logo

trugen jacn

داھى ۋە خەلق


مەھمەتىمىن ھەزرەت

داھى ۋە خەلق

 

تارىخ شۇنى ئىسپاتلايدۇكى،بىر قوۋم ياكى بىر مىللەت داھى-يولباشچىغا ئېرىشكەندە دەۋر ياراتقان،ئامەتكە يۈزلەنگەن.داھىسىز-يولباشچىسىز قالغاندا غەپلەتكە پاتقان،زاۋاللىققا يۈزلەنگەن

دۇنيادىكى مىللەتلەر ئەسلىدە بىر – بىرىدىن پەرىقسىزدۇر.ھېچبىر ئۈستۈن نەسىل ياكى تۆۋەن نەسىل يوقتۇر.چۈنكى،ھەممە مىللەتلەرنى ياراتقان ئاللا بىردۇر. بەزى مىللەتلەر تارىختا پارلاق دەۋرلەرنى ياراتقان،ئامما بۇگۈنكى ئەھۋالى غورىگۈل.بەزى مىللەتلەر تارىختا ھېچقانداق ئورنى بولمىغان،ئامما بۇگۈن دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرىدىغان دەرىجىدە چوققالاردا ئىلگىرلەۋاتىدۇ

بىر مىللەتنىڭ يولباشچىغا ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان دەۋرى دەل ئۇ مىللەتنىڭ مىللىي كرىزىس ئىچىدە جان تالىشىۋاتقان دەۋرىدۇر.چىڭگىزخان بۇنىڭ بىر مىسالىدۇر.چىڭگىزخاننىڭ قەبىلە رەئىسى بولغان دادىسى ئۇرۇشتا ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن،ئادەت بويىچە 10 ياشلىق چىڭگىزخان قەبىلە رەئىسى بولدى.قەبىلىسى،كىچىك بالىنى قەبىلە رەئىسى قىلمايمىز،دەپ ئونى رەت قىلدى،ھاتتا قەبىلىدىن قوغلاپ چىقاردى.چىڭگىزخان ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرى بىلەن ئادەمسىز تاغ جىلغىلىرىغا كېتىپ ياشاشقا مەجبۇر بولدى.ئۆز قەبىلىسىدىكى كىشىلەر جىلغىغا باستۇرۇپ كېلىپ چىڭگىزخاننى تۇتۇپ قۇللۇققا ئىلىپ كەتتى.چىڭگىزخان بىر قانچە يىلدىن كىيىن ئۆز قەبىلىسىدىكى خۇجانىنلىرىنىڭ ئاسارىتىدىن قىچىپ قۇتۇلغان بولسىمۇ،ئادەت بويىچە 16 ياشتا ئۆيلەنگەن چىڭگىزخان يەنە باشقا بىر موڭغۇل قەبىلىسى تەرىپىدىن قاچۇرۇلۇپ قۇللۇققا تۇتۇلدى

بۇ دەۋر،موڭغۇل قەبىلىلىرى يۈزلىگەن پارچىلارغا بۆلۈنۈپ كەتكەن،ئۆز-ئارا ئۇرۇش،قىرغىنچىلىق شىددەتلىك داۋاملىشىۋاتقان بىر دەۋر ئىدى

يولباشچى – داھىيلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەڭ ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەن كىشىلەر ئارىسىدىن چىقىدۇ.ئۇ، ئۆز خەلقىنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش ئازاب-ئوقۇبەت تارتماسلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ.يولباشچى،نورمال كىشىلەرنىڭ تەپەككۇر مەنتىقىدىن تامامەن باشقىچە تەپەككۇر قىلىش قابىلىيىتىگە ئىگە بولغان بولىدۇ.چۈنكى،ئۇنىڭ ۋەزىپىسى خەلقىنى قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا،خەتەرلىك مۇھىتتىن خەتەرسىز مۇھىتقا ئىلىپ چىقىشتۇر

باشقىلاردا بولمىغان،بولىشى مۇمكىن بولمىغان ئىرادە ۋە بۇ ئىرادىگە يۇشۇرۇنغان غايە يولباشچى -داھىينى نورمال ئىنسانلاردىن ھالقىغان ھالدا تەپەككۇر قىلىش مېتودىغا ئىگە قىلغان. بۇ توغرۇلۇق يەنە چىڭگىزخاندىن بىر مىسال بىرىمەن؛چىڭگىزخان قۇللۇقتىن قېچىپ قۇتۇلۇپ،قەبىلىسىنى ۋە موڭغۇل قەبىلىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ باشقا زىمىنلارنى ئىشخال قىلىش ئۈچۈن يۈزلەنگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە 1000 ئەتىراپىدا ئەسكەرنى باشلاپ خىتاي زىمىنلىرى تەرەپكە قاراپ كېتىۋاتقان دا،سەپ ئالدىدا كېتىۋاتقان چارلاش ئەترىتى ئات چاپتۇرۇپ كېلىپ، 10 مىڭ كىشىلك بىر خىتاي قۇشۇنى چىڭگىزخان قۇشۇنلىرىنى يۇقۇتىش ئۈچۈن موڭغۇل زىمىنىغا قاراپ كىلىۋاتقانلىغىنى خەۋەر قىلىدۇ.بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان چىڭگىزخاننىڭ ياردەمچى قوماندانلىرى ھۇدۇقۇپ قالىدۇ.ئەسكەرلەر ئارىسىدىمۇ تەشۋىش باشلىنىدۇ.قۇماندانلاردىن بىرسى چىڭگىزخانغا دەيدۇ؛ “بىزنىڭ قوشۇنىمىز ئاز.دەرھال چېكىنىپ قايتىپ سىپىل ئىچىدە دۈشمەندىن مۇداپىئەگە تەييارلىق قىلايلى.” يەنە بىر قوماندان “چېكىنەيلى ئامما،دۈشمەننى مەشغۇل قىلىپ تۇرۇش ئۈچۈن بىر گۇرۇپپا ئەسكەرنى قالدۇرايلى.بۇنداق قىلساق ئاز چىقىم بىلەن قوشۇنىمىزنى سالامەت يۇرتىمىزغا ئېلىپ يېتەلەيمىز” دەيدۇ
ئات ئۈستىدىكى چىڭگىزخان جىم-جېت ھالدا خىيال سۈرۈپ تۇرىدۇ.ياردەمچىلىرىدىن بىرسى سورايدۇ؛ “ سىز قانداق چۈشىنىۋاتىسىز؟” چىڭگىزخان شەرىق تەرەپكە كۆز تىككەن ھالدا شۇنداق جاۋاپ بىرىدۇ;- 10 مىڭ خىتاي ئەسكىرىنىڭ جەسىتىنى قانداق كۆمۈپ بۇلارمىز دەپ چۈشىنىۋاتىمەن.جەسەتلەرنى كۆممىسەك ۋابا تارقىلىپ كېتىدۇ

