logo

trugen jacn

دولقۇن ئەيسا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 35-نۆۋەتلىك يىغىنى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى جەنۋەدە باشلاندى.

جەنۋەدە بۇ قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشى يىغىنىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن قۇرۇلتاينىڭ پروگرامما يېتەكچىسى پىتېر ئىرۋېنلەر قاتناشقان. بۈگۈن ب د ت دا چاقىرىلغان «ئىقتىسادىي پىلان ۋە ئاسىيادىكى ئىنسان ھەقلىرى» ناملىق يىغىندا نۇتۇق سۆزلىگەن دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، نۇتقىدا، شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنىڭ يۈكسەك پەللىگە چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشقان د ئۇ ق پروگرامما يېتەكچىسى پىتېر ئىرۋېن ئەپەندىمۇ جەنۋەدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىدە يۈز بېرىۋاتقان ھەقسىزلىقلار ئۈستىدىن يېتەرلىك دەرىجىدە شىكايەتلەر قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۆز نۇتقىدا ناھايىتى كۆپ مەزمۇنلار ھەققىدە توختالدى. مەسىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ د ن ئا ئەۋرىشكىسىنى يىغىشتىكى يامان غەرىزى، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى يۇرتىغا قايتىشقا مەجبۇرلاپ، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش مەسىلىسى، تايلاندتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى مەسىلىسى، ئۇيغۇرچە ئىسىملارنى چەكلەش قىلمىشى قاتارلىقلار. ئۇنىڭ نۇتقى يىغىن ئەھلىنىڭ ئىنتايىن جىددىي دىققىتىنى قوزغىدى. يىغىندىن كېيىن نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈپ، ئۆزلىرىنى ئۇيغۇرلار ھەققىدە تېخىمۇ ئەتراپلىق مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلىشتى.»

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۈگۈنكى نۇتقىدا يەنە، نۇقتىلىق ھالدا خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» سىياسىتى ئۈستىدىمۇ توختالغان.

4-ئاينىڭ 26-كۈنى نيۇيوركتىكى ب د ت يەرلىك مىللەتلەر مۇنبىرىنىڭ 16-نۆۋەتلىك يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى يىغىننىڭ 3-كۈنى ب د ت دىن ھەيدەپ چىقارغان ئىدى. خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بۇ ھەقسىزلىق ئەينى چاغدا خەلقئارادىكى نۇرغۇنلىغان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان، كۆپلىگەن تەشكىلاتلار باياناتلار ئېلان قىلىپ، ب د ت نى ئەيىبلىگەن ئىدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 12-ئىيۇن سۆزلىگەن نۇتقىدا، خىتاينىڭ يالغۇز شەرقىي تۈركىستاندىلا ئەمەس، غەرب دېموكراتىك ئەللىرىدىمۇ ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

جەنۋەدىكى ب د ت سارىيىدا باشلانغان بۇ قېتىمقى يىغىن 6-ئاينىڭ 23-كۈنىگە قەدەر داۋاملىشىدىغان بولۇپ، ئەتىدىن باشلاپ د ئۇ ق خادىملىرى ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن يەنە كۆپ قېتىم نۇتۇقلار سۆزلەيدىكەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/dokun-eysa-bdt-06122017183750.html

Share
1292 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.