشىدەك ئىزاھاتلار يېقىنقى زاماندا بارلىققا كەلگەن.  شۇ سەۋەبلىك، ئىسلام ئالىملىرى ئارىسىدا مەلۇم سۆزنىڭ بىر ئايەتنىڭ ئاخىردا كېلىشى ياكى ئىككىنچى ئايەتنىڭ بېشى بولۇپ كېلىشى ھەققىدە تالاش-تارتىش ھازىرمۇ مەۋجۇت [13]. شۇنداق بولغان ئىكەن، بۇ خىل ئوخشىمايدىغان ئوقۇش پەرقلىق مەنە بېرىشى ئېنىق. بىز سۆز ئوينى ئورنىدا ئىشلىتىدىغان “بالام ئەقىللىق بول داداڭدەك ئېشەك بولما” دېگەن بىر جۈملە سۆز بار. بۇ جۈملىدە پەشنى دادا سۆزىنىڭ ئالدىغا ياكى ئارقىسىغا قويۇش بىلەن مەنىسى پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. قۇران كەرىمىدە بۇنىڭدەك پەش قويماسلىق بىلەن كەلگەن پەرقلىق كۆز قاراشنىڭ بۆلىشى، ئەمەلىيەتتە بىزگە ئەقلى تەپەككۇرنىڭ شەخسنىڭ بىلىشى ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى، ئەگەر ھەر كىم ئۆزى ئەقلىنى ئىشلىتىپ تەپەككۇر قىلمىسا خۇددى مىسالغا ئالغان جۈملىدىكى دادىدەك پەشنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

 

 

ئۈچىنچى قىسىم:   دىننىڭ نىسپىيلىكى ھەققىدە

 