چىڭگىزخاننىڭ بۇ سۆزلىرى،ئەسكەر ۋە قۇماندانلارنىڭ تەشۋىشىنى جاسارەتكە،دۈشمەندىن چېكىنىشتىن ئىبارەت چۈشكۈن روھىنى،دۈشمەننى قوغلاشتىن ئىبارەت غالىپ روھقا ئايلاندۇرغان.چىڭگىزخان 1000 كىشىلىك قوشۇنى بىلەن 10مىڭ كىشىلىك خىتاي قۇشۇنىنى يەڭگەن. بۇ تۇنجى جەڭ بىلەن تارىختا “يېڭىلمەس چىڭگىزخان” نامىنى ئىلىشتا ۋە موڭغۇللارنىڭ سەلتەنەتلىك تارىخىنى يارىتىشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان

داھى-يولباشچىلار تارىخى قارارلارنى جاسارەت بىلەن ئالالايدىغان ئىنسانلاردۇر.شۇڭا دەيمىزكى،داھىيلار تارىخ ياراتقۇچىلاردۇر.سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلىشى ۋە ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ تىكلىشى،ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق تۈركى خەلقلەرنىڭ بىر تارىخى دەۋرنى تاماملاپ،يىڭى بىر تارىخى دەۋرنى ئاچقانلىغىدۇر.تۈركلەر تارىخى،ئىسلام تارىخى،دۇنيا تارىخى سۇلتان سۇتۇق بوغراخاننى ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس.سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان تىلغا ئىلىنغان ھەر قانداق يەردە ئۇيغۇرلار تىلغا ئىلىنىدۇ.بىر مىللەت پارلاق بىر دەۋرنى ياشىغان بولسا،ئۇ دەۋرنى ئۇ مىللەتكە ياشناتقان پارلاق بىر داھى-يولباشچى بولغان بولىدۇ

بىر مىللەتنىڭ ئۈمىت مەنبەسى ئۇ مىللەتنى باشلىغۇچى يولباشچىلىرىدۇر.خىتاي ھاكىمىيەتلىرى ئۇيغۇرلارنى مۇستەملىكىسى ئاستىغا ئالغان تارىختىن بۇيان ئۇيغۇر خەلقىنى يولباشچىسىز قالدۇرۇشنى بىرىنچى سىياسى پرىنسىپ،دەپ تونۇپ كەلدى.ئالدى بىلەن يولباشچىلىرىمىزنى،ئۇنىڭدىن كىيىن ھەق-ناھەقنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلىرىمىزنى يوقىتىپ كەلدى.پادىنىڭ نىشانى بولمايدۇ،پادىچىنىڭ نىشانى بولىدۇ.يولباشچىسىز خەلق،پادىچىسىز پادىدۇر

مەن ياشاۋاتقان دەۋر بىر قانچە ئۇيغۇر داھى-يولباشچىغا شاھىت بولدى.مەن بۇ يەردە شېھىتلىك مەرتىۋىسىدە ئاللانىڭ رەھمىتىگە ئىرىشكەن 2 نەپەر داھى -يولباشچىنى مىسال كۆرسىتىمەن؛ بىرىنچى;زەيدىن يۈسۈپ. ئۇ كوممۇنىست خىتاي دەۋرىدە مىللىتىمىز ئىچىدىن چىققان ئەڭ ئۇلۇغ قەھرىمان ۋە يولباشچىلاردىن بىرىدۇر.ئۇنىڭ مۇنداق بىر مەشھۇر سۆزى بار “ قۇرئان مازارلىقتا ئوقۇيدىغان كىتاپ ئەمەس،بەلكى جىھات قىلىشنىڭ مىزانىدۇر”. زەيدىن قارى ئاقتۇنىڭ بارىن يېزىسىدا ياشايدىغان بىر دېھقان.ئامما ئۇلۇغ روھ ئىگىسى ئىدى.زەيدىن يۈسۈپ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشتىن 3ئاي بۇرۇن ئاقتۇ بازىرىدا ئاقسۇ-كۇچا تەرەپتىن كەلگەن 2 نەپەر مېھمىنى بىلەن كۆرۈشكەن.سۆھبەت تۈگىگەندىن كىيىن،مېھمانلىرىنى ئاشخانىدا مېھمان قىلغان.زەيدىن يۈسۈپنىڭ ياردەمچىسى مەرھۇم ئەزىز قۇربان ئۇنىڭغا ھەمرا بولۇپ كەلگەن ئىدى.ئاشخانىدا زەيدىن يۈسۈپ ئىككى مېھمان ئۈچۈن ئىككى تەخسە لەغمەن زاكاز قىلدى.مېھمانلار،“ھەربىرىلىرىچۇ؟”دەپ سورىدى.زەيدىن قارى “بىز سىلى بىلەن كۆرۈشۈشتىن بۇرۇنلا تاماق يەۋالغانكەنمىز”دېدى.مېھمانلار تەڭقىسلىق ئىچىدە لەغمەننى يېدى.زەيدىن يۈسۈپ بىلەن ئەزىز قۇربان مېھمانلارنى ئاپتۇبۇس بېكىتىگە ئاپىرىپ يولغا سېلىپ قويۇپ يەنە ئو ئاشخانىغا قايتىپ كەلدى ۋە ئاشپەز ئۇستىدىن ئىككى ھېجىر تاۋاقتا مەنتاڭ (لەغمەن سۈيى) ئىستىدى.ئۇلارنىڭ قوسىقى بەك ئىچىپ كەتكەن ئىدى.بەلۋاغلىرىدىكى زاغرا ناننى چىقىرىپ مەنتاڭ سۈيىگە چىلاپ يىيىشتى
ئەزىز قۇربان؛-زەيدىن قارى سىلىنىڭ غەلىتە مىجەزلىرى بار.خاپا بولسىلىمۇ دەپ قۇياي،شۇ مېھمانلار ئالدىدا تاماق يىمەي ئۇلارنى خىجالەتتە قويغىنىمىز ياخشى بولمىدى.بىر تەخسە لەغمەن بىر كوي.بۇنچىۋالا چۈپەيلىشىپ كەتسەكمۇ بولمايدۇ.- دېدى

