logo

trugen jacn

سەھەر: دونكىخوت ۋە سانچۇپانزا ئۇيغۇرلار

 

ئاپتورى: سەھەر

 

 

تارىخنىڭ ھۆكۈم چىقىرىش رولىنىڭ يوق بولۇشىغا قارىماي نىمە ئۈچۈن تارخ ئۈگىنىمىز؟

بىلىمنىڭ ئەڭ مۇھىم  ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى كېلەچەككە قارىتا ئالدىن كۆرەر بولۇشتىن ئىبارەت. ھاۋارايى ئورگانلىرىدىن ئەتىنىڭ يامغۇرلۇق بولىدىغانلىغى ياكى قۇياش پارلايدىغانلىغى ھەققىدە مەلۇمات بەرىش، ئەختىسادشۇناسلاردىن دوللار قىممىتىنىڭ چۈشۈپ چۈشمەيدىغانلىغى ھەققىدە ئۇچۇر بەرىش، دوختۇرلاردىن ئۆپكە راكى داۋالىشىدا خىمىيەلىك داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولامدۇ؟ ياكى رادىولۇق داۋالاشنىڭمۇ؟ دىگەن سوالغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ بەرىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئوخشاشلا تارىخچىلاردىنمۇ، تارىخنىڭ ھەرقايسى دەۋرلىرى ھەققىدە ئىنچىكە تەكشۈرۈش ئېلىپ بەرىپ، ئوخشاش خاتا، ئوخشاش رەزىللىك ئوخشاش ئاخماقلىق ۋە ئوخشاش كۈلكىلىك ئىشلارنىڭ يەنە قايتا تەكرارلىنىپ قالماسلىغى ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش تەلەپ قىلىنىدۇ. تارىخچىلار ماھىيەتتە، تارىخنى تەكرارلاپ قالمايلى دىگەن مەخسەتتە ئەمەس بەلكى تارىختىن ئۆزىمىزنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقايلى دىگەن مەخسەتتە تارخنى تەتقىق قىلىدۇ. تارىخ بىزگە نىمە قىلىشىمىز كەرەكلىگى ھەققىدە ئېنىق بىر يول كۆرسەتمىسىمۇ ئەمما، نۇرغۇنلىغان تاللاشلارنى سۇنىدۇ..

ئەمما 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىكى تاكتىكىلارنى ئۈگۈنۈپ 3- دۇنيا ئۇرۇشىدا ئىشلىتىش ۋاقت ئىسراپچىلىغىدىن ئىبارەتتۇر.

 

دونكىخوت بۇندىن 400 يىل ئاۋال ئىسپانىيەلىك يازغۇچى سارۋەنتەسنىڭ قەلىمى بىلەن يېزىلغان دونكىخوت رومانىدىكى باش قەخرىمان.

 

مەن دونكىخوت رومانىنى قايتا ئوقۇپ چىقىش جەريانىدا، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جەمىيتىدە نۇرغۇنلىغان دونكىخوت ۋە سانچۇپانزالارنىڭ تولۇپ تۇرغانلىغىنى ھىس قىلدىم. دىمەك ئۇيغۇرلار ھازىرغا قەدەر تارختىن قۇتۇلالماي ياشاۋىتىپتۇق.

 

دونكىخوت دىگەندە كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا تارخقا كۆمۈلۈپ قېلىشتىن باشقا، خىيالى بىر قەخرىمان، يەنى قۇرۇق گەپ قىلىپ پو ئېتىپ شەھەر ئالىدىغان ، ئەمىليەتتە قەخرىمانلىقتىن قىلچە ئەسەرمۇ يوق، خىيالپەرەس بىر ۋالاقتەككۈر كېلىدۇ. كىشىلەر بولۇپمۇ تۈركلەر، قۇرۇق گەپنى جىق قىلىپ ئەمىليەتتە ھىچ نەتىجىسى چىقمايدىغان بوش ئىشلار بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرۈيدىغان سۈنئى قەخرىمانلارنى “دونكىخوتلۇق قىلما” دەپ مەسخىرە قىلىدۇ.

 

روماننىڭ ئاپتۇرى سەرۋانتەس، ئىككى خارەكتىر يەنى دونكىخوت ۋە سانچو پانزا ئارقىلىق، ئۇ دەۋردىكى ئىسپانىيە جەمىيتىنى ھەجۋىلەشتۈرگەن ئىدى.