بۇ يەردە كۆرسىتىلىۋاتقان دىننىڭ نىسپىيلىك ھەققىدىكى كۆز قاراش نوقۇل بىرلا دىن مۇتلەق توغرا، باشقىلىرى خاتا دېگەن كۆز قاراشقا بېرىلگەن رەددىيەدۇر. ياراتقۇچى قۇراندا “مەن مۇقەددەس كىتابلارغا ئىشەنگەنلەرنىڭ ئاخىرەتلىكىنى ياخشى قىلمەن” دېگەن مەزمۇن بار. بىز باشقا دىنلارنى قويۇپ تۇرۇپ ئىسلام دىنى بىلەن بىر يىلتىزدا تۇتاشقان يەھۇدىي دىنى بىلەن خرىستىئان دىنىنى ئېلىپ ئېيتساق، بۇ ئىككى دىنغا چۈشۈرۈلگەن “تەۋرات” بىلەن “ئىنجىل” قۇراندا ئېتىراپ قىلىنغان مۇقەددەس كىتاب ھېسابلىنىدۇ. قۇراندا بۇ ئىككى كىتابقا ئەمەل قىلغانلارنىڭمۇ ئوخشاشلا ياخشى ئاخىرەتلىك بىلەن مۇكاپاتلىنىدىغانلىقى ئېيتىلغان بولسىمۇ، مۇسۇلمانلار ھازىرقى ئىنجىل ۋە تەۋراتلارنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنى، شۇ سەۋەبتىن ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ئەھلى جەننىتى بولالمايدىغانلىقىنى ئېيتىشىدۇ. ئۇنداق بولسا شۇ “ئۆزگىرىپ كەتكەن” يېرىنى توغرىلاپ يەنىلا ئۆز ئېتىقادىنى داۋاملاشتۇرغان ئىنسانلار قانداق ئاخىرەتكە ئېرىشىشى كېرەك؟ ئەمەلىيەتتە بولسا قايسى ئىنساننىڭ ئەھلى جەننىتى بولىدىغان ياكى بولالمايدىغانلىقىغا ئالاقىدار جاۋاب ياراتقۇچىغىلا خاس غەيىپ ھۆكۈم بولۇپ ئۇ توغرىلىق ئۆز-ئالدىغا ھۆكۈم چىقارغان ئىنساننىڭ شېرىك كەلتۈرۈش بىلەن ئەيىبلىنىشى كېرەك بولىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئۇقۇملارنى لوگىكىغا سېلىپ نىسپىي ھۆكۈم چىقىرىش ئۇنى ئىنكار قىلغانلىق بولماستىن، بەلكى بىر خۇدالىق دىندا پەقەت ياراتقۇچىنىڭلا يېگانە مۇتلەق ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش ئۈچۈندۇر. لوگىكىنىڭ ئەقلى تەپەككۇردىكى رولىنى چۈشەنمەيدىغان ئىنسانلار ئۈچۈن، بولۇپمۇ بىلىم قۇرۇلمىسى ئاددىي، تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي بىلىملەرنى چۇڭقۇر ئۆگەنمەي، ئىزدىنىشلەرنى ئۆزگىلەرگە (دىنىي يېتەكچىلەرگە) تاپشۇرۇپ شۇلارغا ئەگىشىپ ياخشى ئاخىرەتلىك ئىستەيدىغان ئىنسانلارغا، لوگىكىنىڭ قورقۇنچلۇق تۇيۇلۇشىنىڭ يەنە بىر تەرىپى، بۇ خىل لوگىكىلىق تەھلىل بىلەن بولۇپمۇ فورمال لوگىكىدىكى “زىتلىق يەكۈن (پارادوخەس)” ئارقىلىق، ھەتتا ياراتقۇچىنى ئىنكار قىلغىلى بولىدىغان يەكۈنلەرنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغىلى بولىدىغانلىقىدا. مەسىلەن نۇرغۇن دىنغا ئىشەنمەيدىغان ئىنسانلار مەغرۇرلىنىپ تۇرۇپ تىلغا ئالىدىغان بىر لوگىكىلىق يەكۈن مۇنداق، يەنە ئالدىنقى شەرت ياراتقۇچى ھەممىگە قادىر، ئاندىن ئانالىز. ئەگەر ياراتقۇچى ھەممىگە قادىر بولسا، ئۇ ئۆزى كۆتۈرەلمەيدىغان تاشنى يارىتالامدۇ؟ ئەگەر يارىتالايدۇ دېيىلسە ئۇنداقتا ھەممىگە قادىر تۇرۇپ نېمە ئۈچۈن كۆتۈرەلمەيدۇ دېگەن سوئال چىقىدۇ؛ ئەگەر يارىتالمايدۇ دېيىلسە ئۇنداقتا ھەممىگە قادىر ئەمەسكەنغۇ دېگەن ئىنكار پەيدا بولىدۇ. بۇ تەپەككۇرنىڭ زىل يېرى بولۇپ، خېلى بىر قىسىم ئىنسانلار بۇنى ھەزىم قىلالمىسا دەھرىي دەپ چەكلىشى ئېنىق. بۇنىڭغا ئوخشاش مىسالدىن يەنە بىرى بولسا، ياراتقۇچى ھەممىگە قادىر يېگانە مەۋجۇتلۇق بولسا، ئۇ ئۆزىنى ئىككى قىلىپ يارىتالامدۇ، دېگەن سوئالغا بولغان ئانالىزدىن ئىبارەت. ئەگەر جاۋاب يارىتالايدۇ بولسا ئۇ چاغدا يېگانە بولالمايدۇ؛ ئەگەر يارىتالمايدۇ دېيىلسە ھەممىگە قادىر بولۇشىغا چەكلىمە قويۇلىدۇ. ئەگەر نوقۇل لوگىكىلىق تەپەككۇر قىلساق بۇنداق مۆمىنلەرنى گاڭگىرىتىدىغان ۋە غەزەپلەندۈرىدىغان سوئاللار كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئەگەر تەپەككۇر، ئىلىم بىلەن قوراللانغان ئەقلى تەپەككۇر بولمىسا ئۇ ئاسانلا دىندا چىڭ تۇرىدىغان ئەمما ئەقلى تەپەككۇرغا ئاجىز ئىنسانلاردا قارشىلىق پەيدا قىلىپ ئىلىمنى، ئەقلى تەپەككۇرنى تەقىب قىلىدىغان خاھىشنى پەيدا قىلىپ قويىدۇ.