مەرھۇم زەيدىن يۈسۈپنىڭ رەسىمى

زەيدىن يۈسۈپ،ئەزىز قۇرباننىڭ گېپىگە خاپا بولمىدى؛ – ئۇلار مېھمان.بىز مېھمان قىلىشىمىز لازىمدى.قىلدۇق.بىز بىر ئىشقا تۇتۇش قىلىۋاتىمىز.بىر كوي پۇلغا بىر پاي ئوق كېلىدۇ- دېدى ۋە ئورنىدىن تۇردى

ئۇلار كوچىغا چىقتى.ئەزىز قۇربان ئالدىدا كېتىۋاتقان زەيدىن يۈسۈپنىڭ چاپىنىنىڭ كونىراپ نىمكەش بولۇپ قالغانلىقىنى كۆردى.پۇتىدىكى كونا بەتىنكە بىرقانچە يەردىن ياماقلىق ئىدى.كىيگۈچىلىك ھالى قالمىغان ئىدى.ئەزىز قۇربان بىر نەرسە سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ زەيدىن يۈسۈپنى ماگىزىنغا باشلاپ كىردى ۋە پىركازچىتىن بىر ئۆتەك ئالدۇردى “زەيدىن قارى بۇ ئۆتۈكنى بىر كىيىپ باقسىلا!” دەپ ئۇزاتتى.ئەزىز قۇرباننىڭ ئۆتۈكنى ئۇنىڭغا ئېلىپ بېرىش نىيىتىنى چۈشەنگەن زەيدىن يۈسۈپ، “بىتىنكەمنىڭ ئۆمرى مەندىن ئۇزۇن.” دېدى-دە،ماگىزىندىن چىقىپ كەتتى.ئارقىدىن يۈگۈرۈپ چىققان ئەزىز قۇربان

ھەققىقەتەن خاپا بولغان ئىدى؛ – زەيدىن قارى! سىلە نېمانداق كاج ئادەم؟ سىلى جامائەتكە ئىماملىق قىلىلا،بىز سىلىگە ئەگىشىۋاتىمىز،جامائەت سىلىگە ئىخلاس قىلىدۇ.سىلى كونا كىيىم بىلەن يۈرۈۋەرگەن بىلەن بىز سىلىنى بۇنداق قويۇپ قۇيۇشقا خىجىل بۇلىدىكەنمىز.سىلىگە كىيىم ئېلىشنى ماڭا جېكىلەپ پۇل بەرگەنلەرگە مەن نېمە دەيمەن؟- دېدى ئاچچىقىنى باسالماي
زەيدىن يۈسۈپنىڭ كۆزلىرىدە مىننەتدارلىق نۇرى چاقنىدى؛ – ئىككى يىلدىن بىرى بارىننىڭ ئۆستەڭلىرىگە بىر تامچە سۇ كەلمىگەنلىكىنى ھەممىمىز ئۇبدان بىلىمىز.بىڭتىۋەن سۇنى توسۇۋالدى.ئېتىزلار ئاق قالدى،باغلار قۇرۇپ كەتتى. يېزىمىزدا يەيدىغان زاغرا نان يوق ئۆلۈپ كېتىۋاتقان بوۋاقلار،ئاجىز-ئۇرۇقلارنىڭ جىنازا نامىزىنى ھەر كۈنى مەن چۈشۈرۈۋاتىمەن.ئەگەر سىلىدە پۇل بولسا ئاچ قالغانلارغا تارقىتىغانغا بىر ئاز نان ئېلىۋالايلى.-دېدى زەيدىن قارى .ئۇلار ناۋاي ئىزدەپ ماڭدى

قىزىل دىكتاتۇرلۇق بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقان دۆلەتلەر، قاتمۇ-قات سىپىل،سىم توساقلار بىلەن قورشالغان تۇرمىلارغا ئوخشايدۇ.بۇ تۇرما سىپىللىرىدىن بۈسۈپ چىقىپ ئازاتلىققا ئىرىشىش قانچىلىك تەس بولسا،بۇ كۈچلۈك ۋە زالىم تۈزۈمنى ئاز كۈچ بىلەن يىمىرىپ تاشلاشمۇ ئىمكانسىز. ئەمدىلا 30 ياشقا كىرگەن زەيدىن يۈسۈپ بۇنى ياخشى بىلەتتى.ئامما زۇلۇمنى توسۇش،ئاجىزلارنى زۇلۇمدىن قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئاللانىڭ ئەمرى ئىدى “ئۇچرىغان زۇلۇمغا قارشى تۇرالايدىغانلارغا ئاللاھ نىڭ ھۇزۇرىدىكى ساۋاب تېخىمۇ ياخشىدۇر، تېخىمۇ باقىدۇ.” (شۇرا سۈرىسى 39.ئايەت) ئۇلار دۈشمەننىڭ ئۈستىگە بېسىپ بارمىدى، بارىن يېزىسىغا ئۇلارنى تۇتقىلى كەلگەن دۈشمەن ئەسكەرلىرىنى تۇتۇپ قۇرالسىزلاندۇردى.زەيدىن يۈسۈپ ئۆمرىدە ھېچقانداق ھەربىي تەلىم كۆرمىگەن بولسىمۇ داھى بىر قوماندان ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. “مەن شېھىت بولۇپ كەتسەم،ئۇرۇشقا ئەزىز قۇربان قوماندانلىق قىلسۇن” دەپ ۋەسىيەت قىلدى.ئەزىز قۇربان شېھىت بولۇپ كەتسە كىمنىڭ قوماندانلىق قىلىشىنىمۇ ئورۇنلاشتۇردى.بىرىنچى قېتىملىق جەڭدە دۈشمەندىن ئولجا ئالغان قوراللاردىن بىر پىلىموتنى ئېلىپ مۇداپىئە ئاكۇپىدا ئالدىنقى سەپكە يەرلەشكەن زەيدىن يۈسۈپ بارىن خەلقىنى قوغداش يولىدا دۈشمەن ئەسكەرلىرىدىن ئون نەچچىسىنى يەر چىشلەتتى ۋە ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىش جەريانىدا شەرەپ بىلەن شېھىت بولدى.زەيدىن يۈسۈپنىڭ ۋەسىيىتىگە بىنائەن ئۇرۇشنىڭ قوماندانلىق شتابىغا زەيدىن يۈسۈپنىڭ سادىق دوستى 30 ياشلىق ئەزىز قۇربان كېلىپ يەرلەشتى.ئۇ جانسىز بىر پەرىشتىدەك ياتقان دوستى،يولباشچىسى زەدىن يۈسۈپنىڭ قانغا مىلىنىپ كەتكەن چاپىنىنى ئۈستىدىن يېشىپ چىقارماقچى بولغاندا،چاپاننىڭ ئەستىرىدىكى بىر قانچە ياماققا كۆزى چۈشتى.ئاندىن ئۇنىڭ ياماق ئۈستىگە ياماق چۈشكەن كونا بەتىنكىسىگە قارىدى.ئەزىز قۇرباننىڭ كۆزلىرىدىن ئىختىيارسىز ياش تامچىلىرى تۆكۈلۈشكە باشلىدى.ئۇلار ھەر قانداق قىيىن شارائىتتىمۇ تاقەت قىلىشقا،كۆز يېشى تۆكمەسلىككە ئۆز ئارا ۋەدە قىلىشقان ئىدى.ئەزىز قۇربان دەرھال كۆز ياشلىرىنى سۈرتتى ۋە زەيدىن يۈسۈپنىڭ ئامانىتى بولغان پىلىموتنى قولىغا ئالدى.بېسىپ كەلگەن دۈشمەن ئەسكەرلىرىنىڭ ئۈستىگە يامغۇردەك ئوق ياغدۇرۇشقا باشلىدى.ئۇ بىر كىچە-كۈندۈز قانلىق جەڭگە قوماندانلىق قىلدى ۋە ئېغىر يارىدار بولۇپ ھوشىدىن كەتكەن ۋەزىيەتتە دۈشمەن قولىغا چۈشتى

