logo

trugen jacn

دوكتور رىشات ئابباس يېڭى دورا تەتقىقاتىدا زور تۆھپە ياراتتى

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

يېقىندا ئامېرىكا دۆلەتلىك يېمەكلىك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى (FDA) ئاياللاردا كۆرۈلىدىغان كۆكرەك راكىنى داۋالاش ۋە ئۇنىڭ قايتا قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئۈنۈمى زور بولغان بىر يېڭى دورىنى رەسمىي تەستىقلىغان.

«Neratinib» (نېراتىنىب) دەپ ئاتىلىدىغان بۇ يېڭى دورا ئاياللاردىكى كۆكرەك راكىنى داۋالاشتا نىشانلىق ئىشلىتىلىدىغان دورا بولۇپ، داۋالاش ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرىلىقى، ئەكس تەسىرىنىڭ يوقلۇقى شۇنداقلا تابلېتكا ھالىتىدە ياسالغانلىقى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن دورا تەتقىقاتى ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن.

بۇ دورىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك تەتقىقات جەريانى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا سىناقتىن ئۆتۈشىدە دوكتور رىشات ئابباسنىڭ تۆھپىسى زور بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن ئىلمىي نەتىجىلىرى ئامېرىكا دۆلەتلىك يېمەكلىك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى (FDA) نىڭ توربېتىدە مەخسۇس تونۇشتۇرۇلغان.

ئامېرىكا دۆلەتلىك يېمەكلىك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى (FDA) نىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن: «دوكتور رىشات ئابباسنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى يېقىندا FDA تەرىپىدىن تەستىقلانغان كۆكرەك راكىنى داۋالاشتىكى يېڭى دورا -‹نېراتىنىب› نىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىدە تۆھپە قوشتى. بۇ دورا ياخشى سۈپەتلىك ئۆسمە يەنى دەسلەپكى باسقۇچتىكى ئاياللار كۆكرەك راكىنى نىشانلىق داۋالاشتا سىناقتىن ئۆتكەن تۇنجى دورا ھېسابلىنىدۇ. بۇ دورا يەنە دەسلەپكى نىشانلىق داۋالاشتىن كېيىن، كۆكرەك راكىنىڭ قايتا قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.»

ئىگىلىنىشىچە، دوكتور رىشات ئابباس 2004-يىلىدىن بۇيان «نېراتىنىب»، يەنى ئاياللارنىڭ كۆكرەك راكىنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان بىر يېڭى دورا ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. بۇ جەرياندا ئۇ مەزكۇر دورا تەتقىقاتى ھەققىدە خەلقئارالىق داڭلىق مېدىتسىنا تەتقىقاتى ژۇرناللىرىدا 19 پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان.

«نېراتىنىب» ناملىق بۇ يېڭى دورىنىڭ ئامېرىكا دۆلەتلىك يېمەكلىك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن رەسمىي تەستىقلىنىپ، دورا ئىشلەش زاۋۇتلىرىغا يوللىنىشى دۇنيا دورا تەتقىقاتى ساھەسىدە كۆكرەك راكىنى داۋالاش بويىچە قولغا كەلتۈرۈلگەن بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن.

دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە سالام يوللىدى. ئۇ، ئىلىم يولىدا ئىزدىنىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ۋە كەسىپ ئىگىلىرىنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسەتسىلا ئۆزلىرى ئىزدىنىۋاتقان ساھەلەردە چوقۇم نەتىجە قازىنالايدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكتور رىشات ئابباس تۆھپە قوشقان بۇ يېڭى دورا ھەققىدە كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى مېدىتسىنا تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور مەمەتئىمىن ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى ۋە بۇ ھەقتىكى بەزى زۆرۈر چۈشەنچىلەرنى بەردى.

مۇخبىر: ھۆرمەتلىك مەمەتئىمىن ئەپەندى، دوكتور رىشات ئابباس ئۇزۇن يىللار ئەجىر سىڭدۈرگەن ۋە يېقىندا FDA تەرىپىدىن تەستىقلانغان «نېراتىنىب»، يەنى ئاياللارنىڭ كۆكرەك راكىنى داۋالاشتىكى يېڭى دورا ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەن بولسىڭىز؟

دوكتور مەمەتئېمىن: بولىدۇ، مەن بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىشتىن ئىلگىرى ئامېرىكانىڭ دۆلەتلىك يېمەكلىك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى (FDA) نىڭ يېڭى دورىلارنى تەستىقلاش جەريانى توغرىلىق قىسقىچە توختىلىپ ئۆتەي.