يۇقىرىدىكى لوگىكىلىق يەكۈنلەرنىڭ نەتىجىسى شۇكى، بىزنىڭ بىلىش دائىرىمىزدە نىسپىيلىك بىر مۇتلەق ھۆكۈم بولۇپ، بۇ مۇتلەق ھۆكۈمنى قولدا تۇتۇپ تۇرغۇچى پەقەت شۇ نىسپىي دۇنيانى ياراتقۇچى بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن بىز ياراتقۇچىدىن باشقا ھېچقانداق بىر شەيى ياكى ھادىسىنى مۇتلەق دەپ ھۆكۈم قىلالمايمىز. شۇنداق بولغانىكەن، ھەرقانداق نىسپىي ھۆكۈم “ئەگەر” دېگەن ئالدىنقى شەرت ئاستىدا شارائىتقا قاراپ بىزگە بېرىدىغان نەتىجىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، ۋە بۇ نەتىجىنى پەقەت ئەقلى تەپەككۇرلا توغرا يەكۈنلەپ چىقالايدۇ.

 

تۆتىنچى قىسىم:  ئىلىم ۋە دىننىڭ مۇناسىۋىتى

 

لوگىكا ۋە ئەقلى تەپەككۇرنىڭ دىنىي جەمىيەتتە تەقىبكە ئۇچرىشىشىنىڭ سەۋەبى مۇشۇنداق ئۆتكۈر سوئاللارنىڭ دىنىي ئەقىدىلەرگە تەۋرىنىش ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ۋە ھەتتا ئىنساننى ئويلىنىشتىن توختىتىپ قويىدىغان دەرىجىدە كەسكىن ئىچكى كۈرەشكە سېلىپ قويىدىغان ئەھۋاللارنىڭ مەۋجۇت بولۇشىدا. مەسىلەن دىندا يېقىن تۇغقانلارنىڭ توي قىلىشى ناھايىتى قاتتىق گۇناھ ھېسابلىنىدۇ، ۋە قاتتىق چەكلىنىدۇ. ئەمما ئەگەر بىز دەل دىنىي چۈشەنچىلەردىن ئىنساننىڭ كۆپىيىش ئەھۋالىنى تەھلىل قىلساق، ئەگەر ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانىدىن ئاپىرىدە بولغان بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۆز ئارا جۈپلەشمىسە، ئەتراپىدا باشقا ئىنسان بولمىغان ئەھۋالدا قانداق كۆپىيىدۇ دېگەن سوئال تۇغۇلىدۇ. ۋە شۇنىڭدىن بىزگە ئىنسانلار ئەمەلىيەتتە شۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ قالايمىقان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مەھسۇلى ئىكەنغۇ دېگەن يەكۈن كېلىپ چىقىدۇ.  بۇ بىر قارماققا ئىنتايىن ھەددىدىن ئاشقان قورقۇنچلۇق سوئال بولۇپ، ئەمسە شۇنداق ئىكەن بىز ھايۋانلاردەك قالايمىقان مۇناسىۋەتتە بولساق بولدىكەن-دە دېگەن غەزەپلىك چۇقان چىقىدۇ. ئەمما رېئاللىقتا بولسا ئىرسىيەت ئىلمى يېقىن تۇغقانلارنىڭ توي قىلىشىدىن تۇغۇلغان بالىلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىدە ئىرسىيەت كېسىلى بولىدىغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن يېقىن تۇغقانلارنىڭ توي قىلىشىنىڭ تەبىئىي چەكلىمىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىر ئىرسىيەت ئىلمى دوكلاتىدا، ئامېرىكىنىڭ كولورادو شتاتى بىلەن ئارىزونا شتاتىنىڭ چېگراسىغا جايلاشقان بىر كىچىك بازاردا ئولتۇرۇشلۇق كىشىلەردە، دۇنيادا ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان ئىرسىيەت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ كۆپ خوتۇنلۇق تۈزۈمىگە ئەمەل قىلىدىغان خرىستىئان دىنىنىڭ بىر تارمىقىغا تەۋە كىشىلەرنىڭ يېقىن تۇغقان تۇرۇپ توي قىلىشىدىن كېلىپ چىققانلىقى ئىسپاتلانغان. بىز لوگىكىدىكى يەكۈندىن كېلىپ چىققان ئىنسانلار بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئۆز-ئارا توي قىلىشىدىن كەلگەنمۇ دېگەن ئويلىنىشنى ھەر كىشىنىڭ ئىختىيارىغا قويۇپ، پەقەت ئۇنىڭ نەتىجىسىگە قارتا سوئال قويساق، يېقىن تۇغقانلارنىڭ توي قىلىشىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىگە ئەڭ كۈچلۈك رەددىيە بېرەلەيدىغىنى يەنىلا ئىلىم بولىدۇ. بۇ مىسال بىزگە دىنىي ئەقىدىلەرگە ئىلمى ئاساسلارنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