 

مەرھۇم ئەزىز قۇرباننىڭ رەسىمى

زەيدىن يۈسۈپ ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بولغان قەھرىمان يىزا ياشلىرى قاھرىمانلىق بىلەن ئۇرۇشۇپ شىھىت بولدى ياكى تۇرمىلاردا قىيناپ،ئىشلىتىپ ئۆلتۈرىۋىتىلدى.بارىن خەلقى ئاساسەن قىرىپ تاشلاندى.ئۆزلىرىنى “داھى” ھېسابلايدىغان بىر مۇنچە “ئەقىللىق” ئۇيغۇر زىيالىيلىرى “بىر قانچە نادان موللا بىر يېزىدا ئىسيان كۈتۈرۈپ نېمە ئىش قىلالايتتى.ئۆزلىرى ئۆلدى.ئەمدى خەلقىمىزنىڭ بىشىغا تىخىمۇ چوڭ بالايۇ-ئاپەت كىلىدىغان بولدى.تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغىلى بۇلامدۇ؟” دېيىشتى

ھەممە ئىنساندا يۈرەك ئاتالغان گۆش بار،ئامما ھەممە ئىنساندا ۋىجدان بولىشى ناتايىن.ھەممە ئۇيغۇر ئۆزىنى مۇسۇلمان دەيدۇ.ئامما ھەممە ئۇيغۇردا ئىمان بولىشى ناتايىن.بىلىم تىرىشسا ئۆگەنگىلى بولىدىغان نەرسە.ئامما ۋىجدان،ئىمان ئاللاھ نىسپ قىلغان ئىنسالاردىلا بولىدۇ. مەرھۇم زەيدىن يۈسۈپ بىر گۈلدۈرمامىلىق چاقماقتەك يېنىپ ئۆچتى.ئامما،ئۇ پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قەلبىگە ئوت ياقتى.چۈنكى ئۇ مىللەتنىڭ ياقىسىنى چىڭ تۇتۇپ قاتتىق بىر سىلكىۋېتىپ ئاللانىڭ ھۇزۇرىغا كەتكەن ئىدى.ئۇيغۇر خەلقى بىخۇتلۇق،خامۇشلۇقتىن سىلكىنىپ ئويغىنىشقا باشلىدى.بارىن ئىنقىلابى بولغان 1990.يىلى يۇرتىمىزنىڭ شەھەر ۋە يېزىلىرىدا مۇتلەق كۆپ ئۇيغۇر ئەرلىرى بېشىغا خىتاي شەپكىلىرىنى كىيىشىپ يۈرەتتى.بارىن ئىنقىلابىدىن كىيىن ئۇيغۇر ئەرلىرى ئاستا-ئاستا ئۆزىنىڭ تارىخى باش كىيىمى دوپپىنى كىيىشكە باشلىدى.خۇتۇن-قىزلىرىمىز شەمئى-ھاياغا ئۇيغۇن كىيىنىشكە دىققەت قىلىشقا باشلىدى.قۇل ھالەتتە ياشاپ ئۆزلىرىنىڭ قۇل ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان نۇرغۇن كىشىلىرىمىز،مۇسۇلمانلىقنى،ناماز قىلىش،مەككىگە بېرىپ “ھاجى” ئۇنۋانىنى ئىلىپ كېلىش دەپ بىلگەن بولسا،ياشلىرىمىز مۇسۇلمانلىقنى “مۇسۇلمانغا قىلىنغان زۇلۇمنى يوقۇتۇش” دەپ چۈشىنىدىغان بولدى.شۇنداق قىلىپ تەقدىرگە بويۇن ئېگىشكە مەجبۇرلانغان بىر مىللەت،زاۋاللىققا يۈز تۇتقان قەدىمى بىر مەدىنىيەت ئاستا-ئاستا جانلىنىپ ئۆزىگە كېلىشكە باشلىدى