دونكىخوت ساختا قەخرىمان، ساختا ئىنقىلاپچى بولۇپ، ئەينى دەۋىردىكى ئىسپانىيە يۇقۇرى قاتلىمىدىكى قۇرۇق قەخرىمانلىق ۋە قۇرۇق ئىنقىلاپچى نىقاۋىغا كىرىۋالغان، ھەقىقەتنى كۆرۈشنى خالىمايدىغان، ئۆتمۈشتىكى خىيالى سىمبوللار بىلەن پەخىرلىنىپ ياشايدىغان  قورقۇنچاق يۇقۇرى تەبىقىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

رەسىمدە خىيالى قەھرىمان دونكىخوت بىلەن ساددە نادان سانچۇپانزا سۆزدە ئادالەتسىزلىككە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن بىرلىكتە يولغا چىقىدۇ.

 

گەرچە سارۋەنتەس بۇ رومانىنى 16-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يازغان، ئارىدىن 400 يىلدىن ئارتۇق ۋاقت ئۆتكەن بولسىمۇ، ھازىرغا قەدەر دۇنيادا نۇرغۇنلىغان تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان مەشھۇر ئەسەر سۈپىتىدە ئالقىشلىنىپ كەلمەكتە. كىتاپنى ئوقۇش جەريانىدا،  يازغۇچى سارۋەنتەسكە بولغان ھۆرمىتىم يەنە بىر قەتىم ئاشتى.

خۇددى ئۇ، بۇندىن 400 يىل مۇقەددەم، ھازىرقى دەۋىردىكى  سەرگەردان ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى دونكىخوتلارنىڭ ئوبرازىنى يورۇتۇپ بەرگەندەك ھىس قىلدىم.

دونكىزوت،  ئۆزى كۆرگەن ھەرقانداق بىر نەرسىنى ئۆز خىيالىدا چوڭايتىدۇ. يولدا ئۇچراپ قالغان ئادەتتىكى بىر كىشىنى خان جەمەتى دەپ قاراپ، ئوزىگە شوۋاليەلىك ئۇنۋانى بەرگىزىدۇ. دونكىخوت قوي پادىلىرىنى، ئۆزى بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا كەلگەن ئەسكىرى قوشۇن دەپ قاراپ، ئۆز خىيالىدا ئاجىز تەرەپكە ياردەم بەرمەكچى بولۇپ، قوي پادىلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ نۇرغۇنلىغان قويلارنى ئۆلتۈرۈپ پادىچىلاردىن تاياق يەيدۇ.

بىر پادىشاھنىڭ يەر ئاستى ئامبىرىدىكى ھاراق ساخلايدىغان تۇڭلارنى ئىبلىس دەپ قاراپ، قىلىچى بىلەن پارچىلاۋەتىدۇ. كوچىدىكى بىر سەرگەردان چىنگەن ئايالنى خىيالى دۇنياسىدا بىر ئېسىلزادە خانىم دەپ قاراپ ئۇنىڭغا ئاشىق بولىدۇ. يولدا ئۇچراپ قالغان قولى پۇتى كىشەنلەنگەن جىنايەتچىلەرنى مەزلۇملار دەپ قاراپ قۇتۇلدۇرىدۇ ۋە ئۇلار تەرىپىدىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىدۇ.

بىر ساتىراچنىڭ ئۇستۇرسىنى، سېھىرلىك دۇبۇلغا دەپ ئويلاپ مۇسادىرە قىلىدۇ. دونكىخوتنىڭ ئەڭ كۈلكىلىك خىيالى قەھرىمانلىقلىرىنىڭ بىرى، شامال چىقىرىدىغان چاقپىلەكلەرنى دىۋىلەر دەپ ئويلاپ ئۇلارغا جەڭ ئەلان قىلىشى ھەساپلىنىدۇ.

 

ئۇنداقتا ئۇيغۇر دونكىخوتلار نىمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟ سانچۇپانزالارچۇ؟

 

ئۇيغۇر دونكىخوتلار ھەقىقى دۈشمەن خىتاي بىلەن ئېلىشماي، شىنجىاڭ، ئىندىجىنۇس پىپول، ئۆز تەغدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشمۇ؟ ياكى مۇستەقىللىقمۇ؟ دىگەن سۆزلەر بىلەن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ. مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن بۇ سۆزلەرنى ئىشلىتىپ قالغان، دەپ قالغان كىشىلەرنى، قۇللۇق ئىدىيىسى كۈچلۈكلەر،خائىنلار، نۇمۇسسىزلار، ئوزىنى جوڭگۇلۇق دەيدىغان شەرمەندىلەر دىگەندەك قالپاقلارنى كىيگۈزۈپ، شۇنچىلىك دۇمبالايدۇكى خۇددى دونكىخوتنىڭ بىر توپ قوي پادىلىرىنى ئۆزى بلەن ئۇرۇش قىلىشقا كەلگەن ئەسكەرلەر دەپ چۈشىنىپ قالغىنىدەك. بۇنداق دۇمبالاشلاردىن كەيىن ئۇيغۇر دونكىخوتلار قىشلىق ئۇيقۇغا كىرىپ كەتىدۇ.