شۇ سەۋەبتىن بىز لوگىكىلىق ئانالىزدىن كېلىپ چىقىدىغان بۇنداق سەزگۈر سوئاللار سەۋەبىدىنلا ئەقلى تەپەككۇر ئارقىلىق دىنىي چۈشىنىشنى ۋە چۈشەندۈرۈشنى ئىنكار قىلساق بولمايدۇ. بۇ خىل ئانالىزلارنىڭ نەتىجىسى شۇكى، ئىنساننىڭ تار دائىرىدىكى بىلىم قۇرۇلمىسى چوڭقۇرلاپ، بارلىق مۇتلەق دەپ ئېسىلىۋالغان ئەقىدىلەرنىڭمۇ نىسپىي ئىكەنلىكىنى ئاستا-ئاستا چۈشىنىپ يېتىپ، ئىلمى-ئىجاھاتتا، ئەقلى تەپەككۇردا ئۆز زامانداشلىرىدىن ھالقىپ، ئىنسان ئۆزىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرەلەيدىغان يەنە بىر ئىنساننى ئۇچۇرتالمايدىغان دەرىجىگە يېتىپ بارىدۇ. ۋە ئەڭ ئاخىردا يېگانە مۇتلەق ياراتقۇچىسىغا مۇراجىئەت قىلىشقا يۈزلىنىدۇ. يەنە ئېتىقاد ھەقىقىي يوسۇندا  ياراتقۇچىسىغىلا يۈزلىنىدىغان، قۇراندىكى “پەقەت ئاللاغىلا ئېتىقاد قىلىڭلار” دېگەن ئايەتنى ماھىيەت جەھەتتىن چۈشىنىپ يېتىشكە قادىر بولالايدۇ. شۇ سەۋەبتىن نۇرغۇن دىنىي ئالىملارنىڭ يەنە زاھىت، سوپى بولۇپ ياشىشىنىڭ سەۋەبى بۇ بولۇپ، ئۇلار ئۆمرىنى ئەقلى تەپەككۇر قىلىش بىلەن ئۆتكۈزگەن. مۇھەممەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ سوپى، زاھىت بولۇپ ياشاشنى تەشەببۇس قىلمىسىمۇ، بۇنداق كىشىلەرنى ھۆرمەتلىگەن.

بۇ خىل لوگىكىلىق تەھلىللەرنىڭ دىنىي ئېتىقادنى تەۋرىتىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇنى بىراقلا تەقىب قىلىش، ئەكسىچە ئىنسان تەپەككۇرىنى دوگما ئىچىگە ئىتتىرىپ قويىدۇ. چۈنكى دەل ئىلىم ۋە ئەقلى تەپەككۇرنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى بۇ سوئاللارغا قارتا كىشىنى قايىل قىلارلىق جاۋاب بېرەلەيدۇ. ۋە بۇ سوئاللار بىزنى ياراتقۇچىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ دىننى-ئەھكاملارنى، پەيغەمبەرنىڭ سۈننەتلىرىنى، قۇراننى مۇتلەق ئورۇنغا قويۇپ دىننىڭ ئەسلى مەقسىتى بولغان پەقەت ياراتقۇچىسىغا ئىبادەت قىلىش مەقسىتىنىڭ بۇرمىلىنىپ كەتمەسلىكىگە، توغرا يولدا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلالايدۇ. بىز لوگىكا بىلەن رېئاللىقنى ئاغدۇرۇۋېتەلمەيمىز. شۇ قۇراندا “ئويلىغىنىڭ گۇناھلىق بولسىمۇ، ئۇنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرمىساڭ گۇناھ ھېسابلانمايدۇ” دېيىلگەن. لوگىكا دەل شۇنداق گۇناھتەك بىلىنىدىغان ئەمما ئەقلى تەپەككۇر قىلىشقا يول قويۇلىدىغان دائىرە ئىچىدىكى ئىلىمدۇر. بۇ خىل كوچىلاپ سۈرۈشتە قىلىش ئىنساننى بىلىشكە ئۈندەپ، بىلىش ئارقىلىق بارلىق قورقۇنچلار يوقاپ ئىنساننى بىۋاسىتە ھەقنى تونۇشقا يېتەكلەيدۇ. ئىنسان ئۈچۈن كىمنىڭ پۇشتى بولۇش مۇھىم ئەمەس، قانداق بىر پۇشتى بولۇش ئەڭ مۇھىمدۇر.

