logo

trugen jacn

دولقۇن ئەيسانىڭ ھىندىستانغا بېرىشى خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى

Kokbayraq_flag

ئەكرەم

 

دولقۇن ئەيسانىڭ ھىندىستاندا چاقىرىلىدىغان خىتاي بېسىمى ئاستىدىكى مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھەق – ھوقۇقلىرى تېمىسىدىكى يىغىنغا قاتناشماقچى بولغانلىقى خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.

بىر قىسىم خەلقئارا مەتبۇئاتلار ئىككى كۈندىن بۇيان د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ ھىندىستاننىڭ دارامسالادا چاقىرىلماقچى بولغان يىغىنغا قاتنىشىشىغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نارازى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

بۇ يىغىننى ئەسلىدە مەركىزى ۋاشىنگتوندا بولغان خىتايدىكى پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتى تەشكىللىگەن بولۇپ، 4 – ئاينىڭ 28 – كۈنىدىن 5 – ئاينىڭ 1 – كۈنىگە قەدەر داۋاملىشىدىغان بۇ يىغىنغا تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى ساھىبخانىلىق قىلىدىكەن. تىبەتلىكلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لامامۇ يىغىنغا قاتنىشىدىكەن.

يىغىنغا ئۇيغۇر، تىبەت، ئىچكى موڭغۇل، تەيۋەن، خوڭكۇڭ، ئاۋمېن قاتارلىق رايونلارنىڭ ۋەكىللىرى ھەمدە خىتاي دېموكراتلىرى، فالۇنگوڭچىلارنىڭ قاتنىشىشى پىلانلانغان. دولقۇن ئەيسامۇ تەكلىپكە بىنائەن ئۇيغۇر ۋەكىللىرى قاتارىدا ھىندىستانغا بېرىشنىڭ ۋىزا رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىپ بولغان. ئەمما بۇ خەۋەر خىتاي تەرەپكە بىلىنىپ، ئۇلارنىڭ جىددىي قارىشىغا سەۋەب بولغان.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىزا بەرگەنلىكىنى، ئەمما ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە تېخى جاۋاب بەرمىگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

بىراق، 21 – ئاپرېل كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ ئىنكاس بىلدۈرۈپ، دولقۇن ئەيسانىڭ ھىندىستانغا كىرىپ بۇ يىغىنغا قاتنىشىشىنى مۇۋاپىق كۆرمەيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ خەلقئارا ساقچىدىن قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان شەخس ئىكەنلىكىنى، ئۇنى سوتقا تاپشۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇنىڭ ئىنكاسى، بېيجىڭدا ھىندىستان – خىتاي چېگرا مەسىلىسى سۆھبىتى ئېلىپ بېرىلغان بىر ۋاقىتقا توغرا كەلگەن. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسىنىڭ ئىنكاسىدا يېڭىلىق يوقلۇقىنى، ئوخشاش مەزمۇندىكى باياناتنى ئوخشىمىغان مۇقامدا ئىزچىل تەكرارلاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇيغۇر سىياسىي زاتلىرىدىن ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى، دارامسالادا چاقىرىلىدىغان بۇ قېتىمقى كۆپ تەرەپ بىرلەشمە يىغىنىغا قاتنىشىشنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك بىر ئىش بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئەگەر دولقۇن ئەيسانىڭ ھىندىستاندىكى بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە بولمىغان تەقدىردە، بۇ يىغىنغا باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ قاتنىشىشىنىڭ پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى تەۋسىيە قىلدى.

«ھىندستان ۋاقت گېزىتى» قاتارلىق مەتبۇئاتلاردىكى خەۋەرلەردە، ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي «تېررورچى» دەپ جاكارلىغان دولقۇن ئەيسانىڭ بۇ يىغىنغا قاتنىشىشىغا ئىجازەت قىلىشىنى، ئەينى چاغدا ھىندىستان ھۆكۈمىتى تېررورچى دەپ ئېلان قىلغان پاكىستانلىق مەۋلانە مەسئۇد ئەزھەرنىڭ تېررور تىزىملىكىگە كىرىشىگە خىتاينىڭ قارشى چىققانلىقىغا بېرىلگەن جاۋاب تەرىقىسىدە شەرھلىمەكتە.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئەگەر دولقۇن ئەيسا مەسىلىسى تۈپەيلى ھىندىستان – خىتاي ئوتتۇرىسىدا كۆڭۈلسىزلىك پەيدا بولسا، بۇنىڭ يېقىندا چاقىرىلىدىغان رۇسىيە، خىتاي، ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى تېررورغا ئورتاق قارشى تۇرۇش يىغىنىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ دېموكراتىك بىر ئەل ئىكەنلىكىنى، خىتاي بېسىمىغا تىز پۈكمەيدىغانلىقىنى، ھىندىستاننىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىجابىي كۆز قاراشتا قارايدىغانلىقىنى، بىراق دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتلەردە ھەرقاچان باشقىلارنى قۇربان قىلىۋېتىشتەك تراگېدىيىلىك ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇيغۇر سىياسىي كۆزەتكۈچىلىرىدىن پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىمۇ بۇ توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھاجىرەتتە ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىي ۋە دىپلوماتىك پائالىيەتلىرىدىن بارغانسېرى بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى زىيارىتىمىز خاتىمىسىدە، خىتاينىڭ ئۆزىگە قارشى كۈچلەرنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان بارلىق ۋاسىتىلەرگە مۇراجىئەت قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭمۇ چەتئەلدە تۇرۇپ خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان كىشىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/xelqara-xewer/dolqun-yesa-04232016084323.html#.VxxUPWUHAHU.facebook

Share
1832 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.