 

قىشلىق ئۇيقۇغا كىرىپ كەتكەن ئۇيغۇر دونكىخوتلار، ئۆز تەغدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ۋاھاكازا دىگەندەك گەپ سۆزلەرنىڭ ۋاراڭ-چۇرىڭىنى سېزىپ قالسىلا،  قايتا قىشلىق ئۇيقىدىن ئويغۇنىدۇ. بۇ قېتىم يەنە  ئۇيغۇر دونكىخوتلار بۇ ئىبارىلەر بىلەن قاتتىق كۈرەش قىلىدۇكى، ئەييۇھەنناس….خۇددى دونكىخوتنىڭ بىر پادىشاھنىڭ يەر ئاستى ئامبىرىدىكى ھاراق تۇڭلىرىنى ئىبلىس دەپ ئويلاپ پارچىلاۋەتكىنىگە ئوخشاش. بۇ قاتتىق جەڭلەردىن كېيىن، ئۇيغۇر دونكىخوتلار ئۇيغۇر جەمىيتىنى قالايمىقان  خانىۋەيران قىلىۋەتكەندىن كېيىن، ھەممە ئۇيغۇرلارنى ئۇرۇشقا سەپ قويۇپ يەنە قىشلىق ئۇيقىغا كىرىپ كېتىدۇ. ئۇيغۇر دونكىخوتلار ئادەتتىكى ئادەملەرنى، ئۆز خىيالىدا قەخرىمانلىق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ ، ئاجايىپ لىرىك شەىرلار يازىدۇ. ئەمما، ۋەتەندە خىتاي بىلەن كۈرەش قىلىپ تۈرمىگە كىرگەنلەرنى بولسا خائىنلار دەيدۇ. خۇددى دونكىخوتنىڭ، يولدا تىلەمچىلىك قىلىپ يۈرگەن بىر چىڭگەن ئايالنى خىيالىدا بىر ئېسىل زادە خانىش دەپ چۈشۈنۈپ ئاشىق بولغىنىغا ئوخشاش.

 

ئۇيغۇر دونكىخوتلار، ئۆزىگە –ئۆزى مۇستەققىلچى دىگەن ناملارنى بېرىۋالىدۇ ۋە مەن بىردىن بىر مۇستەققىلچى دەپ ئۆز-ئۆزىنى كوز-كۆز قىلىدۇ.خۇددى دونكىخوتنىڭ يولدا ئۇچراپ قالغان بىر كىشىگە، ئۆزىگە شوۋالىيەلىك ئۇنۋانى بېرىپ بېرىشنى ئۆتۈنگىنىدەك.ئوزى بىلەن ئۆزى خىيالى ھۆكۈمەتلەرنى قۇرۇپ، ئىچى قۇرۇق مىنىستىرلىقلار، پارلامىنتلار، قوراللىق ھەربى قوشۇنلار تەسىس قىلىدۇ..

ئاجايىپ دەب- دەبىلىك نۇتۇقلار سۆزلەيدۇ. “شەرقى تۈركىستان خەلقىنى تولۇق قوراللاندۇرۇپ، خىتاي ئەسكەرلىرىنى ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاندىن سۈپۈرۈپ تازلايدىغان بىردىن بىر كىشى مەندۇرمەن ۋە مېنىڭ ھۆكۈمىتىمدۇر….” دەپ. ئەمما رىاللىق باشقىچە بولىدۇ. بۇنداق ئۇيغۇر دونكىخوتلار خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىغا نامايىش قىلىپ بارغاندا، ھەممە ئادەم “يوقالسۇن خىتاي” دەپ شوار توۋلىسا، ياشىسۇن خىتاي دەپ شوار توۋلايدۇ.

