logo

trugen jacn

دونالد ترامپ: «ھەق ۋە ھوقۇقلارنى ھۆكۈمەت ئەمەس، بەلكى خۇدا بەخش ئەتكەندۇ

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ب د ت باش شتابىدا ئۆتكۈزۈلگەن «دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغداش ھەققىدە دۇنياۋى چاقىرىق» يىغىنىدا سۆزدە. 2019-يىلى 23-سېنتەبىر. نيو-يورك، ئامېرىكا.

پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىدە بولۇۋاتقان 2019-يىللىق دۇنيا كىلىمات يىغىنى ب د ت نىڭ نيو-يوركتىكى باش شتابىدا باشلانغاندا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن دۆلەت رەھبەرلىرى، سودا-سانائەت ساھەسىدىكى پېشۋالار ۋە پۇقراۋىي جەمئىيەتنىڭ ۋەكىللىرى يەنە بىر قېتىم بىر يەرگە جەم بولدى. ھالبۇكى، 23-سېنتەبىر كۈنى يىغىننىڭ تۇنجى كۈنىگە ئۈلگۈرۈپ يېتىپ كەلگەن ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۆز پائالىيىتىنى كىلىمات مەسىلىسى بىلەن ئەمەس، بەلكى تۈرلۈك زىيانكەشلىكلەرگە دۇچ كېلىۋاتقان دىنىي ئېتىقاد جامائىتىنىڭ نۆۋەتتىكى مۈشكۈلاتلىرىغا دۇنيانىڭ كونكرېت ياردەم قولىنى سۇنۇشى ھەققىدىكى چاقىرىقلىرى بىلەن باشلىدى.

بۈگۈنكى يىغىننىڭ تېمىسى «دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغداش ھەققىدە دۇنياۋى چاقىرىق» بولۇپ، ئالدى بىلەن ئا ق ش نىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كېللي كرافت خانىم سۆز ئالدى. ئۇ سۆزىدە نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە دىنىي ئېتىقاد جامائىتىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى بارغانسېرى ئېغىرلاۋاتقانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن ھەرقايسى ساھەلەردىكى يېتەكچى شەخسلەردىن بولغان يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ بۇ ساھەدە ئەمەلىي خىزمەت قىلىشىنىڭ تولىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. شۇنىڭدەك بۇ جەھەتتە پرېزىدېنت دونالد ترامپ ۋە ئۇنىڭ باشلامچىلىقىدىكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يالغۇز ئېغىزىدا سۆزلەپ قويۇش بىلەنلا كۇپايە قىلماستىن، يەنە قول تۇتۇپ بىر قاتار ئەمىلى خىزمەتلەرنى ۋۇجۇدقا چىقارغانلىقىنى، جۈملىدىن 2019-يىلى چاقىرىلغان ئىككىنچى نۆۋەتلىك «دىنىي ئېتىقادنى ئالغا سۈرۈش مىنىستىرلار يىغىنى» نىڭ ئەنە شۇ مەقسەتتە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى كۆرسەتتى. 

ئارقىدىن سۆز ئالغان ئامېرىكانىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مايك پەنس نۆۋەتتە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ تەھدىتلەرگە دۇچ كېلىش بىلەن بىرگە ئېتىقادچى ئاممىنىڭ بىۋاسىتە ھۇجۇم نىشانى بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى، ئا ق ش نىڭ ئېتىقاد ئۈستىگە بىنا قىلىنغان مەملىكەت ئىكەنلىكىنى، شۇ سەۋەبتىنمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل دىنىي ھەق ۋە ھوقۇقلارنى ھەممىلا ئېرىقتىكى ھەر بىر شەخسنىڭ مۇقەددەس ھەقلىرىدىن بىرى، دەپ قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى، دەل مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن دونالد ترامپ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ساھەسىدىكى زىيانكەشلىكلەرنى چەكلەش ئۈچۈن بىر قاتار تەشكىلاتلارنى قۇرۇپ، بۇنىڭغا نەچچە يۈز مىليون دوللار پۇل ئاجراتقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى. ئۇ شۇ قاتاردا نۆۋەتتە دىنىي ئېتىقاد ھەقلىرىنىڭ چەكلىنىشى ۋە دىنىي جامائەتنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىغا مىسال قاتارىدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ چېركاۋلار ۋە مەسچىتلەرنى چېقىۋاتقانلىقى، پوپلارنى تۇتقۇن قىلىپ «ئىنجىل» نى مەنئى قىلىش بىلەن بىرگە بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى لاگېرغا قامىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. 

