logo

trugen jacn

دولقۇن ئەيسا: خىتاينىڭ قاتتىق قول سىياسىتى ئۇيغۇرلارنى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە مەجبۇرلىماقتا

naamloos

مېھرىبان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئۆتكەن جۈمە كۈنى يەنى 6-مارت گۇاڭجۇ مەركىزى پويىز ئىستانسىسىدا پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 9 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر تارقالدى. خوڭكوڭدىكى مىنباۋ گېزىتى ۋە فىرانسىيە ئاگېنتلىقى قاتارلىق خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا بۇ ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىگە بۇنىڭدىن سەل ئىلگىرى گۇاڭجۇ ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئاۋمېن ئارقىلىق چەتئەلگە قاچماقچى بولغان ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلغانلىقى ۋە قارشىلىق قىلغان ئىككى ئايالنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈشى سەۋەبلىك، ئۇيغۇرلار ئېلىپ بارغان ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇم ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى گۇاڭجۇ پويىز ئىستانسىسى ۋەقەسى ۋە بۇندىن ئىلگىرى يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق قول سىياسىتى ئۇيغۇرلارنى بۇ خىل قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە مەجبۇرلاۋاتقانلىقى» نى تەكىتلىدى.

ئۆتكەن جۈمە كۈنى گۇاڭجۇ پويىز ئىستانسىسىدا يۈز بەرگەن پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىشى ۋە بۇ ۋەقەنىڭ دەل بېيجىڭدا خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي كېڭەش يىغىنى ئېچىلىۋاتقان مەزگىلدە يۈز بېرىشى دىققەت قوزغىدى.

خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇق ئاخباراتلىرىدا ۋەقە ھەققىدە قىسقا خەۋەر بېرىلگەندىن باشقا تەپسىلىي ئۇچۇر بېرىلمىدى. ئەمما خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ۋەقەنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

خوڭكۇڭدىكى مىنباۋ گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە «5-مارت كۈنى گۇاڭجۇ بەييۈنشەن رايونىدىكى ساقچىلار ئاۋمىنغا قاچماقچى بولغان ئۇيغۇرلارنى ئاختۇرۇپ تۇتۇش ھەرىكىتىدە تۇتقۇندا قارشىلىق كۆرسەتكەن ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ئايال ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلىپ، بىرى نەق مەيداندا ئۆلگەنلىكى، يارىلانغان يەنە بىرى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى، 6-مارت سەھەرگىچە ساقچىلارنىڭ جەمئىي 16 ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 5 ئايال ۋە قۇرامىغا يەتمىگەن 11 بالىنىڭ بارلىقى، 6-مارت گۇاڭجۇ پويىز ئىستانسىسىدا پىچاقلىق ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەن ئۇيغۇر ئايالنىڭ ئېرى بولۇشى مۇمكىنلىكى» ئىلگىرى سۈرۈلدى.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 7-مارتتىكى «6-مارت گۇاڭجۇ پويىز ئىستانسىسىدىكى ھۇجۇمچىلار ئاۋمىنغا قېچىشقا ئۇرۇنغانلار» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، «6-مارت گۇاڭجۇ پويىز ئىستانسىسى پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەسى گۇاڭجۇ ساقچىلىرىنىڭ 5-مارت كېچىدە ئاۋمېن ئارقىلىق چەتئەلگە قېچىشقا ئۇرۇنغان ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىشى سەۋەبلىك يۈز بەرگەن ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك ۋەقە» ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر پويىز ئىستانسىسىدا ئۆتكەن يىلى 5‏-ئايدىمۇ پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەسى يۈز بەرگەن. ئەينى چاغدا خىتاي ئاخباراتى ئۇيغۇرلار ئېلىپ بارغان شۇ قېتىملىق پىچاقلىق ھۇجۇمدا 6 ئادەم يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئەمما ھۇجۇمچىلارنىڭ كىملىكى ۋە ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىگە ئالاقىدار پۈتۈن ئۇچۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلغان ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ،«خىتاينىڭ قاتتىق قول سىياسىتى ئۇيغۇرلارنى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى، شۇڭا يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل قارشىلىق ھەرىكەتلىرى كۆپەيگەنلىكى» نى بىلدۈردى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى خەلقئارا جەمئىيەتنى ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىگە دىققەت قىلىشقا چاقىرىپ،«6-مارت گۇاڭجۇ پويىز ئىستانسىسىدىكى پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەسىدەك قارشىلىق ھەرىكەتلىرى بارغانچە كۆپىيىۋاتىدۇ، ئەمما خەلقئارا جەمئىيەت بۇ خىل قانلىق ۋەقەلەرنىڭ نېمە سەۋەبتىن يۈز بېرىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىشى كېرەك، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قاتتىق قول سىياسىتى، ھېچقانداق چىقىش يولى تاپالمىغان ئۇيغۇرلارنى مۇشۇ خىل رادىكال قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە مەجبۇرلاۋاتىدۇ» دېدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يەنە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 2014-يىلىدىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدىكى دوكلاتىنى نەقىل ئېلىپ، يېقىنقى يىللاردا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ۋە بۇ خىل قانلىق ۋەقەلەرنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە ھەر خىل تېمىلاردا دوكلات تەييارلاپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا سۇنۇش ئارقىلىق، دۇنيانى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتى ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىشقا چاقىرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/uyghurda-qarshiliq-03092015145500.html

Share
1796 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.