ئامېرىكانىڭ دۆلەتلىك يېمەكلىك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى قىسقارتىلىپ FDA دەپ ئاتىلىدۇ. FDA نىڭ يېڭى دورىلارنى تەستىقلاش ئۈچۈن قويىدىغان تەلەپلىرى بەك قاتتىق بولۇپ، بىر يېڭى دورا ئەڭ دەسلەپكى كاندىداتلىق دورا دەۋرىدىن رەسمىي تەستىقلىنىپ بازارغا كىرىش ئۈچۈن تەخمىنەن 12-15 يىل ۋاقىت كېتىدۇ. كاندىدات دورىلار دەسلەپكى قەدەمدىكى تەتقىقات باسقۇچى ۋە ھايۋاندا سىناق قىلىش باسقۇچىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، رەسمىي تەستىقلىنىپ بازارغا كىرىشتىن بۇرۇن، يەنە 4 باسقۇچلۇق كلىنىكىلىق سىناقتىن ئۆتۈشى كېرەك.

ھەر بىر باسقۇچلۇق كلىنىكىلىق سىناق ئۈچۈن ئايرىم ‏-ئايرىم ھالدا FDA نىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئادەتتە يېڭى دورىلارنىڭ بىرىنچى باسقۇچلۇق سىناق ئۈچۈن تەستىقلىنىش نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن، نۇرغۇن دورىلار تەتقىقات باسقۇچىدىلا توختاپ قالىدۇ، بىر ئۆمۈر دورا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بىرمۇ دورىسى تەستىقتىن ئۆتمەيدىغان دورا تەتقىقاتچىلىرى خېلىلا كۆپ.

بىرىنچى باسقۇچتىكى كلىنىكىلىق سىناق ئۈچۈن تەستىقلانغان دورىلارنىڭ 4 باسقۇچنىڭ ھەممىسىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، ئەڭ ئاخىردا رەسمىي تەستىقلىنىپ بازارغا كىرىش نىسبىتى 9.6% بولىدۇ. بۇنىڭدا راك كېسىلى دورىسىنىڭ تەستىقلىنىش نىسبىتى تېخىمۇ تۆۋەن بولۇپ، ئاران 5.1% ئەتراپىدا بولىدۇ؛ دېمەك، كلىنىكىلىق سىناقتا تەستىقلانغان ھەر 100 راك كېسىلى دورىسى ئىچىدىن ئاران 5 دورا ئەڭ ئاخىرىدا تەستىقلىنىپ بازارغا كىرەلەيدۇ دېگەن گەپ.

ئادەتتە بۇرۇن مەۋجۇت بولغان دورىلار بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان ۋە ياكى ئۈنۈم جەھەتتە پەرىقلەنمەيدىغان دورىلار تەستىقتىن ئۆتمەيدۇ. يېڭى دورا تەستىقتىن ئۆتۈش ئۈچۈن ئۇ دورىدا چوقۇم بۇرۇن مەۋجۇت بولغان ئوخشاش تۈردىكى باشقا دورىلاردا يوق بولغان ئۆزگىچە بىر ئالاھىدىلىك بولۇشى كېرەك.

دوكتور رىشات ئابباس ئۇزۇن يىللار ئەجىر سىڭدۈرۈپ، FDA تەرىپىدىن يېقىندا تەستىقلانغان «نېراتىنىب» دەپ ئاتالغان ئاياللارنىڭ كۆكرەك راكى دورىسى، ئاساسلىقى باشقا دورىلار بىلەن داۋالاش ئېلىپ بېرىلغان ھەر 2 تۈردىكى كۆكرەك راكىنىڭ قايتا قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ۋە بىمارنىڭ ھاياتىنى ئۇزارتىشقا ئىشلىتىلىدۇ.

مۇخبىر: بۇ دورىنىڭ راك كېسىلىنى داۋالاش جەھەتتە، يەنى دورا تەتقىقات ئىلمى ساھەسىدىكى بۆسۈش خاراكتېرلىك يېڭىلىقى زادى نېمە؟

دوكتور مەمەتئېمىن: مەن يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەندەك، بۇ دورا ئاساسلىقى باشقا دورىلار بىلەن داۋالاش ئېلىپ بېرىلغان ھەر 2 تۈردىكى كۆكرەك راكىنىڭ قايتا قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، ئۇ، بۇ تۈردىكى تۇنجى دورا ھېسابلىنىدۇ؛ ھەر 2 تۈردىكى كۆكرەك راكى باشقا تۈردىكى كۆكرەك راكىغا نىسبەتەن بەدەننىڭ باشقا جايلىرىغا بالدۇر تارقايدىغان، ئېغىر دەرىجىدىكى راك بولۇپ، بۇ دورىنى ئىشلەتكەن بىمارلارنىڭ 2 يىل ئىچىدە راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ قايتا قوزغىلىش ۋە راك بىلەن مۇناسىۋەتلىك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى سېلىشتۇرما دورىغا نىسبەتەن كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەن بولغان.

