logo

trugen jacn

دىئاسپورادىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە NPO تەشكىلاتلارنى كۆپەيتىپ قۇرۇش ھەققىدە تەكلىپ

مەشئەل ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى

2019-01-15

جازا لاگېرلىرىنىڭ خەلقئاراغا ئاشكارىلىنىشىغا ئەگىشىپ، خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ماھىيىتىنى تونۇپ داۋا سېپىغا قېتىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى كۆپەيمەكتە. ۋە شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا، داۋا سېپىنى مۇستەھكەملەيدىغان تەشكىلاتلارمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى. ئەمما بۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە خىزمەت قىلالايدىغان قۇرۇلۇشلىرى تېخى باشلانمىغان ھالەتتە تۇرماقتا. ئەمەلىيەتتە ۋەتەننىڭ ئىشىكى تاقالغان ۋاقىتتىن تارتىپ ئۇيغۇرلۇقنى ساقلايدىغان خىزمەت ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى بولۇپ قالدى. شۇ سەۋەبتىن ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە خىزمەت قىلىدىغان،ئۇلارنىڭ ئۇيۇشۇشى، ئورۇنلىشىشى، ئەۋلاد تەربىيەلىشى، ۋە شۇنىڭدەك كۇلتۇر ئەنئەنىلىرىنى ساقلىيالىشى ئۈچۈن ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن مۇلازىمەت قىلالايدىغان، قانۇنلۇق ئورگان قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ بېرىش نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

دۇنيانىڭ تەرەققىياتى تەكشى بولمىغان ھازىرقى ۋاقىتتا ئىقتىسادى ۋە ئىدېئولوگىيەلىك پەرق سەۋەبىدىن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئاۋام خەلققە ئىجتىمائىي ئورگان قۇرۇش توغرىسىدىكى قانۇنى تەلەپلىرىمۇ ئوخشىمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن بىز بۇ يەردە تەرەققىي قىلغان 7 دۆلەتتە قۇرۇش مۇمكىنچىلىكى بولغان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ گۈللىنىشىگە زور ياردىمى بولىدىغان NPO دەپ ئاتىلىدىغان ئورگاننى نۇقتىلىق تونۇشتۇرىمىز.

NPO دېگەن ئىنگلىزچە Non Profit Organization دېگەننىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، تاپاۋەتسىز تەشكىلات دېگەن مەنىدە. ئىسمىدا بىلدۈرۈپ ئۆتكەندەك، بۇ خىل ئورگانلار قۇرغۇچى ۋە ياكى ئەزالارنىڭ ئىقتىسادى پايدىغا ئېرىشىشىنى ئەمەس، بەلكى جەمئىيەتتىكى مەلۇم بىر بۆلەك كىشىلەرنىڭ تىل، مائارىپ، مەدەنىيەت ۋە ياكى باشقا ئىنسانى ھوقۇقى دېگەندەك كونكرېت ئېھتىياجلىرىغا قارتا مۇقىم ۋە سىستېمىلىق مۇلازىمەت قىلىشنى مەقسەت قىلىپ قۇرۇلغان بولىدۇ. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا مەلۇم ئۇسۇللار ئارقىلىق جەمئىيەتتىن ئىقتىسادى ياردەمگە ئېرىشىپ ئۇنى يەنە مۇلازىمەت ئوبيېكتى بولغان ئىنسانلارغا ئىشلەتكەنلىك سەۋەبىدىن كىرىم ھېسابلانمايدۇ، ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە باج كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە ئۇيغۇر تەشكىلاتلار بار بولسىمۇ ئەمما كۆپ قىسمى NPO تەشكىلاتى ئەمەس. NPO تەشكىلاتى قۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئۇيغۇرلۇقنى ساقلاشنىڭ ئاساسى بولغان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ يىلتىز تارتىشى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن ماھىيەتلىك خىزمەتلەرنى ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ. بۇنى 3 نۇقتىدىن چۈشەندۈرىمىز.