داھى-يولباشچىلارنىڭ كۆپۈنچىسى ھايات ۋاختىدا ئۆز خەلقى تەرىپىدىن بەك ھېس قىلىنمايدۇ.ھەتتا بەزىلىرى “تەلۋە” دېگەن ھاقارەتكە قالىدۇ.چۈنكى،داھى-يولباشچىلار نورمال كىشىلەردىن ھالقىغان تەپەككۇر قابىلىيىتىگە ئىگە. دۇنياغا مەشھۇر ئالىم ئەينىشتىيىننىڭ مۇنداق بىر سۆزى بار: “بىر پىكىر ئەگەر باشتىلا غەلىتە تۇيۇلمىسا،ئۇنداق پىكىردە ھىچ ئۈمىت يوقتۇر.” زەيدىن يۈسۈپ ئۆزىنىڭ نورمال كىشىلەردىن ھالقىغان پىكىر،ئىرادە،تەشكىلاتچىلىق،قوماندانلىق قابىلىيىتى،ئۆزگىچە ئەخلاقى،خەلق سۆيگۈسى بىلەن بۇگۈنكى يىڭى ئەۋلاد قەھرىمان ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئىلھام مەنبەسى بولماقتا.بۈگۈنكى جىھات ئويغۇنۇشىنىڭ ساداسى، زەيدىن يۈسۈپنىڭ ئۆز ۋاختىدىكى ئەركىنلىك چاقىرقىنىڭ ئەكىس ساداسىدۇر.زەيدىن يۈسۈپ 25 يىل بۇرۇن قۇراللىق باستۇرۇشقا قارشى قۇراللىق مۇداپىيەلىنىشنى ئوتتۇرىغا قويغاندا،بۇنى “تەلۋىلىك” دەپ قارىغان كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار 25يىلدىن كىيىنكى بۇگۈنكى كۈندە زەيدىن يۈسۈپنىڭ سۆز ۋە ھەرىكەتلىرىنىڭ توغرىلىقىنى تەل-تۈكۈس تونۇپ يەتتى.بۇنىڭدىن 25 يىل بۇرۇن زەيدىن يۈسۈپنىڭ “قۇرئان مازارلىقتا ئوقۇيدىغان كىتاپ ئەمەس،بەلكى جىھات قىلىشنىڭ مىزانىدۇر.” دېگەن سۆزىنى خىتايلار،زەيدىن يۈسۈپنىڭ “ئەكسىيەتچىل سۆز-ھەرىكەتلىرى” قاتارىدا ئېلان قىلغاندا،بىرمۇنچە ئۇيغۇر زىيالىلار،ھەتتا موللىلار “ بۇ ئادەم ھەقىقەتەن ئالجىپ قالغان ئىكەن” دېيىشكەن بولسا،25 يىلدىن كىيىن بۇگۈنكى كۈندە مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار قۇرئاننىڭ مازارلىقتا ئوقۇيدىغان كىتاپ ئەمەس،جىھات قىلىشنىڭ مىزانى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى.
داھى-يولباشچى دېمەك،جەمئىيەتتىن 10يىل،20يىل،50 يىل، ھەتتا 100 يىل كىيىننى كۆرەلەيدىغان ئىنسان دېمەكتۇر

داھى-يولباشچى، روھى ۋە ئەخلاقى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان،چۈشكۈن،ئۈمىتسىزلىك بىلەن تولغان، ئىچىدىن چىققىلى بولمايدىغان دەرىجىدە مۇرەككەپلىشىپ كەتكەن جەمئىيەتتىن ئىبارەت قۇلپىنى ئاسانلا ئىچىۋىتەلەيدىغان ئاچقۇچتۇر.ئۈمىتسىزلىك ئىچىدە ئۈمىت بولۇپ چاقنايدىغان يۇلتۇزدۇر.داھى شىكايەت قىلغۇچى ئەمەس،شىكايەتنى ھەل قىلغۇچىدۇر،داھى،يىغلىغۇچى ئەمەس،يىغلىغانلارنىڭ كۆز ياشلىرىنى سۈرتكۈچىدۇر.داھى،شارائىت يوق،ئىمكانىيەت يوق،دېگۈچى ئەمەس،شارائىت،ئىمكانىيەت ياراتقۇچىدۇر. داھى، مىللەتنىڭ راھىتىنى كورگۇچى ئەمەس، بەلكى مىللەتنىڭ جاپاسىنى تارتقۇچىدۇر

ئىككىنجى. تۇرسۇن مەمەت

ئۆتكەن يىلى-يەنى 2014.يىلى 9.ئاينىڭ 21.كۈنى ئاخشىمى ۋەتىنىمىزنىڭ بۈگۈر ناھىيىسىدىن خىتايلارنى تەشۋىشكە،ئۇيغۇرلارنى ھاياجانغا سالىدىغان بىر خەۋەر تارقالدى.بۈگۈر ناھىيىسىنىڭ يېڭىسار ۋە تىرەك بازار دېگەن يەرلىرىدە بىرلا ۋاقىتتا خىتاينىڭ يېڭىسار،تىرەك بازار ساقچىخانىلىرى (پەيچۇسو)،بۈگۈر ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرى،پاھىشىخانا،قىمارخانا… قاتارلىق بىنا ۋە سورۇنلارغا بومبىلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە 60 نەپەردىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەنلىكى،100 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى، خىتاي ھۈكۈمىتى تەرىپىدىن ئىلان قىلىندى.خىتاي ئەسكەرلىرى كوچىلاردا،ئۆيلەرگە باستۇرۇپ كىرىپ قىرىپ تاشلىغان ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنىڭ سانى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.خىتاي مەتبۇئاتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە،بومبىلىق ھۇجۇمدا پارتلاپ،ئېتىشىپ، ئوق چىققان پىلىمۇت،ئاپتۇماتقا قاراپ پىچاق بىلەن يۈگۈرۈپ كېتىۋېتىپ شېھىت بولغان ئۇيغۇر قىز-يىگىتنىڭ سانى 40 نەپەر

بۈگۈر شەھىدى تۇرسۇن مەمەت ئوڭ تەرەپتىكى يىگىت

بىز 40 نەپەر بۈگۈر قەھرىمانىنىڭ ۋەتەن ئۈچۈن شەرەپ،مىللەت ئۈچۈن غۇرۇر،ئىسلام ئۈچۈن ساداقەت ئۆلگىسىىنى مىراس قالدۇرۇپ ئاللانىڭ ھۇزۇرىغا كەتكەنلىكىنى بىلىمىز.بىراق ئۇلارنىڭ مۇبارەك جەسەتلىرىنىڭ قەيەرگە ئىلىپ كېتىلگەنلىكىنى،قەيەرگە كۈمۈلگەنلىكىنى ياكى كۈمۈلمىگەنلىكىنى ھىچ بىرىمىز بىلمەيمىز.ۋەتىنىمىز ۋە بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن جىننى بەرگەن ساناقسىز شىھىتلىرىمىزگە ئوخشاش ئۇلارنىڭمۇ قەبرىسى يوق.ئۇلارنىڭ ئائىلىسى،ئۇرۇق-تۇققان،دوست-بۇرادەرلىرى جىسمانى،روھى،ئىختىسادى، ئىجتىمائىي تالان-تاراج ئاستىدا.بۇلارنىڭ ھەممىسىنى كۆزگە ئېلىپ تۇرۇپ باشقىلارنىڭ ھاياتى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ ھاياتىنى پىدا قىلغان،ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئۆز ئەركىنلىكىدىن ۋاز كەچكەن،ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھاقارەت داغلىرى بىلەن خۇنۇكلەشكەن غۇرۇر ۋە شان-شەرىپىنى ئىسسىق قانلىرى بىلەن يۇيۇپ پارلاتقان بۇ 40 نەپەر ۋەتەن ئەۋلادى قانداق قىلىپ شىھىتلىك يولىدا بىرلەشتى؟ بۇلارنى بىرلەشتۈرگەن تەشكىلاتچى كىم؟ ئۇلۇغۋار بىر غايە ئۈچۈن 40 كىشىلىك بىر قوشۇننى شېھىتلىك مەرتىۋىسىگە ئېرىشىش يولىدا باشلاپ ماڭغۇچى يولباشچى – داھى كىم؟

