logo

trugen jacn

دولقۇن ئەيسا ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىگە بېرىلگەن ۋىزىنى بىكار قىلغانلىقىغا قارىتا بايانات ئېلان قىلدى

040416 Dolkun Isa

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دولقۇن ئەيسا بۈگۈن ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىگە بېرىلگەن ۋىزىسىنى بىكار قىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى.

دولقۇن ئەيسا باياناتتا مۇنۇلارنى ئىلگىرى سۈردى: «مەن ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ماڭا ئالدى بىلەن ۋىزا بېرىپ، ئاندىن ئۇنى بىكار قىلغانلىقىدىن چوڭقۇر ئەپسۇسلاندىم شۇنداقلا ھىندىستان ھۆكۈمىتىگە بولغان ئىشەنچىمدىن ئۈمىدسىزلەندىم. ئەلۋەتتە، بۇ مېنىڭ بىرىنچى قېتىم بۇنداق بىر ئىشقا يولۇقۇشۇم ئەمەس. 2009-يىلى تەكلىپكە بىنائەن كورېيەدە ئېچىلماقچى بولغان ‹ئاسىيا دېموكراتىيە مۇنبىرى› نىڭ خەلقئارا يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن سېئۇل ئايرودرومىغا چۈشكىنىمدە تۇتۇپ قېلىندىم ۋە گېرمانىيەگە قايتۇرۇلدۇم. ئۇندىن باشقىمۇ مېنىڭ خەلقئارا سەپەرلىرىمدە بۇ خىلدىكى كەچۈرمىشلەر كۆپ بولدى.»

دولقۇن ئەيسا باياناتتا يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «مەن ھەرقانداق بىر ئورگاننىڭ مېنى پاكىستاندىكى قوراللىق گۇرۇپپىنىڭ رەھبىرى مەزۇد ئەزھەرنىڭ دېلوسىغا باغلاپ ئانالىز قىلىشىنى كەسكىن رەت قىلىمەن. مەن يەنە بۇ خىل نامۇۋاپىق ئوخشىتىشنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش يولىدا تىنچ ئۇسۇل بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەقلىق كۈرەشلىرىگە قىلىنغان ئادالەتسىزلىك دەپ بىلىمەن.»

ئۇ باياناتتا يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «تارىختا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھىندىستان بىلەن دوستانە ئالاقىلىرى ۋە مەدەنىيەت مۇناسىۋەتلىرى بولغان. ھىندىستان ھۆكۈمىتىمۇ 1949-يىلى خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ تەھلىكىسىدىن چەتئەلگە ھىجرەت قىلىشقا مەجبۇر بولغان ئۇيغۇرلارغا ۋە ئۇلارنىڭ رەھبەرلىرىدىن مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا بىلەن ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىنلەرگە بىر مەھەل قۇچاق ئاشقان ئىدى. مەن بۇ قېتىم ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارىدىن ئۈمىدسىزلەنگەن بولساممۇ، ئەمما ئۇيغۇر خەلقى بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ھامان بىر كۈنى ئىجابىي يۈزلىنىشكە قاراپ راۋاجلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/dolqun-eysa-04252016161154.html

Share
1680 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.