 

ئاخىرقى سۆز

 

مەزكۇر يازمىدا بىز ئەقلى تەپەككۇرنى مەركەزلىك ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ دىننى چۈشىنىشتىكى رولىنى تەكىتلەپ ئۆتتۇق.

“…كىمكى پاكلىنىدىكەن ئۇ ئۆزى ئۈچۈن پاكلانغان بولىدۇ. ئاخىرى قايتىدىغان جاي ئاللانىڭ دەرگاھىدۇر” [14].  “ھەرقانداق ئىنساننىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن ياكى قىسقا بولۇشى لاۋھۇلمەھپۇزدا يېزىلغان، بۇ ھەقىقەتەن ئاللاغا ئاسان [15]”.   بىز قۇراننى قىرائەت قىلغان چېغىمىزدا بۇ ئىككى ئايەتتىن ھەر ئىنساننىڭ چەكلىك ھاياتتا ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىشى كېرەكلىكىنى، دىننى چۈشىنىشنى بىۋاسىتە ئۆز تەپەككۇرىدا ئېلىپ بېرىش كېرەكلىكىنى ئەگەر ئۆزگىلەرنىڭ تەپەككۇر نەتىجىسىگە ئەمەل قىلىپ ئۇ گۇناھ ئىكەنلىكى دەلىللەنگەندە بۇ گۇناھنىڭ ئۆزگىلەرگە ئەمەس ئۆزىگە يېزىلىدىغانلىقىنى بىلىمىز.  شۇ سەۋەبتىن ئىسلام تارىخىدىكى داڭلىق ئۆلىمالار ئۆز زامانىسىدا يەنە يېتىلگەن ئالىملاردىن بولغان. ئەمما ئىنسان ھاياتى مەڭگۈلۈك ئەمەس، تارىخى شارائىتقا قارتا ئىگىلىگەن بىلىممۇ چەكلىك بولىدۇ. ئۇنداقتا چەكلىك ئىلىم بىلەن تەپەككۇر قىلغان ئىنسانلارنىڭ ئۆز ئۈستىدە چىقارغان يەكۈنى توغرا بولماي قالسا قانداق بولىدۇ؟ بۇنىڭغا بىز يۇقىرىدا “ياخشى سارمانتى” نىڭ مىسالى بىلەن جاۋاب بەردۇق.  ھەمدە بۇنىڭغا قارتا قۇراندا “ئۆز دەۋرىڭلاردا ياشاڭلار” دېگەن. بۇنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە شارائىتىڭىزنىڭ يېتىشىچە تەپەككۇر قىلىڭ، ئىجاد قىلىڭ نەتىجىسىنى ياراتقۇچى بېرىدۇ دېگەن مەنىدە چۈشىنىشكە بولىدۇ. بۇنى ئالگېبرادىكى پارابولانىڭ چوققىسىغا ئوخشاتساق ئىنساننىڭ تەپەككۇرى، ئىجاد قىلىشى ۋە بىلىش ئۈچۈن تىرىشىشى شۇ چوققىدا بولۇپ ھەق (ياراتقۇچى) قە چەكسىز يېقىنلىشىدۇ، ئەمما  (ھاياتلىقتا) مەڭگۈ كېسىشمەيدۇ (ھەققە يېتەلمەيدۇ). بىز قانچىلىك ساۋاپ قىلساق ياراتقۇچىنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىمىز بىلمەيمىز. ئەمما شۇنىڭ ئۈچۈن چىن نىيىتىمىز بىلەن توختىماي چەكسىز تىرىشىمىز.