ئۇيغۇر دونكىخوتلار خۇدىنى بىلمەي، ياشىسۇن خىتاي دەپ شوار توۋلاۋېرىدۇ. جاماەت ۋوي…ۋوي خاتا شوار توۋلاتىسەن دەپ ئىككى ئۈچ سىلكىگەندە ئاران ئەسلىگە كېلىدۇ.بۇنداق ئەھۋالغا تۈركلەر ۋە ئۇيغۇر سانچۇپانزالار قانداق باھا بەرىدۇ؟ تۈركلەر كەسكىن قىلىپ بۇنداق ئادەملەر بەك تەستە ئاددى ئادەم بولالىشى مۈمكىن .ئەمما، ھەرگىز لىدىر بولالمايدۇ. بۇ ۋەتەنگە قىلىنغان ئىھانەت. سىلەر ئۇيغۇرلار، لىدىرلىرىڭلارغا مانا مۇشۇنداق ئاددى تەلەپ قويغانلىغىڭلار ئۈچۈن ھالىڭلار بۈگۈنكى كۈندە . خىتاي كونسۇلى ئالدىدا ، خىتايغا قارشى نامايىشتا، ياشىسۇن خىتاي دەپ شوار توۋلىغان كىشى باشقان بولالمايدۇ دەرھال ئىستىپا بېرىشى كەرەك دەپ يازىدۇ فەيس بوكتا.

 

بۇ مەسىلىگە ئۇيغۇر سانچۇپانسالار قانداق باھا بەرىدۇ؟

 

ئۇنداقتا،ئىسپانىيەلىك  مەشھۇر يازغۇچى سارۋەنتەسنىڭ قەلىمىدە يارىتىلغان، 400 يىلدىن بۇيان ئۆلمىگەن داڭلىق ئوبراز، سانچو پانزا كىمگە ۋەكىللىك قىلىدۇ؟ سانچۇ پانزا، يوقسۇل ئىسپانىيە تۆۋەن قاتلىمىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر خارەكتىر. دونكىخوتتىن ئىبارەت بۇ لىدىرىنىڭ تەلۋىلەرچە قىلىقلىرىنى، ساختا قەخرىمانلىقلىرىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، يەنىلا ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىدىغان، ئۇنى مەدھىيەلەيدىغان، ساددە نادان ئىسپانىيە خەلقىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

كاللىسىدا ئۆزى شەكىللەندۈرۋالغان خىيالى دۈشمەنلەر ۋە ئادالەتسىزلىكلەر بىلەن كۈرەش قىلىش ئۈچۈن، ئۇزۇن ئورۇق كەلگەن  دونكىخوت بىلەن، قىسقا پاكار، سېمىز  دۇغۇلاق كەلگەن سانچو پانزا ئىسپانىيەنىڭ شىمالىدىن جەنۇبىغا قاراپ يولغا چىقىدۇ.

 

ئۇيغۇر سانچۇپانزالار، خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ياشىسۇن خىتاي دەپ شوار توۋلاشنى، لىدىرىم ھەرىپ كەتكەنلىكتىن شۇنداق بولغان دەپ قاراپ، خىيالى لىدىرىغا ئەگىشىپ مېڭىشنى داۋاملاشتۇرىۋېرىدۇ.

ئۇنداقتا بۇ لىدىر ھەرىپ كەتكەندە دۈشمەن تەرەپكە ئۆتۈپ كەتىدىغان لىدىرمۇ؟ دىگەن سوالنى سورايدىغان ئۇيغۇرلار ناھايىتى كەم ئۇچرايدۇ.لىدىر ياشىسۇن خىتاي دەپ شوار توۋلىدى، دىگۇچىلەر خۇددى، پادىشانىڭ كونا كىيىمى دىگەن مەسەلدىكى راسچىل بالىدەك يالغۇز قالىدۇ.

 

ئۇيغۇر دونكىخوتلار، ۋەتەننىڭ ئەڭ يىراق ناھىيە بازارلىرىدا ياشايدىغان، ئادەمدەك نەپەس ئېلىشىمۇ قىيىنغا توختاۋاتقان ساۋاتسىز، بىلىمسىز، دۇنيادىن ، ئىنسانلىقتىن ئىنتايىن يىراق قالغان ئۇيغۇر قەرىنداشلىرىمىزنى مىللى روھى يوق ئۇيغۇرلار دەپ ئەيىپلەيدۇ يىراق بىر قىتئەدە ئولتۇرۋېلىپ، ئەمما خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ياشىسۇن خىتاي دەپ شوار توۋلىغانلارنىڭ مىللى روھىغا سوال قويۇش ئۇياقتا تۇرسۇن بەلكى ئەچىلغان ساختىكارلىغىنى، دونكىخوتلىغىنى بەدەزلىمەكچى ۋە ياپماقچى بولىدۇ. بۇلار ھەم دونكىخوت ھەم سانچۇپانزا ئۇيغۇرلاردۇر.

