logo

trugen jacn

داۋىد شامباۋ نېمە ئۈچۈن خىتاي ھەققىدىكى كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىپ قالدى؟

7AEDC658-726E-46BC-95EF-926CA2D14B40_w268

ئىرادە

2015-u0320-pma.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، ئامېرىكىدىكى داڭلىق خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى، جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر پەنلىرى پروفېسسورى داۋىد شەمباۋ يېقىندا بىر ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ھالاكەتكە قاراپ يۈزلەندى، دېگەن پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. بىز ئالدىنقى نۆۋەتلىك پروگرامىمىزدا بۇ ماقالىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنى سىلەرگە تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن ئىدۇق.

داۋىد شامباۋنىڭ ماقالىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن خىتاي ۋەزىيىتىگە قىزىقىدىغانلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان. چۈنكى ئۇنىڭغا ئوخشاش ئوبىكتىپلىقى ۋە بۇ خىل مەسىلىلەرگە باھا بېرىشتىكى تەمكىن پوزىتسيىسى بىلەن تونۇلغان بىر تەتقىقاتچىنىڭ بۇنداق بىر رادىكال پەرەزنى ئېتىشى دىققەت قوزغايدىغان بىر ئەھۋال. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ياخشى كۆرىدىغان بىر تەتقىقاتچى ئىدى. ئۇنداقتا داۋىد شامباۋ نېمە ئۈچۈن پىكرىنى ئۆزگەرتىپ قالدى؟ ئۇنىڭ خىتاي ھەققىدە بۇنداق بىر يەكۈننى چىقىرىشىغا نېمە سەۋەب بولدى؟ ئۇ، نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مانا بۇ سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، داۋىد شامباۋ يېقىندا ئامېرىكىدا چىقىدىغان نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلاردىن «ۋال سترىت ژۇرنىلى» دا «خىتاينىڭ چۆكۈشى – خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ھالاكەت ئويۇنى باشلاندى، شى جىنپىڭنىڭ رەھىمسىزلەرچە سىياسەتلىرى بولسا دۆلەتنىڭ يىقىلىش باسقۇچىنى تېخىمۇ تېزلەتمەكتە» ماۋزۇسىدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق بىر يەكۈنگە كەلگەنلىكى قىزىقىش قوزغىغان ئىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى ئۇنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭدىن ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويغان مەزمۇنلار ھەققىدە سۇئال سورىغان.

نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى مۇخبىرى داۋىد شامباۋدىن ئۇنىڭ بىر قانچە يىل ئىلگىرى ئېلان قىلغان كىتابىدا، كومپارتىيىنىڭ ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقلىرى ۋە مەسىلىلىرىنى «ئۆگىنىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش» ئارقىلىق ھەل قىلىپ كېتەلەيدىغان بىر يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى، ئەمدى بولغاندا نېمە ئۈچۈن پارتىيىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىغا بولغان ئۈمىدىنىڭ سۇسلاپ كەتكەنلىكىنى سورىغان. داۋىد شەمباۋ بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىپ، ئۆزىنىڭ يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئۇ كىتابنى 2007 – يىلى يېزىپ ئاياقلاشتۇرغانلىقىنى، ئارىدىن ئۆتكەن ۋاقىتتا كومپارتىيىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى، شۇڭا ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنىڭمۇ ئۆزگەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. داۋىد شامباۋنىڭ قارىشىچە، ئۇ مەزگىللەردە خىتاي كومپارتىيىسى مەۋجۇتلۇقىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن بىر قىسىم يېڭىلىقلارنى ئۆزلەشتۈرگەن. سوۋېت ئىتتىپاقىدەك بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ساۋاق ئېلىپ، دىنامىك بىر رەھبەرلىك سېستىمىسىنى يولغا قويغان. خىتاي كومپارتىيىسىگە ئوخشاش بۇنداق بىر پارتىيىلىك تۈزۈملەر ئادەتتە ئۆزىنىڭ كۈچىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن يا بېسىم قوللىنىدىغان ياكى بولمىسا دىنامىك سىياسەت قوللىنىپ، ئاستا – ئاستا ئېچىلغان ئاساستا، ئۆزگىرىشكە ئۆزى رەھبەرلىك قىلىدىغان بولۇپ، خىتاي 2000 – يىلىدىن 2008 – يىلىغىچە ئىككىنچى خىل ئۇسۇلنى قوللانغان. ئەمما 2009 – يىلىدىن كېيىن ئۆزگىرىپ، قاتتىق بېسىم ۋە سىياسىي ئىسلاھاتلارنى چەكلەش يولىنى تاللىۋالغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، 2009 – يىلى تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن نامايىشلارمۇ پارتىيىنى قاتتىق تەمتىرىتىپ قويغان.

ئەمما داۋىد شامباۋ، كومپارتىيە ھازىر ئىسلاھات قىلسىمۇ، بەرىبىر كونترولنى يوقىتىپ، ئوخشاشلا گۇمران بولىدىغانلىقى، شۇڭا مەيلى بېسىم مەيلى ئازراق ئەركىنلىك ھەر ئىككىسىنىڭ كومپارتىيىنى ئوخشاش ئاقىۋەتكە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ يەنە خىتاينىڭ ئېغىر دەرىجىلىك كىرىم تەڭپۇڭسىزلىقى، ئىجتىمائىي تەڭپۇڭسىزلىق، مۇھىت بۇلغىنىشى، ئىقتىسادتىكى ئاستىلاش قاتارلىق باشقا مەسىلىلىرىمۇ بارلىقىنى، مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى يىغىنچاقلاپ تۇرۇپ، بۇ پارتىيە ئاخىرقى ھالاكەت دەۋرىگە كىردى، دېگەن يەكۈنگە كەلگەنلىكىنى ئېيتقان.