شۇنىڭدىن كېيىن مايك پەنسنىڭ ئالاھىدە تونۇشتۇرۇشى بىلەن ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ سۆز ئالدى. ئۇ سۆزىدە ھازىر دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئاز دېگەندىمۇ 80 پىرسەنتى ياشاۋاتقان مەملىكەتلەردە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ چەكلىنىۋاتقانلىقى، تەھدىتلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقى ياكى مەنئى قىلىنىۋاتقانلىقىنى، بۇ ھالنىڭ يەھۇدىيلار، خرىستىئانلار، مۇسۇلمانلار ۋە باشقا دىنىي جامائەتنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ «دىنىي جامائەت ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئەقىدىلىرىدە چىڭ تۇرغانلىقى ئۈچۈنلا شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ چەكلىشىگە، زىيانكەشلىك قىلىشىغا، ھەتتا ئۆلتۈرۈۋېتىشىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. بۇ ئىشلارغا ئادەمنىڭ راستىنىلا ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ بەرپا بولۇشىدىكى پرىنسىپ شۇكى، ھەق ۋە ھوقۇقلارنى ھۆكۈمەت ئەمەس، بەلكى خۇدا ئىنسانلارغا بەخش ئەتكەندۇر،» دېدى. 

ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا ئامېرىكانىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە باشقا تۈپلۈك ھەق-ھوقۇقلاردىكى مەزمۇنلارنى نەقىل كەلتۈرۈپ، «گۈللەنگەن ۋە ئاۋاتلىققا پۈركەنگەن بىر جەمئىيەت ئۈچۈن بىراۋنىڭ ئۆز ئېتىقادىغا ئەگىشىشىدىنمۇ مۇھىمراق ھوقۇق بولغان ئەمەس» دەپ كۆرسەتتى ھەمدە ھەرقايسى مەملىكەتلەرنى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە زىيانكەشلىك قىلىش قىلمىشلىرىغا خاتىمە بېرىشكە چاقىردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە دىنىي ئېتىقاد جامائىتىگە قارشى ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان جىنايەتلەرنى توختىتىش، ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى قويۇۋېتىش، زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان، ھىمايىسىز ۋە ئاجىز ئورۇندىكى دىنىي جامائەتنى بوزەك قىلىشنى ئاخىرلاشتۇرۇش، ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى ئېتىقادقا چاڭگال سالماسلىق ھەققىدە يەنە بىر قېتىم مۇراجىئەت قىلدى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ «بىر پرېزىدېنت بولۇش سۈپىتىم بىلەن دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغداش مەن ئىزچىل قىلىپ كېلىۋاتقان، شۇنىڭدەك ئەڭ ئالدى بىلەن قىلىدىغان ئىشلىرىمنىڭ بىرى» دېگەندە زالدىكىلەر گۈلدۈراس ئالقىش ياڭراتتى.

بۇ قېتىمقى يىغىندا سۆز قىلىشقا بىر قىسىم ئۇيغۇر ۋەكىللەرمۇ تەكلىپ قىلىندى. ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ ئاممىۋى ئىشلار دىرېكتورى جەۋھەر ئىلھاممۇ شۇلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىگە بېرىلگەن قىسقىغىنە ئىككى مىنۇتلۇق ۋاقىتتا دادىسى ئىلھام توختىنىڭ ھەقىقەتنى ياقلاش ۋە ئۆز ئېتىقادىغا ئەگىشىشنى تاللىغانلىقى ئۈچۈنلا ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى، ئەمدىلىكتە بولسا مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ ئاشۇنداق مەھكۇملۇققا گىرىپتار بولۇۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى، دىنىي ئېتىقادىنىڭ ھەممىسىلا ھۇجۇم نىشانى بولۇۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ھازىر ئۇيغۇر بولۇشنىڭ ئۆزى جىنايەت. ئۇلار ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نامىدا باستۇرۇۋاتىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش ھەرىكىتىدۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىشى تېررورلۇق ياكى بۆلگۈنچىلىك ئەمەس» دېدى. 

يىغىن ئاخىرىدا ب د ت نىڭ باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتتېرىس ۋە باشقا مۇھىم ئەربابلارمۇ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە ئۇنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش ئەھۋالى ھەققىدە سۆز قىلدى. 

يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغان ئۇيغۇر ۋەكىللەر ئىچىدە ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئادۋوكات، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» تەشكىلاتى ئىدارە ھەيئىتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەلمۇ بولۇپ، ئۇ بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە يىغىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. 

بىز ئۇنىڭدىن ئامېرىكانىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى بىۋاسىتە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى بىۋاسىتە ئوتتۇرىغا قويمىغانلىقىنى، بۇنى قانداق چۈشىنىش لازىملىقىنى سورىدۇق. نۇرى تۈركەل بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، بۇنىڭ بىر تۈرلۈك ئۇسۇل ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. 

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىن ب د ت دا ئېچىلغان مۇشۇ مەزمۇندىكى تۇنجى قېتىملىق يىغىن بولۇپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ بىۋاسىتە ھالدا ھەرقايسى مەملىكەتلەرنى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغداشقا چاقىرىق قىلىشىمۇ تۇنجى قېتىملىق ئىش ئىكەن. شۇ سەۋەبتىن بەزىلەر بۇنى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ساھەسىدىكى «تارىخىي» خاراكتېرلىك بىر قېتىملىق يىغىن بولدى، دەپ قارىماقتا ئىكەن.

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/donald-trump-09232019213359.html
Share
5434 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.