logo

trugen jacn

دالاي لامادىن ئىلھام توختىنى نوبېل مۇكاپاتىغا كۆرسىتىش تەلەپ قىلىندى

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ رەھبەرلىرى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭدىن ئىلھام توختىنى 2018-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلدى.

تىبەتلىكلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما گېرمانىيە «تىبەت مەدەنىيەت جەمئىيىتى» نىڭ تەكلىپى بىلەن فرانكفۇرت شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ 12-سېنتەبىردىن 14-سېنتەبىرگىچە گېرمانىيەدە بىر قاتار پائالىيەتلەردە بولىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

دالاي لامانىڭ گېرمانىيە زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن مەركىزى فرانكفۇرت شەھىرىدىكى «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى» 7-سېنتەبىر «خىتاي دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ھەمراھىمۇ؟: ئىقتىسادىي كۈچ ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى» ناملىق مەتبۇئات يىغىنى ئۇيۇشتۇرغان. د ئۇ ق باش كاتىپى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى تەكلىپكە بىنائەن بۇ يىغىنغا ئىشتىراك قىلىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلاتقان ئىدى.

ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئەنۋەرجان ئەپەندى ۋە مارى ھولىزمان خانىملار 13-سېنتەبىر تەكلىپكە بىنائەن فرانكفۇرت شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ، دالاي لاما بىلەن ئۇچراشقان ھەمدە دالاي لامادىن خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىنى 2018-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىپ يازغان مەكتۇپىنى دالاي لاماغا سۇنغان.

ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندى، بۈگۈن بۇ ئۇچرىشىشنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە بىزنى بەزى مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىدى. ئۇ، دالاي لاما بىلەن بولغان سۆھبەت ئەسناسىدا دالاي لاماغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلھام توختىنى نوبېل مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىش تەلىپى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئايان بولغىنىدەك، ئىلھام توختى ئەپەندى ئاخىرقى ئىككى يىلدا بىر قاتار خەلقئارالىق مۇكاپاتلارغا مۇيەسسەر بولدى. تېخى ئالدىنقى ھەپتە ئۇ، خەلقئارا لېبىراللار بىرلەشمىسىنىڭ 2017-يىللىق ئەركىنلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئۇ يەنە بۇ يىل ياۋروپا بىرلىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي مۇكاپاتى بولغان «ۋاسلاۋ خاۋېل مۇكاپاتى» غا نائىل بولغان ھەمدە «ساخاروف مۇكاپاتى» غا نامزات كۆرسىتىلگەن. بۇندىن باشقا، بۇ يىل گېرمانىيەنىڭ «ۋايمار كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن ھەمدە 2016-يىلى «مارتىن ئەننالىس مۇكاپاتى» غىمۇ ئېرىشكەن ئىدى.

فىرانسىيەلىك خىتايشۇناس پروفېسسور مارى ھولىزمان خانىم بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، دالاي لاما بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى ھەققىدە توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز ھېلىلا دالاي لاما بىلەن كۆرۈشتۇق. ئۇنىڭغا ئىلھام توختىنى نوبېل مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىش تەلىپىنى قويدۇق. دالاي لاما دەرھال قوشۇلدى. سۆھبىتىمىز كۆڭۈللۈك بولدى. ئەمما كۆڭۈلسىز تەرەپلىرىمۇ بار. دالاي لاما بەكلا قېرىپ كېتىپتۇ. ئاران ماڭىدىغان ھالغا چۈشۈپ قاپتۇ. بۇنىڭدىن كۆپ مەيۈسلەندۇق. لېكىن شۇنچە قېرىپ كەتكىنىگە قارىماي، كاللىسى يەنىلا ناھايىتى ساز ۋە سەزگۈر تۇرۇپتۇ. بىز ئۇنىڭغا ‹سىز خىتاي زىيالىيسى ليۇ شاۋبونى نوبېل مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسەتكەن ئىدىڭىز. ئەمدى ئىلھام توختىنى نامزات كۆرسەتسىڭىز› دېگىنىمىزدە، مەسىلىنىڭ سىياسىي تەرىپىنى دەرھال ئانالىز قىلىپ، بۇ پىكىرنىڭ قىممىتىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.»

ئەنۋەرجان ئەپەندى دالاي لاماغا يازغان مەكتۇپىدا، ئىلھام توختىنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشىشىنىڭ ئەركىنلىك ۋە ئادالەت يولىدا بەدەل تۆلىگەنلەرگە ئىلھام بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ سۆزىنىڭ خاتىمىسىدە، نوبېل مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىش ئۇسۇلى ھەققىدىمۇ ئۆز چۈشەنچىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

مەلۇمكى، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختى خىتاي پايتەختى بېيجىڭدا تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرى توغرىسىدا پىكىر بايان قىلغانلىقى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي سىياسىتىنى ئەيىبلىگەنلىكى سەۋەبلىك 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇ شۇ يىلى 23-سېنتەبىر ئۈرۈمچىدە «بۆلگۈنچىلىك» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. ھازىر ئۇ ئۈرۈمچىدىكى 1-تۈرمىدە مەھكۇملۇق ھاياتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-09142017164133.html

Share
1709 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.