بۇ يازما يېزىلىۋاتقان ۋاقىتتا، ئامېرىكىدىكى داڭلىق غول ھۈجەيرە تەتقىقاتچىسى، ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپ گېن تەتقىقاتىدا ئىرسىيەت كېسەللىكلىرىنى ئالدىن كونترول قىلىش جەھەتتە يېڭى بىر نەتىجە ياراتتى. بۇ خىل تەتقىقات يازمىنىڭ بېشىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئەڭ تەرەققىي قىلغان ئامېرىكىنىڭ ئۆزىدىمۇ قانۇنى جەھەتتىن قاتتىق چەكلىمە ئىچىدە كونترول قىلىنىدىغان تەتقىقات بولۇپ، شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ بۇ يېڭى نەتىجىسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىنى ساقلاپ تۇرماقتا. شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ تەتقىقات يۆلىنىشى كەلگۈسىدە بوۋاقلار تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن غەيرىي گېنلىرى “قايتا لايىھىلىنىپ” ئىرسىيەت كېسەللىكىدىن خالى دۇنياغا كېلىشىنى مەقسەت قىلغان ساۋابلىق ئىش ھېسابلانسىمۇ، ئەمما بۇ تېخنىكا تەبىئىي قانۇنىيەتلەردىن ئاپىرىدە بولۇپ ھازىرقى ھالەتكە كەلگەن ئىنسانلارغا سۈنىي ئۆزگىرىش ياساش، ھەتتا كەلگۈسىدە ئەكسى تەسىر بېرىش مۇمكىنچىلىكى بار ياكى يوقلۇقى ئېنىق بولمىغان تەتقىقات ھېسابلىنىدۇ. بۇ دەل ئىنسانلار بىلىشكە قىزىقىۋاتقان يەنە بىر “غەيىپ” ھادىسە بولۇپ، بۇ تېخنىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ھەممە بالىنىڭ تۇغۇلۇشىدا نورمال بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىغان ئىنسانلار بىلەن غەيىپتىن قورقۇپ تەقىب قىلىشنى قوللايدىغان ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى كۆز قاراش زىتلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ تۇرۇپتۇ.

ئەقلى تەپەككۇرىدىكى تەرەققىياتنىڭ تەكشىسىزلىكى سەۋەبىدىن كۆپ قىسىم ئىنسانلارنىڭ چۈشىنىشى تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ كۆپ كەينىدە قالماقتا، شۇ سەۋەبتىن تېخنىكا تەرەققىياتىغا ۋە ئىلىمدىكى ئىزدىنىشلەرگە چەكلىمىلەر قويۇلماقتا. ئەگەر ئەقلى تەپەككۇر ھەر كاللىدا تەكشى تەرەققىي قىلغان بولسا، ئىنسانلار جەمىيىتى بىر تەكشىلىكتە تەرەققىي قىلغان ۋە ئۆزلىرى ياساپ چىققان تەقلىدى ئەقىلنىڭ كەلگۈسىدىن ئەندىشە قىلىپ كەتمىگەن بولار ئىدى. خ

دەل ھەر ئىنساننىڭ ئۆزى ئۈستىدىكى ئويلىنىشلىرى يېتەرسىز بولۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن، بىر قىسىم ئۆزىنى تاپالمىغان ئىنسانلارنىڭ بىر كۈنلەردە بۇ تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ ئىنسانلارغا زىيان ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. شۇ سەۋەبتىن تەپەككۇردىكى تەكشىسىزلىك تۈگىمەي تۇرۇپ ئىنسانلار جەمىيىتىدىكى جەڭگى-جېدەللەرنىڭ ھەرگىز ئاخىرى چىقمايدۇ.