مۇخبىر داۋىد شامباۋدىن «شى جىنپىڭنىڭ سىزنى ھەيران قالدۇرغان بىر تەرىپى بارمۇ، چۈنكى بىر ۋاقىتلاردا سىز ئۇنىڭ ئىلگىرىكى رەھبەرلەرنىڭ بويۇنتۇرۇقى ئاستىدا قېلىشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلغان ئىدىڭىز؟» دەپ سورىغان. داۋىد شامباۋ بۇنىڭغا جاۋاپ بېرىپ: «مەن ئىلگىرىلا شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھات قىلىدىغانلىقىغا ئېھتىمال بەرمىگەن. ھازىرغىچە بولۇۋاتقانلار بۇنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىدى. بىراق، مېنى ھەيران قالدۇرغان بىر نەرسە، ئۇنىڭ ھوقۇقنى ئېلىپلا ناھايىتى تېزلىك بىلەن ئورنىنى مۇستەھكەملىۋېلىشى بولدى. مەن ئىلگىرىكى رەھبەرلەرگە ئوخشاشلا ئۇنىڭغىمۇ 2 – 3 يىل ۋاقىت كېتىدۇ، دەپ ئويلىغان» دېگەن. بىراق ئۇ سۆزىدە ئەسكەرتىپ «لېكىن بىز شى جىنپىڭنىڭ ئۆز قۇدرىتىنى مۇستەھكەملىشى بىلەن پارتىيىنىڭ كۈچىنى ۋە ياكى شى جىنپىڭنىڭ ھوقۇقنى تۇتۇپ تۇرۇش كۈچىنى ئارىلاشتۇرۇپ قويساق بولمايدۇ. مەن ھەر ئىككىلىسىنى چۈرۈك، دەپ قارايمەن» دېگەن.

ئۇ مۇخبىرنىڭ شى جىنپىڭ تەخىتكە چىققاندىن بېرى ئۆكتىچى ئاۋازلارنى، ھەرخىل مۇستەقىل ئورگانلارنى، ئاخباراتنى قاتتىق كونترول قىلىۋالدى، سىزچە بۇ ئۆزگىرەمدۇ دەپ سورىغان سوئالىغا، ھازىر خىتايدا ئەگەر يۇقىرىدىكىلەرگە قارىتىلغان بېسىم ئازايغان تەقدىردە، كوممۇنىست پارتىيە سېستىمىسىنىڭ تېخىمۇ تېز پارچىلىنىپ كېتىدىغانلىقى، شۇڭا ھازىر ھۆكۈمەتنىڭ بېسىمنى قاتتىق كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ «بۇنىڭغا ئامال يوق» دېگەن.

مۇخبىر ئاخىرىدا داۋىد شامباۋدىن «كومپارتىيە مەيلى بېسىم ئىشلەتسۇن ياكى لېبىراللىشىشقا قاراپ ماڭسۇن، ھەر ئىككىلىسىدە ھالاك بولامدۇ؟» دەپ سورىغان. ئۇ بۇنىڭغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن :

2000 – 2008 – يىللىرى ئارىسىدا كومپارتىيە ئاستا – ئاستا، قەدەممۇ – قەدەم ھالدا ۋە ئۆزى كونترولنى يوقاتماي تۇرۇپ، بەزى ئۆزگىرىشلەرنى ياسىغان. ئەلۋەتتە بۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئىنتايىن ياخشى بىر تاللاش. خىتاينىڭ بېسىم قىلىش يولىنى تاللىغاندىن كۆرە، بۇ يولنى تاللىشى ياخشىراق دەپ ئويلايمەن، ھەم شۇنداق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىراق مېنىڭ بۇنىڭغا تازا ئىشەنچىم يوق. چۈنكى شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ سىياسىي ئىسلاھاتقا بولغان كۆز قارىشى پەرقلىق. بۇ يەردە دىققەتكە ئالىدىغان بىر نەرسە، خىتاي تا ماۋ دەۋرىدىن باشلاپلا «گاھ قاتتىق، گاھ يۇمشاق» بولۇش سىياسىتىنى قوللىنىپ كەلگەن. بۇ خىتايچىدە «قويۇۋېتىش – يىغىىش» دەپ ئىپادە قىلىنىدۇ. ئادەتتە قويۇۋېتىش مەزگىلى 5 – 6 يىل، يىغىش مەزگىلى 2 – 3 – يىلغىچە بولىدۇ. بىز ھازىر «يىغىىش» يىلى باشلانغانلىقىنىڭ 7 – يىلىغا كىردۇق. شۇڭا مەسىلىگە ئۈمىد بىلەن قارايدىغانلار بىز ئەمدى «قويۇۋېتىدىغان» دەۋىرگە قاراپ كېتىۋاتىمىز دېيىشى مۇمكىن. مېنىڭمۇ شۇنداق ئۈمىدۋار بولغۇم بار ئىدى. بىراق مېنىڭ ئانالىتىك ھۆكۈمۈم ئەپسۇسكى ماڭا بۇنىڭ ئەكسىنى دەۋاتىدۇ!

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/mulahize/xitay-halak-03202015231841.html

Share
951 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.