بۇ تارىخى ۋەقەنىڭ يولباشچىسى 28 ياشلىق ئۇيغۇر يىگىتى تۇرسۇن مەمەتتۇر.تۇرسۇن مەمەت ئوتتورا تەخنىكۇمنىڭ بىناكارلىق سىنىپىنى پۈتتۈرگەن،قۇرۇلۇشلارنى ئۆز ئالدىغا كۆتۈرە ئىلىپ،كەسپىي ۋە تىجارى ساھەدە ھەم پۇل،ھەم شۆھرەت قازانغان ياش يىگىت. تۇرسۇن مەمەت بىلەن بىللە ئۆلۈمگە قاراپ ئىلگىرلىگەن ۋە بىللە شېھىت بولغان قىز-يىگىتلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ دوستلىرى ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدا ئىشلىگەن ئىشچىلاردىن تەركىپ تاپقان.

تۇرسۇن مەمەت،ئىشلىتىۋاتقان ئىشچىلارنى پۇل تېپىشنىڭ ۋاستىسى دەپ قارىمىغان.بەلكى ئۆز قېرىنداشلىرى سۈپىتىدە كۆرگەن،ئىشچىلار بىلەن بىللە يېتىپ،بىللە قوپۇپ،بىللە ئىشلەپ،بىللە دەردلىشىپ ئۇلار بىلەن بىر ئائىلەدەك بولغان.تاپقان پۇلنى ئۇلار بىلەن ئورتاقلىشىپ بۆلۈشكەن، باشقا يۇرتلاردىن قېچىپ كەلگەن بىچارە قېرىنداشلىرىنى يېنىدا ئىشقا ئالغان،بېشىنى سىلىغان.تەبىئىى گاز ۋە نېفىتنىڭ يىڭى مەركىزىگە ئايلانغان بۈگۈردە ئورماندەك قەد كۆتۈرۈۋاتقان بىنالارغا ئايىغى ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇرۇنلىشىۋاتقانلىقىنى،يىلىدىن يىلغا تەرەققى قىلىپ زورىيىۋاتقان،پۇلپەزلىك بولىۋاتقان بۈگۈردە يەرلىك ئۇيغۇر ئاھالىلەرنىڭ يەنىلا يوقسۇل،ئىشسىز،دېھقانلارنىڭ يەرسىز قىلىۋاتقانلىقى،بۇ زۇلۇم ۋە چەتكە قىقىلىشقا تاقەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرلىرىنىڭ ساقال-بۇرۇتى،ئاياللارنىڭ كىيىم كېچەكلىرى،ناماز،نەزىرە-چىراق “جىنايەت” دېيىلىپ ئۇيغۇر ياشلىرى تۇرمىلارغا تولدۇرۇلۇپ،بالىلارنى ۋە ياشانغانلارنى ئىشلەپ باقىدىغان ئادەم يوق،پۈتۈن مىللەت “دات! خۇدا بىزنى قۇتقۇز!” دىيىشىپ ئاللاغا يالۋۇرۇپ يىغلىشىۋاتقان بىر پەيىتتە،تۇرسۇن مەمەت،ئۇزۇن يىللاردىن بىرى بىرمۇ بىر پاراڭلىشىپ،ئىشىنىشكە بولىدىغان ئىشچىلارنىڭ ھەممىسىنى ئەتراپىغا يىغدى.خارلانغان ۋەتەن،ھاقارەتلەنگەن دىن،دەپسەندە قىلىنغان مىللىي غۇرۇرنى قوغداش يولىدا زۇلۇمغا قارشى جىھات قىلىش ئۈچۈن ئۇلارغا ئايرىم-ئايرىم قۇرئاننىڭ مۇنۇ ھۆكمىنى ئوقۇدى؛ (ئەي، مۆمىنلەر!) سىلەرگە نېمە بولدىكى، ئاللاھ نىڭ يولىدا جىھات قىلمايسىلەر ۋە (دۇئا قىلىپ): ”ئەي، پەرۋەردىگارىمىز!… ئۆز دەرگاھىڭدىن بىزگە بىر ئىگىدارچىلىق قىلغۇچىنى مۇيەسسەر قىل، ئۆز دەرگاھىڭدىن بىزگە بىر مەدەتكارنى مۇيەسسەر قىل“ دەيدىغان ئاجىز ئەرلەر، ئاجىز ئاياللار ۋە بالىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن جىھات قىلمايسىلەر. مۆمىنلەر ئاللاھ يولىدا جىھات قىلىدۇ، كاپىرلار شەيتاننىڭ يولىدا ئۇرۇش قىلىدۇ؛ شەيتاننىڭ دوستلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىڭلار! “ (نىسا سۈرىسى 75-76ئايەت) ۋە ھەر بىر دوستىنىڭ بۇ ئايەتنى ئىزاھلاپ بېقىشىنى ئىستىدى.“ئاللانىڭ بۇ چاقىرىقىغا شەرتسىز ئاۋاز قوشىمەن” دېگۈچىلەرگە قۇرئان تۇتۇپ قەسەم قىلدۇردى.جىھات مەيدانىغا بارغانغا قەدەر ھېچكىم ئۆزىدىن باشقا 2 نەپەردىن ئارتۇق سەپدىشىنى بىلمەيتتى.3 گۇرۇھقا ئايرىلغان گۇرۇپپىنىڭ 3 باشلىقىلا ئۆز گۇرۇپپىسىدىكى ئەزالارنىلا بىلەتتى.تۇرسۇن مەمەتنىڭ تەشكىلاتچىلىق قابىلىيىتى ھەيران قالارلىق دەرىجىدە مۇكەممەل ئىدى

