logo

trugen jacn

دولقۇن ئەيسا: سەئۇدى ئەرەبىستان ھەجگە قانۇنسىز كەلگەن ئۇيغۇرلارنى ئەمەس، قانۇنسىز يولغا مەجبۇرلىغان خىتاينى سوراققا تارتىشى كېرەك

2054-mekke-ve-medine-nin-kutsal-mekanlari-5009600141c63-20131119232434

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

سەئۇدى ئەرەبىستان ساقچىلىرى تۈنۈگۈن مەككىنىڭ مىسفەلە ئۇيغۇر مەھەللىسىدە ھەج مەزگىلىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان يۈزلەرچە ئۇيغۇرنى توپلاپ يىغىۋېلىش ئورنىغا ئەكەتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ دىنىي چەكلىمىلىرى سەۋەبلىك قانۇنىي يول بىلەن پاسپورت ۋە ۋىزا ئېلىشقا مۇۋەپپەق بولالمىغان، نەتىجىدە غەيرىي رەسمىي يوللار بىلەن ھەج ئىبادىتىگە كەلگەنلەر ئىكەن.

سەئۇدىدا ياشاۋاتقان ئەھمەت مۆمىن ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، يىغىۋېلىش جەريانىدا خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئىككى نەپەر خادىمى سەئۇدى ساقچىلىرىغا ھەمكارلاشقان، بۇ ھەقتە رادىئومىزدا پوزىتسىيە بىلدۈرگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرا كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى خىتاينى «رامىزان مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارغا چەتئەلدىمۇ پاراكەندىچىلىك سېلىۋاتىدۇ» دەپ ئەيىبلىدى ۋە سەئۇدى ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنى ھەج قىلىشتا قانۇنسىز يولغا مەجبۇرلىغان خىتاي ھۆكۈمىتىنى سوراققا تارتىشقا دەۋەت قىلدى.

يۇقىرىقىلار ۋەقە ھەققىدە ئىگىلەنگەن تۈنۈگۈنكى ئۇچۇرلار. بۈگۈن تۈركىيەدىكى «ئىستىقلال» تورىنىڭ غەيرىي رەسمىي مەنبەلەرگە ئاساسەن خەۋەر قىلىشىچە، تۈنۈگۈن يىغىۋېلىنغان ئۇيغۇر ھاجىلار ئۈرۈمچىگە يولغا سېلىۋېتىلگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، يۇرتىغا قايتۇرۇلغانلار ئارىسىدا تۇڭگانلارمۇ بار بولۇپ، ئايرودرومدا تۇڭگان ھاجىلار بىلەن سەئۇدى ساقچىلار ئارىسىدا تالاش-تارتىش ۋە جېدەل يۈز بەرگەن.

بىز بۇ ئۇچۇرلارنىڭ توغرىلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن سەئۇدىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، ئەلچىخانا تېلېفونى ئېلىنمىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/tutulghan-uyghur-hej-06282016140727.html

Share
1534 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.