logo

trugen jacn

دوكتور خالمۇرات غوپۇر «سىياسىي مەسىلە» سەۋەبىدىن تەكشۈرۈلمەكتە

ئۇيغۇرلار دىيارىدا بارغانسېرى يۇقۇرى پەللىگە چىقىۋاتقان سىياسىي تەقىب ۋە تۇتقۇندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر زىيالىيلىرى، سودىگەرلىرى ۋە باشقا ساھەلەردىكى سەرخىللىرىنىڭ تۇتقۇن نىشانى بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم.

يېقىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك ۋە دورا مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، دوكتور خالمۇرات غوپۇرنىڭ «ئېغىر سىياسىي مەسىلە» سەۋەبىدىن نامەلۇم جايدا تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى دەلىللەندى.

مەلۇم بولۇشىچە، خالمۇرات غوپۇر 1993-يىلى رۇسىيەنىڭ سانت پېتىربۇرگ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغاندىن كېيىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ تېببىي ساھەدە خىزمەت قىلغان. 1996-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىنىڭ مۇدىرى، 1998-يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى ۋە مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن. 2017-يىلى 3-ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك ۋە دورا مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقىغا يۆتكەلگەن.

خالمۇرات غوپۇر 1990-يىللىرى خىتايدا «مەملىكەت بويىچە ئون مۇنەۋۋەر ياش» نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان شۇنىڭدەك ئۇيغۇر مىللىي تېبابىتىنى غەربچە داۋالاش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ نەپەس يوللىرى كېسەللىرىنى داۋالاشتىكى نەتىجىلىرى سەۋەبىدىن خەلق ئاممىسى ۋە ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن سەرخىل زىيالىيلاردىن بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇنداق بولسا، بۇ قېتىم ئۇنىڭ «تەكشۈرۈش» كە ئېلىپ كېتىلىشىدە قانداق سەۋەبلەر بولۇشى مۇمكىن؟
نورۋېگىيەدە ئولتۇرۇشلۇق زۇمرەت تۇرسۇن خالمۇرات غوپۇرنىڭ يېقىنقى ئەھۋالىدىن ياخشى خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىرى. ئۇ بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ بىلىدىغانلىرىنى سۆزلەپ بەردى ھەمدە بۇ ئىشلارنى بىرەر ئاي ئىلگىرى ۋەتەندىكى تونۇشلىرىدىن ئاڭلىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرى خالمۇرات غوپۇرنى «كومپيۇتېردا مىللىي ئاشقۇنلۇققا دائىر مەزمۇندىكى يازمىلارنى ساقلىغان» دېگەن باھانىدە قولغا ئالغان.

خالمۇرات غوپۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك باشقىچە مەلۇماتلار خىتاي سىياسىي-قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، «ۋۇ فاتيەن» تەخەللۇسىدىكى يازمىلىرى بىلەن تونۇلغان خىتاي قانۇنشۇناسى ۋۇ دەنخوڭنىڭ «چوڭقۇر يوشۇرۇنغان ئىككى يۈزلىمىچىلەردىن ھوشيار بولايلى!» سەرلەۋھىلىك تور يازمىسىدا ئۇچرايدۇ. خىتايدىكى ئەڭ چوڭ تور بېكەتلىرىدىن بولغان سىنا تورىدا 2017-يىلى يازدا ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، خالمۇرات غوپۇر شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان مەزگىلدە مەكتەپ پارتكومىنىڭ سېكرېتارى لى بىڭ بىلەن يىرىكلىشىپ قالغان. لى بىڭ شىنجاڭ تىىببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا بايرىقى روشەن ھالدا «مىللىي بۆلگۈنچىلىك» كە ۋە «ئۈچ خىل كۈچلەر» گە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلغان. ئەمما خالمۇرات غوپۇر كۆپ قېتىم بۇ ھەقتىكى تەدبىرلەرگە قارشى چىققان. بولۇپمۇ 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» ۋەقەسىدىن كېيىن مەكتەپ قورۇسىدا بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىسلامىي كىيىملەرنى كىيىشى بايقالغاندا لى بىڭ بۇ ھادىسىلەرنى قەتئىي چەكلەشنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئەمما مەكتەپ مۇدىرى خالمۇرات غوپۇر «بۇنداق كىيىنىش ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتى شۇنداقلا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى» دەپ بۇ تەكلىپنى رەت قىلغان.

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي خىتاي سېكرېتار لى بىڭ ئۈچ مىليون سومدىن ئارتۇق پارا يېگەنلىكى ئاشكارىلىنىپ، ئون يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. ئەمما ماقالە ئاپتورى بۇ ھادىسىنى «خالمۇرات غوپۇر ئۆزىنىڭ يۇغۇرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ لى بىڭنى ئورىغا ئىتتىرىۋەتكەن» دېگەن تەرزدە بايان قىلغان. ماقالىدە يەنە لى بىڭنىڭ ھەر ۋاقىت يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ «مۇقىملىق» تەدبىرلىرىنى ئېغىشماستىن ئىجرا قىلىپ كەلگەنلىكى، ئۇنىڭ بايرىقى روشەن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچلەر» گە قارشى تۇرغانلىقىنى ئۇزۇندىن ئۇزۇن مىساللار ئارقىلىق چۈشەندۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خالمۇرات غوپۇردەك «ئىككى يۈزلىمىچى» رەھبىرىي كادىرلارنىڭ «پرىنسىپقا خىلاپ ھالدا كۆپلىگەن لاياقەتسىز ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى تېببىي ئۇنىۋېرسىتېت دوختۇرخانىسىغا خىزمەتكە قوبۇل قىلغانلىقى»، شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ «قارا نىيەتلىك سۇيىقەستى» گە ئادەم توپلىغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.