ئەمما مەيلى دىنىي چۈشەنچىلەر بولسۇن ۋە ياكى ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىزدىكى ھادىسىلەر بولسۇن، ھەر ئىشتا ئەقىل ئىشلىتىش، تەپەككۇر قىلىش، بىزنىڭ نىيىتىمىزنىڭ دۇرۇس بولۇشى، ئىشىمىزنىڭ نەتىجىلىك بولۇشى ۋە ساۋابقا ئايلىنىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى ھېسابلىنىدۇ. دىندا تۆت خوتۇن ئالسا بولىدۇ دېسىلا ماتېماتىكىنى تۆتكىچە ساناشنى ئۆگىنىپ توختاپ قالساق بولمايدۇ. ئۆزىمىز ياشاۋاتقان جەمىيەتتە باشقا ئىنسانلارغا زەخمەت يەتكۈزىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىش ئاساسىدا ئېلىپ بارغان ئىش-پائالىيەتلىرىمىز، نىيەتنىڭ دۇرۇسلۇقىنىڭ بەلگىسى. ئەمما ئۆزىمىز باسقان ھەر بىر قەدەمنىڭ باشقىلارغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، بىزدىن ئۆز دەۋرىمىزگىچە تەرەققىي قىلغان بىلىملەرنى ئامال بار تولۇق ئىگىلەش، ئەقلى تەپەككۇرىمىزنى يۈكسەلدۈرۈش تەلەپ قىلىنىدۇ. “ئادەم، ئادەم بىلەن ئادەم”. ئىنسانچىلىقنى ئۆگىنىش، ئىنسانچىلىقنى ھۆرمەت قىلىش، ياراتقۇچىنى خۇش قىلىدىغان ئىنسان بولۇش، بۇلارنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، نىيىتىمىزنى دەڭسەيدىغان ئەقلى تەپەككۇرغا موھتاجمىز.

 

 

ئىزاھاتلار

 

[1]. سوقراتتىن بۇرۇن گىرېتسىيەدە باشقا پەيلاسوپلار بار بولغان بولسىمۇ ئۇلار دۇنيانىڭ كېلىش مەنبەسىنى مەلۇم بىر كونكرېت شەيىدىن دەپ قارايدىغان “مېتافىزىك” چىلاردىن ئىدى.

[2]. سوقرات كوچا دوقمۇشىغا چىقىپ دائىم ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئادەملەردىن سوئال سورايدىكەن، ئۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى ئالغاندىن كېيىن، ئۇ ئادەمدىن توختىماي سوئال سوراپ ئاخىردا ئۇ كىشىنىڭ دەسلەپكى جاۋابىنى كېيىنكى سوئاللارغا بەرگەن جاۋابقا زىت قىلىپ ئۇنى ئۆزنىڭ دەسلەپكى يەكۈنىگە قارتا قايتا ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلىدىكەن.  بۇ كېيىنكىلەر تەرىپىدىن “سوقراتچە سوئال سوراش” دەپ يەكۈنلەنگەن.

[3]. سوپىزم توغرىسىدا ھازىرغىچە تالاش تارتىش تۈگىگىنى يوق.  سوپىزم نوقۇل ئىسلام پەلسەپىسىگە خاس ئاتالغۇ ۋە ئېقىم بولماستىن، سوقراتتىن باشلانغان تەپەككۇرنى ئاساس قىلغان پەلسەپىۋى ئويلىنىشلار ۋە پىكىرلەر سوپىزملىققا كىرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئاپتور سوپى ئاتالغۇسىنىڭ ھەقىقىي مەنىسى تەپەككۇر قىلماق بولۇشى كېرەك دەپ قارايدۇ.

[4]. بەقەر سۈرىسى 29-ئايەت.

[5]. فاتىر سۈرىسى 38-ئايەت.

[6]. ياپونىيەلىك فىزىكا ئالىمى مۇراياما ھىتوشىنىڭ ئامېرىكىدىكى بىر دوكلات بېرىش يىغىنىدا ئاپتورنىڭ سورىغان سوئالىغا بەرگەن جاۋابىدىن ئېلىنغان نەقىل.

[7]. مائىدە سۈرىسى 9-ئايەت.