 

ئۇيغۇر دونكىخوتلار يەرلىك تەشكىلاتلارنى ئىش قىلالمىدى دەپ بۇزىۋېتىپ، ئۆزلىرى بىرقانچىلىغان ئىچى بوش تەشكىلاتلارنى قۇرۇۋالىدۇ. 3-4  يىل ئۆتكەندىن كېيىن جاماەتنى نەچچىگە بۆلۈپ، ئاندىن ماڭمىدى ۋاھاكازا دىگەندەك گۈزەل شېئىرى گەپلەر بىلەن تاشلاپ بېرىدۇ.جامائەت ئىچىدە ئىش قىلىۋاتقان ئاكتىپلار، تەشكىلات رەھبەرلىرىنىڭ ئىت يىلىدىن ئىشەك يىلىغىچە بولغان ئارلىقتا بارغان بىرەر شەھەر ۋە دۆۋلەتلىرى ھەققىدە، پۇلنى نەدىن ئالدى؟ گۇمان قىلىش كېرەك. گۇمان قىلىش مىللى سەزگۈرلۈك  دەپ سەپسەتە تارقىتىپ ئۇلارنىڭ جامائەت ئارىسىدىكى ئوبرازىنى خۈنۈكلەشتۈرمەكچى بولىدۇ. ئەمما بۇ ئۇيغۇر دونكىخوتلار، ئادەتتە ئالىدىغان ئىشچىلىق مۇاشى بىلەن، بىر يىلنىڭ يەرىمىدا ئىشلەپ، يەرىمىدا دۇنيانىڭ شەرقىدىن غەربىگە، شىمالىدىن جەنۇبىغا قاتراپ يۈرۈيدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ گۇمان قىلىپ قالماسلىغى ئۈچۈن، بەزىدە  بىر خاۋۇس ئالىدىغان پۇلۇم بارتى شۇنى ۋەتەن داۋاسىغا ئاتىدىم دەيدۇ. بەزىدە 210 مىڭ دوللار بانكا قەرزىم بار دەيدۇ. ئۇيغۇر سانچۇپانزالار، بۇ خاۋۇس ئالىدىغان پۇلۇڭ قانداق كەلگەن؟ قانداق بانكا ئۇ 210 مىڭ دوللار قەرز ئېلىپ بولغىچە پۇلنى قايتۇر دىمەيدىغان ۋە توڭلاتمايدىغان؟ دەپ سورىمايدۇ. ياكى خىتاي خۇددى سىرىلانكىغا ئوخشاش، قەرزنى قايتۇرالمايدىغانلىغىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، كۆپلەپ قەرز بېرىدىغان، ئاخىرىدا بىرەر نەرسىسىنى قەرزگە ھىساپ قىلىپ تۇتۇۋالىدىغان ئىشنى، شەخسىلەردىمۇ يولغا قويۇپ، بۇنىڭ بەدىلىگە بىزگە ئۇچۇر يوللايسەن دەۋاتامدۇ –يە؟

قىسقىسى ئۇيغۇر دونكىخوتلار پەقەت ئۇيغۇرلار بىلەنلا كۈرەش قىلىدۇ. خۇددى دونكىخوت شامال ئەنىرگىيەسى چىقىرىدىغان چاقپىلەكلەر بىلەن ئۇرۇشقاندەك.

دونكىخوت ئالدىغا ھەقىقى دۈشمەن چىققاندا بەدەر قاچىدۇ.

مەن يەنە بىر قېتىم ئىسپانىيەلىك يازغۇچى سەرۋانتەسكە ئالاھىدە رەخمەت ئېيتىمەن چۈنكى ئۇ ئەسلىدە، ئىسپانىيەلىك دونكىخوتنىڭ ئوبرازىنى ئەمەس، بەلكى ھازىرقى دەۋىردىكى ئەمەت بىلەن سەمەتنىڭ ئوبرازىنى ياراتقان ئىكەن.

 

يەنە بىر قېتىم تەكرارلاش توغرا كەلسە، تارىخنى تەكرارلاپ قالمايلى دەپ ئەمەس، بەلكى تارختىن قۇتۇلۇپ چىقايلى دىگەن مەخسەتتە تارخ ئۈگىنىمىز. ئەگەر ھازىرغىچە ئارىمىزدا دونكىخوت ۋە سانچۇپانزالار بار بولسا ۋە بىز بۇنى سېزەلمەي ئالدىنىپ يۈرگەن بولساق، بىز مەڭگۈ تارخقا كۆمۈلۈپ قالغان بولىمىز.

 

 

 

 

 

 

Share
2480 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.