ئالدى بىلەن ئىقتىسادى مەنپەئەتتىن چىقىش قىلغاندا NPO ئۇيغۇر جامائىتى ۋە شۇنىڭدەك شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا ئۇيغۇر داۋاسى ئېھتىياجلىق ئىقتىساد مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان مۇھىم قانۇنلۇق ئورگان ھېسابلىنىدۇ. NPO قانۇنلۇق ئورگان بولۇشى بىلەن ئىئانە توپلاش ۋە باشقا ئۇسۇللار بىلەن جەمئىيەتتىن ئىقتىساد يىغالايدۇ ۋە بۇ يەردە يىغىدىغان ئىقتىسادنىڭ چېكى بولمايدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن دائىرىسىدىن چىقىپ كەتمىگەن ھەرقانداق NPO تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەرىكىتىگە چەكلىمە قويالمايدۇ. پەقەت NPO نىڭ پائالىيىتى، بولۇپمۇ ئىقتىسادى ھېساباتى ھۆكۈمەتكە ئېنىق بىلدۈرۈلىدۇ. بۇ ئارقىلىق ھۆكۈمەت NPO تەشكىلاتلىرىنىڭ كىرىمنى تەشكىلات قۇرۇش مەقسىتىگە ئۇيغۇن ئىشلىتىۋاتامدۇ يوق ئېنىق ئۇچۇرغا ئېگە بولۇپ تۇرىدۇ ۋە شۇنىڭدەك باج كەچۈرۈشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

ئىككىنچى جەھەتتىن ئېيتقاندا ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ كۈچسىز بولۇشىنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبلىرىنىڭ بىرى ھەر قايسى دۆلەتلەردە ”جامائەت“ بولۇپ شەكىللەنمىگەنلىكتىن بولماقتا. جامائەت بولۇپ ئۇيۇشۇش دېگەنلىك ھەرگىزمۇ توي-تۆكۈن ، نەزىر –چىراغ ۋە دالا-كاۋاپ سەيلىسىدە بىر يەرگە توپلاشسىلا ھېساب دېگەنلىك بولمايدۇ. ئۇيغۇرلۇقنىڭ ئاساسى بولغان ئۇيغۇر تىلى ۋە كۇلتۇرىنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا ۋارىسلىق قىلدۇرۇش ئۈچۈن مۇقىم مۈلۈك ھېسابىدا مەكتەپ ۋە پائالىيەت زاللىرى بولۇشى، ئۆز-ئارا ياردەم قىلىشتىن باشقا ئەڭ مۇھىمى ئۆزلىرى يەرلەشكەن زېمىندىكى جەمئىيەتتىن بىۋاسىتە ياردەم ئالالايدىغان ۋە قىلالايدىغان سىستېما-قۇرۇلمىسى بولۇشى كېرەك. شۇلارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن يەنىلا بىرىنچى شەرت بولغان ئىقتىساد بولۇشى كېرەك. يىللاردىن بېرى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە ياشاپمۇ، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇر جامائىتىدىن ئىئانە يىغىش بىلەن ئىشلارنى ھەل قىلىپ كەلمەكتە. ئەمەلىيەتتە تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىكى قانۇن ھۆكۈمەتنىلا ئەمەس مىليونېر پۇقرالىرىنىمۇ توپلىغان ئىقتىسادى بايلىقنى جەمئىيەتكە “ قايتا تەقسىم قىلىش” قا مەجبۇر قىلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى مەسىلەن ئامېرىكىدا پۇقرالار باجنى كىرىمىگە قاراپ تۆلەيدىغان بولۇپ، كىرىمى قانچە يۇقىرى بولسا تۆلەيدىغان باجمۇ يۇقىرى بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە يىغقان بايلىقنى كېيىنكى ئەۋلادلىرىغا قالدۇرسىمۇ ناھايىتى ئېغىر مىراس بېجى تۆلەيدۇ. ئەمما پۇقرالار ئۆز ئالدىغا فوند قۇرۇپ ۋە ياكى بىۋاسىتە جەمئىيەتتىكى ئورگانلارغا خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرى ئۈچۈن پۇل ئىئانە قىلسا، ئىئانە قىلغان پۇلدىن باج تاپشۇرمايلا قالماستىن قالغان كىرىملىرىدىن ئېلىنىدىغان باج مەلۇم دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ. شۇ سەۋەبتىن شۇنچە بايلىقنى باج قىلىپ تاپشۇرغاندىن، ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئاتاش ئارقىلىق نام شۆھرەتكە ئېرىشىش ئامېرىكا جەمئىيىتىدە ئادەتكە ئايلانغان. مەسىلەن مىكروسوفت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى Bill Gates ئايالى بىلەن ئۆزىنىڭ نامىدا قۇرغان “Bill ۋە Milanda فوندىغا” تۇنجى قېتىمدىلا 20مىليارد دوللار ئىئانە قىلغان، ۋە بۇ فوندى ئارقىلىق بولۇپمۇ ئافرىقىدىكى نامرات رايونلاردىكى ئەيدىز كېسىلىنى كونترول قىلىش، سەھىيە ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قاتنىشىۋاتقان ھەر خىل چوڭ كىچىك ئورگانلارنى ئىقتىساد بىلەن تەمىنلىمەكتە. قانۇن تۈزۈلمە سەۋەبىدىن ئامېرىكىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش دەرىجىدىن تاشقىرى بايلاردىن تارتىپ ئوتتۇراھال ئائىلىلەرگىچە ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىقتىسادىنى سەرپ قىلىش ئومۇملاشقانلىقى سەۋەبىدىن، جەمئىيەتتە ھەر يىلى زور مىقداردا “ ئىئانە سوممىسى” ئېقىپ تۇرىدۇ. ئامېرىكا ھەر خىل ئىرق ۋە مىللەتلەر ئۆز ئالدىغا چوڭ كىچىك جامائەت(Community) بولۇپ، ئۆز جامائىتىنىڭ گۈللىنىشى ۋە زورىيىشى ئۈچۈن NPO تەشكىلاتلىرى قۇرۇش ئارقىلىق مۇشۇ پۇللاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ كەلمەكتە.