[8]. ئىنجىلدىن كەلگەن بىر ھېكايە بولۇپ، ھېكايىدە بىر يەھۇدىي ياردەمگە ئېھتىياجلىق ھالدا يول ياقىسىدا ياتقاندا، ئۇنىڭ يېنىدىن باشقا يەھۇدىيلار ۋە يەھۇدىي پوپلىرى ئۆتكەن بولسىمۇ ئۇنىڭغا ياردەم قولنى سوزمىغان. بۇ يەردىن يەھۇدىي دىنىغا ئېتىقاد قىلمايدىغان سارمانتىلىق بىر كىشى ئۆتۈپ قالغان ۋە ئۇ يەھۇدىغا ياردەم قولىنى سوزۇپ ئۇنى قۇتقۇزۇپ قالغان. بۇ ھېكايە ئىنسانچىلىق ھەققىدىكى پەلسەپىۋى ئىزدىنىشكە تۈرتكە بولغان، ۋە كىشىلەرنى ياخشى ئىشقا ئۈندەش، ۋە ياخشى نىيىتىنىڭ ئەكسىچە ئۈنۈم كۆرۈلگەندە ئۇنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلمەسلىك قاتارلىق قانۇن تۈزۈملەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولغان. بەزى دۆلەتلەر قانۇن تۇرغۇزۇپ ھەتتا قۇتقۇزۇش ئىمكانىيىتى بار تۇرۇپ ياردەم قولىنى سۇنمىغان ئىنسانلارنى قانۇنى جازاغا تارتىشنى بەلگىلىگەن.

[9]. ئىبن كەسىرنىڭ قۇران كەرىم تەپسىرى 94-بەت.

[10]. يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى ئىچىگە بالايىئاپەت، ئاغرىق-سىلاق قاچىلانغان ساندۇق.

[11]. فۇرقان سۈرىسى 2-ئايەتنىڭ كېيىنكى يېرىمى.

[12]. نەھلىدە سۈرىسى 12-ئايەت.

[13]. گىئۇتەنىڭ (گوئەتھە) <فائۇست> داستانىدىكى باش پېرسوناژ.  مىفىستافىل ئىسىملىك شەيتان تەڭرىگە جەڭ ئېلان قىلىدۇ، مەن سەن مۇكەممەل دېگەن ئىنساننى ئازدۇرۇپ سېنىڭ يولۇڭدىن چىقىرالايمەن دەپ. تەڭرى ئۇنىغا شۇنداق قىلىشقا ئىجازەت بېرىدۇ. مىفىستافىل يەر يۈزىگە چۈشۈپ ناھايىتى پېقىر ياشاۋاتقان ئەقىللىق ياش فائۇستقا كۆزى چۈشىدۇ ۋە ئۇنى ھەر-خىل ئېزىقتۇرۇشلارغا باشلىماقچى بولىدۇ. فائۇست ھاياتلىقنىڭ مەنىسىنى بىلىش ئۈچۈن، شەيتان بىلەن پۈتۈشۈپ، مۇھەببەت، نەپرەت، ئىلاھى تۇيغۇ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى تېتىيدۇ، ۋە ھاياتىنىڭ ئاخىردا ھاياتنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشكە قادىر بولىدۇ. فائۇست ئېيتىلىشىچە ئوتتۇرا ئەسىردە ياۋروپادىكى بىر ئەپسانىۋى ئادەم بولۇپ، ئەقىلدە كامالەتكە يەتكەن پېرسوناژ. فائۇست ھەققىدە ياۋروپادا نۇرغۇن ئوخشىمىغان ھېكايەلەر مەۋجۇت بولۇپ، گىئۇتىنىڭ بۇ ئەسىرى ياۋروپا ئەدەبىيات-سەنەت ئويغىنىشىدىن باشلانغان ئىنسانلىققا قايتىش ۋە تەپەككۇر ئۈستىدە قايتا ئويلىنىش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان دەۋرىدىكى ئىنسانلارنىڭ ئەقىل بىلەن ئىقتىدار ئوتتۇرىسىدىكى ئويلىنىشلىرىنىڭ بىر گۈزەل شەكىلدە ئىپادىلىنىشىدۇر. گىئۇتى بۇ ئەسەرنى يېزىشقا پۈتۈن ئۆمرىنى سەرپ قىلغان (جەمىي 64 يىل يازغان، ۋە ئۆلۈپ كېتىشتىن بىر يىل ئاۋۋال تاماملىغان). ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىۋاتقان ئىنسان ئۈچۈن بىر ئوقۇپ بېقىشقا ئەرزىيدىغان ئېسىل ئەسەر ھېسابلىنىدۇ.

[14]. ئىبن كەسىرنىڭ قۇران كەرىم تەپسىرى 91-بەتتە بۇ خىل ئوخشىمايدىغان كۆز قاراشنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى مىسال بىلەن بايان قىلغان.

[15]. سۈرە فاتەر 18-ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

[16]. سۈرە فاتىر 11-ئايەت.

 

Share
966 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.