logo

trugen jacn

دولقۇن ئەيسا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىغا مۇئاۋىن رەئىس بولۇپ سايلاندى

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى(UNPO) نىڭ 13-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى 28-ئىيۇن كۈنى سايلام ئۆتكۈزۈپ، دولقۇن ئەيسانى مۇئاۋىن رەئىسلىككە سايلىدى.

شوتلاندىيە پارلامېنتىدا 26-ئىيۇن باشلانغان ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 13-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى 28-ئىيۇن كۈنى سايلام ئۆتكۈزۈپ، تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدا بىر قاتار ئۆزگەرتىشلەرنى ئېلىپ باردى. 2003-يىلىدىن بۇيان مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى ئەزاسى بولۇپ كەلگەن د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، بۈگۈنكى سايلامدا مۇئاۋىن رەئىسلىككە سايلىنىپ، UNPO ئارقىلىق ئۇيغۇر دەۋاسىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالغان بولدى.

شوتلاندىيەدىكى UNPO نىڭ يىغىن زالىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى، دولقۇننىڭ مۇئاۋىن رەئىس بولۇپ سايلانغانلىقىدىن كۆپ مەمنۇن بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى سۆزىدە، بىر ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىسىنىڭ UNPO دا بولۇشىنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا كۆپ ھەسسىلەر قاتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئالدى بىلەن 28-ئىيۇن ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەردىن قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سايلام ھەققىدىمۇ توختىلىپ، UNPO نىڭ باش كاتىپى مارىنو باسدۇخېن ئەپەندىنىڭ يەنە باش كاتىپ بولۇپ سايلانغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ UNPO خادىملىرىنىڭ بىردەك ئاۋازىغا نائىل بولۇپ، مۇئاۋىن رەئىسلىككە سايلانغانلىقىنى ۋە بۇنىڭدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى ئىزھار قىلدى.

UNPO باش كاتىپى مارىنو ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، دولقۇن ئەيسانىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ سايلانغانلىقىنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىغا تېخىمۇ پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ قاتتىق بېسىم سىياسىتىگە دۇچار بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلار مەسىلىسى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى ئەڭ مۇھىم بىر مەسىلە. بىر نەپەر ئۇيغۇر ۋەكىلىنىڭ بۇ تەشكىلاتقا مۇئاۋىن رەئىس بولۇپ سايلىنىشى، بۇندىن كېيىن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ دۇنيا جامائىتىگە تونۇلۇشىغا زور ھەسسە قاتىدۇ. ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى خىتاي بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار، تىبەتلىكلەر، جەنۇبىي موڭغۇلىيەلىكلەر ۋە خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ مەسىلىسىنى ب د ت ۋە ياۋروپا پارلامېنتىدا ئاڭلىتىش ئۈچۈن 20 نەچچە يىلدىن بۇيان خىزمەتلەر قىلىپ كەلدى. دولقۇن ئەيسا بىلەن بۇندىن كېيىن ھەمكارلىشىپ قىلىدىغان ئىشلىرىمىزنىڭ سالمىقى تېخىمۇ ئارتىپ بارىدۇ. بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا زور پايدىسى بولىدۇ، دەپ ئويلايمەن.»

ئۈچ كۈن داۋاملاشقان ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 13-قۇرۇلتىيى بۈگۈن ئاخىرلاشقان. ئۆتكەن يىلنىڭ باشلىرىدا باش شتابىنى گوللاندىيەنىڭ دېنخاگ شەھىرىدىن ياۋروپا پارلامېنتى جايلاشقان بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلغا يۆتكەپ كەلگەندىن كېيىن، UNPO نىڭ خىزمەتلىرى تېخىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتكەن. ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى خادىمى لۇسىيا پاررۇچى خانىم بۇ يىل يانۋاردىن بۇيان مەخسۇس د ئۇ ق بىلەن ياۋروپا پارلامېنتى ئوتتۇرىسىدا ۋاسىتىچىلىك خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ئۇ يىل بېشىدىن ھازىرغا قەدەر قۇرۇلتاي باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مۇھىم مىللەت ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچرىشىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/wakaletsiz-milletler-06282017131423.html

Share
1517 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.