ۋەتەن ئىچىدە بىر ۋىجدانلىق ئۇيغۇرغا بىردىن ئارتۇق جاسۇس توغرا كىلىدىغان،ۋەتەن سىرتىدا 5 نەپەر ئۇيغۇر بىر يەردە پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان بولسا،ۋەتەندىكى خىتاي زۇلۇمى توغرۇلۇق گەپ ئېچىلىشى بىلەن بىر،ئىككىيلەننىڭ “مىنىڭ ئىشىم بارتى” دەپ ئولتۇرۇشتىن تىكىۋىتىدىغان،يەنى- ئۇيغۇرلار ۋەتەندىلا ئەمەس،ۋەتەندىن 5 مىڭ 10 مىڭ كىلومېتىر ئۇزۇقلىقتىمۇ خىتاي ۋەھىمىسى ئاستىدا قورقۇپ ياشايدىغان پىسخولوگىيە ئىچىدە، قوساق تويغۇزۇشنى ھايات دەپ ئۆمىرىنى ئۆتكۈزىۋاتقان بۇ كۈنلەردە، بىر ناھىيىدە 40 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ تەشكىللىنىش،تەييارلىق قىلىش جەريانىدا قۇرقاق ياكى خىيانەت قىلىش ئېھتىمالى بولغان بىرمۇ ئادەمنىڭ تەشكىلاتقا كىرىپ قىلىشىنىڭ ئالدى ئىلىنغانلىقى،دۇنيادا جەمئىيەتشۇناسلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مەشھۇر تەتقىقاتچىلارنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلىدىغان تارىخى بىر ھادىسىسىدۇر.بۇنداق مۇكەممەل تەشكىلاتچىلىق قابىلىيىتى،21.ئەسىردىكى ئۇيغۇر ئازاتلىق ھەرىكىتىنىڭ ئۇنتۇلماس يولباشچىلىرىدىن بىرسى بولغان قەھرىمان ئۇيغۇر ئەۋلادى تۇرسۇن مەمەتكە ئائىتتۇر

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ روھى كەيپىياتى ۋە زۇلۇمغا قارشى ئىنكاسىنى ئۈگۈنۈپ چىقىش ئۈچۈن شەرقى تۈركىستاننىڭ كۆپلىگەن ناھىيەلىرىنى كېزىپ چىققان بىر دوستۇم ئەھۋال ھەققىدە بەرگەن مەلۇماتىنىڭ بۈگۈر قىسمىدا ماڭا “ بۈگۈر خەلقىنىڭ روھى ھالىتى تۇرغۇن سۇغا ئوخشايدۇ.بۇ ناھىيىنىڭ ئاھالىسى مىللىي ۋە دىنى زۇلۇمنى ھېس قىلالمايدىغان دەرىجىدە جاھىل ۋە قاششاق ئىكەن.بۇ ناھىيەدە بىر ھەپتە قالدىم.مىللىي روھى ئۆلگەن ئۇيغۇرلارنى پەقەت بۈگۈردىلا كۆردۈم.” دېگەن ئىدى. بۈگۈردىكى ئىسيان روھى دۇنيامنى قاتتىق لەرزىگە سالدى.مېنىڭچە پۈتۈن ئۇيغۇر يۇرتلىرىغا ئوخشاش بۈگۈردىمۇ مىللى روھ ئۆلمىگەن ئىدى.بەلكى كۈلگە كۆمۈلۈپ قالغان چوغدەك كۆمۈلۈپ قالغان ئىدى.ئۇ چوغنى يالقۇنچاتقان بىر ئوت يۈرەك يولباشچى-داھى بار ئىدى.ئۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ زامانىمىزدىكى ئەڭ پەخىرلىك ئوغلانلىرىدىن بىرى بولغان تۇرسۇن مەمەت ئىدى. بويسۇندۇرۇلغان مەغلۇپ مىللەتلەرنىڭ مىللىي روھى ۋە مىللىي ئىرادىسى پەقەتلا داھىلارنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى شىجائىتى ۋە پىداكارلىقى بىلەنلا جانلىق تۇرالايدۇ

بۈگۈر مۇجاھىتلىرى دۈشمەنگە نىسبەتەن ھەسسىلەپ كۆپ چىقىمغا ئۇچرىدى.بۇ چىقىمنىڭ سەۋەبى قۇرال-ياراقنىڭ يوقلىقى ۋە ھەربىي تەلىم-تەربىيە كۆرۈش ئىمكانىيەتنىڭ بولمىغانلىقى ئىدى.ھەر قېتىمقى نامىزىمدا ۋەتەن ئۈچۈن جان بەرگەن شىھىتلىرىمىزنىڭ مۇبارەك روھلىرىغا دۇئا قىلغان ۋاقتىمدا تۇرسۇن مەمەتنى ئالاھىدە تىلغا ئىلىش بىلەن بىرلىكتە،كاشكى ۋاقىتسىز كەتمىگەن بولسا ئىدى،دەپ ئۆكۈنىمەن.چۈنكى،ئۇ ھايات قالغان بولسا ئىدى،تەشكىلاتچىلىق قابىلىيىتى بىلەن بۈگۈرگە ئوخشاش ئونلىغان ناھىيىدە ياشلىرىمىزنى دۈشمەنگە قارشى تەشكىللىگەن بولار ئىدى.ھىچ ئىش قىلماي تۇتۇلۇپ تۇرمىلاردا چىرىپ كېتىشكە چارىسىز رازى بولغانلارنىڭ ئىسراپ بولىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان بولاتتى.بىر شىھىتنىڭ ئارقىسىدىن ئۇنداق قىلسا بوپتىكەن،بۇنداق قىلسا بوپتىكەن دىيىشكە ھەققىمىز يوك. پەقەتلا ئۇلۇغ روھ ئالدىدا ھۆرمەت بىلەن ئىگىلىش بىزنىڭ ئىنسانلىق ۋەزىپىمىز

تۇرسۇن مەمەت ئۆزىنىڭ پائالىيىتى ۋە ئۆلۈمى ئارقىلىق، مىڭلىغان ئۇيغۇر ياشنىڭ روھىنىڭ ئويغۇنىشىغا ئىلھام بولدى.كەلگۈسى بىر كۈن بۈگۈر مۇتلەق ئازاتلىققا ئېرىشىدۇ.ئۇ چاغدا بۈگۈرنىڭ ئىسمى “شەھرىئى تۇرسۇن مەمەت” دەپ ئۆزگەرتىلىدۇ.ئۇ ئاللا ھۇزۇرىدا ئەڭ يۈكسەك مەرتىۋىدە ئەبىدى قەدىرلىنىپ ياشىغىنىغا ئوخشاش،ئۇيغۇر خەلقى ئەڭ ئىغىر قارا كۈنلەردە قالغاندا،پۈتۈن مىللەتنىڭ روھىغا ئەركىنلىك مەشئىلى ياققان بۇ قەھرىمان ئوغلانىنىڭ نامىنى ئەبەدىي ياشىتىىلىدۇ