ئۈچىنچى جەھەتتىن NPO مەلۇم كىشىلەر توپىنى پۈتۈن جەمئىيەت بىلەن باغلاپ تۇرىدىغان بولۇپ، مەسىلەن ئۇيغۇر جامائىتى NPO جەمئىيەتلىرىنى كۆزنەك ئورنىدا پايدىلىنىپ ئۆز مەسىلىلىرىنى پۈتۈن ئىجتىمائىي جەمئىيەت بىلەن ئورتاقلىشالايدۇ.

ئۇيغۇرلار بۇنىڭدىن قانداق پايدىلىنىدۇ؟ مەسىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس خاس كۇلتۇرلارنى ساقلاش ۋە تەرەققىي قىلىشىغا ئاجرىتىلغان مەخسۇس خام چوتى بار بولۇپ. ئەگەر شۇ يەردە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلارNPO دىن بىرنى قۇرۇپ ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق رايوندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئۆز تىل ۋە مەدەنىي مىراسلىرىنى ساقلاش ۋە ئەۋلاد تەربىيەلەش ئارقىلىق ئۇنى ۋارىسلىق قىلدۇرۇش، شۇ ئارقىلىق بۇ خاس كۇلتۇرنى ساقلاپ قېلىش پىلانى بارلىقىنى، مەسىلەن مەكتەپ قۇرۇشتەك كونكرېت پىلانلار بىلەن ئالاقىدار تارماقلارغا يوللاپ بۇ خامچوتنىڭ ياردىمىگە ئېرىشەلەيدۇ. NPO تەشكىلاتلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقى شۇكى، ھەممە ئىشلار كەسىپلىشىپ كەتكەن ئامېرىكا جەمئىيىتىدە ساخاۋەت شەخسلەرگە ئەمەس قانۇنلۇق قۇرۇلغان، مۇنتىزىم تەشكىلات، ۋە بولۇپمۇ قانۇن سەۋەبىدىن ئىئانە پۇللىرىنى قالايمىقان ئىشلىتىلمەيدىغان NPO ئورگانلارغا كۆپرەك كېتىپ قالىدۇ. خىزمىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش ۋە نەتىجىسى ئىزچىل بولۇش ئارقىلىق ئىناۋىتىنىمۇ ئىزچىل يۇقىرىلىتىپ خۇددى قارنى دوملاتقاندەك جەمئىيەتتىن كېلىدىغان خەيرى-ساخاۋەت سوممىسىنى كۆپەيتىپ ماڭغىلى بولىدۇ. تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ NPO ئورگانلىرى ئۆز ئارا ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئۇيغۇرلۇقنى كۈچلەندۈرىدىغان كۈچلۈك بىر تورنى شەكىللەندۈرەلەيدۇ. ئۇيغۇر جامائىتى كۈچلەنسە ئۇ تەبىئىي ھالدا داۋانىڭ كۈچلىنىشىگە شارائىت ھازىرلىيالايدۇ.

دىئاسپورادىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ مەسىلىسى ۋاقىتلىق مەسىلە ئەمەس بولۇپ، مەسىلەن ۋەتەن مۇستەقىل بولغان ھالەتتىمۇ زور بىر قىسىم ئۇيغۇرلار يەنىلا ۋەتەن سىرتىدا جامائەت بولۇپ قالىدىغانلىقى جەمئىيەتشۇناسلارنىڭ تەكشۈرۈشلىرىدىن مەلۇم. شۇ سەۋەبتىن مۇنتىزىم جامائەت(Community) بولۇپ ئۇيۇشۇشى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن ئامال بار تاپاۋەتسىز تەشكىلات بولغان NPO قۇرۇشقا تىرىشىشى كېرەك. تاپاۋەتسىز تەشكىلات قۇرۇش ئادەتتىكى ئىجتىمائىي ئورگان(for-profit )قۇرۇشقا قارىغاندا قانۇن جەھەتتىن باشقۇرۇش چىڭ بولسىمۇ، بۇ چىڭلىق پەقەتلا مەلۇم شەخسلەرنىڭ NPO نامىدا ئورگان قۇرۇپ ئىقتىسادنى ئۆز يانچۇقىغا سېلىشنى نازارەت قىلىشنى مەقسەت قىلغان.

ئامېرىكىدا تاپاۋەتسىز تەشكىلاتنىڭ باشقۇرۇش ھەيئىتى ئاز دېگەندە ئۈچتىن، ئەزالىرى ئون بەشتىن يۇقىرى بولۇشى شەرت قىلىنىدۇ، بۇنداق كونكرېت تۈزۈملەر ھەر دۆلەتتە ئوخشىمايدىغان بولۇپ، مەسىلەن ياپونىيەدە ئەزا سانى ئوندىن يۇقىرى بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. تاپاۋەتسىز تەشكىلات تىزىمغا ئالدۇرۇپلا تاپاۋەتسىز تەشكىلات خاراكتېرىنى ئالالمايدۇ. ئاز دېگەندە تۇنجى ئالتە ئايلىق خىزمىتىنى ھۆكۈمەتكە يوللاپ، خىزمەت خۇلاسىسىدىن ھۆكۈمەتكە ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت خاراكتېرىنى ئىسپاتلىغاندا ھۆكۈمەت ئاندىن رەسمىي تاپاۋەتسىز تەشكىلات دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ، ۋە شۇندىن كېيىن رەسمىي ئىش باشلىيالايدۇ. بۇنچىلىك ۋاقىت كەتسىمۇ ئەمما شۇنىڭغا تايىنىپ جەمئىيەت ئېھتىياجلىق بولغان ئىقتىسادنى ئۇيغۇرلار بىر-بىرىدىن تىلەپ ئالماي، بىۋاسىتە ھۆكۈمەتكە ۋە ساخاۋەت سوممىسىغا تويۇنۇپ تۇرغان جەمئىيەتتىن يىغىشقا يول ئېچىلىدۇ.

تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە تاپاۋەتسىز تەشكىلاتتىن باشقا خاراكتېرىدىكى تەشكىلاتلارمۇ مەۋجۇت. مەسىلەن ن گ ئو دېگەن ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات(Non Government Organization) مەۋجۇت بولۇپ، بۇ يەردىكى ھۆكۈمەتسىزلىكنىڭ مەنىسى بولسا ئۆزى تۇرۇشلۇق ياكى ئىش بېجىرىۋاتقان دۆلەتنىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىن مۇستەسنا مۇستەقىل ئورگان دېگەن مەنىدە. ئادەتتە ن گ ئو ئورگانلىرىنىڭ كۆلىمى NPO ئورگانلىرىدىن چوڭ بولۇپ، مەسىلەن خەلقئارا قىزىل كارىست جەمئىيىتى؛ خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىقلار بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ. بۇ خىلدىكى تەشكىلات قۇرۇش ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە ئۇيغۇن بولمىغانلىقى ئۈچۈن ھازىرقى ۋاقىتتا ھەرقايسى دۆلەتلەردە شەرقى تۈركىستان، ۋە ئۇيغۇر كەلىمىسى بىلەن قۇرۇلغان يەرلىك تەشكىلاتلار ئامال بار قانۇنى شەرت-شارائىتىنى يېتىلدۈرۈپ بۇ تەشكىلاتلارنى NPO قىلىپ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.

Share
1129 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.