مۇخبىر: دوكتور رىشات ئابباس بىلەن دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپوفنىڭ ئارقا-ئارقىدىن قازانغان نەتىجىلىرى ئىلىم يولىدا ئىزدىنىۋاتقان ياشلىرىمىزغا، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئاكادېمىك سەرخىللىرىنىڭ خەلقئارا سەھنىدە يەنىمۇ تونۇلۇشىغا قانداق ئىجابىي تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ، دەپ ئويلايسىز؟

دوكتور مەمەتئېمىن: ھەممىمىز بىلگەندەك، كۆپىنچىمىزگە نىسبەتەن ئۆز ئورنىمىزدا كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجە يارىتىپ باشقىلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈش ئۇنچە ئاسان ئەمەس، ئەلۋەتتە. بولۇپمۇ يۇقىرى مەلۇماتلىق مۇتەخەسسىسلەر بىلەن دوكتورلار توپلاشقان تەتقىقات ئورۇنلىرىدا ۋە ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا تېخىمۇ قىيىن. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بۇ ئىككى پەخىرلىك ئالىمىمىز يالغۇز ئۆز ئىش ئورنىدا ۋە ياكى ئۆزى خىزمەت قىلىۋاتقان شەھەر ياكى شتاتلاردىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئامېرىكادا، جۈملىدىن دۇنيادا ئۆزلىرى شۇغۇللىنىۋاتقان كەسىپ دائىرىسىدە ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ۋە نەتىجە ياراتقان ئالىملاردۇر. ئۇلار بىزنىڭ پەخرىمىز، ئۇلار ئىلىم يولىدا ئىزدىنىۋاتقان ياشلارنىڭ ئۈلگىسى. ئۇلار، ئەگەر بىز تىرىشساقلا باشقىلار قىلالىغان، ھەتتا قىلالمىغان ئىشلارنى قىلغۇدەك ئەقىل-پاراسەتلىك ئىكەنلىكىمىزنىڭ تىپىك مىسالى.

مۇخبىر: سىزگىمۇ مەلۇم، ئۇيغۇرلار ئاتوم سىنىقىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان بىر خەلق. ئۇيغۇرلار رايونىدا تۈرلۈك راك كېسەللىرىنىڭ خىتايدىكى باشقا جايلارغا قارىغاندا كۆپ ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ئۇيغۇر ئاياللىرىدا كۆپ ئۇچرايدىغان كۆكرەك (ئەمچەك) راكى بۇنىڭ بىر مىسالىدۇر. ئاتوم سىنىقىنىڭ ئاياللار كۆكرەك راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىشتا مەلۇم تەسىرى بولامدۇ؟ ئەگەر بار دېيىلسە، سىزچە دوكتور رىشات ئابباس ئۇزۇن يىل تەتقىقات قىلغان بۇ دورا ئۇيغۇر راك بىمارلىرىغىمۇ مەلۇم ئۈمىد ئېلىپ كېلەلەمدۇ-قانداق؟

دوكتور مەمەتئېمىن: ئاتوم سىنىقىنىڭ ئاياللار كۆكرەك (ئەمچەك) راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتا ئەلۋەتتە تەسىرى بولىدۇ. ئاتوم سىنىقىنىڭ تەسىرى دەسلەپكە 10 يىل ئىچىدە ئاساسلىقى قان راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، 10 يىلدىن كېيىن، ھەتتا 30-40 يىل ئۆتكەندە باشقا تۈردىكى راكلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

ئاتوم سىنىقىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلارنىڭ راك كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئادەتتىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە يۇقىرى بولىدۇ.

دوكتور رىشات ئابباس ئۇزۇن يىل ئىزچىل ئەجىر سىڭدۈرگەن ۋە يېقىندا FDA تەرىپىدىن تەستىقلانغان بۇ دورا ئۇيغۇر راك كېسىلى بىمارلىرىغا ئەلۋەتتە مەلۇم ئۈمىد ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ قارايمەن. بىراق ئۇنىڭدىن قانچىلىك بەھرىمەن بولالايدۇ، ئۇنىڭغا بىر نېمە دېيىش تەس.

بۇرۇن ئامېرىكادا تەستىقلانغان دورىلار خىتايدا ناھايىتى ئاسانلا تەستىقتىن ئۆتۈپ بازارغا كىرەتتى، بىراق ھازىر خىتاي ئۆزىنىڭ دورا شىركەتلىرىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئامېرىكادا بازارغا كىرگەن دورىلارنى خىتايدا ئاسانلىقچە تەستىقلىمايدىغان بولدى.

بۇنىڭغا بىر مىسال، 2015-يىلى ئامېرىكادا جەمئىي 45 يېڭى دورا تەستىقلىنىپ بازارغا كىرگەن بولۇپ، ئۇ دورىلاردىن ھازىرغا قەدەر ئاران 16 سى خىتايدا تەستىقلىنىپ بازارغا كىرگەن. قالغان دورىلار ئىچىدە 9 دورا خىتايدىكى 61 دورا شىركەتلىرى تەرىپىدىن يالغاندىن ياسىلىپ بازارغا كىرگۈزۈلگەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/muhit-salametlik/rishat-abbas-08282017134901.html

Share
1688 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.