داھى-يولباشچى بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنىڭ سىمۇۋىلىدۇر.مىللىي مەۋجۇدىيەت سەپىرىدە غەلبىگە قاراپ ئىلگىرلەشنىڭ سىگىنالىدۇر.ئۇيغۇر خەلقى ئۆز ۋەتىنىدە ئەسىرگە ئايلانغان 200 يىلغا يىقىن ۋاقىت ئىچىدە،بۇلۇپمۇ ئۇيغۇر مىللىتى ۋە ئۇيغۇر مەدىنىيىتى تامامەن ئىنكار قىلىنىۋاتقان بۇگۈنكى كۈندە كۆكرەك كىرىپ ئوتتۇرىغا چىققان،ئەتىراپىدىكى قىرىنداشلىرىنى تەشكىللەپ زۇلۇمغا قارشى مۇبارەك ۋۇجۇدى بىلەن مىللەتكە قالقان بولغان،ئۇلۇغۋار روھى مىللىي كىلەچەككە مەشئەل بولغان يولباشچى-داھىلار بىزنىڭ ئىتتىپاقلىقىمزنى كاپالەتكە ئىگە قىلماقتا.زۇلۇمغا قارشى بىرلىكتە،قىرىنداشلەرچە ئىلگىرلىشىمىزگە ئىلھام ۋە ھەيدەكچى بولماقتا. مەن پەقەت مىسال ئۈچۈن 2 نەپەرنىلا تىلغا ئالدىم. ئۇلارنىڭ سانى ئاز ئەمەس.ئۇلارنىڭ قەۋرىلىرى،خاتىرە مۇنارلىرى ۋەتىنىمىزنىڭ ھەممە يۇرتلىرىغا تىكلىنىدىغان كۈنلەر چوقۇم يىتىپ كىلىدۇ

داھى-يوباشچى مىللىي مەسىلە ئۈستىدە مۇستەقىل قارار قىلىش قابىلىيەت ۋە ئىرادىسىگە ئىگە بولغان كىشىلەردۇر.تارىختا بەزى داھى-يولباشچىلىرىمىز، باشقىلار تەرىپىدىن ئېلىنغان قارارغا ماقۇل بولۇشقا مەجبۇر بولغان.غۇجا نىياز ھاجىم مۇستەقىل قارار قىلىش قابىلىيەت ۋە ئىرادىسىگە ئىگە بولغان بولسا ئىدى،شەرەپلىك ھاياتىنى شەرەپسىز ئەمەل، قۇربانلىق قويدەك ئۆلۈمى بىلەن تاماملىماس ئىدى.ئەگەر ئەخمەتجان قاسىمى ۋە سەپداشلىرىدا مۇستەقىل قارار قىلىش قابىلىيىتى ۋە ئىرادىسى بولغان بولسا ئىدى. بۇ قەدىناس دۆلەت رەھبەرلىرى كوللىكتىپ ھالدا روسلارغا يەم بولماس ئىدى ۋە 30مىڭ كىشىلىك مىللىي ئارمىيە بىر پاي ئوق ئاتماستىن دۈشمەن ئارمىيەسى ئىچىدە ئىرىپ تۈگەپ كەتمەس ئىدى.ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئازاتلىق كۈرىشى بۇنىڭدىن كىيىنمۇ چوڭ دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىشقا مۇھتاج،ئامما قارار ئۆزىمىزگە ئائىت بولۇشى شەرتتۇر.بىخۇتلۇق،تاماخورلۇق،ئىنقىلاپ تىزگىنىنى باشقىلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويۇش،ئۈمىتنىڭ مەنبەسىنى ئۆز خەلقى ئىچىدىن ئەمەس،چەتئەلدىن ئىزدەش،ئالدىنقىلارنىڭ تەجىربىسىدىن ساۋاق ئالماسلىق….داھى-يولباشچىلىققا خاس سۈپەتلەرنىڭ دائىرىسى ئىچىدە ئەمەس

داھى-يولباشچى،ئۆز خەلقى ئارىسىدا دۈشمەن ياراتقۇچى ئەمەس،دۈشمەنلەرنى دوستقا ئايلاندۇرغۇچى ماھارەتكە ئىگە كىشىدۇر
داھى، تارقاقلاشتۇرغۇچى ئەمەس، بىرلەشتۇرگۇچىدۇر
داھى، تارقاق ۋە ئىنتىزامسىز توپنى، بىرلەشىتۇرگۇچى ۋە ئىنتىزاملىق كۇچقا ئايلاندۇرغۇچىدۇر
داھى، دايىم ئالدىغا ئۇتۇۋالىدىغان تەنتەك ئەمەس، ۋاختى كەلگەندە باشقىلارنىڭ ئالدىغا ئوتۇشىگە يول قويالايدىغان كەڭ قوساق خاراكتىرگە ئىگە كىشىدۇر
داھى، شەخسى خىرىسلىرىنى، ئەخلاق ئولچىمى بىلەن كونترول قىلىش ئىرادە ۋە ئالىجاناپلىققا ئىگە كىشىدۇر
داھى، ئوز خەلقىنىڭ دىنىي ۋە مىللىي قىممەتلىرىگە ۋەكىللىك سالاھىتىگە ئىگە كىشىدۇر

داھى-يولباشچىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىگى،ئادەتتىكى كىشىلەر ئويلاپ باقمىغان ياكى ئويلاشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان پىكىرلەرنى ئويلىيالايدىغان،ئادەتتىكى كىشىلەر قىلالمايدىغان ياكى قىلىش ئىمكانسىز دىگەن ئىشلارنى قىلىش جاسارىتىگە ئىگە بولىشىدۇر. ۋاقىراپ سۆزلىگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى داھى بولىدىغان بولسا ئىدى،كوچىدا دوقمۇش-دوقمۇشتا داھىغا پۇتلىشىپ ماڭغىلى بولماس ئىدى.داھى-يولباشچى يادىلىۋالغان كونا گەپلەرنى تەكرارلاۋەگۈچى ۋايىز ئەمەس،بەلكى خەلقى ئۈچۈن ھەر كۈنى بىر يىڭى پىكىر،ھەر كۈنى يېڭى بىر ئۈمىت بىغىشلىيالايدىغان كىشىدۇر

تارىخنى داھى-يولباشچىلار ياراتقان.شۇڭا ھەممە مىللەتلەرنىڭ تارىخى داھى-يولباشچىلارنى مەركەز قىلغان ئاساستا يىزىلىدۇ

ئۇيغۇر خەلقى داھى-يولباشچىلارغا ئەڭ مۇھتاج كۈنلەردە ياشىماقتىدۇر

يىل 2015- 4.ئاي

RTF

ئۇلىنىشىنى چەكسىڭىز ماقالە ر ت ف دىن كومپىيوتىرىڭىزغا چۈشۈدۇ

%d8%af%d8%a7%da%be%d9%89-%db%8b%db%95-%d8%ae%db%95%d9%84%d9%82

Share
3106 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.