بىز بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللارنىڭ تەپسىلاتىنى ئىگىلەپ بېقىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن خالمۇرات غوپۇر ئاخىرقى قېتىم رەھبىرىي ۋەزىپىدە بولغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك ۋە دورا مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش ئىدارىسى بىلەن ئالاقىلەشتۇق. ئىدارىنىڭ خىتاي كادىرلىرىدىن بىرى بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللاردىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئەمما خالمۇرات غوپۇرنىڭ ھازىر نېمە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە سوئال سورىغىنىمىزدا ئۇنىڭ «دەم ئېلىش» تا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. خالمۇرات غوپۇرنىڭ خىزمەتتە «مىللىي مەسىلىلەر» نى قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا بۇنداق سوئاللارغا پەقەت تەشكىلات بۆلۈمىدىكىلەرنىڭ جاۋاب بېرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

شۇنىڭدىن كېيىن بىز خالمۇرات غوپۇر ئۇزۇن مەزگىل مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېت بىلەن ئالاقىلەشتۇق. مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ كادىرلار بۆلۈمىدىكى بىر خىتاي كادىر بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، «خالمۇرات غوپۇر قولغا ئېلىنغان،» دېگەن ئۇچۇرنىڭ ئانچە توغرا بولمىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ «قولغا ئالدى» دەپ خەۋەر ئاڭلىمىغانلىقىنى تەكىتلىدى ئۇ، خالمۇراتنىڭ قولغا ئېلىنمىغانلىقىنى، بەلكى «پارتىيە ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلغان» لىق مەسىلىسى ئۈچۈن ئۈچۈن ئالاقىدار قانۇن ئورۇنلىرىنىڭ ھازىر ئۇنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى ئالغا سۈردى. بىز خالمۇرات غوپۇرغا «سىياسىي جەھەتتە مەركەز بىلەن بىردەكلىكنى ساقلىمىغان» دېگەن ئەيىبلەش ئارتىلغانلىقى ھەققىدە گەپ-سۆز بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقىنىمىزدا، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە قاتناشمىغانلىقىنى، شۇڭا بۇنىڭغا بىرنەرسە دېيەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىز ئۇنىڭدىن «مەكتەپ پارتكومىنىڭ سابىق سېكرېتارى لى بىڭ بىلەن خالمۇرات ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت بۇ قېتىمقى تەقىبگە سەۋەب بولغانمۇ؟» دەپ سورىغىنىمىزدا، ئۇ ئۆزىنىڭ مۇنداق قارىمايدىغانلىقىنى، بەلكى خالمۇرات غوپۇرنىڭ مەسىلىسى «پارتىيەلىك بىر رەھبىرىي كادىرنىڭ پارتىيە ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىش ئىكەنلىكى» ئەنى، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ پارتىيە قائىدىسىگە خىلاپ ئىش قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە خالمۇرات غوپۇرنىڭ «دۆلەتنىڭ ئوبرازىغا نۇقسان يەتكۈزۈش» خاراكتېرىدىكى، شۇنىڭدەك دۆلەتنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىگە، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» غا قارشى مەزمۇندىكى گەپ سۆزلەرنى ۋە يازمىلارنى تارقاتقانلىقىنى، بۇنداق ئادەمنىڭ كىم بىلەن زىددىيىتى بولۇش-بولماسلىقىدىن قەتئىينەزەر، پارتىيە ئىنتىزامى بويىچە تېگىشلىك جازاغا ئۇچرايدىغانلىقىنى قەيت قىلىپ ئۆتتى.

ئاخىرىدا خالمۇرات غوپۇرنىڭ «سىياسىي» مەسىلىسى ھەققىدە كونكرېتراق قانداق مەسىلە بارلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ ئالاقىدار قانۇن ئورگانلىرى ئاخىرقى خۇلاسىنى چىقىرىشتىن بۇرۇن بۇ ھەقتە پىكىر قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى، بۇ ھەقتىكى ئەھۋالنىڭ تەپسىلاتى تەكشۈرۈش ئاخىرلاشقاندا جەمئىيەتكە ئاشكارىلىنىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

مەلۇم بولۇشىچە، خالمۇرات غوپۇرنى خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئېلىپ كەتكەنلىكى ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدا كۆپ قىسىم كىشىلەر بىلىدىغان ئىشلار بولسىمۇ، كىشىلەرنىڭ بۇ ھەقتە سۆز قىلىشى قاتتىق چەكلەنمەكتە ئىكەن. بۇ ساھە بىلەن تونۇشلۇق پائالىيەتچىلەر بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە قىلىۋاتقانلىرى ئەمەلىيەتتە 1930-يىللىرى ئۇيغۇرلار دىيارىغا ‹يەرلىك پادىشاھ› بولۇۋالغان جاللات شېڭ شىسەينىڭ قىلمىشلىرىنى ئەينەن تەكرارلاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس،» دېيىشمەكتە

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/xalmurat-ghopur-01082018145039.html

Share
2808 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.