logo

trugen jacn

دولقۇن ئەيسانىڭ تەيۋەنگە كىرگۈزۈلمىگەنلىكى خىتاي ۋە چەتئەللەردە ئىنكاس قوزغىدى

dolkun[1]
مېھرىبان

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 12-فېۋرال يەنى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دولقۇن ئەيسانىڭ تەيۋەنگە بېرىپ كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىغا قاتنىشىشىغا يول قويمىغانلىقىنى ئەيىبلەپ، تەيۋەننىڭ خىتاينىڭ بېسىمىغا ئۇچراپ بۇنداق قارار چىقارغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ 16-فېۋرال سەيشەنبە كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتىغا قارشى ئىنكاس بىلدۈرۈپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى ۋە دولقۇن ئەيسانى ئەيىبلىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۇڭ لېي 16-فېۋرال سەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا بەرگەن جاۋابىدا، دولقۇن ئەيسانىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان تېررور گۇماندارلىرى تىزىملىكىدىكى شەخس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ، خىتاي ئىنتېرپولغا يوللىغان تىزىملىككە ئاساسەن دولقۇن ئەيسانىڭ تەيۋەنگە كىرىشىنى چەكلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى باياناتچىسىنىڭ سۆزلىرى ئۇنپو يەنى ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن تەنقىدلەشكە ئۇچرىدى. ئۇنپونىڭ باشلىقى مارىنو بۇسداچىن 16-فېۋرال كۈنى ئۆز نامىدا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ گېرمانىيە پۇقرالىقىدىكى دولقۇن ئەيسانى ئاساسسىز قارىلىغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

دولقۇن ئەيسا تەيۋەندىكى بىر تەشكىلاتنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن 18-فېۋرالدىن 21-فېۋرالغىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان تۇنجى نۆۋەتلىك ئاسىيا-تىنچ ئوكيان دىنىي ئەركىنلىك يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ۋىزا ئىلتىماس قىلغىنىدا، تەيۋەن دائىرىلىرى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان. بۇ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچراپلا قالماستىن، بەلكى ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ۋە ياۋروپادىكى بىر قىسىم ئۆكتىچى خىتاي تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ نارازىلىقىنى قوزغىغان. خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، 2006-يىلى تەيۋەنگە بېرىپ يىغىنغا قاتنىشالىغانلىقىنى، تەيۋەننىڭ بىر دېموكراتىك دۆلەت ئىكەنلىكىنى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇلارنىڭ ئۆزىنى توسۇپ قېلىشىنىڭ تەيۋەننىڭ دېموكراتىيىسىگە داغ چۈشۈرىدىغان ئەھۋال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

Share
1961 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.